رۇزا ھېيىت كەلدى
ئادىل تۇنىياز
قىزىل دېڭىزنىڭ ئىتىكىدە ئاي، ھىلال ئاي كەلدى ،ئىشىك ئېچىلدى. خورىما دەرىخى تۇرىدۇ ئۇچماي، يىشىل پېيىدىن شولا چېچىلدى. تەقۋالىق ئېتىنى چاپتۇرۇپ بىز زەپەر قۇچۇپ يېنىپ كەلدۇق تېز ئوتتۇزكۈنلۈك روھى سەپەردىن.
سەھەر چەكمەستە دەرىزىلەرنى، گۇگۇم گۈل لىۋىدە ئۆپكىچە يەرنى، ئاچلىق نىمە ؟ئۇسسۇزلۇق نىمە؟ تېتىپ باي-پېقىر،ياشقېرى ھەممە.
داغلىدى شەيتىنى سېمىز ئايال ، باغلىدى زەنجىرگە نەپسى يامان ئەر. يېپىلغىچە يەر-كۆكتىن كىتاپ، ئېچىلغىچە كىچىنىڭ لىۋى.
گۈل شېىىدائاياللىرىمىز، شۇنچە گۈزەل،شۇنچىلىك پىنھان، ھاياتلىق- سۇ ئۈستىدىكى ئىز، ئۆرلەپ يۇرۇق مەنزىلگە ئىنسان.
ھەي ، بالىلار رۇزا ھېيىت كەلدى، كەمپۈت يەڭلار، يەڭلار شىرمان نان.....
كەلدى رۇزاھېيىت، قۇش قانىتىدا زۇلمەت دېڭىزدىن ئۆتكەنچە يۇرۇپ. كەلدى رۇزا ھېيىت، ئۇسساۋاتقان بېلىق قارنىدا دەريادا تۇرۇپ.
كەلدى رۇزا ھېيىت، دەرەخ كاۋىكىدا ناتۇنۇش پەسىلگە ئېچىپ ئىشىك.
ئى مۆمىنلەر ئۆلگەندىن كىيىن بارارمىز غەم يوق يىشىل يەرگە. ۋەھالەنكى بۇ ھېيىتمۇ يەنە كىچىك ، ئاجىز ، تەنھا بىر دۇنيا كۆڭلىكى قان يىغلار كەبىدە، ئۆلمەي تۇرۇپ بارارمىز نەگە.
« دېڭىزدىكى كوچا» دىن ئېلىندى |