- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| ئەي نىگار ، سېنى سېغىندىم . راستىنلا بەك سېغىندىم . بارىڭدا قەدرىڭنى بىلمەپتىمەن . ئەسلى ماڭا سەن بولمىساڭ ئەسلا بولمايدىكەن . سېنىڭ نۇرلۇق چېھرىڭ ، ئىلھامبەخش سۆزلىرىڭ ...يەنە ئوماق قىلىقلىرىڭ كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ مېنى بارغانچە بىئارام قىلماقتا . ۋىسالىڭ ھىجرانى ئاتەش ئوتقا ئوخشاش تېنىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلماقتا ...
قىينار مېنى چەكسىز تەنھالىق ، بۆلەپ ئازاب-دەرتلىك قۇچاققا . شوخ ناخشىلار ئەمدى خۇشياقماس ، تۈندە –كۈندە پەقەت قۇلاققا .
تېلفۇنۇمدىن سايراپ ئاۋازىڭ ، : ۋۇجۇدۇمنى سالار لەرزىگە . قەلبىم تەكتى بىر مۇڭلۇق نىدا ، ئۇچۇپ كەتتى كۆكنىڭ قەرىگە .
ئۇزۇن بولدى ھىجران پەيتىدە ، ئۆتتى تۈنلەر ، جۇدالىق دەملەر . ئۈنچە-مارجان ئاقار كۆزۈمدىن ، ماڭماس ئەسلا ئالغا قەدەملەر .
قەلبىم تۆرى سۇلتانىدىڭ سەن ، ئەمدى بولدى بۇ جاي قۇپقۇرۇق . ۋىسالىڭنى كۈتتۈم زارىقىپ ، قاچان دىلىم قىلىسەن يورۇق ؟
بىر ساڭىلا ئېيتىمەن ئەركەم ، سۆيگۈدىكى شېرىن سۆزۈمنى . شوخ كۈيلەردە بىر بولساق ئەگەر ، بىلدىم تەۋە ساڭا ئۆزۈمنى .
ئۇچسا شامال بېشىڭ ئۈستىدىن ، قوشۇپ قويغىن يۈرىكىڭنىمۇ . بىللە كەلسۇن تىنىقىڭ –ھىدىڭ ، بىرگە بەرگىن تىلىكىڭنىمۇ .
بۈگۈن كېچە قاراڭغۇ ئاخشام ، سېغىنىشنىڭ ئىلكىدە پەقەت . ساڭا يازدىم بىر تاتلىق سالام ، * ۋۇجۇدۇمدا بىر قۇياش ھەسرەت .
سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ يار ، شەيداسىدەك بۇلبۇلى گۈلنىڭ . سەنسىز كۈنلەر تەمى يوق ئارمان ، نە زۇۋانى چىقماس بۇ تىلنىڭ ...
غېرىب ئۆيۈم تىمتاس ۋە تەنھا ، خاتىرەمدە سېنىڭ سۈرىتىڭ . ھىجرانىڭدا ئۇزىسا ۋاقىت ، ئاشار شۇنچە –شۇنچە قىممىتىڭ .
بارغۇم كېلەر شۇ تاپ قېشىڭغا ، گويا بۈركۈت بولۇپ بۇ ئاخشام . مۇڭلۇق كېچە ئەۋەتتىم ساڭا ، تولۇق ئاڭلا بۇ مېنىڭ ناخشام ...
مەنبە-كېچىدىكى ئىلھام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-12 10:58
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5 باھا خاتىرىسى
|