پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 51|ئىنكاس: 3

مەن كەلدىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 11:34:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن كەلدىم

ئاپتۇرى : ئادىل تۇنىياز

قوينۇڭنى ئاچ ۋەتىنىم
غىرىب بالاڭ مەن كەلدىم .
مۇھەببىتىم قاناتتۇر
قۇشلار بىلەن تەڭ كەلدىم .
ئاسمان ئاچتى ئىشىكنى
بۇلۇتلاردىن يەرگىچە ،
ئاچسام تونۇش زىمىننى
ئاپپاق قارلار بەلگىچە .
يۈزلىرىمنى قىزارتىپ
سۆيىۋەردى سوغ مېنى
دۆڭكۈۋرۈككە كەلگۈچە .

- ئۈرۈمچىنىڭ ماي يوللىرىدىن
ئۈنۈپ چىققان بىر ئاق تىرەك مەن .
قاغىلىقنىڭ لاي قوللىرىدىن
كۈلۈپ چۈشكەن قارا مەدەك مەن .

يۇلتۇزلار كۈلدى
خوتۇنۇمنىڭ كۆزلىرىدە ،
ئاي چىقتى ، ئاي تولدى ، ئاي تۇغدى .

كۈچ ئوغلۇمنىڭ سۆزلىرىدە .
قايىتتىم سۆزلەپ تۇرغان نۇر تاغدىن ،
ئەكىس سادا تولغان زور غاردىن
ئاڭلاۋاتقان چۆل - باياۋاندىن ،
قايىتتىم ماشنىلىق
ياز تۆگىلىك ماڭغان قايدىن ،
قەلبىم نۇر ئىچتى خورمىلىق باغدىن
سۈرە قەمەردىكى يېڭى ئايدىن .

قايىتتىم ئەجۋەد خورمىسى رەڭلىك ،
قايىتتىم ئەرەپ قەھۋەسى تەملىك ،
قايىتتىم ئەجەپ كۆزلىرىم نەملىك ،
قايىتتىم مال يۈكلەپ شېئىر ئورنىغا
يانجۇقتا دوللار ، قەلبىمدە كەملىك ...

چېچەكسىز ئەنجۈردىن قايىتتىم گۈلدەك
شاخلىرى ياپراقسىز ئوت يۈرەكلەرگە .
قايىتتىم ئاشىق كاككۇكتەك ئۈنلەپ
پوتلا چىقارغان كۆك تىرەكلەرگە .
ئەتىگەنلىك بازارنى ئىزلەپ
قايىتتىم شاۋقۇنلۇق قىستاڭ شەھەرگە .
ياغلىقى ئوتتەك جەنۇبلۇق قىزدىن
سېتىۋالغىلى شوخلا بەرڭگە .

باردىم گۈلە- قاق ساتقان ھارۋىدىن
سالام بەرگىلى چا ساقال ئەرگە .
ياندىم ئستوچكا ئېلىپ
چۆپقەت ناۋايدىن چۆمۈلۈپ تەرگە .
بولۇپ تىترەپ تۇرغان بىر شەبنەم
قايىتتىم باغچىغا ، ئەتىرگۈلگە مەن .
باغقا يۈگرەپ چىققان تونۇشۇم
قايىتتىم سەن بىلەن چىنىققىلى تەڭ .
قايىتتىم كۈندەك كۆيۈپ سەھەرگە
نامازدىگەر ، شام ، خۇپتەنگە ھەم .
قايىتتىم ئادەمگە ، پەرىشتىلەرگە
قايتىم كەلدىم كەڭ ھويلامغا مەن .
قوشنام قاھار قانداقراق تۇرمۇش ؟
مۇڭدىشىش ھوزۇر قىرتاق چاي ئىچكەچ .
كاللاڭ ئوچۇق ، روھىڭ ئەركىن قۇش
سۆزلە مۇسا بولساڭمۇ كېكەچ .

غۇنچىدەك غەم ، خۇدۇك ، قورقۇنچ
ئىچىمىزدىن چىقسۇن ئېچىلىپ .
ساراڭلاردەك نامەلۇم قورقۇش
ھاۋا شارىدەك كەتسۇن ئېتلىپ .
چۈشكۈنلەشكەن ، ئەي ، ئاق سۆڭەك ئەر
قەددىڭنى كەر ، تىك تۇرۇپ ياشا !
ئاق قۇچقاچمۇ ئۆزى تېپىپ يەر
رىزقىڭنى تاپ يوللار كەڭ تاشا .
زېمنغا يۈك ئاجىز ، ياۋاشلار
كۈچلۈكلەرگە مېنىڭ قەسىدەم .
قۇرۇپ كەتسۇن يىغلاپ قاخشاشلار
ئۆز قىممتىنىڭ ئۆزۈڭدە ھەردەم .

ئۇيغۇرتىلى ئىلىپەسىدىن
ئوتتۇز ئىككى ھەرپ ماڭغاندا
ئىزدەپ مېنى تەرەپ - تەرەپكە .
قۇمدەك قايىتتىم تەكلىماكانغا
ئايلانماستىن تاش يا ئەرەپكە .
يۈرىكىدىن ئوتلۇق شەرقنىڭ
مەڭگۈلۈك سىر رىتىمنى تاپتىم .
تىرىك تاپتىم قايتتىم غەربتىن
ئۆلمەس كىتاب بىلەن مۇڭداشتىم .
ئۈمىد ئۈزگەن ياكى جان ئۈزگەن
پەيلاسوپلار قەبرىسى كىتاب .
ئۆزۈڭنى تاپ ، ئۆزۈڭگە يۈزلەن !
كەلدى ياڭراق ئاخىرقى خىتاب .

قايىتتىم ئەكىس سادادەك
كىتابلارىن ئۆزۈمگە .
ئۆزلۈكۈمنى يېتىلەپ
قايتىپ كەلدىم ئۆيۈمگە .

ئەي ، قوز كۆزلۈك كىتابخان
باقما مۇنداق كۆزۈمگە .
مەن ئاخىرى ھەريەردىن
قايىتتىم شىردەك ئۆزۈمگە .

*        *        *
ۋەتەن ئوچۇق ئاسمىنىڭ
كۆك كەپتىرىڭ مەن كەلدىم .
قۇچاق ئاچتى يەر - زېمىن
كۆكلەم بىلەن تەڭ كەلدىم .



مەنبە : تەڭرىتاغ ژۇرنىلى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 11:45:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەخمەت ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن.
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 14:18:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خۇتەن ۋېلايىتىدىكى ئادىل تۇنىياز شۇمۇ! ياخشى يېزىپتۇ !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 14:23:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادىل تۇنىياز 1970-يىلى قەشقەر قاغىلىقتا تۇغۇلغان . ئۇ تېنچ سەھرا مەنزىرىسى بىلەن دۆۋە-دۆۋە كىتاپلار ئارىسىدا بالىلىقنى ئۆتكۈزگەن .ئادىلنىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، ناھايىتى كىچىك چاغلىرىدىلا ئۇنى شىئېر يېزىشقا رىغبەتلەندۈرگەن . ئۇنىڭ تۇنجى شىئېرى  سۈزۈك سۇ; 1982-يىلى  شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى  گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان . تۇنجى شىئېرلار توپلىمى  سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا    1992- يىلى، ئىككىنچى توپلىمى  بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى  1998 -يىلى نەشىر قىلىنغان . بۇ يىل پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر  ناملىق ماقالە -ئوبزۇرلار توپلىمى بىلەن  چۈمبەلدىكى كۆز  ناملىق بۇ شئېرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى .

        ئادىل تۇنىياز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان شائىر .ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى ئوقۇغىنىڭىزدا ئىنسانىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمى ئاۋازىنى ئاڭلىيالايسىز. قۇم بىلەن ئادەملەر ، بوستانلىق بىلەن شەھەرلەر  ئارىسىدىكى رېتىملىق سادانى تىڭشىيالايسىز . شۇنداقلا ئۇنىڭ  مىسرالىرىدىن بىر قەدىمقى مەدىنىيەت ئۇپۇقىدا كۆتىرىلگەن ھايات ۋە ماماتنىڭ يېڭى شولىلىرىنى
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:04, Processed in 0.128603 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش