- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 16792
- نادىر
- 12
- تېما
- 382
- يازما
- 1534
 
قىزغىنلىق- 4382 سەر
تىللا- 1182 دانە
تۆھپە- 2413 سەر
شۆھرەت- 2839 سەر
          
| گۈلزار خانقىز: ياخشىمۇسىز؟ گېپىڭىزنىڭ ئاساسى بار، سىز يازمىڭىزدا:.... مائارىپنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا مۇنبەرگە يولىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەر ، تارىخ ماتىرياللار ، يۇمۇر -چاقچاقلار ، لەتىپىلەر ، تارىخ شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇش ، ساغلاملىق ، پەرزەنت تەربىيىسى ، خانىم قىزلار سەھىپى ... قاتارلىق ماتىرياللارمۇ مائارىپنىڭ بىر قىسمى شۇڭا بۇنداق ماتىرياللارنىڭ يوللىنىشىغا چەكلىمە قويۇپ قويساق ،بۇ مۇنبەر چولدەرەپ قالارمىكىن ، شۇڭا بايقاش مۇنبىرىنى ھەر خىل مەزمونلاردىكى تېمىلارنى تاپقىلى بولىدىغان مۇنبەرلەرنىڭ سەر خىلى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق تېمىلارنىڭمۇ بولىشى كېرەك . شۇنداق بولغاندىلار ئوقۇرمەن ھەم كۆرۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . ئەمدى ئىجادى تېمىلارغىلا ئېسىلۋالساق بەلكىم مۇنبەرگە كۈندە بىر ياكى ئىككىلا تېما يوللىنىپ مۇنبەرنىڭ تەرققىياتىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسمىكىن . شۇڭا بىز ئىجادى تېمىلارنى يېزىشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە گېزىت -ژۇرناللاردىكى پايدىلنىش قىممىتى بار بولغان ئەسەرلەرنى يوللاشنىمۇ قارشى ئالساق بولارمىكىن دىگەن ئويدىمەن . شۇنداق بولغاندا مۇنبەرگە كىرگەن ئادەمگە قانغىدەك ئۇسسۇلۇق بېرەلەيمىز .... دىگەن قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، بۇ قاراشلىرىڭىز توغرا، ھېچقانداق خاتا يېرى يوق، مەن قوللايمەن.
پەرى خانقىزمۇ ‹‹ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ ›› دىگەن يازمىسىدا: ......مۇنبەرداشلار ۋە باشقۇرغۇچىلار كېچە -كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەڭ ياخشى نادىر تېمىلارنى يوللاۋاتىدۇ .يەنە بىر قىسىملىرىمىز تېما يوللاشنى ئۆزمىزگە ۋەزىپە قىلۋالغاندەك ، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىمىساق بولمايدىغاندەك خوشنا مۇنبەرلەردىن ، كىتاپ-گېزىت ۋە ژورناللاردىن ئىزدەپ يۈرۈپ باشقىلارنىڭ شېئىر ،ئەسەرلىرىنى يوللايدىكەنمىز (مەنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس) سىزچە مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ ؟؟ بەلكىم ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئەسەرلەرنى باشقىلارمۇ تەڭ ھوزورلانسۇن دەپ يوللايدىغاندىمىز . بۇنى بىر جەھەتتىن توغرا دەپ قارىساق ،يەنە بىر جەھەتتىن مانا مۇشۇنداق تېمىلارنىڭ توشۇپ كېتىشى سەۋەپلىك بەزى نادىر تېمىلار كۆزنەكتىن تېزلا يوقاپ كېتىدىكەن . يەنە بىر جەھەتتىن بۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچىلار . ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىش يوق ،شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرىنى يوللىساق دىگەن ئۈمۈتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم ھەر بىر مۇنبەرداشلىرىمنىڭ يەپسىلى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرىشىنى خوشنا مۇنبەرلەردىن ، كىتاپ-گېزىت ۋە ژورناللاردىن ئىزدەپ يۈرۈپ باشقىلارنىڭ شېئىر ،ئەسەرلىرىنى يوللىماسلىقىنى تەۋىسىيە قىلىمەن ...... دەپ يېزىپتۇ. مېنىڭچە بۇ پىكىرلەرنىمۇ خاتا دىگىلى بولمايدۇ، بۇ كاراشلارنىڭمۇ بەلگىلىك ئاساسى بار.
يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بۇلۇۋاتىدۇ، ئەزالارنىڭ سانىمۇ 3000 غا يېقىنلاشتى، كۈندىلىك يوللىنىۋاتقان يازمىلار 200 پارچىدىن كەم ئەمەس، يوللىنىۋاتقان تېما-ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتىمۇ سەرخىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزگە كۆرۈنگەن يۇمشاق دېتال بېكەتلىرىنىڭ ئاتامان، باشقۇرغۇچىلىرىمۇ مۇنبىرىمىزگە كىرىپ، ھەمكارداش، تورداش بۇلۇپ مۇنبىرىمىزنى يېقىندىن قوللاۋاتىدۇ، نادىر تېمىلىرى بىلەن مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق كىشىنى خوشال قىلىدىغان بۇ نەتىجىلەر مۇنبىرىمىزدىكى كونا-يېڭى بارلىق تورداش دوستلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، مۇنبىرىمىزنىڭ بۇ نەتىجىلىرى بىر قىسىم كۆرەلمەس كىشىلەرنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرۇپ، دۈشمەنلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا سەۋەپ بۇلۇۋاتىدۇ. بىز دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ قالمايمىز ھەم نەتىجىلىرىمىز بىلەن بىخوتلىشىپ، بىر ئىزدىمۇ توختاپ قالساق بولمايدۇ. بىز 3000 غا يېقىن ئەزادىن تەركىپ تاپقان، مۇستەھكەم، زور قوشۇن. بىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئۆز ئارا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزىمىزدە، مۇنبىرىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئۆز ۋاختىدا تۈزۈتۈپ، تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلىشىمىز كېرەك.
گۈلزار خانقىز: يېڭى بىر يىلنىڭ يېڭى بىر ئوقۇش ماۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندىن بېرى مۇنبىرىمىزگە تورداش دوستلارنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە سۈپىتى ياخشى، ئىشلىتىش قولايلىق، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى كەسىپداشلىرىمىزنىڭ خىزمەت يۈكىنى يەڭگىللىتىدىغان نۇرغۇن دەرس تەييارلىقلىرى، دەرس دېتاللىرى، پايدىلىنىش ماتىرياللىرى يوللاندى. بۇ ئەھۋال ھەممىمىزنى خوشال قىلدى. ئازغىنا مائاشتىن باشقا كىرىمى يوق، تەتىلدىن باشقا ئارام ئېلىش پۇرسىتى يوق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى كەسىپداشلىرىمىز كېچىلىرى كىتاپ ۋاراقلاش، دەپتەردىن دەپتەرگە خەت كۆچۈرۈشتىن، ئىلمىي مۇدىرنىڭ ‹‹دەرس تەييارلىقىڭ كەم››، ‹‹دەرس تەييارلىقىڭنىڭ سۈپىتى ناچار›› دىگەن سوغۇق گەپلىرىدىن قۇتۇلسا، مەۋسۇم ئاخىرىدا مۇدىر غۇجامنىڭ ‹‹ئوقۇتۇش سۈپىتىڭ تۆۋەن›› دىگەن تەنبىھلىرىدىن، قويىدىغان جەرىمانىلىرىدىن قۇتۇلسا، 8 سائەتلىك خىزمەتنى مەكتەپتە ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆيلىرىدە بالا-چاقىلىرى بىلەن ئارامخۇدا ئارام ئالسا نىمىدىگەن ياخشى-ھە! بايقاش مۇنبىرىنىڭ تۈپكى مەخسىدىمۇ شۇ.
يېقىندىن بېرى مۇنبەرگە مائارىپ ماتىرىياللىرى يوللىنىش بىلەن بىللە يەنە، پەرى خانقىز دىگەندەك كىتاپ، گېزىت-ژورناللاردىن، باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، مائارىپ خىزمىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر قىسىم تېمىلار يوللىنىۋاتىدۇ، بۇ تېمىلارنىڭ بەزىلىرى تەكرار يوللىنىۋاتىدۇ. ‹‹ئەدەبىيات گۈلزارى›› ۋە ‹‹ئۇنىۋېرسال سەھىپە›› قاتارلىق سەھىپىلەرگە تەۋە ئىلگىرى مۇنبەرگە يوللىنىپ بولغان بىر قىسىم تېمىلار تەكرار-تەكرار يوللىنىۋاتىدۇ. بۇ بىر ھىساپتا تېما پاخاللىقىغۇ؟! مەن تەكرار يوللىنىۋاتقان بىر قىسىم تېمىلارغا ئىزاھات بېرىپ ئۆچۈرۈۋەتتىم. توغرا، ‹‹ئەدەبىيات گۈلزارى››، ‹‹ئۇنىۋېرسال سەھىپە›› قاتارلىق سەھىپىلەرگە يوللانغان تېمىلار مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، ۋاستىلىق مۇناسىۋىتى بار. تورداشلار بۇ تېمىلاردىن پىسخىكا، ساغلاملىق، ئائىلە، پەرزەنت تەربىيەسى،.... قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىن يېڭى بىلىم ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بۇلالايدۇ، دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەر تاپالايدۇ، تۈرلۈك ژانىردىكى ئەدەبى ئەسەرلەردىن مەنىۋى زوق ئېلىپ، تۇرمۇش، ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. قىسقىسى، بۇ سەھىپىلەرگە تەۋە تېمىلار مۇنبەردە كەم بولسا بولمايدۇ!
ھازىر مۇنبەردە ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق بىر مەسىلە _ ئىلگىرى مۇنبەرگە يوللىنىپ بولغان تېمىلارنىڭ يەنە تەكرار يوللىنىشى، ھازىرمۇ بۇگۈن بىرىمىز يوللىغان تېمىنى ئەتە ياكى ئۆگۈن يەنە بىرىمىزنىڭ يەنە يوللاش مەسىلىسى. بۇنداق كېتىۋەرسەك مۇنبەردە ئېغىر دەرىجىدە تېما پاخاللىقى كېلىپ چىقىشى مۈمكىن. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەردە ئېغىر دەرىجىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرسى _ ئىملا خاتالىقى مەسىلىسى. بۇ مەسىلە يوللىنىۋاتقان تېما-ئىنكاسلاردىمۇ، ئاتامان، باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالاردىمۇ ئاساسەن ئومۇمىيۈزلۈك ساقلىنىۋاتىدۇ. بىز ھەممىمىز ئانا تىل-يېزىغىمىزنى قەدىرلەيمىز، قوغدايمىز دەپ داۋاملىق جار سالىمىز، ئەمما يازمىلىرىمىزدا داۋاملىق ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىملا خاتالىقىغا يول قويۇپ كېلىۋاتىمىز. مېنىڭچە بۇ ئانا تىل-يېزىقىمىزنى قوغدىغانلىق ئەمەس، بەلكى بىلىپ تۇرۇپ، دەپسەندى قىلغانلىق! بىز ھەممىمىز مائارىپچى، ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ شۇنداق قىلىۋاتقان يەردە، باشقا ساھەدىكى قېرىنداشلىرىمىز قانداق قىلماقچى؟! گۈلزار خانقىز، يازمىڭىزغا ئىنكاس يازىمەن دەپ، شۇنداق كۆپ سۆزلەپ كېتىپتىمەن، كەچۈرۈڭ.
ئاخىرىدا تورداش دوستلارغا دەيدىغىنىم: بايقاش مۇنبىرى ھەرگىزمۇ ئادمىن ۋە خوشەندىن ئىبارەت ئىككىلا ئاتاماننىڭ مۇنبىرى ئەمەس! ھەممىمىزنىڭ مۇنبىرى، مۇشۇ مۇنبەرگە يىغىلغان 3000 غا يېقىن تورداش دوستلارنىڭ مۇنبىرى، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىسىدە مۇنبەر بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى. بىز مۇنبىرىمىزنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز يوللاۋاتقان تېما-ئىنكاسلىرىمىزغا، مۇنبىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز، مەسئۇل بۇلۇشىمىز، ئۆزىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى بايقاشقا، تۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. شۇندىلا كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيمىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-12 04:16
|
ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3 باھا خاتىرىسى
|