- تىزىملاتقان
- 2012-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-14
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 3306
- نادىر
- 7
- تېما
- 158
- يازما
- 264
  
- يوقلىما
- 38
قىزغىنلىق- 761 سەر
تىللا- 346 دانە
تۆھپە- 479 سەر
شۆھرەت- 660 سەر
  
| يولدىشىڭىزغا مۇۋاپىق ئەركىنلىك بېرىڭ ! ئىشەنچ- مۇۋاپىقىيەتلىك نىكاھنىڭ يەنە بىر ئاساسى ئامىلى. ئادەم ماددى جەھەتتىكى نامراتلىققا ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بىرەلىسىمۇ، ئەمما روھى ۋە ھېسسيات جەھەتتىكى گادايلىققا ئۇزۇن مەزگىل بەرداشلىق بېرىشكە ئامالسىز. ئادەمنىڭ باشقا ئادەملەرگە بولغان ئېھتىياجى ۋە يۆلىنىۋېلىشى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ چۈشىنىشى، تەسەۋۋۇر دائىرىمىزدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ماددى نەرسىلەر بولمىسا بىز ياشاشقا ئامالسىز قالىمىز؛ ئەگەر روھى جەھەتتىكى تەسەللىي بولمىسا، بىر كۈن بىزگە بىر يىلدەك تۇيۇلىدۇ. بىر ئىجتىمائى ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېيىنكىسى تېخىمۇ مۇھىم. باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان ئۈمىدى، ئىشەنچ، دوسلۇقى ۋە ھۆرمىتى بولمىسا، بىز ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرشەلمەيمىز. بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزمۇ قىممىتى ۋە ئەھمىيتىنى يوقىتىدۇ. ئىشنىش دەل بىر خىل ھېسسىيات، ئەرلەرمۇ مانا مۇشۇ ئىشىنىشكە مۇھتاج. ھېسسىيات تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. يەنى مۇھەببەت مۇھەببەتنى، ھەسەت ھەسەتنى، نەپرەت نەپرەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، ئىشەنچمۇ ئىشەنچنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا گەپ يوق. زامانىۋى ئائىلىلەرگە نىسبەتەن بۇ تېخىمۇ مۇھىم. ئەگەر سىز ئېرىڭىزگە ئازراقمۇ ئەركىنىلىك بەرمىسىڭىز، ھەممىلا ئىشىدىن گۇمانلانسىڭىز، سورۇنلارغا بارغىلى قويمىسىڭىز، دوسلىرى بىلەن ئارلاشتۇرمىسىڭىز، ئېرىڭىز قانداقمۇ يۈرەكلىك ھالدا ئىشلىيەلەيدۇ؟ باشقىلار ئالدىدا قانداقمۇ يۈزى بولىدۇ؟ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئەر بولۇشىدىن قاندقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ؟ پىيارسېف شۇنداق دېگەن:ياقتۇرماسلىق، خۇدۈك، گۇمان ۋە ھەسەت- ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مۇھەببەت ئۇيۇل تېىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەركىنلىك لەگلەك بولسا، ئىشىنىش لەگلەكنىڭ يىپىدۇر. راسىت گەپنى قىلغاندا، ئەرلەرنى بەك چىڭ تۇتۇۋالماسلىق لازىم. سازنىڭ تارنى بەك چىڭىتىۋەتكەندە، ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئېرىڭىزگە ئىشەنمەي بەك چىڭ يېپىشىۋالسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ نەپسى قىسىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، سىز لەگلەكنى قانداق ئۇچۇرۇشنىمۇ، بەك يىراقلاپ كەتكەندە يىپنى ئازراق تارتىپ قويۇشنىمۇ بىلىشىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە ئاسماندىكى لەگلەكنى چۈشۈرۈۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەك. گۈلنى شالاڭ تېرىڭ، يىلتىزلىرى چاپلىشىپ ئاينىيالماي قالمىسۇن، ئېرىڭىزگە چاپلىشىۋالماڭ، خۇشى كېتىپ قالمىسۇن. مەنبە : <ئۆزىڭىزنى تۇنۇڭ> ناملىق كىتابتىن |
|