ئۇستازغا
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
1 يۈرەكتە ئاققىنى دەۋرەپ سېنىڭ ئاتەش قېنىڭ، ئۇستاز، تېنىڭدىن سۇغۇرۇپ بەردىڭ، تېنىمدە جان-جېنىڭ، ئۇستاز.
دىلىڭدىن تارىلىپ پۈتتى مېنىڭ ئىنسانلىقىم ئاخىر، بۈيۈك روھ قۇدرىتى-سۆيگۈم بەجايىكى سېنىڭ، ئۇستاز.
گۆھەر ئالدىم، گۆھەردەك ساپ غۇرۇرۇم-ئىپتىخارىم شۇ، ھاياتلىق خەزنىسى قەلبىڭدىكى ھېكمەت كېنىڭ، ئۇستاز.
ئۇپۇقلارغا سوزۇلغان يول تۇتاش قەلبىڭگە، قەلبىمگە، نىگاھىمدا يېنىپ تۇرغان سېنىڭ ئوت-گۈلخېنىڭ، ئۇستاز.
سامالار بۇرجىدا نۇردەك تىلەكلەرنى تۆكۈپ كۆيدۈم، زېمىندەك ياشىغاي ياشناپ باھاردەك روھ، تېنىڭ، ئۇستاز! 2 شەپەقلەر جىلۋىسى يانغان سۈزۈك ئاسمانمىدۇر قەلبىڭ؟ قۇياشقا نۇر بېرىپ كۆيگەن ئۇلۇق گۈلخانمىدۇر قەلبىڭ؟
كۆرۈپ شولامنى ئەكسىدە ئۇپۇقلارغا ئويۇپ چىقتىم، گۈزەللىك ئالىمىدە پارلىغان چولپانمىدۇر قەلبىڭ؟
ھاياتىم تاڭلىرى ئاتتى نىگاھىڭدا سەبىي پەسلىم، ھايات ئىستەكلىرىم، قۇد-شەۋكىتىمگە كانمىدۇر قەلبىڭ؟
ياراتتىڭ بەلكى پاكلىقتا ئۆزۈڭنى سەن قىلىپ يەكتا، بۈيۈكلۈكتە ئايان، ھېكمەتتە سىر-پىنھانمىدۇر قەلبىڭ؟
ئانامدەك كۆيۈمۈڭ ئۇستاز، ئاتامنىڭ روھى بار سەندە، ۋەتەن ئۇ ماڭا بەرھەق، سۆيگۈگە ئوكيانمىدۇر قەلبىڭ؟!
1998-يىلى، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، يېڭىسار. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1998-يىلى9-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-12 22:50
|