جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى
گوۋۇيۈەننىڭ 188_ نومۇرلۇق بۇيرۇقى
(1995-يىل 12- ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان)
بىرىنچى باب: ئومۇمىي پىرىنسىپ 1.ماددا: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى » ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى دىيىلىدۇ ) غا ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈپ چىقىلدى . 2.ماددا: جۇڭگو پۇقرالىرى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا تەلىم-تەربىيە ئورگانلىرىدا مەخسۇس تەلىم-تەربىيە،ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، قانۇن بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى لازىم . 3.ماددا: گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ .
ئىككىنچى باب : ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئىشلىتىلىشى 4.ماددا: ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ : (1) بالىلار باغچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى. (2) باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى. (3) تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تولۇقسىز كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت دەرس، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيىتى ( تۆۋەندە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى سالاھىيىتى دىيىلىدۇ ). (4) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى سالاھىيىتى. (5) ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت دەرس،كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىقى سالاھىيىتى ( تۆۋەندە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى سالاھىيىتى دىيىلىدۇ ). (6) ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقى سالاھىيىتى ( تۆۋەندە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقى سالاھىيىتى دىيىلىدۇ ). (7) ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى سالاھىيىتى . چوڭلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى چوڭلار مائارىپى قاتلىمى بويىچە يۇقۇرقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ . 5.ماددا: ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پۇقرالار شۇ دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا مائارىپ ئورگانلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا بولىدۇ ؛ ئەمما ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە پىراكتىكا يېتەكچىلىگى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پۇقرالار ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ،ئىشچىلار تېخنىك مەكتەپلىرى ،كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ياكى تولۇقسىز كەسپىي مەكتەپلەردىلا پىراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆزارا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.
ئۈچىنچى باب: ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ شەرتلىرى 6.ماددا: ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ شەرتلىرى ‹‹ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى››نىڭ 10 _ ماددا ، ئىككىنچى تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىجىرا قىلىنىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدىكى << تەلىم - تەربىيە ،ئوقۇتۇش ئىقتىدارى >> دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولغان تەلىم- تەربىيە ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى بەدەن شەرتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم . 7.ماددا: ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا زۆرۈر بولغان ئوقۇش تارىخى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» نىڭ 11- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ . ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچىلىگى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلىگەن ئوقۇش تارىخنىنى ھازىرلاش ھەمدە ياردەمچى ئىژنىردىن يۇقۇرىي كەسپىي تېخنىكىلىق ۋەزىپىسىگە ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تېخنىك ئىشچى دەرىجىسىگە ئىگە بولۇش كېرەك .
تۆتىنچى باب: ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى 8.ماددا: «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» دىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بويىچە ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىمىغان پۇقرالار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلىشتا ، دۆلەت ئۇيۇشتۇرۇش ياكى ئېتراپ قىلىشنى ماققۇللىغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتاھانىغا قاتنىشىشى كېرەك . 9.ماددا: ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىنىڭ پەن تۈرى ، ئۆلچىمى ۋە ئىمتىھان پىراگراممىسى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان سۇئاللىرىنى چىقىرىش ، ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمىتى ۋە ئىمتىھان نەتىجىسى ئىسپاتىنى تارقىتىشتا بالىلار باغچىسى ، باشلانغۇچ مەكتەپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا تەۋە بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ . ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تەۋە بولغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى ئۆلكىلىك ، ئاپتونۇم رايونلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى ھاۋالە قىلغان ئالىي مەكتەپلەر تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ . 10. ماددا: بالىلار باغچىسى ، باشلانغۇچ مەكتەپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچىلىگى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ . يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ، ئىمتىھان ئېلىنغان پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە لاياقەتلىك بولغانلارغا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپاتى بېرىلىدۇ ؛ شۇ يىللىق ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغان پەنلەردىن كېيىنكى يىلى تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشكە بولىدۇ ؛ تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشتە يەنىلا بىر ياكى بىردىن يۇقۇرى پەندىن لاياقەتسىز بولغانلار ئىمتىھان بېرىلىدىغان بارلىق پەنلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا يېڭىباشتىن قاتنىشىشى لازىم . 11.ماددا: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ئېھتىياجىغا قاراپ ئېلىنىدۇ . ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ ئۈگۈنىشتە ئالاھىدىلىگى بولىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كەسىپتىكى ئىككى پىروفېسسور ياكى دوتسېنت تونۇشتۇرىشى كېرەك. |