پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 42|ئىنكاس: 0

شەرقنىڭ كۆزى - فارابى ھەققىدە ھېكايە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 11:20:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەرقنىڭ كۆزى - فارابى ھەققىدە ھېكايە

باتۇر روزى



مىلادى 870 - يىلى كەچكى قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرلىرى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب قەلئەسىنىڭ خاڭ بىلەن قاڭدالغان ئېگىز - ئېگىز سېپىللىرىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. غۇر - غۇر شامال شەھەر ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ئارامبەخش نەم ھاۋاسىنى ئۇچۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. كۈندۈزى قۇياش تەپتىدە تونۇردەك قىزىپ كەتكەن شەھەر كوچىلىرى گۇگۇم چۈشۈپ، ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇشقا باشلىشى بىلەنلا ئۇياقتىن - بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر بىلەن قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى..
سېپىل ئۈستىدىكى لەشكەرلەر ئەتراپتىكى شەپىلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن قۇلاق سېلىپ، قىلىچ ۋە ئايپالتىلىرىنى چىڭ قۇچاقلىغان ھالدا سۈرلۈك قىياپەتتە تۇرۇشماقتا. سېپىل ئەتراپىدىكى لىق سۇ توشقۇزۇۋېتىلگەن خەندەكلەر كۈمۈش يىلاندەك سوزۇلۇپ سېپىلنى يۆگەپ ئايلىنىپ، ئەتراپقا ۋەھىمە تارقىتىپ تۇراتتى. ئادەتتە سېپىل ئاستىدىكى خەندەكلەرگە ئارتىلدۇرۇپ قويۇلىدىغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىغىۋېلىنغانىدى. شەھەر قوۋۇقلىرىمۇ ھىم ئېتىۋېتىلگەنىدى. بۇلار شەھەرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇداپىئە ئەھۋالىنىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى.  
ئاي نەيزە بويى ئۆرلىگەن مەھەل. شەھەرنىڭ كۈنچىقىش تەرەپتىكى قوۋۇقى قىيا ئېچىلىپ،ئېتىنى بولۇشىغا چاپتۇرغىنىچە ئۇچقاندەك يېتىپ كەلگەن بىر كۆزەتچى لەشكەر كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە جۇۋازدەك غىچىلداپ ئاۋاز چىقىرىپ يېپىلىپ قالدى..
مۇھەممەت تارخان كېڭەشتىن قايتىپ چىلانتورۇق ئېتىغا سەكرەپ مىندى - دە، ئۇنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ ھەش - پەش دېگۈچە قەلئەنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە جايلاشقان قورۇ - جايىغا يېتىپ كېلىپ ئاتتىن چۈشتى.تېخىچە ئۇخلىماي خوجايىنىنى ساقلاپ تۇرغان ئاتباقار يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدىن ئالدى.
مۇھەممەت تارخان ئايالى يۇلدۇزئايىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ بەخىرامان ئۇيقۇغا كەتكەن تۆت ياشلىق ئوغلى ئەبۇنەسىرنىڭ پېشانىسىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ چىقىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا، بالا ئويغىنىپ «دادا» دەپ چاقىردى. مۇھەممەت تارخان بالىنى يوتقاندىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ بىرھازا ئەركىلەتتى.
- سېنى ئويغىتىۋەتتىم - ھە، بۆرەم؟
- مېنىڭ ئۇيقۇ بىلەن خوشۇم يوق. ئاپام پەپىلەپ يۈرۈپ ئۇخلىتىپ قويۇپتۇ. ئەسلى سىز كەلگەندە ئاندىن ئۇخلىماقچى ئىدىم.
- بوپتۇ، بالا چېغىڭدا قېنىپ ئۇخلىۋال، بۆرەم. چوڭ بولغانسېرى غەم - ئەندىشەڭ كۆپىيىدۇ، ئويلايدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىڭ ئاۋۇپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا داداڭغا ئوخشاش ئۇخلايمەن دېسەڭمۇ ئۇخلىيالماي، تاڭلارنى كىرپىك قاقماي ئاتقۇزىسەن.
كىچىك ئەبۇنەسىر ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى.  
- كىچىك بالىغا نەدىكى چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىپ ... -دەپ كايىدى يۇلدۇزئايىم.  
- توغرا، بالىلار بىلەن ئۇلار قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە سۆزلىشىش كېرەك ئىدى. مەن بۇ شاكىچىك بۆرەمنى خۇددى چوپچوڭ بولۇپ قالغان ئادەمدەك ھېس قىلىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟بىراق ئۇنىڭمۇ كىچىك تۇرۇپ «ئۇيقۇ بىلەن خوشۇم يوق» دېگىنى قالتىس گەپ بولدى - دە.
مۇھەممەت تارخان بالىنىڭ مەڭزىگە ئاخىرقى قېتىم بىرنى سۆيۈپ قويۇپ ئۆز ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى.  
كىچىك ئەبۇنەسىر ھەش - پەش دېگۈچە يەتتە ياشقا كىرىپ قالدى. بۇ چاغلاردا ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى خېلى مەلۇماتلىق، كۆپنى كۆرگەن كىشىلەردىن ھېسابلىنىدىغان ئاتىسى مۇھەممەت تارخاندىن ئۆز يۇرتىنىڭ ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ تارىخى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن قىسسە ۋە رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ «قۇلاق موللىسى» بولۇپ قالغانىدى. ئەينى چاغلاردا قاراخانىيلار تەۋەلىكىدىكى يۇقىرى تەبىقە ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا ئۆز ئىسمىنىڭ كەينىگە ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتنىڭ نامىنى قوشۇپ ئاتاش مودا بولۇپ قالغانىدى. بۇنداق مودا بولۇۋاتقان ئىشلارغا كەلگەندە ناھايىتى سەزگۈر مۇھەممەت تارخان ئۆز ئوغلى ئەبۇنەسىرنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگىمۇ ئۇ تۇغۇلغان كىچىك شەھەرنىڭ نامىنى قوشۇپ، ئۇنى «ئەبۇنەسىر فارابى» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. ئۇزاققا بارماي بۇ نام كىچىك ئەبۇنەسىرنىڭ دېمەتلىكلىرى ئارىسىدا تېزلا ئومۇملىشىپ كەتتى.
قاراخانىيلار خاندانلىقى رەسمىي ئىسلام دىنىغا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ تەسىرى قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى پۇقرالار ئارىسىدا بۇرۇنلا باشلانغانىدى. كىچىك ئەبۇنەسىرنىڭ بوۋىسى ئۇزلۇق سېپى ئۆزىدىن فارابلىق تۈركلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزلۇق دېگەن ئىسمىمۇ تىپىك قارلۇقچە ئىسىم ئىدى. ئۇ «گۈزەل، چىرايلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئۇزلۇق بوۋايدىن كېيىنكى زامانلارغا كەلگەندە قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ئارىسىدا ئەرەبچە ئىسىم قويۇش ئادىتى شەكىللەندى. شۇڭا ئەبۇنەسىرنىڭ دادىسىغا ئۇزلۇق بوۋاي «مۇھەممەت» دەپ ئىسىم قويغانىدى. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ئەرەبچە ئىسىم قويۇش ئادىتىنىڭ ئەمدىلا شەكىللىنىۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بىر زاماندا تۇغۇلغان مۇھەممەت تارخانمۇ ئۆز ئوغلىغا يەنىلا ئەرەبچە «ئەبۇنەسىر» دەپ ئىسىم قويغانىدى.  
70مىڭ قوشۇن جايلاشقان فارابنى ئانچە كىچىك شەھەر دېگىلى بولمايتتى. ھەربىي قەلئە ۋە رابات، سودا بازارلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ شەھەر ئوترار بوستانلىقىغا جايلاشقان تالاس، بالاساغۇن، قەشقەرنى تۇتاشتۇرغان قەدىمكى كارۋان يولىنىڭ مۇھىم بىر تۈگۈنى بولۇپ قالغانىدى.  
چۇ، تالاس ۋە سىر دەريا ۋادىسىدا شەھەر ھاياتىنى مەركەز قىلغان گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن ئەينى يىللاردا فاراب شەھىرى قەشقەرگە يېقىن بالاساغۇنغا قاراشلىق شەھەر بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە يارىشا چىرايلىق ئىدى. 9 - ئەسىردىكى فاراب شەھىرى مانى دىنىدىكى ئۇيغۇر قارلۇقلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن مۇداپىئەلىنىش لىنىيىسىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلىدا تۇرغاچقا، «قاراچۇق» دەپمۇ ئاتىلاتتى. سۇلتان بىلگەكۆل باھادىر قىدىرخان بىلەن سامانلار خانى نوھ ئىبنى ئەسئەت ئارىسىدا ئىسپىجاپنى تالىشىش ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە، ئەبۇنەسىر فارابىنىڭ بوۋىسى ئۇزلۇق بىلگەكۆل باھادىر قىدىرخاننىڭ قول ئاستىدىكى ھەربىي ئەمەلدار ئىدى. ئۇ ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن باج - سېلىقتىن خالىي قىلىنغان كىشىگە بېرىلىدىغان «تارخان» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغانىدى.  
سامانىيلار خانى ئىسمائىل ئىبنى ئەخمەت ئۆز قېرىندىشى ناسىر ئىبنى ئەخمەتتىن زورلۇق بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن سېپىل سوقتۇرۇپ، كېيىن قاراخانىيلارغا قارشى غازات قىلىشنى باشلىدى. ئىسمائىل سامانى 893 - يىلى باھاردا تالاس، بالاساغۇنلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى. نەتىجىدە ئوغۇلچاق قىدىرخان بالاساغۇندىن «ئوردۇ كەنت» (قەشقەر)گە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسمائىل سامانى سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى ئىستراتېگىيىلىك جاي تالاستىن تاكى غەربتىكى چۇ دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىمىغىچە بولغان ئارىلىقنى، جۈملىدىن مۇھاسىرىدە قالغان تاراز شەھىرىنى قولغا ئالدى. مۇشۇ ئۇرۇشتا مۇھەممەت تارخان قاتارلىق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشقىنىغا قارىماي فاراب شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوترار بوستانلىقى سامانىيلار قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جايلاردىكى 15 مىڭ كىشى ئەسىرگە چۈشۈپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئوتراردىكى مانى چېركاۋلىرىنىڭ ئورنىغا ئارقا - ئارقىدىن مەسچىتلەر بەرپا قىلىندى. بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ قىران بىر يىگىتكە ئايلىنىپ قالغان ئەبۇنەسىر فارابىمۇ پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن سامانىيلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. 100 يىل داۋام قىلغان دۈشمەنلىك ۋە يوللارنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى فارابلىقلار ۋە كۆپلىگەن توققۇز ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قەشقەردىكى خاقانىيە ئاھالىسىدىن ئايرىۋەتكەنىدى.ئەبۇنەسىر بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاق تىدا قەدىمكى قارلۇق - ئۇيغۇر يېزىقى ۋە مۇزىكىسىنى ئۆگىنىشكە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلدى. ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر تىلى توققۇز ئوغۇز تىلى سۈپىتىدە پۈتۈن تۈركىي تىل - ئەدەبىيات ۋە مائارىپىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەمۇرىي - سىياسىي ھاياتتىمۇ، ئىلمىي پائالىيەتتىمۇ ئاساسىي تىل ئىدى. فارابى سامانىيلار سۇلالىسى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ماۋارائۇننەھر ۋە خارەزىمدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە تاجىك - پارس تىلىنى تېزلا ئۆگىنىۋالدى.
فارابى ئۆز دەۋرىدىكى ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىنى زور قىزىقىش بىلەن ئۆگەندى. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر خرىستىئان دۇنياسىدا «ئۈچ بىلىم» دەپ ئاتالغان گرامماتىكا(نەھۋى)، ئىستىلىستىكا(ئىلمىي پاساھەت)، ئەخلاق دەرسلىكلىرىنى ۋە تۆت «بىلىم» دەپ ئاتالغان ھېساب، مۇزىكا، گېئومېتىرىيە(ھەندىسە)، ئاسترونومىيە(ئىلمىي نۇجۇم) پەنلىرىنى پۇختا ئىگىلىدى. ئۇ بالاغەت يېشىغا يېتەر - يەتمەي تۇرۇپلا «ھىرات - مەرۋى ئىلمى گۇرۇھى» دەپ ئاتالغان تەبىئەت ئىلمى گۇرۇھىنىڭ ھەممە نەرسىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئەقىدىنى ئەمەس، ئەقىلنى مىزان قىلىش توغرىسىدىكى چوڭلارغا خاس سوغۇققانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلغار پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى بولۇپ قالغانىدى. مەرۋى ئىلمى گۇرۇھى بولسا مىسسۇپوتامىيىدىكى ھەرران، بەسرە تەبىئەت ئىلمى گۇرۇھىنىڭ، ھىندىستان ۋە ئۇيغۇر ئىلىم مەدەنىيەت كۆزقاراشلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئەت كۆزقاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىلمىي ئىزدىنىش گۇرۇھى بولۇپ، گرېك باكتېرىيە مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلاتتى
فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادا 30 ياشلارغا كىرگۈچە ياشىدى. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ مول بىلىمگە تەشنا بولۇپ ئېچىرقاپ تۇرغان بۆرىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. يېڭىياچە ئىسلام دىنىغا كىرىپ كەلگەنلىكى تۈپەيلى ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت بىلەن يېڭى دىنىي ئېتىقاد ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان غايەت كېلەڭسىز بىر ھاڭنىڭ گىرۋىكىدە تېڭىرقاپ، دەلدۈگۈنۈپ تۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بېشىغا باستۇرۇپ كېلىۋاتقان يوشۇرۇن ئاپەت بىرىنچى بولۇپ فارابىنى سۈت ئۇيقۇدىن چۆچۆتۈپ ئويغاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەلىكىدە ئىگىلىگەن بىلىم ۋە ئىزدىنىشلىرى بىلەن تېخى بۇ قىيىن مەسىلىگە جاۋاب بەرگىلى بولمايتتى. مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قېتىملىق توپان بالاسىغا دۈچ كېلىۋاتقان خەلقىگە بۇ توپاندىن ساق - سالامەت قۇتۇلۇپ چىقالايدىغان «نوھنىڭ كېمىسى»نى ياساپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى دەپ تونۇغان فارابى بۇ قىيىن تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى يېشىش ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ئىسلام دىنى تارقالغان ۋە تەرەققىي قىلغان ئەرەب، پارس ئەللىرىگە بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەكسىچە تۇيغۇ ۋە ھېسسىياتنى ئەمەس، بەلكى ئەقىل ۋە تەجرىبىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ ئادەتلەنگەن بۇ غەلىتە مۇسۇلمان ئەرەب ۋە پارس ئەللىرىنى ئۆزلىرى تارقاتقان ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى تەجرىبىخانا دەپ قارىدى. چۈنكى ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىسلام ئېتىقادى بىلەن ئەنئەنىۋى تۈرك مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا بىردىنلا پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق ھاڭغا مەزمۇت كۆۋرۈك سېلىپ يول ئاچقىلى بولمايتتى. ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەرەب، پارس ئەللىرىگە بېرىپ مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەڭ كۆلەملىك قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى زادىلا باشتىن كەچۈرمەي بولمايتتى. بۇ ئەينى يىللاردىكى غايەت مۈشكۈل بىر مەسىلە ئىدى.  
ئەبۇنەسىر فارابى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ياشانغان ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر توپ جامائەتنى قورۇسىغا يىغىپ داشقازان ئېسىپ زاراخەتمە قىلىپ بەردى. مۇھەممەت تارخان ھەربىي ئەمەلدارلارغا خاس سوغۇققانلىق بىلەن ئىچىدە ئويلىغانلىرىنى ئانچە بىلىندۈرمەي ئۇزاتقان بولسىمۇ، ئەمما يۇلدۇزئايىم ئەبۇنەسىرنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ ھازا ئاچماي تۇرالمىدى. بىر توپ جامائەتمۇ يۇلدۇزئايىمغا جور بولۇپ بېلىنى پوتىدا باغلاپ، قولىغا ھاسا ئېلىپ، ھاسا بىلەن يەرنى ئۇرۇپ قوشاق توقۇپ ھازا ئېچىشىپ بەردى. فارابى بۇ قىزىقارلىق ھازىنى كۆرۈپ ئۇيغۇر قارلۇقلىرىنىڭ زىيادە ھېسسىياتچان تەبىئىتىنى ئاخىرقى قېتىم تەجرىبە قىلىپ كۆرۈۋاتقاندەك بولدى - دە، ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ بىئارام بولۇشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە سوغۇققانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سوغۇققان چىرايىغا قاراپ ئانا دەرھال يىغىدىن توختاپ ھاڭۋېقىپ قالدى. مۇھەممەت تارخان بولسا ئۆز ئوغلىنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي ئەجەبلىنىپ قالدى. فارابىنىڭ مەڭزىدىكى ئاشۇ بىر قېتىملىق سوغۇققان كۈلۈمسىرەش ياشانغان ئاتا - ئانا ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يەشكىلى بولمايدىغان تېپىشماق بولۇپ قالدى.
فارابى شۇ يۈرۈپ كەتكەنچە سەمەرقەنت ۋە بۇخارالاردىن ئۆتۈپ، ئىسپىھان، ھەمەدان شەھەرلىرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدى. ئۇ پارس زېمىنىدا تۇرغان قىسقىغىنا بىرنەچچە يىللىق ھاياتىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ جېنىغا جان قوشقان پارس مەدەنىيىتىنى زور تىرىشچانلىق بىلەن قېدىرىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن توپتوغرا پۈتكۈل ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ئاپىرىدەگاھلىرىدىن بىرى بولغان باغداتقا قاراپ يول ئالدى  
فارابى باغداتقا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا خەلىپە مۇقتەدىر ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. بۇ چاغدىكى باغدات گەرچە ئۆزىنىڭ خەلىپە مەئمۇن دەۋرىدىكى گۈللەنگەن ھۆسنىنى يوقاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئەرەب يېزىقى ۋە ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي ئوچىقى، دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ تۇرغان خەلقئارا شەھەر ئىدى. باغداتقا يەنىلا ھەرقايسى ئەللەر، رايونلاردىن كەلگەن ھەر خىل دىنىي ئېتىقاد ۋە پەلسەپىۋى كۆزقاراشتىكى ھەر مىللەت مەدەنىيەت ئەربابلىرى، ئالىملار ۋە ئەدىبلەر توپلاشقانىدى. ئۇلار گاھىدا ئوچۇق ئىلمىي مۇھاكىمە ياكى بەس - مۇنازىرە شەكلىدە، گاھىدا يوشۇرۇن ھالدا ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەت ياكى ئىجتىمائىي ھايات توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلەيتتى.
فارابى باغداتقا بارغاندا ئەرەب تىلىنى بىلمەيتتى. ئۇ بۇ تىلنى ئەبۇبەكرى ئىبنى سىراجىددىندىن تېزلا ئۆگىنىۋالدى. ئۇ يەنە باغداتتا ياشايدىغان مەشھۇر خرىستىئان ئالىمى ئەبۇبەشەر مەتتە ئىبنى يۇنۇستىن گرېك تىلى، لوگىكا ۋە تېبابەتچىلىك پەنلىرىنى زوق بىلەن ئۆگەندى. باغداتقا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ئەرەب يېزىقىدا مۇرەككەپ پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى ۋە گۈزەل شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىدى. ئەرەب پەلسەپىسىنىڭ بىر يۈرۈش ئاتالغۇلىرىغا مەخسۇس لۇغەت تۈزۈپ چىقىپ، ئەرەب تىلى خەزىنىسىنى بېيىتتى. فارابى تىل ۋە لوگىكا جەھەتتە ئۆز ئۇستازىدىن تېز ئېشىپ كەتتى. فارابىنىڭ تىل ۋە لوگىكا جەھەتتىكى ئۇستازى بولغان ئەبۇبەشەر مەتتە ئىبنى يۇنۇس ئۇلۇغ يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ھامىيسى بولۇپ، ئۇ ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى دەسلەپكى تەرجىمىسى ۋە شەرھىسىنى ئىشلىگەنىدى.  
فارابى باغداتتا ئىگىلىگەن بىلىملىرى بىلەن يەنە قانائەت ھاسىل قىلالمىدى. شۇڭا ئۇ داۋاملىق ئۆگىنىش نىيىتىدە ھەرران شەھىرىگە كەلدى. ھەرران ئەينى يىللاردا مىسسۇپوتامىيىدىكى مۇھىم بىر مەدەنىيەت ئوچىقى ئىدى. ئۇ يەر ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىدا باغدات شەھىرىدىن جىق ئىلگىرىلەپ كەتكەنىدى. فارابى ھەرراندا خرىستىئان دىنىدىكى ئاتاقلىق پەيلاسوپ، دوختۇر ۋە ئالىم بەشەر مەتتە ئىبنى يۇنۇسنىڭ ئۇستازى يوھەننا بىننى ھەيلاندىن پەلسەپە ئۆگەندى. ئۇ فارابىغا ئاساسەن لوگىكا ۋە ئارىستوتىل پەلسەپىسىدىن، يەنە ماتېماتىكا، نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىك ۋە پىفاگور مۇزىكا تەلىماتىدىن تەلىم بەردى. فارابى باغداتتىكى ۋاقتىدا ئەتراپىغا دۆۋە - دۆۋە كىتابلارنى يىغىۋېلىپ جان - جەھلى بىلەن بېرىلىپ ئۆگەنگەنىدى. ئاشۇ كىتاب دۆۋىلىرى ئىچىدە ئۇنىڭغا ئارىستوتىلنىڭ كىتابلىرىمۇ ئۇچرىغانىدى. بۇ ھادىسە فارابىنىڭ ئارىستوتىلچىلىق ئېقىمىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يېڭى بىر پەللە ياراتقان نامايەندىسى بولۇپ قېلىشىغا دەسلەپكى سەۋەب بولۇپ قالغانىدى.  
فارابىنىڭ ئىلىم يولىدىكى ئىزلىنىشلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۇنىڭدا تەبىئىىي ھالدا ئارىستوتىلغا بولغان قىزىقىشنى پەيدا قىلىپ قويغانىدى. ئۆزىدە تۇرغۇزۇلغان تەبىئەتشۇناسلىق كۆزقارىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كۆزقاراشلىرىنىڭ تۈرتكىسى، شۇنداقلا تۇيۇقسىز ئۇچرىغان ئارىستوتىل ئەسەرلىرى قەلبىدە قوزغىغان يېڭى ئىنتىلىشلەر فارابىنى تەبىئىىي يوسۇندا ئۇ ئۆزى مەرۋىدىكى چېغىدىلا داڭقىنى ئاڭلىغان ئۇلۇغ ئالىم - يوھەننا بىننى ھەيلان ھۇزۇرىغا باشلاپ كەلدى.
فارابى ھەرراندا ئالىكساندىرىيە ئىلمى گۇرۇھىدىكى خرىستىئان تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان ئارىستوتىل ئەسەرلىرى بىلەن ئارىستوتىلنىڭ گرېك يېزىقىدىكى ئەسلى ئەسەرلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئۆگەندى. ئۇ ئارىستوتىلنىڭ «روھ توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنى 100 قېتىم، «مىتافىزىكا» دېگەن ئەسىرىنى 40 قېتىم، «رىتورىكا» دېگەن ئەسىرىنى 20 قېتىم ئوقۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تېگى - تەكتىگە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر ماھىيەتنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئاندىن توختىدى. فارابى ھەر بىر ئەسەرنى قايتا ئوقۇغاندا ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرىراق تەلەپ قوياتتى. ئۇنىڭ ماھىيىتى، مۇۋەپپەقىيىتى ۋە نۇقسانلىرىنى تولۇق ئىگىلەشكە تىرىشاتتى.  
فارابى باغداتقا ئىككىنچى قېتىم مىلادى 921 - يىللىرى كەلگەنىدى. ئۇ شۇ قېتىم كەلگەنچە باغداتتا توپتوغرا يىگىرمە يىل تۇرۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئاساسەن كىتاب كۆرۈپ داۋاملىق ئىلىم ئۆگىنىش، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەر خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، دەرس ۋە لېكسىيىلەر ئوقۇش، شاگىرت تەربىيىلەش، كىتاب يېزىش بىلەن مەلىكە بولۇپ ئۆتتى. فارابىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باغداتتا يېزىلدى
فارابى 941 - يىلى سىياسىي پاراكەندىچىلىكتىن بىزار بولۇپ باغداتتىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ھەلەپ(شام) شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ ئۇزۇن تۇرمايلا ئۇدۇل ئۆز يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ ئات سالدى. ئۇ ئانا يۇرتىنى قەۋەت سېغىنغانىدى. مۇتەئەسسىپ روھانىيلارنىڭ كۈچى كۈنساناپ شىددەت بىلەن ئۇلغىيىپ، مەزھەپ ماجىرالىرى ۋە سىياسىي پاراكەندىچىلىك پاتقىقىغا باشچىلاپ پېتىپ قالغان ئەرەب ئەللىرىنى ئۇنىڭ كۆرەر كۆزى يوق بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ مۇشۇ قايتىپ كەلگەنچە ئۆز يۇرتىدا تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇرۇپ قالماقچى ۋە ئىسلام ئېتىقادى بىلەن ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ھاڭغا كۆۋرۈك سېلىشتىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىدى. فارابى باشتىن - ئاخىر ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىش مەقسىتىدە بولغاچقا، تا ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىپ، قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغۇچە ئەرەب ئەللىرىدە ئۆيلۈك - ئوچاقلىقمۇ بولماي، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيلىنىشكە ئىشتەي ساقلاپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ گەرچە ئەرەب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز يۇرتىغا بولغان چوغدەك مېھرى - مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركچە كىيىنىپ، بېلىگە قارلۇقلارچە پوتا باغلاپ يۈرۈشنى قەتئىي تاشلىمىدى. ئۆز ئانا تىلى، ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى قەتئىي ئۇنتۇمىدى.
ئۇ ئانا يۇرتى فاراب شەھىرىگە يېتىپ كەلگۈچە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە يول بويى لېكسىيە سۆزلەپ ماڭدى. ئۇ دەسلىپىدە مەنسۇر ئىبنى نوھ ھۆكۈمرانلىقىدىكى سامانىيلار دۆلىتىگە كېلىپ بىر توختىدى. ئۇ بۇ يەردە پادىشاھنىڭ تەكلىپى بىلەن «ئىككىنچى تەلىمات» دېگەن كىتابىنى يېزىپ، مەنسۇر ئىبنى نوھقا تەقدىم قىلدى. پادىشاھ ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭ دانىشمەنلىكىگە چوڭقۇر قايىللىق بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭغا «ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز» دېگەن شۆھرەتلىك نامنى ئاتا قىلدى. فارابى يازغان بۇ كىتاب ئىسپىھان شەھىرىدىكى «سىۋانۇل ھېكمە» كۇتۇپخانىسىغا قويۇلدى.  
فارابى ئۆز يۇرتى فاراب شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. گەرچە فارابىنىڭ داڭقى بۇ يەرگە ئاللىبۇرۇن يېتىپ كېلىپ ئۆز ئىگىسىنى ساقلاپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزى تونۇشلۇق بەرمىگۈچە ئۆز يۇرتىدا ئۇنى تونۇيدىغان ئادەم چىقمىدى. كىچىك چاغلىرىدا ئۆزى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بىرنەچچە بۇرادىرىنى ئىزلەپ كۆرۈۋىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب ئىستېلاچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى ئىچىدە قالغان فاراب شەھىرىدىن ئائىلىسى بىلەن بىللە باشقا بىر يۇرتلارغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ چىقتى. فاراب شەھىرى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى جەڭگىۋار قىياپىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانىدى، بازارلاردىمۇ گۆرىستان جىملىقى ھۆكۈم سۈرەتتى. ئاۋات رەستىلەر چۆلدەرەپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قايناق ھالىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانىدى، سېپىللارنىڭ ئۇيەر - بۇيەرلىرى چۈشۈپ ئالا - پاساق بولۇپ قالغان بولۇپ، سېپىل دەرۋازىلىرى كونىراپ، ئۈلگۈچەكلىرىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغانىدى. بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ فارابىنىڭ كۆزلىرىدە ئىختىيارسىز يىغا قاينىدى.  
فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك تۈپەيلى ئۆز يۇرتىدا ئۇزاق تۇرالمىدى. بۇ چاغلار قاراخانىيلار بىلەن سامانىيلار ئۆزئارا زىتلىشىۋاتقان، بۇخارادا يانغىن كۆتۈرۈلگەن چاغلار ئىدى.  
فارابى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ قەلب چوڭقۇرلۇقىدىكى قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق نەزمە توقۇدى:

چەكسىمۇ زەخمەت - مالامەت سىز تەرەپتىن تەندە جان،
سىنە - قەلبىم سىز تەرەپكە تەلپۈنۈپ شەيدا ھامان؛
ئولتۇرالماسمەن ئىزىمدا قوزغىتىپ تۇرغاچ مېنى،
زوق، ئۈمىد - ئىككى سەۋەب دەل سىز تەرەپكە دائىمان.
قوزغىلىپ چىقسام سەپەرگە سىزدىن ئۆزگە يوق ۋەتەن،
يا ئىزىمغا قويغىلى يوق بىر بەدەل مەن ئوخشىغان!
سىزدىن ئەۋزەلرەك دىيار - ئەل گەر تەئەررىز قىلسىمۇ،
ئىلكىگە قەلبىمنى ئالماق ئىشقا ئاشماس ھېچقاچان.


ئېغىر ئازابقا پاتقان ھالدا فاراب شەھىرىدىن يولغا چىققان ئەبۇنەسىر فارابى ئۆز يۇرتىدىن قايتىپ كېلىپ سىياسىي پاراكەندىچىلىك ئىچىدە قالغان باغداتقا قايتا بېرىشنى خالىماي، توپتوغرا دەمەشىققە يېتىپ كەلدى.
فارابى دەمەشق سىرتىدىكى باغلارنىڭ بىرىدە قاراۋۇللۇق قىلىپ ناھايىتى ساددا تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ بۇ ئاي - بۇ كۈنلەردە نامراتلىشىپ كەتكەچكە قاراۋۇللۇق چىرىغى ئاستىدىكى يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ كېچىلەپ يېزىقچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ باغداتتا باشلىغان ئىلمىي ئەمگىىنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.  
شىمالىي سۈرىيە ھۆكۈمرانى سەيپۇل دەۋلە 934 - يىلى دەمەشق شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، ئۆز ئالدىغا سەلتەنەت تىكلىگەندىن كېيىن سەيپۇل دەۋلەنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىكتە داڭقىنى ئاڭلىغان فارابى ئانچىكىم بىر قىزىقسىنىش تۈپەيلى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ كەلمەكچى بولىدۇ. بىر كۈنى فارابى ئەسكى - تۈسكى تۈركچە كىيىملەرنى كىيگەن، ئۈستىۋاشلىرى توپا - چاڭغا كۆمۈلگەن ھالدا سەيپۇل دەۋلەنىڭ ياسىداق ئوردىسىغا كىرىپ كەلدى.  
بۇ چاغدا ياش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا توپلانغان بىر توپ ئالىم - ئۆلىما ۋە مۆتىۋەر زاتلار ھەرخىل ئىلمىي مەسىلىلەر ئۈستىدە قىزغىن سۆھبەتلىشىۋاتاتتى. غېرىب - غۇرۋانە چىراي فارابى ئوردىغا كىرىپ كېلىشى بىلەنلا سۆھبەت قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك بىردىنلا جىمىپ قالدى. ھەممەيلەن بېشىنى بۇراپ، ئوردىغا بىمەھەل پەيدا بولۇپ شاھانە ئىلمىي سۆھبەتنىڭ پەيزىنى ئۇچۇرۇۋەتكەن بۇ «مېھمان»غا سوغۇق نۇر تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىنى مىختەك قادىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھېچكىممۇ فارابىنى تونۇمىدى، شۇنداقلا فارابىمۇ ئۇلار ئارىسىدىكى ھېچكىمنى تونۇمىدى. ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ خىلۋەت بىر باغدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، دەرۋىشتەك خۇپىيانە ھايات كەچۈرۈۋاتقان بۇ «مېھمان»نىڭ ئىسلام ئەللىرىگە داڭقى پۇر كەتكەن ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇنەسىر فارابى ئىكەنلىكىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرسۇن؟!
سورۇن ئەھلىگە ئوخشاشلا كەيپى ئۇچقان پادىشاھ ئالدىدا ئۇنىڭغا زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىنلا قىيا ئېگىلىپ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تۈركچە سالام بېرىپ، قىلچە قورۇنۇش ھېس قىلماستىن تىكىلىپ تۇرغان بۇ ناتونۇش كىشىنى تۈرك ئەللىرىدىن كەلگەن ئادەتتىكى بىر مېھمان قاتارىدا بىلىنەر - بىلىنمەس باش لىڭشىتىپ كۈتۈۋالدى ۋە سوغۇققانلىق بىلەن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.  
- خالىغان جايدىمۇ ياكى بەلگىلەنگەن جايدىمۇ؟- دەپ سوئال قويدى فارابى پادىشاھقا.  
سورۇندىكى ھەممەيلەن تېخىمۇ ھەيران بولۇشتى.  
- خالىغان جايدا،- دەپ جاۋاب بەردى پادىشاھ قىسقىغىنا جىملىقتىن كېيىن مېھماننىڭ رايىغا بېقىشنى ئەۋزەل كۆرۈپ.
فارابى كىشىلەر توپى ئارىسىدىن «گۈس - گۈس» دەسسەپ ئۆتۈپ توپتوغرا سەيپۇل دەۋلە يېنىدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ دۆرەم سورۇن ئەھلى چۆچۈپ داڭ قېتىپ قېلىشتى.
سەيپۇل دەۋلەمۇ بۇ تەپ تارتىشنى بىلمەيدىغان قاپ يۈرەك مېھمانغا دەماللىق قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالدى.  
سەيپۇل دەۋلە شۇ زاماندا دەمەشق ئوردىسىدا مودا بولۇپ قالغان يەرلىك تىل بىلەن پىچىرلىدى:
- بۇ يالاڭتۆش شەيخ ئەدەپسىزلىك قىلدى. مەن ئۇنىڭغا بىرقانچە سوئال قويۇپ كۆرەي. جاۋاب بېرەلمىسە ھەيدەپ چىقىرايلى.
- ئەمىر، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ. ھەرقانداق ئىشقا پەقەت ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئاندىن باھا بېرىش كېرەك،- دېدى فارابى سەيپۇل دەۋلەگە شۇ خىل تىل بىلەن خىتاب قىلىپ.  
فارابىنىڭ سۆزىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولغان سەيپۇل دەۋلە تەلەپپۇزىنى بىرئاز يۇمشىتىپ، فارابىدىن ياندۇرۇپ سورىدى:
- سىز تۈرك تۇرۇپ بىزنىڭ تىلىمىزدىمۇ راۋان سۆزلەيدىكەنسىز. قارىغاندا باشقا تىللارنىمۇ بىلىدىغان ئوخشىمامسىز؟
- بىلىمەن،- دەپ جاۋاب بەردى فارابى قىسقىلا قىلىپ.  
سەيپۇل دەۋلە فارابىنىڭ ئۇچىسىغا كىيگەن كىيىملىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قارا تۈرك ئادەملەردىن ئەمەسلىكىنى پەملەپ ئۈلگۈردى ۋە ئۇنىڭغا باشقىچە قىزىقىپ قالدى.  
سۆھبەت يەنە يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلدى. ھەر خىل ئىلمىي تېمىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كۆپرەك سەيپۇل دەۋلە تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە سورۇندىكى ئالىملار تۈزۈكرەك جاۋاب بېرەلمەي كېكەچلەپ قېلىشتى. پەقەت ئەسكى چاپانلىق فارابىلا بۇ مەسىلىلەرگە روشەن ئىزاھات بېرىپ، دەل جايىدا جاۋاب بېرەلىدى.  
- ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى ئەقىل ۋە ئەخلاققا باغلىق. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ بەخت - سائادىتىنى ئەڭ ئالىي نىشان قىلىشى لازىم،- دېدى فارابى سوئاللارغا بىرەر قۇر جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئەخلاق ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ،- ياخشى ئەخلاق بىلەن ئەقلىي ئىقتىدار ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇكى، ھەر بىر نەرسىنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئەۋزەللىك ۋە ئېرىشىلگەن كامالەتتە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پائالىيىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. بىلىم، پەلسەپە ۋە ئەخلاق بەخت ۋە گۈزەللىكنىڭ شەرتى ھېسابلىنىدۇ. ئەخلاقىي سۈپەتلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە شەخسنىڭ بىلىمى ۋە ئەقلىي بىلىش دەرىجىسىدۇر. دۆلەت ئىگىلىرىدىن تاكى ئائىلە باشلىقلىرىغىچە تەلىم - تەربىيە تورى ھاسىل قىلىشى زۆرۈر. تەلىم - تەربىيە ئىشىدا ھەم مۇلايىم، ھەم قاتتىق ئۇسۇل قوللىنىش، چۈشىنىپ بىلىشنى يادلاپ بىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش لازىم. ئىنسان تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى. جەمئىيەت مەسىلىلىرى تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە ئوخشاش، ئۇنى تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى بىلەن ھەمجەھەتتە بولغان قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا، ئەمەلىي پەلسەپە، ئەخلاق ۋە ئىلىم - پەن ئاساسىدا ھەل قىلىش لازىم. جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ ئورتاق ياشاش زۆرۈرىيىتى ۋە خاھىشى بويىچە مەيدانغا كەلگەن ھەمكارلىق ئۇيۇشمىسى. شەھەر(ياكى دۆلەت)لەر جاھالەتلىك شەھەر ۋە پەزىلەتلىك شەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. يېمەك - ئىچمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان شەھەرلەر، پۇل تېپىش خاھىشىغا غەرق بولغان ساختىپەز شەھەرلەر، كەيپ - ساپاغا بېرىلگەن، چۈشكۈنلەشكەن شەھەرلەر، پەزىلەتلىرىدىن ئاينىپ كەتكەن شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى جاھالەتلىك شەھەرگە كىرىدۇ. جاھالەتلىك شەھەرلەرنىڭ خەلقى ھەقىقىي بەختنى بىلمەيدۇ، باشلىقلىرى ھەقىقىي بەخت ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھايات مەقسەتلىرى جىسمانىي قاۋۇللۇق، شۆھرەت، كەيپ - ساپا، ئۆز ئىشتىياقلىرىدىن خالىغانچە يۈز ئۆرۈش بولۇپ، بۇنى بەخت دەپ بىلىدۇ. ئۆزئارا ياردەملىشىپ بەختكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ بىرلەشكەن كىشىلەرنىڭ شەھەرلىرى پەزىلەتلىك شەھەر ھېسابلىنىدۇ. ئۆزئارا ياردەملىشىپ بەختكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتلىرى پەزىلەتلىك جەمئىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئۆزئارا ياردەملىشىپ بەختكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان بارلىق شەھەر خەلقلىرى پەزىلەتلىك خەلق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بارلىق خەلقلەر بەختكە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئۆزئارا ياردەملىشىشنى يولغا قويسا پۈتۈن زېمىندا ئورتاق پەزىلەت تىكلىنىدۇ.  
سەيپۇل دەۋلە فارابىنىڭ ئەقىلنى لال قىلىدىغان دانىشمەنلىكىگە ۋە قەيەردىن سورىسا شۇ يەردىن تەمتىرىمەي جاۋاب بېرەلەيدىغان ھازىرجاۋابلىقىغا ئادەتتىن تاشقىرى قايىل بولۇپ، قاتتىق ھاياجانغا چۆمۈلگەنىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ فارابىغا بولغان ھۆرمەت ۋە تەشەككۈرىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ئوردىغا يىغىلغان پۈتكۈل جامائەتكە شاھانە زىياپەت بەردى.  
زىياپەتتە فارابى سەيپۇل دەۋلەنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر بىر تېمىم ئىچىملىكمۇ ئىچمەي، شۇنداقلا بىر لوقما تائاممۇ يېمەي ئولتۇردى. فارابىنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالغان سەيپۇل دەۋلە ئاخىرىدا: «ئەمىسە مۇزىكا ئاڭلاشنى خالامسىز؟» دەپ سورىۋىدى، فارابى دەرھال باش لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى.
ئالىمنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىۋالغىنىغا خۇش بولغان سەيپۇل دەۋلە ھەش - پەش دېگۈچە ئۆز سارىيىدىكى ئاتاقلىق سازەندىلەرنى چاقىرىپ كېلىپ نەغمە قىلدۇرۇشقا باشلىدى. باشقىلار سازەندىلەرنىڭ چالغان سازلىرىدىن مەست بولۇپ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ، جايىدا ئولتۇرالماي قالدى. لېكىن فارابى ئۇلارنىڭ ئورۇنداش ماھارىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ نازۇك نۇقسانلارنى بايقاپ، ئاچچىقىغا پايلىماي ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇلارنى ساز چېلىشنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇدى. سەيپۇل دەۋلە باشلىق ھەممەيلەن ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى. سازەندىلەر ساز چېلىشتىن چىپپىدە توختىغاندىن كېيىن، فارابى ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن ئەيب - نۇقسانلىرىنى بىر - بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ، مۇزىكا ھەققىدە بىرھازا تەلىم بەردى:
- مۇزىكا ئالەمشۇمۇل ھەمجەھەتلىكنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىدۇر،- دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ،-مەن شۇنداق ھېسابلايمەنكى، ئەسلى زات ھەرىكەتكە ئىگە بولغىنىغا ئوخشاشلا، ئاۋازغىمۇ ئىگىدۇر. ئاڭلاش سەزگۈسى بارلىق ئىنسانىي سەزگۈلەرگە ئوخشاش تەبىئىي ۋە غەيرىي تەبىئىي بولىدۇ. تەبىئىي ئاۋاز ئەڭ ئاخىرى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلىسا، غەيرىي تەبىئىي ئاۋاز كىشىگە غەشلىك ۋە بىئاراملىق تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ. مۇزىكىلىق ئاۋاز بىلىش جەريانلىرىدىن تاشقىرى بولغان ئادەتتىكى ئاۋاز بولماستىن، بەلكى ئۇ مۇزىكىلىق تەلەپ ۋە ئۆلچەم بويىچە تاپقا كىرگۈزۈلۈپ رەتلەنگەن ئاۋازدۇر. مۇزىكىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنساننىڭ بىلىش ۋە پەرق ئېتىش، ھۇزۇرلىنىش ۋە بىزار بولۇش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىنسان ئۆزىنىڭ تۇغما ئىقتىدارى تۈپەيلى مۇزىكىلىق ئىستېداتقا ئىگە بولۇپ، مۇزىكىلىق ئىستېدات تۈپەيلى مۇزىكىلىق ئاۋازنى پەرق ئېتەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تەسىرلىنەلەيدۇ. ئۇنىڭغا مەنىۋى مەزمۇن ۋە ھېسسىيات بېغىشلىيالايدۇ. ئۇ مۇزىكىلىق تۇيغۇ تۈپەيلىدىن شېئىرىي ھېسسىيات ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. مۇزىكا تۇغما ئىستېدات ۋە تۇغما ئىقتىدار شارائىتىدىن پايدىلىنىپ بىر ئىلىمگە ئايلانغان بولۇپ، مۇزىكا ئاۋازى مۇئەييەن قىزغىنلىق، مۇئەييەن ھېسسىياتنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ. مۇزىكا ئەمەلىي ۋە نەزەرىيىۋى مۇزىكىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ مۇزىكا ئىلمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھاڭ ئىجادچىسى چوقۇم چالغۇ مۇزىكىسىنى پىششىق ئىگىلىگەن بولۇشى لازىم. نەزەرىيىۋى مۇزىكا رىتىم، مېلودىيە ۋە ئىپادىلەشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسقا بۆلۈنىدۇ. رىتىم شۇڭا ھاسىل بولغانكى، ئۇ ئاۋازلارنى ئەقلىي ئۇقۇمغا لايىق روشەن نىسبەتلەشتۈرۈشكە ئېلىپ كېلىدۇ. مېلودىيە شۇڭا ھاسىل بولغانكى، ئۇ يۇقىرى - تۆۋەن ئاۋازلارنى روشەن نىسبەتلەشتۈرۈشكە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئىككىسى ئاڭلاش سەزگۈسىگە يۆلەنگەن بولىدۇ. ئىپادىلەش بولسا ئاڭلاش ۋە كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم سەزگۈگە يۆلەنگەن بولىدۇ. بەزى مۇزىكا كۈيلىرى خۇشاللىق پەيدا قىلىدۇ، بەزى مۇزىكا كۈيلىرى مۇھەببەت ۋە قىزغىنلىق ئىزھار قىلىدۇ. يەنە بەزى مۇزىكا كۈيلىرى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئويغىتىدۇ. بۇ سەنئەت سالامەتلىككە شۇ مەنىدە مەنپەئەتلىككى، بەدەندىكى ئاغرىق بەزىدە روھنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇ چاغدا بەدەن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، روھمۇ بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قۇۋۋىتى ئەسلى زاتقا ماسلىشىپ ئاجىزلاشقان بولىدۇ. بەدەننى داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن روھنى داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. مۇزىكىلىق ئاۋاز تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدا پائالىيەت ھاسىل بولىدۇ.
- قارىغاندا، سىز ساز ۋە مۇزىكىلارنى ياخشى بىلىدىغان ئوخشىمامسىز؟- دەپ سورىدى سەيپۇل دەۋلە فارابىدىن.  
فارابى قىلچە ئىككىلەنمەيلا: «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى. ئارقىدىنلا بەلۋېغىغا ئورالغان قۇتىچىدىن بىر تال تارنى ئېلىپ سازەندىلەر قوش قوللاپ سۇنغان ئۇدنى قولىغا ئېلىپ، تارىنى ئالماشتۇرۇپ راۋرۇس تەڭشەپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ چېلىشقا باشلىدى. ئۇ دەسلىپىدە بايا سازەندىلەر چالغان ئەرەب كۈيلىرىگە قايتىلاپ چالدى. بۇ ئادەتتە كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوردىلاردا چېلىنىدىغان شوخ نەغمىلەر ئىدى. سورۇندىكىلەر فارابىنىڭ نەغمىسىنى ئاڭلاپ روھلىنىپ جايىدا ئولتۇرالماي قېلىشتى. فارابى ئارقىدىنلا ئۆزى ئىجادىي رەتلەپ ئىشلىگەن مۇقاملارنى ئارقا - ئارقىدىن ئۇلاپ بىرھازا چېلىۋىدى، ئولتۇرغانلار دەسلىپىدە ئىچىدە، كېيىن ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى. نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ چالغان نەغمىسى بايا بىر توپ سازەندىلەر ئۆزئارا تەڭكەش قىلىپ چالغان نەغمىلەردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. فارابىنىڭ ئىچ - ئىچىدىن مۇڭ قاينايتتى. ئۇ ئۆمرىدە تارتقان پۈتكۈل رىيازەتلىرىنى ۋە ئايرىلغىلى نەچچە ئون يىللار بولۇپ كەتكەن ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش ھېسسىياتىنى بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغا يىغىپ تۇرۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ چالدى. قارىغانلارغا ئۇنىڭ بەدىنى ئېرىپ، مۇزىكىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. ھەممەيلەن تېگى يوق مۇڭ دەرياسىغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بەدىنىمۇ موميادەك يۇمشاپ ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى...
ئالاھەزەل يېرىم كېچە بولغانىدى. فارابى ئۆزىنىڭ قانچە سائەتلەپ نەغمە قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. بىر چاغدا ئۇ ساز چېلىشتىن توختىغاندا، ھەممەيلەننىڭ ئۆز ئورۇنلىرىدا قىمىرلىماي ئولتۇرۇشقان پېتى بىراۋ ئەپسۇن ئوقۇپ قاتۇرۇپ قويغاندەكلا تەپتەكشى ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى كۆردى. فارابى بىر پارچە باغاقچىگە خەت يېزىپ ئۇخلاپ كەتكەن سەيپۇل دەۋلەنىڭ تەختى پايەسىگە قىستۇرۇپ قويۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىگەن پېتى تىكەندەك يالغۇز چىقىپ كەتتى.
سەيپۇل دەۋلە تاڭ سۈزۈلگەندە ئاندىن ئويغاندى. ئۇ ئويغىنىپ تەختى پايەسىگە قىستۇرۇلغان باغاقچىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن ھېلىقى ئەسكى كىيىم كىيگەن شەيخنىڭ داڭقى ئالەمگە پۇر كەتكەن ئۇلۇغ ئالىم فارابى ئىكەنلىكىنى بىلدى. چۈنكى «مېنىڭ ھەتتا كىچىك بالا چېغىمدىمۇ ئۇيقۇ بىلەن خوشۇم يوق ئىدى... »
«ئىلتىپاتلىرىغا تەشەككۇر» دەپ خەت يېزىلغان باغاقچىنىڭ كەينىگە «ئەبۇنەسىر فارابى» دەپ چىرايلىق ئىمزا قويۇلغانىدى. سەيپۇل دەۋلە ئوچۇق چىراي، سۆزمەن، مەلۇماتلىق، تەدبىرلىك، ئىلىم ۋە سەنئەتنى سۆيىدىغان، ھەربىي ۋە سىياسىي ماھارىتى ئۈستۈن ئادەم ئىدى. سەيپۇل دەۋلە سارىيىغا توپلانغان شائىر - ئەدىبلەر، ئالىم - ئۆلىمالار ئىلگىرى ئۆتكەن ھەرقانداق بىر خەلىپىلىكتىن جىق ئىدى. سەيپۇل دەۋلە سارىيىدا ماھىر يازغۇچى ساھىپ ئىبنى ئەببەد ۋەزىرلىك قىلاتتى. ئەتىسى فارابىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىش تەكلىپىنى بىرىنچى بولۇپ ئەنە شۇ ۋەزىر بەردى. بۇ تەكلىپ سەيپۇل دەۋلەنىڭ ئويلىغىنى بىلەن بىر يەردىن چىقتى. سەيپۇل دەۋلە بىر توپ چاپارمەنلەرنى فارابىنى قەيەردىن بولسۇن دەرھال تېپىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا سالدى.  
چاپارمەنلەر فارابىنى ئەتىگەندىن تا ناماز ئەسىرگىچە ئىزلەپ شەھەر سىرتىدىكى باغدا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان يېرىدىن ئاران تېپىۋالدى. فارابى ئوردا ھاياتىغا كۆنەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ خەلىپىنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى.
ئەتىسى ناماز بامداتتىن كېيىنلا سەيپۇل دەۋلە فارابى قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان باغقا ئاتايىتەن ئۆزى كېلىپ ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلدى.
ئۇ بىرھازا ئويلانغاندىن كېيىن ئاخىر ئوردىغا بېرىشقا ماقۇل بولدى. باغنىڭ ئىگىسى كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئىشەنمەي كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىغان پېتى فارابىنى تەزىم قىلىپ ئۇزىتىپ قالدى.
فارابى سەيپۇل دەۋلەنىڭ ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن، سەيپۇل دەۋلە ھەپتە ئون كۈنگىچە ئالىمنىڭ شەرىپىگە كۈن ئاتلىماي زىياپەت بېرىپ تۇردى ۋە جامائەت ئالدىدا ئۇنى «دۆلەت ئۇستازى» دەپ جاكارلىدى. فارابى شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئۇستازى سۈپىتىدە خەلىپىلىكنىڭ ئىلمىي، مەدەنىي پائالىيەتلىرىگە باش بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ يەردە كۈنلىرىنى ھەر يەر - ھەر يەردىن كەلگەن ئالىم - ئۆلىما ۋە شائىر - ئەدىبلەر بىلەم قىزغىن ھەمسۆھبەتتە ئۆتكۈزدى. سەيپۇل دەۋلە ۋاقىت تاپسىلا ئۇنىڭدىن دۆلەتشۇناسلىق ۋە ھوقۇقشۇناسلىق ئىلىملىرى بويىچە ساۋاق ئېلىپ تۇردى.  
ئىنسانىيەت تەبىئەت تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسمى ۋە راۋاجى. ئىجتىمائىي ھايات ھەمجەھەتلىكى پۈتكۈل ئالەمشۇمۇل ھەمجەھەتلىكنىڭ بىر قىسمى ۋە راۋاجى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئالەمنىڭ تاكامۇللىشىش شەكىللىرىدىكى ئاساسلىق بىر ھالقا،- دەيتتى فارابى ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى سەيپۇل دەۋلەگە بايان قىلىپ،- پەقەت ئالەم تۈزۈلمىسى ۋە تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندىلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى تەرەققىياتنى، پەزىلەتنى ۋە ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بىردەكلىك تۈزۈلمىسىدە كىچىك كائىناتقا ئىنسان ۋەكىللىك قىلغىنىدەك، چوڭ كائىناتقا ئالەم ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتى پۈتۈن پائال ئەقىل، ئىلىم - پەننىڭ ئەڭ ئالىي مەقسىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەقىل بارلىق ياخشىلىقنىڭ ئاساسىدۇر. ئەگەر كىشىلەر نەزەرىيىۋى بىلىملەر بىلەن چەكلىنىپ، ئومۇم قوبۇل قىلغان گۈزەللىك چۈشەنچىلىرىنى ئۆز پائالىيىتىگە تەتبىق قىلمىسا، بۇنداق ئادەت ئومۇم قوبۇل قىلغان گۈزەللىك چۈشەنچىسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئاۋام خەلق پەلسەپىسى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بۇنىڭ بىرى، ئەخلاق سەنئىتى بولۇپ، بۇ تۈپەيلى ياخشى پائالىيەت ۋە ئەخلاق توغرىسىدىكى بىلىم ھاسىل قىلىنىدۇ. ياخشى پائالىيەت ۋە ئىقتىدار(قائىدە-نىزاملار) شۇلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ شاراپىتىدىن گۈزەللىك بىزنىڭ سۈپەتلىرىمىز بولۇپ قالىدۇ؛ يەنە بىرى، قائىدىلەرگە دائىر بىلىم بولۇپ، ئۇنىڭ شاراپىتىدىن شەھەر ئاھالىسى گۈزەللىككە مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە بۇ گۈزەللىكنى ساقلاشقا ئىقتىدارلىق بولىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيەتلىرىنىڭ پەزىلەتلىك ياكى جاھالەتلىك سۈپەتلىرىمۇ بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ئالەمشۇمۇل ھەمجەھەتلىك توغرىسىدىكى پائال ئەقىلنى نەزەرىيە جەھەتتە بىلىپ يەتكەن-يەتمىگەنلىكى ۋە ئەمەلىي جەھەتتە ئىزچىللاشتۇرغان - ئىزچىللاشتۇرمىغانلىقىغا باغلىق. ئۆز تەبىئىتى بويىچە ھەرقانداق كىشى شۇنداق تۈزۈلگەنكى، ئۇ ياشاش ۋە يۈكسەك كامالەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئېھتىياجلىق بۇ نەرسىلەرنى يالغۇز ئۆزىلا ھەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ بۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىنى تەق قىلالايدىغان ئادەملەر بىرلەشمىسىگە ئۇيۇشۇشقا موھتاجدۇر. شۇ سەۋەبلىك، پەقەتلا بىر - بىرىگە ھەمكارلاشقۇچى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىرلەشمىسى ئارقىلىقلا ھەر بىر كىشى باشقىلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىنى يارىتىشقا مۇئەييەن دەرىجىدە ھەسسە قوشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆز تەبىئىتى بويىچە ئىنسانىيەت كۆزلىگەن كامالەتكە ئېرىشەلەيدىغان بولىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تەبىئىتى بويىچە جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە باراۋەردۇر. ئۇنىڭ جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشۇش زۆرۈرىيەتلىرى، ماددىي-مەنىۋى ئېھتىياجلىرى، ئۆزئارا ياردىمى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەمجەھەتلىكىدىكى ئورنى ۋە ھەسسىسى باراۋەر بولىدۇ. ھاكىملىق ۋە مەھكۇملۇق مۇناسىۋىتى ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي ماھىيىتى، جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي پرىنسىپلىرىغا، جۈملىدىن ئەقىل ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا زىت ھادىسە. ساغلام، پەزىلەتلىك دۆلەت قۇللۇقتىن خالىي، ئەمما باش ئورگان ۋە دۆلەت خادىملىرىغا ئىگە بولغان بولۇشى، دۆلەت خادىملىرى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ۋە سەنئىتىگە ئىگە بولۇشى، قىسقىسى، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ماھىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. بارلىق شەھەرلەر بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. پەزىلەت ئەقىلنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، نادانلىقتىن پەزىلەت كۈتكىلى بولمايدۇ. دېمەك، ئەقىللىق ئادەم پەزىلەتلىك ئادەمدۇر. پەزىلەتنىڭ ئەقىل - پاراسەتنى شەرت قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەقىل - پاراسەت بىلىش، پەرق ئېتىش، تاللاش ۋە رەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. خاھىش ئەنە شۇنداق ئىقتىدار ئارقىلىق ئاڭلىقلىققا كۆتۈرۈلىدۇ. تاللاش پەقەت ئىنسانغىلا خاستۇر. چۈنكى تاللاش ئەقلىي بىلىشكە تايىنىدىغان مۇھاكىمە ھېسابلىنىدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئىرادىگە ئاساسلانغان. ۋاھالەنكى، ياخشى ياكى يامان ھەرىكەت پەقەت ئىنسانغىلا خاستۇر. ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى ئالەمشۇمۇل ھەمجەھەتلىككە، تەبىئەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ بىردەكلىكىگە، ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتىگە زىت بولغان ئىللەت ۋە كېسەللىكتۇر. پەزىلەتلىك جەمئىيەت مۇكەممەل ۋە ھەمجەھەتلىككە ئىگە بولغان بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى بولىدۇ.
سەيپۇل دەۋلە فارابىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئېغىر خىياللارغا پاتتى. ئۇنىڭ فارابىغا بولغان ئىخلاسى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتا ئىدى.  
فارابى ئوردىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي داڭقى ئەرەب دۇنياسىغا پۇر كەتكەن مەشھۇر شائىر ئەبۇتەيىب ئەل مۇتەنەببى بىلەن قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قالدى.  
سەيپۇل دەۋلە فارابىنى ئۇستاز تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئوردا خەزىنىسىنىڭ ھەممىسىنى ئېچىپ كۆرسىتىپ خالىغانچە تەمىنلىنىشنى تەۋسىيە قىلدى. فارابى بۇ تەكلىپنى قەتئىي رەت قىلدى. سەيپۇل دەۋلە ئۇنىڭغا يۇقىرى مائاش بەلگىلەپ بەرمەكچى بولۇۋىدى، فارابى يەنە ئۇنىمىدى.
- مائاش ئالسام ئالاي، ئەمما ئالىدىغان مائاشنىڭ مىقدارىنى ئۆزۈم بەلگىلەپ ئەتە جاۋابىنى بېرەي،- دېدى فارابى سەيپۇل دەۋلەنىڭ تەكلىپىگە كۈتۈلمىگەن جاۋابنى بېرىپ. فارابى ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئۇدۇل دەمەشق شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئاياغ تىككۈچىلەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشراق بىرسىدىن كۈنىگە نەچچە دەرھەم كىرىم قىلىدىغانلىقىنى سورىۋىدى، ھېلىقى موزدۇز كۈنىگە ئىككى دەرھەم كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. فارابى بازاردىن قايتىپ كېلىپلا سەيپۇل دەۋلەگە ئۆزىنىڭ تۆت دەرھەم مائاش ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سەيپۇل دەۋلە پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇ ساننى ئاڭلاپ ھەيران بولدى، ئەمما رەت قىلىشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇ ئالىمنىڭ قىلغان گېپىدىن پەقەت يانغىلى ئۇنىمايدىغان جاھىل مىجەزىنى ئوبدان بىلىپ قالغانىدى. بۇ پۇل فارابى ئۈچۈن تولىمۇ ئەرزىمەس بولسىمۇ، ئۇ پىيادە يول مېڭىپ ۋە ساددا ياشاپ ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. سەيپۇل دەۋلەنىڭ ۋەزىرى ساھىپ ئىبنى ئەببەد فارابىغا بەزى تەلەپلەرنى قويۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئالدىغا قىممەتلىك سوۋغىلارنى قويغانىدى، فارابى ئۇنىڭ تەلەپلىرى ۋە سوۋغىلىرىنى بىراقلا رەت قىلدى.
فارابى سەيپۇل دەۋلە ھۇزۇرىدا بىر يىلدەك تۇرۇپ قالدى. فارابى بۇ دەۋردە گەرچە سەيپۇل دەۋلەنىڭ ھامىيلىقىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنى سىياسىي ئىشلار ۋە خۇسۇسىي پاراغەتتىن يىراق تۇتۇپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ جىددىي ئىشلىدى.
فارابى 849 - يىلى دەمەشقتىن چىقىپ ئىسمائىلىزىم پىكىر ئېقىمى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ كېتىۋاتقان مىسىرغا كېلىپ توختىدى. فارابى مىسىردا نۇرغۇن ئالىملار بىلەن تونۇشتى، ئىلمىي لېكسىيىلەر ئوقۇدى ۋە بىر قاتار ئىلمىي بەس - مۇنازىرىلەردە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ، زور ھۆرمەت ۋە شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولدى. فارابى مىسىردىمۇ ئۇزاق تۇرماي يەنە دەمەشققە قايتىپ كەلدى.  
فارابى 80 ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي خېلىلا تەمبەل ۋە ساغلام ئىدى. قېرىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي سەيپۇل دەۋلە سوۋغا قىلغان پەرغانە ئارغىمىقىغا باشقىلارنى يۆلىگىلى سالماي مىنەلەيتتى. 80 ياشلىق فارابى يەنىلا ياش ۋاقتىدىكىگە ئوخشاشلا ۋەزمىن، ئۆتكۈر، تېتىك بولۇپ، ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلىقى، تەسەۋۋۇرىنىڭ تېزلىكى، ئالدىن بايقاپ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، مۇھاكىمە ۋە نۇتقىنىڭ مەنتىقىلىقلىقى ۋە ئوبرازلىقلىقى بىلەن ھەرقانداق كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ ئىلغار كۆزقاراشلىرىدىن زادىلا يالتايمىدى ۋە ھەقىقەت يولىدىكى جاپالىق كۈرىشىنى بىرەر مىنۇتمۇ توختاتمىدى.
فارابى ئىنتايىن كەمتەر ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن دائىم: «سىز ئۇلۇغ ئالىممۇ ياكى ئارىستوتىلمۇ؟» دەپ سورىغاندا، فارابى ئىزچىل ھالدا: «ئەگەر مەن ئارىستوتىل زامانىدا ياشىغان بولسام، ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شاگىرتلىرىدىن بولغان بولاتتىم» دەپ جاۋاب بېرەتتى.
فارابى تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆگەنگەن بىلىملىرىگە قانائەتلەنمىدى، ئۆگىنىش ۋە ئىزلىنىشنى زادىلا توختاتمىدى. فارابى ئىلىم بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆيلەنمەي ئۆتۈپ كەتتى.
ئەبۇنەسىر فارابى ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئۇستازى سۈپىتىدە كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشتى. ئۇنىڭ يالغۇز شامدىلا ئون مىڭ ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى. فارابىنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدىن ئىسلامىيەت شەرقىگە تونۇلغان مەشھۇر ئالىملاردىن نۇرغۇنلىرى يېتىشىپ چىقتى. ئۇنىڭ ھەرراندىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەڭ مەشھۇرى ئەبۇ زەكەرىيە يەھيا ئىبنى ئەدى ئىدى. يەھيا ئىبنى ئەدىنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدىنمۇ بىرمۇنچە مەشھۇر ئالىملار يېتىشىپ چىققانىدى.  
فارابى شەھەرلەرنى ئارىلاپ، ھەتتا يىراق - يىراق مەملىكەتلەرگە بېرىپ سەييارە نۇتۇق سۆزلەشنى پەقەت قولدىن بەرمىگەنىدى. يۇرت - يۇرت ۋە شەھەر - شەھەرلەردە ئىلمىي سۆھبەت ۋە ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، ئۆز تەلىماتلىرىنى دەۋر تەقەززاسىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بايان قىلىپ كەلگەنىدى. بىراق ئۇنىڭ بارغانلا جايدا كۆرگىنى ھاكىمىيەتتىن نارازى بولغان خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى، ھاكىمىيەتتىكى چىرىكلىك، ئىچكى نىزالار ئىدى. فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ، باغداتتىمۇ، سۈرىيەدىمۇ، مىسىردىمۇ ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلمەتنىڭ ھەممە دەھشەتلىك تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شۇڭا ئۇ كۆرگەنلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق شېئىر يازغانىدى:

ھەر چېكىنگەن دەمدە تەتۈر بۇ زامان - دەۋرانىغا،
سەن قىلىپ سۆھبەت يېتەلمەيسەن كۆڭۈل ئارمانىغا؛
بارچە ئەل باشلىقلىرىنىڭ باشلىرى قاتقان تۈگەل،
ھەممە باشقا دەرد يېتىپ ئايلاندىمۇ سەۋدايىغا؟


فارابى تىنىمسىز ئىلمىي ئەمگىكى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر پەلسەپىسى ۋە ئىلىم - پەننىڭ ھەممە ساھەسىدە غايەت زور ئىلمىي مىراس قالدۇرۇپ ئۆتتى. فارابى ئۆز ئۆمرىدە 160 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازدى. ئۇ بەزى ئەسەرلىرىدە ئارىستوتىل ۋە قەدىمكى گرېك ئىلمىي مىراسلىرىنى ئىجادىي شەرھلەپ جارى قىلدۇرغان بولسا، يەنە كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇستەقىل ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر بىلەن بايان قىلىپ چىقتى. فارابىنىڭ ئارىستوتىل، ئېۋكىلىد، پىتولىمى قاتارلىق گرېك پەيلاسوپ ۋە ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا يازغان شەرھلىرى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا ئىشلەش، قايتا ئىزاھلاش، ئېنىقسىزلىقلارنى روشەنلەشتۈرۈپ، نۇقسانلارنى تۈزىتىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. فارابى بۇ خىل شەرھى ئەسەرلىرىدە قەدىمكى گرېك ئىلغار كۆزقاراشلىرىنىڭ نوپۇزىنى تىكلەپ، ئۇنى يېڭى پىكىر ۋە پاكىتلار بىلەن راۋاجلاندۇردى. فارابىنىڭ قارىشىچە، ئارىستوتىل ۋە قەدىمكى گرېك ئىلمىي مىراسلىرىنى بۇنداق ئىجادىي شەرھلەش ئۇنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش ئىشىنىڭ پەقەت باشلىنىشىلا ئىدى. فارابىنىڭ مەقسىتى ئارىستوتىلنىڭ ئىلغار ئىلمىي، پەلسەپىۋى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت دۇنياسىغا تەتبىق قىلىش، شەرق خەلقلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق مۇنەۋۋەر ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پەلسەپىۋى جەھەتتىن يەكۈنلەش، ئۆز زامانىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەرگە ئىمكانقەدەر توغرا جاۋاب بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. فارابى بۇ تارىخىي ۋەزىپىنى ئۆزىنىڭ بىر قاتار مۇستەقىل ئىدىيىلەرنى ئالغا سۈرگەن ئەسەرلىرى بىلەن ئورۇنلاپ، ئۆز پەلسەپىۋى سىستېمىسىنى ياراتتى. فارابىنىڭ ئىلغار پەلسەپىۋى سىستېمىسى ئىسلامىيەت شەرقىدە تەبىئەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پىكىر ئېقىمىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يېڭى يول ئاچتى.
ئەرەب ئىلغار ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆز تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى فارابىدىن باشلانغانىدى. ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنى قايسى مىللەت ۋە قايسى مەملىكەتتە ئاپىرىدە بولسۇن، ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايتتى.  
فارابى ئۆز دەۋرىنى، جۈملىدىن ئۆز بىلىملىرىنى تارىخ ۋە بىلىش تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى دەپ جاكارلىماي، تولىمۇ ئىپتىدائىي بىر بالداق، ھەتتا ئالەم سىرلىرىنى ئاچالمىغان بىر بالداق دەپ ھېسابلىغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر رۇبائىيسىدە تولىمۇ چىنلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغانىدى:

مەۋجۇتلۇق سىرلىرى خام - پىشماي قالدى،
بۇ قىممەت دۇر يىپقا تىزىلماي قالدى؛
ھەركىم ئۆز ئەقلىچە بىر سۆز دېدىيۇ،
ئەمما ئەسلى سىر ھېچ ئېچىلماي قالدى.


فارابىنىڭ قارىشىچە، تېخى ئالەمدىكى مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ سىر ۋە قانۇنىيەتلىرى يېشىلمىگەن، كىشىلەر ئالەم سىرلىرىنى بىلىش يولىدا كۆپ ئىزلەنگەن بولسىمۇ، بىلىش تېخى ئاخىرقى پەللىگە يەتمىگەنىدى.  
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت پەھلىۋانى ئەبۇنەسىر فارابى مىلادى 950 - يىلى ماھى رەجەپ(دېكابىر ئېيى)نىڭ بىر كۈنى دەمەشقتىن بەلخكە كېتىۋاتقاندا، دەمەشققە يېقىن بىر جايدا مۇتەئەسسىپ روھانىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىرىنىڭ زور مال - دۇنيا ۋەدە قىلىپ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۆزىنى پايلاپ يۈرگەن قوراللىق باندىتلار تەرىپىدىن ۋاقىتسىز ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
ئالىمنىڭ جەسىتىنى بىرىنچى بولۇپ يەنە ئەسقالاندىن دەمەشققە قايتىپ كېلىۋاتقان سەيپۇل دەۋلە بايقىدى ۋە بۇ ئۇلۇغ ئۇستازنىڭ جەسىتىگە ئۆزىنى ئېتىپ قان - يامغۇر يىغلىدى.
شۇ كۈنى سەيپۇل دەۋلە رەسمىي ماتەم لىباسى كىيىپ، ئالىمنىڭ جەسىتىنى تېگىشلىك دەبدەبە بىلەن دەپنە قىلدى. فارابىنىڭ قەبرىسى دەمەشق شەھەر سېپىلىنىڭ «بەبەس سەغىر» دەرۋازىسى يېنىدىن ئورۇن ئالدى.
شەرق خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى، ئىنىسكىلوپىدىك ئالىم ئەبۇنەسىر فارابى ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل بىلىش تارىخىدا، پەن - مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپە يارىتىپ ئالەمدىن ئۆتتى! شەرقنىڭ ئەڭ ئالىي پەيلاسوپى ۋە ئارىستوتىلچىسى ئەبۇنەسىر فارابى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر پۈتۈن دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. «شەرق ئارىستوتىلى»، «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان فارابى شەرق دۇنياسى پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ ھەقىقىي ئاساسچىسى. ئۇ پەلسەپىگە ئۇل سالدى ۋە پەلسەپىدىكى ھەرقايسى ئىلىملەرنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان شەرق پەيلاسوپلىرى ئىدىيىسى ئىچىدە ئۇنى چىقىش نۇقتا قىلمىغان ئىدىيە يوق دېيەرلىك. سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەرگىز پەلسەپە ساھەسىدىكى ئورنىدىن تۆۋەن ئەمەس. پەلسەپە سوقرات، ئەپلاتون ۋە ئارىستوتىلنىڭ قولىدا دۇنياغا كېلىپ، تا فارابى دەۋرىگە كەلگۈچە سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر پەلسەپە ئويلىشىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنىدى. فارابى غايەت زور ئەمگەك سىڭدۈرۈپ بۇ ئىشنى پەزىلەتلىك شەھەر ھەققىدىكى قاراشلىرىدا دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۇتۇقلۇق تاماملىغان بىردىنبىر ئادەم بولۇپ قالدى. فارابىنىڭ شانلىق ئىدىيىسى ئىلغار ئىدىيىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يارقىن نەمۇنىسى سۈپىتىدە ئىبىن سىنا، ئۆمەر ھەييام قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى ئارقىلىق ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىغا ۋە ياۋروپا پانتىزمىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا فارابىنى ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرى «ئىدىيە ئازادلىق مۇتەپەككۇرى»، «ئىلىم - پەن قەھرىمانى»، «روھىي ئەركىنلىك، تەرەققىيپەرۋەرلىك ۋە گۇمانىزم ئۈچۈن كۈرەشكۈچى جەڭچى» دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەشمەكتە!


مەنبە-ساقلىۋالغانلىرىم
مىلادى 870 - يىلى كەچكى قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرلىرى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب قەلئەسىنىڭ خاڭ بىلەن قاڭدالغان ئېگىز - ئېگىز سېپىللىرىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. غۇر - غۇر شامال شەھەر ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ئارامبەخش نەم ھاۋاسىنى ئۇچۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. كۈندۈزى قۇياش تەپتىدە تونۇردەك قىزىپ كەتكەن شەھەر كوچىلىرى گۇگۇم چۈشۈپ، ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇشقا باشلىشى بىلەنلا ئۇياقتىن - بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر بىلەن قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى..
سېپىل ئۈستىدىكى لەشكەرلەر ئەتراپتىكى شەپىلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن قۇلاق سېلىپ، قىلىچ ۋە ئايپالتىلىرىنى چىڭ قۇچاقلىغان ھالدا سۈرلۈك قىياپەتتە تۇرۇشماقتا. سېپىل ئەتراپىدىكى لىق سۇ توشقۇزۇۋېتىلگەن خەندەكلەر كۈمۈش يىلاندەك سوزۇلۇپ سېپىلنى يۆگەپ ئايلىنىپ، ئەتراپقا ۋەھىمە تارقىتىپ تۇراتتى. ئادەتتە سېپىل ئاستىدىكى خەندەكلەرگە ئارتىلدۇرۇپ قويۇلىدىغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىغىۋېلىنغانىدى. شەھەر قوۋۇقلىرىمۇ ھىم ئېتىۋېتىلگەنىدى. بۇلار شەھەرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇداپىئە ئەھۋالىنىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى.
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 11:21, Processed in 0.172707 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش