پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 7

جەننەتنىڭ ئىشىكى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:46:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جەننەتنىڭ ئىشىكى
(ھەقىقى ۋەقە)

ئابدۇرېھىم ئابلەتخان




ياراتقان پەرۋاردىگار بەندىلىرىگە يېقىن بولغاچقا دوزاقنى يەتتە ،جەننەتنى بولسا سەككىز قىلىپ يارىتىپتۇ.چۈنكى مۇھەببەتىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان بالىلار ،ئاتىلار ،ئانىلار دۇنيادا شۇنداق كۆپكەن. ئۇلار  ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتتىن پەرىشتىلەرمۇ خىجىل بولىدىكەن.

.... بىر بالا دادىسى بىلەن يالغۇز ياشايدىكەن. ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەچكە ئۇلارنىڭ ئۆيى يازدىمۇ قىشتەك سوغۇق كۆرۈنىدىكەن.
ئەمما بالا دادىسى بىلەن ھەر ئاخشىمى ئۇخلىغىچە ئۆينىڭ ئىچى ئىسسىق بولۇپ قالىدىكەن .
ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن بالا دادىسى ئېتىزغا كەتكەندە ھويلىسىدا ئاپىسىنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ،ئورۇق مۈشىكى ۋە تامنىڭ شورىلىرىدىن كىرگەن خوشنىلارنىڭ توخولىرى بىلەن ئوينايدىكەن. بىرە-بىرە سىرتتىن ئاڭلىنىپ قالىدىغان خوشال بالىلارنىڭ سۈرەنلىرىنى ئاڭلىغاندا كونا ئىشىكنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ كېتىدىكەن. بىچارە بالىنىڭ كۆزلىرى سىرتتىن ئۆزىدە يوق بىر نەرسىنى ئىزدەيدىكەن.بىراق سىرتتىكىلەر شۇنداق خوشال كۆرۈنسىمۇ،بالىنىڭ ئىزدىگەن نەرسىسى ئۇچرىمايدىكەن. ئۇ ئىشىككە يۆلىنىپ مۈگدەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن؟!
ئۇ ئاپىسى ھايات بولسا بالىلارغا ئوخشاش يۈگرەپ ئوينىيالايدىغانلىقى ،دادىسىنىڭمۇ يالغۇز بالىسىنىڭ ئاپىسى بارلىقىدىن سۆيۈنۈپ كۆڭلى ئارام تېپىپ قالىدىغانلىقى ،ئۆزىنىڭ دادىسىغا قاراپ تېخىمۇ خوشال بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتقانمىدۇ ؟
بىراق بىچارە بالا ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسى يوقكەن.
دادىسى ئېغىر ئەمگەكتىن قايتىپ كېلىپ بالىسىغا تاماق ئېتىپ بېرىدىكەن، بالىنى جىق يىيىشكە زورلاپ ئۆزى بالىسىچەمۇ يىيەلمەيدىكەن.بالا تاماقنى چېچىپ قويسا قاتتىق دۈشكەللەيدىكەن. چۈنكى بالىسىنىڭ كېيىنچە مۇستەھكەم ئادەم بولىشىنى ئۈمۈت قىلىدىكەن.ناۋادا ئۇنىڭ ھازىرقىدەك يۈرەكسىز بولۇپ قالسا ئۆزىدىن كېيىن جاپا تارتىپ قالىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
چۈنكى بالىسىنىڭ ئاپىسى يوقكەن.

دادىسى ئۇخلىغىچە بالىسىغا قېلىنراق يوتقاننى بېرىدىكەن ھەم ئۈستىگە پەقەت بىر تاللا چاپىنىنى يېپىپ قويىدىكەن . ئۆزى بولسا بالىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى يۆگىكىنى ياستۇقىغا قويۇپ   تىتىلىپ كەتكەن (ئەمما دادىسىنىڭ دىيىشىچە بەكلا ئىسسىق)كونا يوتقاننى يېپىنىپ ئۇخلايدىكەن. بالا دادىسىنىڭ پۇشۇلدىشىنى ئاڭلىغاچ ،ئورۇق مۈشىكىنى قوينىغا سېلىپ ئۇخلاپ قالىدىكەن.
سىز يېرىل تېشىم دىگەن چۆچەكنى ئوقۇغانمۇ ؟ بۇ بالىمۇ چۆچەكتىكى يىتىم قىزدەك يىراقلارغا كېتىپ بىرەر تاشنىڭ ئىچىگە كىرىپ دۇنيادىن خاتىرجەم ياشاشنى ئويلىمايدىكەن.
ئۇنداق قىلسا ئاچچىقى يامان دادىسىنىڭ ھەر ئاخشىمى سوغۇق ئۆيدە تېخىمۇ يالغۇز قېلىشىنى خالىمايدىكەن.
سىز ئابىھايات دىگەن چۆچەكنى ئوقۇغانمۇ ؟ ئەمما ئۇ بالا ئابىھاياتنى ئۆزى ئىچىشنى خالىمايدىكەن.ئۇنىڭ بىلەن ئاپىسىنى تىرىلدۈرۈپ كەلسە ئۇنىڭ چىرايلىق بىر يوتقان ۋە ياستۇق تىكىپ بېرىدىغانلىقىنى ،ئۇنى دادىسنىڭ بېشىغا قويۇپ ياتىدىغانلىقى،يوتقاننى بولسا بالا ئۆزى دادىسىغا يېپىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلايدىكەن.ئەتتىگەندە دادىسىنىڭ چاينى قاينىتىپ بولالماي ئىشىغا ۋاقچە قېلىپ ئاچچىقلىنىشىغا ئىچى ئاغرىيدىكەن. ئەگەر ئاپىسى بولسا ئۇلار ئويغانغاندا چاي تەييار بولۇپ قالىدىغانلىقى بالا ئوبدان بىلىدىكەن.
ئەمما ئۇنىڭ ئاپىسى ئەمدى تىرىلمەيدىكەن. نىمىشقا تىرىلمەيدىغانلىقىنى بالا بىلمەيدىكەن. ئۇ يەنە دادىسىنىڭ يۆگەكنى پۇراپ يېتىش ئۈچۈن ياستۇق قىلىۋانغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئەگەر دادىسى بالىسىنى پۇراپ ياتسا ئۇنىڭ ئەركە بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن.يەنە دادىسىنىڭ يەيدىغان تاماق ئاز بولغاچقا بالىسىنىڭ تويماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يالغاندىن ئۇزۇن چاينايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن.
بالا بۇلارنى بىلمىگەن بىلەن دادىسىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوقلىقىنى بىلىدىكەن.شۇڭا ھېچيەرگە بارغۇسى كەلمەيدىكەن.ھويلىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاپىسىنىڭ دوپپىسىدەك كۆپ-كۆك ئاسمان بىلەن ئۇنىڭ چىرايىدەك ئىللىق ئاپتاپ بالىنى يىراق-يىراقلارغا كېتىشتىن توساپ تۇرىدىكەن.چۈنكى بۇلار باشقا يەردە يوقكەن. پەقەت ئۇ چوڭ بولغان مۇشۇ ھويلىدىلا شۇنداق ئىللىق نەرسىلەر بارئىكەن.
بالا بارا-بارا چوڭ بولۇپتۇ ، مەكتەپكە بېرىپتۇ. دادىسى بولسا ئۆزگەرمەستىن شۇ پېتتى تۇرۇپتۇ.بالا مەكتەپنى تۈگىتىپتۇ .ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەپتۇ. ئۇ دادىسى بىلەن ئېتىزدا ئىشلەيدىكەن. ئەمما دادىسىدەك جىق ئىشلىيەلمەيدىكەن. دادىسى نىمىشقىكىن ھېرىمايدىكەن. ئىشلەۋېرىدىكەن.ئۇنىڭغا قاراپ ھېرىپ كەتكەن بالا پات-پات دەم ئېلىپ ئولتۇرۋالىدىكەن.
بالا ئاستا-ئاستا زېرىكىپتۇ .دادىسى باشقىلارنىڭ دادىسىدەك ئەمەسكەن.ئۇ پەقەت ئېتىزدا ئىشلەشتىن باشقا ئىش قىلالمايدىكەن. بالىسى ئۈچۈن يول مېڭىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويالمايدىكەن .ياكى پۇل چىقىرىپ بىرەر دۇكان ئېچىپ بېرەلمەيدىكەن.چۈنكى دادىسنىڭ ئەسكى ئۆيىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوقكەن.  بالا شۇ ياشقا كەلگەندىلا دادىسىنىڭ بەكلا يارىماس ئادەملىكىنى ھېس قىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن بەكلا زېرىكىپتۇ.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن دۇيجاڭ بىلەن سوقۇشۇپ ئۇنى يارىلاندۇرۇپ قويۇپ تۈرمىگە كىرىپتۇ.باشقىلارنىڭ دىيىشىچە دۇيجاڭ "ئۆزەڭمۇ بىر يارىماس بولغاچقا بالاڭمۇ بىر يارىماس بولدى" دەپتىكەن.شۇ گەپكە دادىسى مۇشۇنداق تەتۈرلىك قىلىپ جىنايەتچى بولۇپتۇ. شۇندىن كېيىن بالا دادىسىغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئەتراپتىكىلەر ئۇنى تېخىمۇ ياراتمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.
يا دادىسنىڭ تايىنى يوق ،ياكى ئاپىسى يوق باشقىلار ئالدىدا ماختانغىدەك ھېچنىمىسى يوق بالىلارنىڭ ئەزەلدىنلا دوستلىرى بولمايدىكەن. باشقىلار ئۇلارنى قاتارغا قوشۇۋالسىمۇ پەقەت مازاق قىلىپ ئويناش ئۈچۈنلا قوشۇۋالىدىكەن.

بالا تۈرمىگە دادىسىنى يوقلاپمۇ بارماپتۇ. كېيىنچە ئۇ ئىچكىرىگە كىرىدىغان بالىلار بىلەن يۇرتنى تاشلاپ يىراقلارغا كېتىپتۇ. ئۇ دەسلەپ ئىچكىرىگە بارغاندا بالىلار بىلەن ئوغۇرلۇق قىلىپتۇ.ئىشى ئەپلەشسە مېھمانخانىلاردا يېتىپتۇ.ئەپلەشمىگەندە بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا تۈنەپتۇ.شۇنداق چاغلاردىلا ئۆيىنى ۋە دادىسىنى ئەسلەپ قويىدىكەن.كېيىنچە بالا بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ يۈرۈپ ،ئاشخانە ئېچىشنىڭ ئەلىم-تەلىمىنى بىلىپ ئاخىرىدا تىرىشىپ ئىشلەپ كېيىنچە بىر چوڭ ئاشخانە ئېچىپتۇ. ئۇ ئۆيلىنىپتۇ،نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئاخىرى يۇرتىغا قايتىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەللىك ياشقا يېقىنلاپ قالغان ئىككى بالىلىق،بىر نەۋرىلىك بولغان چوڭ ئادەم بولۇپ قالغان ئىكەن.
ئۇ يۇرتقا كەلگەندە ئېسىدە قالغان ئۆيىنىلا ئەمەس مەھەلىسىنىمۇ تاپالماپتۇ. سۈرۈشتۈرسە كونا مەھەلىلەرگە يېڭى ئولتۇراق جايلار چۈشكەن ئىكەن.ئۇ ناھايىتى تەستە ئىلگىركى خوشنىلىرىدىن بىرىنى تېپىپتۇ. خوشنىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ ئىچكىرىگە كېتىپ ئىككىنچى يىلى دادىسى تۈرمىدىن چىقىپتۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندا بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىكەن. ئۇ كۈندە ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ھويلىسىدا كۈنلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدىكەن.ئېتىزنىمۇ باشقىلارغا كۆتۈرە بېرىۋېتىپتۇ.ئۇنىڭ ئىشى پەقەت كۈنلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇشكەن. ئۇ خوشنىلار بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەكلا ئانچە بېرىش-كېلىش قىلمايدىكەن.
قىشنىڭ بىر كۈنى خوشنىلار ئۇنىڭ ئېتىز تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇ كۈنى دادىسىنى قەبرىستان تەرەپتە كۆرگەنلەرمۇ بارئىكەن.بەلكىم ئايالىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغىلى بارغان ئوخشايدۇ. بۇ خوشنىلارنىڭ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگىنى بولۇپ قاپتۇ.كېيىن دادىسى ئۇدا نەچچە ھەپتە ھويلىدىمۇ كۆرۈنمىگەچكە خوشنىلار ئەنسىرەپ ئىشىكنى بۇزۇپ ئۆيگە كىرسە ئۇ بىردىن-بىر يېڭىراق يوتقاننى يېنىغا سېلىپ قويۇپ ،ئۆزى ناھايىتى كونا بىر يوتقاننى يېپىنىپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن. خوشنىلار ئۇنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىككە قويۇپتۇ.ئۇنىڭدىن قالغان ھېچ بىر ئىقتىساد بولمىغاچقا ئۆيىنى بىرىگە سېتىپ نەزىرلىرىنى قىلىپ يەرلىككە قويۇپتۇ.
بالىنىڭ دادىسى شۇنداق ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭغا ئىلگىرى ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىگەندەك ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ بىرەر مىراسمۇ قالدۇرالماپتۇ.ھەتتا بالىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى كىچىككىنە ھويلىنىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ. . . .

كۈنلەر ئۆتۈپتۇ...بالىمۇ بوۋاي بوپتۇ .ناھايىتى كاتتا جامائەت ئەربابى بولۇپتۇ. مەكتەپ ساپتۇ،يول ياسىتىپ يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلاپتۇ . ئەمما يەنىلا بالىلىق چاغلىرىدىكىدەك خوشال بولالماپتۇ. داۋاملىق ئىچىنى ياق! يۈرىگىنى بىر ھەسرەت تاتىلاپ ئۇنى خوشال قىلماپتۇ.
بىر كېچىسى چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ ئۆزىنى ئىلگىركى ئەسكى ئويىدە دادىسىنىڭ يېنىدا ئۇخلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپتۇ. ئالدىراپ چىراقنى ياندۇرسا يەنىلا ھازىرقى ياسىداق ئۆيىدە مامۇق يوتقاندا ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئىلگىركى بالا ھازىرقى بوۋاي
ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ .ئايالى بالىلىرى نەۋرىلىرى يىغىلىپتۇ.ئۇنىڭدىكى بۇ ھالەتكە ھەيران قاپتۇ.سەۋەبىنى سوراپتۇ،دۆختۇرلارنى چاقىرىپتۇ.ئەمما ھېچكىم بىلەلمەپتۇ. بوۋاي شۇندىن كېيىن كۈندىزى خىيال بىلەنلا ئولتۇردىغان بولۇپ قاپتۇ.كېچىسى بولسا چىراقنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ ياتىدىكەن ،چىراقنى كېچىدە يېقىشقا يول قويمايدىكەن.ئۇنىڭ كېچىدە يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بالىلىرى چىراقنى ياقسا ئۇلارنى تىللاپ چىراقنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرۇيدىكەن....كېيىنچە بالىلىرى كېچىدە ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىسىمۇ چىراقنى يېقىشتىن قورقۇپ ئاۋاز چىقارماي جىم ئولتۇردىغان بولۇپتۇ.ئاخىرى ئۇلارمۇ بوۋاينىڭ بۇ ساراڭلىقىغا كۆنۈپ كارى بولمايدىغان بوپتۇ.
دوختۇرلار بوۋايغا نېرۋا كېسەللىكى دەپ دىئاگىنوز قويۇپتۇ.
بوۋاي كۈنلىرىنى بالكونغا چىقىپ خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزىدىكەن.ئاخشىمى بولسا يالغۇز بىر ئۆيدە ياتىدىكەن.  شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئانىسىدىن،دادىسىدىن قالغان خاتىرىلەرنى ئىزدەيدىكەن.ئەمما ئەتراپىدا ھېچقانداق بىر ئىزنانى تاپالمايدىكەن.

پەقەت كۆزىنى يۇمۇپ خىيال سۈرگەندە ئۆزىنى كىچىك چېغىدىكى ھويلىسىدا ئورۇق مۈشۈكىنى ئويناپ ئولتۇرغان ،دادىسىنىڭ تاماق ئېتىش ئۈچۈن يانمايۋاتقان ئوتنى پۈدەۋاتقان ھالىتىنى ئەسلەيدىكەن . ئۇ خىيالىدىلا دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە كۆرەلمىگەن ئىلگىركى ھويلىسىنى ،ئاپىسىنىڭ دوپپىسىدەك كۆپ-كۆك ئاسماننى ،ئۇنىڭ چىرايىدەك ئىللىق ئاپتاپنى كۆرەلەيدىكەن.ئاخشىمى بالىسىنىڭ يۆگىكىنى پۇراپ يېتىش ئۈچۈن بېشىغا قويۇۋالغان دادىسىنى كۆرگەندەك ئۇنىڭ پۇشۇلدىشىنى ئاڭلىغاندەك بولىدىكەن. بوۋاينىڭ ئۆمۈر بويى تىرىشىپ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ھەقىقى بەختى كېچە-كۈندۈز خىيال سۈرۈشكەن.
شۇ چاغدا دادىسىنىڭ دۇيجاڭنى نىمىشقا ئۇرغانلىقىنى چۈشىنىدىكەن.ئەمەلىيەتتە دادىسىنىڭ نەزىرىدە ئوغلى شۇ يېشىغىچە تايانغان تېغى ئىكەن.بالىسى ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىسىمۇ يالغۇز ھاياتىدا ھېچكىم بېرەلمىگەن ھەمراھلىقنى كۆڭلىنىڭ بىر پارچىسىنى پەقەت ئوغلىلا بېرەلىگەنلىكىنى،بۇنى بالىسىدىن باشقا قانچىلا ياراملىق ئادەم بولسىمۇ دادىغا بېرەلمەيدىغانلىقىنى شۇ سەۋەپتىن بۇ ھاقارەتنىڭ ئېغىر كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەن. دادىسى بىلەن نامرات بولسىمۇ بىر-بىرىگە يۆلەك ۋە ھەمرا بولۇپ ياشىغان شۇ ۋاقىتلارنىڭ، شۇ ۋاقىتتىكى تۇيغۇلارنىڭ ھازىرقى بەختىدىن نۇرغۇن ئارتۇقلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.
بوۋاي كۈنسېرى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ .بالىلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراشكەن،بوۋاي بىلەن پاراڭلىشالمايدىكەن.چۈنكى بوۋاي بەكلا چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلىدىكەن. ئەمما ھەممىسى بوۋايغا كۆيۈنىدىكەن. ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى تەل ئىكەن. بوۋاي بەكلا ياۋايىلىشىپ كېتىپتۇ .ئۇ باشقىلار بىلەن گەپلەشمەيدىكەن ، ئۇ تۇققانلىرىدىكى مېھرىبانلىقىنىڭ مەسئۇلىيەت ئۈچۈنلىكىنى بىلىدىكەن. بوۋاي ساناقلىق مىنۇتلىرىدا بولسىمۇ بىر مۇھىم نەرسىگە ئېرىشىشنى ئىزدەيدىكەن. ئەمما ئۇ نەرسە مەۋجۇت ئەمەسكەن. مەيلى بالىلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسۇن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىدىكەن ئەمما بوۋاينىڭ كىيىملىرىنى دادىسى يۆگىكىنى پۇرىغاندەك پۇرىمايدىكەن. ياخشى كۆرۈش ھەركەت-ئېغىزدا بولمايدىكەن.چۈنكى دادىسى بوۋايغا سېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باقماپتىكەن،ئۇنىڭ مىجەزىدىن بۇنداق دىيىشنى خالىمايدىكەن، بوۋاي ئاخىرقى مىنۇتلاردا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ پەقەت دادىسىنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. شۇنداقلا بۇ مەڭگۈلۈك مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك ھىجرانغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. بوۋاي بەكلا تۈگىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ كۈنسېرى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ.كېيىنچە تاماقتىنمۇ قاپتۇ......
....بوۋاينى شۇنداق ھەسرەت توختىماي قىينايدىكەن. دادىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بوينىغا ئېسىلىپ تۇتۇپ " جېنىم دادا،يالغۇز دادا ، مەن سېنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن " دىيەلمىگەنلىكىگە ،سەكرات پەيتىدە يالغۇز دادىسىنىڭ ئورۇق قوللىرىنى تۇتۇپ ئىلگىرى سۆيۈپ باقمىغان ئورۇق يۈزلىرىگە قانغۇدەك سۆيۈپ ھەمرا بولالمىغانلىقىغا ئۇنىڭ بېشىنى قۇچىغىغا ئېلىپ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئۇزۇتۇپ قويالمىغانلىقىغا ئۆكۈنىدىكەن.ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولسا دادىسىنىڭ ئۆزىدىن تۈمەنمىڭ رازى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ،ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئوغلى ئۈچۈن بۇ ئالەمنىمۇ تېگىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. دادىسىنىڭ نامرات تاۋۇتىنىڭ ئالدىدا ھېچكىم ماڭمىغانلىقىغا ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىلا ئەمەس،ئۆلگەندىمۇ يالغۇز كەتكەنلىكىگە ئۈنسىز يىغلايدىكەن.

بوۋاي ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا دادىسىدەك ياتالماپتۇ.چۈنكى ئۇنىڭ يېنىغا سېلىپ قويىدىغان دادىسىنىڭ كونا يوتقىنى يوق ئىكەن. دادىسى بولسا بالىسىنىڭ يۆگىكىنى پۇراپ يېتىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.ئەمما بوۋاينىڭ پۇرىغىدەك ھېچنىمىسى قالماپتۇ. پەقەت ئاخىرقى دەملەردە بالىلىقتا قالغان مۇھەببەتنىڭ ئارزۇسىلا قاپتۇ،ھەسرىتىلا قاپتۇ........................شۇنداق مۇھەببەتلىك ھەسرەتلەر بىلەن ئاخىرى بوۋاي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .

يۇرتتىكىلەر ئۇنى داغدۇغا بىلەن كاتتا ئۇزۇتۇپتۇ .نامىزىغا مىڭلىغان ئادەملەر قاتنىشىپ،ئۇنىڭ ئەلگە قىلغان خىزمەتلىرىنى باھالاپ كاتتا ئادەمتى دىيىشىپتۇ.
ئەمما بوۋايلا ئاخىرقى تىنىقىدا دادىسىنىڭ ھەقىقەتەن كاتتا ئادەملىكىنى ھېس قىلىپتۇ . خۇداغا يىغلاپ قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى ، دادىسىغا بېغىشلاپتۇ.
مەخپى نەزىر-سەدىقىلەر قىلىپ ياش كەتكەن مەزلۇم ئانىسىنى ۋە يالغۇز كەتكەن بىچارە دادىسىنى جەننەتنىڭ ئىشىكىدە بولسىمۇ قۇچاغلىۋېلىشنى خۇدادىن تىلەپتۇ.


مەنبە-بۇرۇن ساقلىۋالغانلىرىم (كەۋسەر )
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 12:43:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەربىيەۋىي ئەھمىيتى يۇقىرى تىمىكەن. يازغان قۇلىڭىزغا دەت بەرمىگەي. بۇ دۇنيادا يىتىم - پېقىر مىسكىنلەرگە  خۇدالىق ئۈچۈن  بەرگە. شۆششى زاكاتنىڭ  ئۇ ئالامگە بارغاندا پايدىسى بۇلىدۇ. ھەم خۇدالىق ئۈچۈن ئاللانىڭ بۇيرىغان  ياخشى يۇلىدا   ئەدەپ ئەركام بىلەن  ھەر قانداق بىر ئىنسانغا بۇيرىغان پەرىزلىرىنى تۇلۇق ئادا قىلغاندا ئاندىن ئۇ كىشى ئۈزىنىڭ بۇ دۇنيادا قلغان ياخشى ئەمەللىرنىڭ شۆھرىتىنى كۈرىدۇ . شۇڭا بۇ دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى كوپلەپ قىلىمىشىز. ناچار ،خاتا ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز كىرەك . رەخمەت سىزگە .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 16:04:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك ماتىرىيالكەن، ئەجداتلىرىمىزدىن ‹‹ جەننەتنىڭ ئىشىگى ئانىنىڭ تاپىنى ئاستىدا›› دىگەن ھېكمەت قالغان ، بۇ ھېكمەت بىكار ئېيتىلمىغان. ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇچىغى پەرزەنتلەرنىڭ جەننىتى!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 18:40:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالدىغۇ   بۇ تىما.  بىلدىمكى جەننەتنىڭ ئاچقۇچى بىزنىڭ قولىمىزدا بار ئىكەن. بىز بۇنى بىلىشىمىز كېرەككەن...
كەۋسەر ئەپەندىم سىزگە كۆپ رەخمەت.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 18:43:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەننەتنىڭ ئىشىكى بۇ دۇنيادا  پېقىر -مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلغانلارغا ھەم شۇ يارتقان خۇدانىڭ يۇلىدا توغىرا  يولدا ماڭغانلارغا . غەيۋەت  شىكايەتتىن يىراق بولغانلارغا . بەش نامازنى تەرىك ئەتمەي ئۇقۇغانلارغا  ئىشىكى ئۇچۇق  دەيمەن .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

ئالى باشقۇرغۇچى

ئەتە ئۈلۈپ كىتىدىغاندەك ياشا.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1328 سەر
تىللا
652 دانە
تۆھپە
903 سەر
شۆھرەت
853 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش قىزىقچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 21:23:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا دېگەن تاغ، ئانا دېگەن باغ.

دادام كىچىكىمدە كىتاپ ئوقۇپ بېرەتتى.
جەننەت نەدە؟
_‹‹دادا جەننەت نەدە؟›› دەپ سورىسام.
دادام: ‹‹جەننەت ئاتا- ئانىڭنىڭ تاپىنى ئاستىدا›› دەپ كىتاپ ئوقۇشنى داۋام قىلاتتى....
ئەسلىمەمدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تايلاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-11 21:26  

باھا سۆز

asrar قوللايمەن...جەننەت ئىشىكى ئاتا-ئاناڭنىڭ تاپىنى ئاستىدا ! تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:07:47

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:07:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تايلاق يوللىغان ۋاقتى  2012-8-11 21:23
ئاتا دېگەن تاغ، ئانا دېگەن باغ.

دادام كىچىكىمدە كىتاپ  ...

قوللايمەن...جەننەت ئىشىكى ئاتا-ئاناڭنىڭ تاپىنى ئاستىدا !

باھا سۆز

تايلاق راست دەيسىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:37:04
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 00:37:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا رازى، ئانا رازى، ئاندىن خۇدا رازى ئەمەسمۇ دوستلار
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:04, Processed in 0.140379 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش