پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 136|ئىنكاس: 2

ياڭاق بىلەن كېسەل داۋالاش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
285
قىزغىنلىق
2696 سەر
تىللا
1161 دانە
تۆھپە
1295 سەر
شۆھرەت
1408 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 16:17:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  
    ياڭاق مېغىزىنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، قان تولۇقلاش، بەلغەم بوشىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىش، دەم سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۆرەكنى ياخشىلاپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ چاچنى قارايتىش قاتارلىق دورىلىق رولى بار.
   1. قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت كېسىلى بىمارلىرى ھەر كۈنى 3~5 تال ياڭاق مېغىزى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

   2. كىچىك تەرەت كۆپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياشانغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.ھەر كۈنى كەچتە سۇدا پىشۇرۇلغان ياڭاق مېغىزىدىن ئىككى تالدىن يەپ بېرىشنى ئادەت قىلسا، كىچىك تەرەت كۆپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   3. يۆتەلنى داۋالايدۇ. ياڭاق مېغىزىدىن 90 گرام، ئەبنۇس قېقىدىن 30 گرام نى سۇدا پىشۇرۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن يەپ بېرىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ، ئۆپكە ئاجىزلىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

   4. باش كېپەكلىشىشنى داۋالايدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ئىككى تالدىن ياڭاق يەپ بېرىشنى ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرسا، باش كېپىكىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدۇ.

   5.بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى داۋالايدۇ. ياڭاق مېغىزى، ناۋات، قىچا يېغىنىڭ ھەر بىرسىدىن 500 گرامدىن ئېلىپ، ئاۋۋال قىچا يېغىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇپ، ئاندىن ياڭاق ۋە ناۋاتنى گۈرۈچتەك پارچىلاپ ئارىلاشتۇرۇپ دورا تەييارلىنىدۇ. ئۇنى ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

   6. بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنى داۋالايدۇ. ئىككى تال قۇرۇق ياڭاقنى سۇس ئوتتا شاكىلى قارايغۇچە قىزدۇرۇپ، ئاندىن شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، ئىلمان قايناق سۇدا چايقاپ، ئاندىن كۈنىگە بىر قېتىمدىن ، ئۇدا 3~5 كۈن يەپ بەرسە، بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 17:50:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىپالىق رېتسىپلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!سىزنىڭ تېمىلىرىڭزنى ئۇقۇپ شۇ بۇيىچە ئىش كۆرۈپ ساغلام بوپ كەتتۇق مانا!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 19:21:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق شىپالىق رېستىپىڭىز ئۈزۈلمىگەي . رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:30, Processed in 0.127924 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش