- تىزىملاتقان
- 2012-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-14
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 3306
- نادىر
- 7
- تېما
- 158
- يازما
- 264
  
قىزغىنلىق- 761 سەر
تىللا- 346 دانە
تۆھپە- 479 سەر
شۆھرەت- 660 سەر
  
| تەڭرى قانداق داڭلىق پىكاپ ھەيدىگەنلىكىڭنى ئەمەس، قېرىنداشلىرىڭدىن قانچىنى پىكابىڭغا سېلىۋالغىنىڭنى سورايدۇ. تەڭرى ئۆيۈڭنىڭ چوڭلىقىنى ئەمەس، غېرىپ-غۇرۋادىن نەچچىنى ئۆيۈڭدە تۇرغۇزغانلىقىڭنى سورايدۇ. تەڭرى كىيىملىرىڭنىڭ ئېسىللىكى ۋە سانىنى ئەمەس، زىمىستاندا قالغان قانچە بىچارىگە كىيىم بەرگەنلىكىڭنى سورايدۇ. تەڭرى مەنسىپىڭنىڭ دەرىجىسىنى ئەمەس،رىئالىققتىكى ئىش-ئەمەللىرىڭىنىڭ قىممىتىنى سورايدۇ. تەڭرى دەپنە دۇنيالىرىڭنىڭ ساننى ئەمەس، ئۇ مال-دۇنيالىرىڭنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان-قالمىغانلىقىڭنى سورايدۇ. تەڭرى تاپاۋىتىڭنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئەمەس، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىڭنى سېتىش بەدىلىگە كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى سورايدۇ. تەڭرى خىزمىتىڭنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان-چىقمىغانلىقىنى ئەمەس،خىزمىتىڭگە قانچىلىك جان كۆيدۈردىغانلىقىڭنى سورايدۇ. تەڭرى قانچە ئۇنۋانىڭ بارلىقىنى ئەمەس،ئاشۇ ئۇنۋانلىرىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئادەمدىن مىنەتدار بولغىنىڭنى سورايدۇ. تەڭرى ئاتا-ئاناڭنىڭ ساڭا قانچىلىك قىلىپ بەرگىنىنى ئەمەس،ئاتا-ئاناڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىڭنى سورايدۇ. تەڭرى ئۆزۈڭ ئۈچۈن قانچىلىك باش قاتتۇرغىنىڭنى ئەمەس،باشقىلار ئۈچۈن قانچىلىك تەر تۆككىنىڭنى سورايدۇ. تەڭرى دوسلىىڭنىڭ سانىنى ئەمەس، قانچە ئادەمنىڭ دوستى ئىكەنلىكىڭنى سورايدۇ. تەڭرى ئۆز مەنپەتىڭنى قانداق قوغدىغىنىڭنى ئەمەس،قوشناڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولغىنىڭنى سورايدۇ. تەڭرى قانچە قېتىم راست گەپ قىلغىنىڭنى ئەمەس، قانچە قېتىم يالغان سۆزلىگىنىڭنى سورايدۇ. تەڭرى چىراي تۇرىقىڭنى ئەمەس،ئەخلاق-پەزىلىيىتىڭنىڭ قانداقلىقىنى سورايدۇ. مەنبە: شىنجاڭ مەدىنىيىتى
|
|