مۇھەممەتجان راشىدىن
كېلەر بولساڭ ، تۈندە كەل دەيسەن ، سەۋەبىنى ھاياغا ھەيدەپ . يۇتۇۋەتتىم مەنمۇ بىر گەپنى ، قانچە قېتىم ئۆزۈڭگە دەي دەپ .
پىچىرلايسەن تۈندىمۇ يەنە ، شۇنچە خالىي ، شۇنچە خىلۋەتتە . ھايانىڭمۇ ئۆز يولى بارغۇ ، ھالال بولسا سۆيگۈ ، ئەلۋەتتە .
قارا پەردە زېمىن يۈزىدە ، تىمسىقىلاپ يۈرىيمىز دائىم . جۇدالىقتا يۈرسەك كۈندۈزى ، سوۋۇمامدۇ سېنىڭدىن رايىم ؟
ئەمەسمىدى شەپەرەڭ پەقەت ، كۈندىن قورققان ، كۈندۈزدىن قورققان . ھايانى دەپ شەپەرەڭ بولساق ، ئويلىغىنا ، بىزنى كىم تۇغقان ؟
كىم ھەيدەپتۇ ھاياسىزلىققا ، كۈن ئاستىدا دىدارلاشقاننى ؟ سۆيۈشسەممۇ دىدار دېمەيمەن تۈن كېچىدە يۈزۈڭ ئاچقاننى .
« ئانا تاغلار » دىن ئېلىندى . |