- تىزىملاتقان
- 2012-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1794
- نادىر
- 0
- تېما
- 26
- يازما
- 185

- يوقلىما
- 125
قىزغىنلىق- 543 سەر
تىللا- 11 دانە
تۆھپە- 238 سەر
شۆھرەت- 274 سەر
  
| مۇھەممەدجان راشىدىن شېئىرلىرى ھەمىمىزنىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرىتىدۇ بۇ شېئىرىمۇ رىئال تۇرمۇشتىكى ئەمىلى ئىشلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن سىلەربىلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلۇنۇش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم ،سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلالىسا ئەجەپ ئەمەس .
بىرەر تونۇش بولمىسا
مۇھەممەتجان راشىدىن
ئىش پۈتكۇزمەك مۇشەققەت بىرەر تونۇش بولمىسا ، قوشۇلىدۇ شەرتكە شەرت ،بىرەر تۇنۇش بولمىسا . قوشۇلىدۇ دەرتكە دەرت ،بىرەر تونۇش بولمىسا ، يىغلاشمۇ بار نەچچە رەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا ، ئەڭ ياخشىسى ،ئاستا كەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
بولۇۋالدى خادىملار ئشنى يولسىز بىجىرمەس ، مىدىرلىماس ئاز پۇلغا ،ئۇندا بىزنى باسار نەس . ئارقا ئىشىك ئاچمىساڭ ،ئاسان ئىشمۇ بولار تەس ، شۇڭا ،تونۇش ئىزدەيمىز مېڭىپ يۇرۇپ ئىگىز -پەس ، تۈگىشىمىز پۇل تۆلەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
تونۇشلىرى بارلارنىڭ بالىلىرى خىزمەتتە ، يېقىنلىرى يوقلارنىڭ قالدى يىللاپ بىر چەتتە . پىرىنسىپلا،ھۆججەتلەر يوق ئەمەستۇر ئەلۋەتتە ، ھۆججەت قېلىپ بىر چەتتە ،ئىش پۇتىدۇ خىلۋەتتە ، يامان ئىكەن شۇ خىلۋەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
كۆرە -كۆرمەي دوختۇرلار ،بالنىستا يات دەيدۇ ، يېتىشمەيدۇ پۇل دىسەم ،ئۆي -جايىڭنى سات دەيدۇ . بىر شەيتىنىم پىچىرلاپ ،رىستۇرانغا تارت !دەيدۇ ، كۆڭلۇم ئەمما ،ياخشىسى ،بىرەر تونۇش تاپ دەيدۇ ، ئۆزگە ئامال يوق پەقەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
تونۇش كېرەك جىق ئىشتا ،تىجارەتتە سەپەردە ، تونۇش -بىلىش بولمىسا ،ھاياتىڭمۇ خەتەردە . ئىشچى بولۇپ زاۋۇتقا ،رەسمىيەتنى ئۆتەردە ، قەرىز ئېلىپ بانكىدىن ،جانغا لازىم ئېتەردە ، كار قىلمايدۇ ئاق ھۆججەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
تونۇش دېگەن تۇنۇشكەن ،يۇمشىتاركەن قاتتىقنى ، ئايلاندۇرۇپ تاتلىققا ،ئوڭشايدىكەن ئاچچىقنى . يىقىنلىرى پەسكۇيغا چۇشۇرەركەن باشلىقنى ، تونۇش كېلەر يېتەكلەپ غەم باسقاندا شادلىقنى ، سوكۇلدايسەن ھەپتىلەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
تامغا تۇتقان خادىملار بولۇپ كەتتى تەمەخۇر ، كۇندە بېلىق تۇتماقچى بىزدەكلەرگە سېلىپ تور . زەن سالمايدۇ ،كۆرمەيدۇ ،باشلىقىڭنىڭ كۆزى كور ، ئېيتسا كېرەك باشلىقمۇ بىللە ناخشا ،بىللە خور ، شۇڭا ،ئۆتمەس ئەرز خەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
ئەقەلىيسى ،ئالالماي بىر پىراۋا بالامغا ، ئۆتۇپ كەتتى توققۇز ئاي قۇرۇق بارغاچ سالامغا . پۇل سۇڭگۇتسەم ،جۇدالىق كېلەر ئىكەن كاللامغا ، تۇز سەپكەندەك بولمامدۇ ساقايمىغان يارامغا ، ئۇندىن باشقا نە مەدەت ؟بىرەر تونۇش بولمىسا .
قىل قالغاندا بىر قېتىم قېقىلغىلى ئىچىمدىن ، بىر تونۇشۇم بىر تالاي قالدى ساقلاپ چىقىمدىن ، كۆزلەيدىكەن ،ۋاي ئۇلار باشقىسىنى پېتىمدىن ، ئايرىلغىلى تاس قالدىم بىر ئاپشاركا ئىتىمدىن ، ئۆلەر ئىدىم شۇ سائەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
بىرەر تونۇش بولمىسا ،ياقا يۇرتقا چىقساڭمۇ ، مۇساپىرسەن ،غېرىپسەن پۇل خەجلەشنى ئۇقساڭمۇ . تەشۋىش بىلەن ياشايسەن تاۋكالاردا ئۇتساڭمۇ ، تونۇشلارغا يىتەمدۇ بىرەر ئاشنا تۇتساڭمۇ ، كېتەر سەندىن سەلتەنەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
تېنەپ قالدىم تۇيۇقسىز بىرەر تۇنۇش بولمىغاچ، سەرسان بولدۇم ،يات كۆرۇپ سارايلاردىن قوغلىغاچ . بىر شەھەرگە بىر كۇنى بېرىپ قېلىپ ئوينىغاچ ، ئامان قالدىم تۇرمىدىن ياندا پۇلۇم قوغدىغاچ ، بولار ئىكەن بەكمۇ سەت ،بىرەر تۇنۇش بولمىسا .
تونۇشتۇرۇش دېگەندىن تونۇش ياخشى بوپقالدى ، سايىسى يوق دەرەختىن قومۇش ياخشى بوپقالدى . تونۇشلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ياخشى بوپقالدى ، يىرتىقىمغا ئەسقاتقان پۇرۇچ ياخشى بوپقالدى ، تۈگىتەتتى مېنى يەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
|
|