پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 114|ئىنكاس: 4

پادىشاھ نوشىرۋانى ئادىلنىڭ بۇزۇرۇكمېھرىگە بەرگەن سۇئالى ۋە جاۋاب[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
110
قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:04:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئال: ئۆمۈرنى قانداق ئۆتكۈزۈش كىرەك؟
جاۋاپ: ئۆمۈرنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش كىرەك.
سۇئال: ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى ئىش قايسى؟
جاۋاپ: ئىلىم ئۈگۈنۈش.
س:ئىلىم قانداق نەتىجە بېرىدۇ؟
ج: كىچىك بولساڭ ئۇلۇغ بولىسەن، كەمبەغەل بولساڭ باي بولىسەن.
س: توغرا يول نىمە بىلەن بىلىنىدۇ؟
ج: ئىلىم نۇرى بىلەن.
س: خۇدانىڭ رازىلىقىنى نىمە بىلەن تاپقىلى بولىدۇ؟
ج: ئاتا-ئانىنى خۇش قىلىش بىلەن.
س: كىم بىلەن مەسلىھەت قىلىش كىرەك؟
ج: دانا بىلەن.
س: ياخشى ئادەمنى قانداق تونۇش مۈمكىن؟
ج: ئۈچ ئالامەت بىلەن: ئىلىم خۇمارلىقى، سېخىيلىقى ۋە ئوچۇق چىرايلىقى بىلەن.
س: ساخاۋەتنىڭ چېكى قانداق؟
ج: بار نەرسىنى بېرىش.
س: ئەڭ ياخشى ئىش قايسى؟
ج: ھېكىملەر ۋە ئالىملارنىڭ مەجلىسىدە ئولتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن مەنپەئەت ئېلىشتۇر.
س: ئەڭ يامان ئىش نىمە؟
ج: تىلەمچىلىك.
س: ئارىف(بىلىملىك، ئالىم ) دەپ قانداق ئادەمنى ئاتايدۇ؟
ج: ئۆزىنى باشقىلاردىن كەمتەر ۋە تۆۋەن دەپ بىلىدىغان ئادەمنى.
س: بۇ خىسلەت قانداق ھاسىل بولىدۇ؟
ج: ئالىملار ۋە پۇقرالار سۆھبىتىدىن.
س: مەرىپەتكە ئېرىشىش سەۋەپلىرى نىمە؟
ج: سەۋر ۋە شۈكۈر.
س: دۇنيادا قانداق تۇرۇش كىرەك؟
ج. مۇساپىرغا (بۇ يەردە يولۇچى، ئۆتكۈنچى مەنىدە ) ئوخشاش ، مۇساپىر بىر سارايغا چۈشىدۇ، بىر كىچە قونۇپ، تاڭ ئېتىشى بىلەن كېتىدۇ.
س: مەنزىلگە قانداق يېتىش كىرەك؟
ج: يەڭگىل يۈك بىلەن.
س: ئادەمنىڭ ياخشى -يامانلىقى قانداق بىلىنىدۇ؟
ج: قېرىغاندا ياشلىقىدىكى چوڭچىلىقنى بايان قىلىشى ۋە كەمبەغەلچىلىكتە باي ۋاقتىدىكى ئىشرىتىنى سۆزلىشى بىلەن.
س: دوستنى قانداق چاغدا بىلگىلى بولىدۇ؟
ج: ھاجىتىڭ چۈشكەندە، دوستنىڭ دوست ياكى دوست ئەمەسلىگىنى بىلىش مۈمكىن.
س: قابىلىيەتسىز پەرزەنت نىمىگە ئوخشايدۇ؟
ج: ئوشۇق ئۆسكەن بارماققا، كەسسەڭ ئاغرىيدۇ، كەسمىسەڭ ئەيىپ ھىساپلىنىدۇ.
س: مۇھەببەت قانداق كۈچىيىدۇ؟
ج: ئەيىبىنى يوشۇرۇش بىلەن.
س: گۇناھنىڭ داۋاسى نىمە؟
ج: توۋا قىلىش.
س: دۆلەت ئىگىسىگە قانداق ئىش قىلىش ياخشى؟
ج: مىھماندوستلۇق.
س: قانداق ئادەم نەگىلا بارسا قىزغىن كۈتىۋىلىنىدۇ؟
ج: ئەدەپ- ئەخلاقلىق كىشى.
س: قانداق ئادەم يۈز ئەيىبى بولسىمۇ، ئەيىپكە بۇيرۇلمايدۇ؟
ج: سېخىي ئادەم.
س: ئۇيقۇ ياخشىمۇ ياكى ئۇيقۇسىزلىق؟
ج: ھۇشيارغا ئۇيقۇسىزلىق ، غاپىلغا ئۇيقۇ.
س: تىۋىپ ئىلاج قىلىپ داۋالىيالمايدىغان كېسەللىك قايسى؟
ج: ئەخمەقلىك ۋە ئەبلەخلىك.
س: ياشاشتىن ياخشىراق، ئۆلۈمدىن يامانراق نەرسە نىمە؟
ج: ھاياتتىنياخشىراق نەرسە_ ياخشى نام، ئۆلۇمدىن يامانراق نەرسە_ بەتنام.
س: ھەقىقى دوست قانداق بولىدۇ؟
ج: ئادەملەر ئالدىدا ئەيىبىڭنى ياپىدىغان ۋە ياخشى تەرەپلىرىڭنى ئېيتىدىغان كىشى.
س: ئادەم قايسى ئىشى بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ؟
ج: توغۇرلۇق ۋە ئوچۇق چىرايلىق بىلەن.
س: سادىق دوست قانداق بولىدۇ؟
ج: ياخشىلىق تەرەپتىن  ساڭا بەرگەن ۋە يامانلىقتىن سېنى قايتۇرغان كىشى.
س: كۆڭلىنى ئېلىش دىگەن نىمە؟
ج: ئارزۇسىغا يەتمۈزۈش، كۆڭلىنى تىندۇرۇش.
س: دوست قابىلىيەتسىز كىشىگە ئايلانسا ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش كىرەك؟
ج: ئۇنىڭ قېشىغا ئاز بېرىش ۋە ھالىنى سورىماسلىق بىلەن.
س: ئەقىللىق ئادەم قانداق بولىدۇ؟
ج: كۆپنى بىلىدۇ، ئاز سۆزلەيدۇ.
س: ئادەم قانداق قىلسا تىۋىپقا مۇھتاج بولمايدۇ؟
ج: ئا يەپ ، ئاز ئۇخلىسا.
س: ئادەملەرنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن نىمە قىلىشىم كىرەك؟
ج: مۇئامىلىدە پەقەت راست گەپ قىل، يالغان سۆزلىمە، بىرىگە مۇخالىپ كېلىدىغان ئىش قىلما، قول ۋە تىلىڭ بىلەن باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمە.
س: جاھاندا ئەڭ بەختلىك ئادەم كىم؟
ج: ئۆزىنى ساخاۋەت ۋە توغرىلىق بىلەن بىزىگەن ئادەم.
س: ياخشى دوستنىڭ بەلگىسى قانداق؟
ج: خاتالىقىڭنى كۆرگەندە پەند-نەسىھىتىنى ئايىمايدىغان كىشى.
س: قانداق ئادەمدىن بىرەر نەرسە سورىسا بولىدۇ؟

ج: سورىساڭ بىرەلەيدىغان ۋە ئۆزۈڭ سوراشقا پېتىنالايدىغان كىشىدىن.
س: يىغىلىشىمىز ئۈستىگە سىرتتىن بىر ئادەم كىرىپ قالسا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
ج: ئۈچ ئىشنى قىلىش لازىم: بىرىنچى، كىرىپ كەلسە ، ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىش، ئىككىنچى، ئۇ كىشى ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا يۈز تۇرانە قاراش،ئۈچىنچى، ئۇ كىشى بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە سۆزلىسە ، جاۋاپ بېرىش.
س: ئادەملەردىن قانداقراقى بەختلىكرەك؟
ج: دۇنيادىكى قارىمۇ قارىشىلىقلاردىن خاپىلىق تارتمايدىغان ئادەم.
س: قانداق شېرىنلىكنىڭ ئاخىرى ئاچچىق؟
ج: باشلىقنىڭ.
س: قانداق پەسلىك (تۆۋەنلىك )ھەممە يۈكسەكلىكلەردىن يۈكسەكرەك؟
ج: كەمتەرلىك.






مەنبە: ‹‹ ئەشيالار خاسىيىتى ۋىسال شادلىقى ›› دىگەن كىتاپتىن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:14:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز !رەھمەت  سىزگە !بۇكىتاپتا يەنە نۇشۇرۋان ئادىلىنىڭ ئېسكەندەرگە ياساپ بەرگەن بىر دورا رېتسىپى بار ئىدى شۇنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز !يەنى ھېلىقى 12ئايدا 12خىل خاسىيىتى كۆرۈلىدىغان دورىچۇ

باھا سۆز

umid0998 مۇشۇتۇردىكى تىمىلارغا«ھىكمەت دۇردانىلىرى»سەھىپىسى ئاچساق بولامدۇ قانداق  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 00:10:06

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:35:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ ،يوللاپ بىراي.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 00:08:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار بارغانسىرى تەربىيۋى ئەھمىيتى كۇچلۇك، بىرئۆمۇر ئۆگەنسەكمۇ ئەرزىگۇدەك ھىكمەت دۇردانىلىرىنى يوللاۋاتىدۇ.مۇشۇنداق تىمىلارغا نىسبەتەن «ھىكمەت دۇردانىلىرى سەھىپىسى» تەسسىس قىلساق بولامدۇ قانداق؟
ياخشى تىما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە، بۇنداق تىمىلارنى كۇندە ئوقۇپ تۇرساق دەيمەن
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 07:20:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umid0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-13 00:08
تورداشلار بارغانسىرى تەربىيۋى ئەھمىيتى كۇچلۇك، بىرئۆ ...

بۇلىدىغان گەپكەن !يا ئەجداتلار نەسھىتى دەمدۇق ئىشقىلىپ  مۇشۇنداق بىر سەھىپە قۇرۇش كېرەككەن زادى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:27, Processed in 0.202677 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش