پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 5

ئۆچ ئالىمەن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 23:44:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆچ ئالىمەن

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

كەلگەنىدىم كۈتۈپ ئوچىرەت، ئۆچ ئالىمەن،
قالمىغانتى مەندە تاقەت، ئۆچ ئالىمەن،
ئەمدى مانا كەلدى پۇرسەت، ئۆچ ئالىمەن،
ئۆچ ئېلىشمۇ قالتىس راھەت، ئۆچ ئالىمەن،
چىداپ تۇرۇڭ، سىزدىن دەھشەت ئۆچ ئالىمەن.

ئۆچ ئېلىپقۇ بۇرنىڭىزدىن قان ئالمايمەن،
كېرىكى يوق، سىزدىن يەنە جان ئالمايمەن،
ئازراق بايلىق يىغىمەن شۇ، كان ئالمايمەن،
نەخ ئالىمەن، مەنمۇ نېسى سان ئالمايمەن،
يېزىپ سىزگە ئىككىلىك خەت، ئۆچ ئالىمەن.

«خەت» دېگىنىم باغاق ئۆزى، بىلىۋېلىڭ،
ئېغىر ئالماي تۇشمۇ-تۇشتىن ئېلىۋېلىڭ،
تەييارلىقنى ئەمدى پۇختا قىلىۋېلىڭ،
ھېلىقىنى چۆنتەككە نەخ سېلىۋېلىڭ،
ئۆچ ئېلىشتىن شۇدۇر مەقسەت، ئۆچ ئالىمەن.

ئۆي كۆچۈمەن، پەتىسىگە كېلىپ كېتىڭ،
سىزمۇ ئوبدان يارىشىقىنى قىلىپ كېتىڭ،
«پەتە» دېگەن نېمە زادى، بىلىپ كېتىڭ،
قايتار چاغدا يەنە باغاق ئېلىپ كېتىڭ،
رەنجىپ يۈرمەڭ مەندىن پەقەت، ئۆچ ئالىمەن.

ئاڭلاپ ئۆيدە خوتۇنۇمنىڭ بۇيرۇقىنى،
تەشتۈرىمەن قىزلىرىمنىڭ قۇلۇقىنى،
ئۆتكۈزىمەن مۇراسىمنىڭ ئۇلۇقىنى،
قىلىمەن ھەم بارۇ-يوقنىڭ سورۇقىنى،
شۇنىڭ بىلەن تېپىپ شۆھرەت، ئۆچ ئالىمەن.

بىلىپ قالدىم تۇل ئانامنىڭ ئويىنىمۇ،
يەتمىش ياشتا مەخپى ئىشى-كويىنىمۇ،
قىلىپ قوياي ئەمدى ئۇنىڭ تويىنىمۇ،
سوۋغاتلاردىن بېزەي ئالتۇن بويىنىمۇ،
مانا شۇنداق قىلىپ ھەرىكەت، ئۆچ ئالىمەن.

خەتمە توينىڭ ئىشىمۇ بار، ئاڭلاپ قويۇڭ،
ئۆيۈمدە ئەر كىشىمۇ بار، ئاڭلاپ قويۇڭ،
قېرىسىمۇ-يېشىمۇ بار، ئاڭلاپ قويۇڭ،
ساقايمىغان بېشىمۇ بار، ئاڭلاپ قويۇڭ،
بۇ ئىشنى دەپ قىلماڭ غەيۋەت، ئۆچ ئالىمەن.

ئىتىم ئۆلسە ھازىسىغا چىللىقىم بار،
قىرىقىم بار، يەنە تېخى يىللىقىم بار،
كەلمىسىڭىز كۆڭلۈم نازۇك، زىللىقىم بار،
بىلەمسىزكىن، مېنىڭ شۇنداق خىللىقىم بار،
زەھەر بەرسەم بىلىڭ شەربەت، ئۆچ ئالىمەن.

مۇراسىملار ئاخىرلاشسا ئامالىم بار،
دوختۇرلاردا يېتىۋېلىش خىيالىم بار،
ئۆچ ئېلىشقا سىزدىن تولۇق ماجالىم بار،
ئاڭلاپ تۇرۇڭ، سىزگە مۇنداق سۇئالىم بار:
قىلالامسىز يەنە غەيرەت؟ ئۆچ ئالىمەن.

ئۆچ ئېلىشنى سىز ئۆزىڭىز باشلاپ بەرگەن،
ماڭا كۈندە تۆت-بەش باغاق تاشلاپ بەرگەن،
قىچىشمىغان يەرنى موتاپ قاشلاپ بەرگەن،
ئۆچ ئېلىشتىن كۆزلىرىمنى ياشلاپ بەرگەن،
يەرگە بىر ھەم ئەرگە نۆۋەت، ئۆچ ئالىمەن!

-2011يىلى، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، يېڭىسار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 23:44  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!
umid0998 + 5 + 3 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 8 تۆھپە + 10 شۆھرەت + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 00:20:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاساھەتلىك شىئېرلىرىڭىز بىلەن بايقاشنى نۇرلاندۇرغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۆچ ئالىدىغان دۈشمەنلەر خىلمۇ- خىل بولىدىكەن . بىزگە بۇ رىئاللىقنى يەنە بىر تونۇتتىڭىز.....
سزگە رەخمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 04:37  

باھا سۆز

ئامان ئىملاغا دىققەت قىلىڭ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 00:28:17

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:08:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆچ ئىلىشنىڭ مۇنداقمۇ ئۇسۇللىرى بارلىقىنى ئەجەپ ئويلاپ باقماپتىمەن.مەنمۇ سىناپ باقسام بولامدۇ نىمە؟
پاساھەتلىك شىئىر بولۇپتۇ، رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 07:39:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇ؛ۇق بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىتىم ،بۇنىڭدا بەزى باشلىقلارنىڭ يانچۇقىنى توملاش ئۇسۇللىرى ۋە باشقىلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۇسۇللىرىنى شۇنداق ياخشى ئەكىس ئەتتۇرۇپىسز !

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 08:47:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئاكا ياخشىمۇ سىز .سىز بايقاش مۇنبىرى ئۈچۈن ئۈزىڭىزنىڭ ئىجادىي يازمىللىرىڭىز ئارقىلىق باشقاشتىكى بارلىق زىيارەتچى يولداشلارغا . جۈملىدىن ماڭا تۇلىمۇ قىممەتلىك بولغان يازمىللىرىڭىز ئارقىلىپ شۇ قەلبىمدىكى توختاپ قېلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان كۈڭلۈمگە بىر تامچە سۈيىڭىزنى بىرىپ  ياشارتىۋاتىسىز .
سىزنىڭ بۇ شىئېرىڭىزنى ئۇقۇپ شۇنداق بىر چۈشەنچىگە كەلدىمكى :بۇ يازمىڭىزدا باشقىلاردىن ئۆچ ئىلىشتەك فاجىيەلىك قاراشلار تۇلۇق ئوتتۇرغا قۇيلۇپتۇ. دىمەك ئادەم -ئادەم بىلەن ياشايدۇ. شۇڭا بىز ئىنسان ئۇيغۇر ئىكەنمىز . ئۈزىمىزگە تەسەللىي بىرىشىمىز ئىنتايىن زۈرۈل دەپ ئويلايمەن.  دىمەكچمەن . بۇ شىئېرىڭىزنى  جەمىيەتتىكى ئاشۇنداق قارنىيەتلەر تۇلۇق ئۇقۇپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن. ئۇلار ھامىنى چۈشۈنىدۇ. شۇڭا كەڭ قۇرساق بۇلۇش زۈرۈل دەيمەن.

رەخمەت سىزگە . يازمىللىرىڭىز بايقاشتىن ئۈزۈلمىگەي .بايقاشنىڭ ئىشىكى سىزدەك تالانىتلىق يازغۇچىلارغا مۇختاج . يازغان قوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي. ياراتقان ئاللا  ئۆمۈرىڭىزنى ئۈزۈن قىلغاي .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 10:09:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېر «ئۆچ ئىلىش »زۆرورىيىتى بىلەن يېزىلغان ئەڭ ياخشى ،ئاڭ ئاچچىق كىنايە بۇلۇپتۇ.مۇشۇنداق ئىجادىي تېمىلىرىڭىزئۈزۈلمىگەي ئالاھىدىن مۇئەللىم ،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزنىڭ تىخىمۇ مول -ھوسۇللۇق بۇۇشىنى تىلەيمەن !
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:33, Processed in 0.143699 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش