سەن قانداق مۇئەللىم؟ سابا سورىدىڭ ئەي نادان مەندىن بىر سۇئال، ‹‹ سەن قانداق مۇئەللىم،كۈنلىرڭ نىھال؟ باشقىلار سىرىتتا ئوينىسا ھەر چاغ، نە ئۈچۈن سەن داۋام مەكتەپتە قامال؟››
ئويلىدىم ‹‹مەن زادى قانداق مۇئەللىم؟››، سۇئالىڭ تەپتىدىن تاشتى تاقىتىم. ۋەلىكىن بايقىدى غورۇر –ۋىجدانىم، ئۇ،دىدى-سەن ئەسلى مۇنداق مۇئەللىم.
مەرىپەت نۇرىنى ئەلگە تاراتقان، زۇلمەت بېشىنى يەرگە قاراتقان. ئەجرىڭدىن ۋەتەنگە تۆھپە ياراتقان، بىلگىنكى ھىممىتىڭ شۇنداق مۇئەللىم.
نە بولماس سېنىڭدە ۋاقىتلەر پايخان، مىھرىڭ گويا بىر دېڭىز،دولقۇنلاپ ئاققان. سەبىيلەر ئۈمۈتتە تەلمۈرۈپ باققان، مىھرى ئوتلۇق،گوياكى گۇلخان مۇئەللىم.
بۈيۈكلىكلەر بابىدا ئانىلار قاتارى، سەبىيلىكلەر بابىدا بالىلار قاتارى. سۆيۈملىكلەر بابىدا ئاتىلار قاتارى، ئىززەت-ھۆرمەت تۆرىددە پىنھان مۇئەللىم.
قان-تەرىڭنىڭ بەدىلىگە قۇتلار تاپىسەن، شېغىل،قورامتاشلاردىن ئالتۇن سوقىسەن. باشقىلارنىڭ بەختىچۈن ئوتقا پاتىسەن، پىداكارلىق بابىدا ۋولقان مۇئەللىم.
ئەجداتلار تىلىگى يۆلەكتۇر ساڭا، مىھرىبان ئانىلارمۇ قىلىدۇ دۇئا. ئەۋلاتلار ھۆرمەتتە توۋلايدۇ ‹‹ھۇررا››، ئەل-ۋەتەن خەلققە ياققان مۇئەللىم.
2012-5-8 مەنبە: ئۆز قەلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-13 00:43
|