پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 1

ئۇتۇقلۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ 15 ئالاھىدىلىكى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
228
قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 23:25:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇتۇقلۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ 15 ئالاھىدىلىكى



1.تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بولۇش. ئوقۇتقۇچىنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بولسا،ئۆگۈنىشنى قىزىقىش كەيپىياتىغا تولدۇرالايدۇ.
2.كەسىپ بىلىملىرىگە پىششىق بولۇش.ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىدە تەرەققىي قىلىشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.مەيلى ئەمدىلا مۇنبەرگە چىققان يېڭى ئوقۇتقۇچى ياكى كۆپ يىلئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئوقۇتقۇچى بولۇڭ ،ئۆگەنگەن كەسپىڭىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە يىتىشىپ مېڭىڭ.
3.ئوقۇتۇشنى ياخشى تەشكىللەش.ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى ئۈنۈملۈك تەشكىللىشى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك  ئۈگۈنۈش ۋاقتىغا ئىگە قىلىدۇ.
4.ئوقۇتۇشتا جانلىق بولۇش .ئۇتۇق قازانغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشقا پۈتۈن ھىسسياتى بىلەن بېرىلىدۇ؛دەرىسخانىدا مەلۇم موقۇم ئورۇندا تۇرىۋالماي سىنىپنى ھەر بىر بۇلۇڭىغىچە جانلاندۇرالايدۇ.
5.ياخشى پوزىتسىيە بولۇش.ئوقۇغۇچىلار پائال يۇقۇرى ئۆرلەيدىغان ئوقۇتقۇچىغا مۇھتاج،شۇڭا ئوقۇغۇچىللىرىڭىزغا سۆزلەيدىغان مەزمۇنغا ، ئۇلارغا سۆزلىگەن چاغدىكى تەلەپپۇزىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.
6.دەرىسخانىنى ئۇتۇقلۇق باشقۇرۇش.ئىنتىزاملىق،تەرتىپلىك سىنىپ موھىتى ئوغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى مۇۋەپەققىيەتلىك تاماملىشىنىڭ ئاساسى كاپالىتى.
7.ئوقۇتۇش جەريانىنى پىلانلاش.ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىنى ئوقۇش باشلانغاندىلا ئوبدان پىلانلاپ ،تۈرلۈك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
8.كىشىلىك مۇناسىۋەت ماھارىتى بولۇش.تەربىيە ئادامگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ، ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنتايىن موھىم.
9.ئېنىق ئىپادىلەش قابىلىيىتى بولۇش.نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئۆەۈنۈش مەزمۇنىئۆگۈنۈش مەخسىدىنى بىلەلمەيدۇ،ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېنىق ئىپادىلىشى چۈشۈنۈشلىك سۆزلىشى،ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىن ئۆلگە كۆرسىتىشى،ئۆگۈنىش مەخسىدىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىشىگە مۇھتاج.
10.ئۈنۈملۈك سۇئال سوراش.سۇئال سوراش(بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ياكى ئايرىم ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سوراش) بىر خىل كۈچلۈك ئوقۇتۇش قورالى بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى ئۈنۈملۈك يىتىلدۈرەلەيدۇ.ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سورىغاندا ،ئۇلاردىن دەرھال جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك.
11.ئەھۋالغا يارىشا ئوقۇتۇش.ئوقۇتۇش دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىسنىڭ بىرى ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا زور پەرىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى،ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنى ئاڭلاش،كۆرۈش سەزگۈسى ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ماھارىتىنى ئۈنۋېرسال تەدبىقلاش ئارقىلىق تەشكىللىشى ھەمدە ئۇلارغا ئايرىم كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرىشى كەرەك.
12.سىنىپقا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بەخىش ئېتىش. ئۇتۇق قازىنىش نىسبىتى ئىنتايىن موھىم. ئوقۇغۇچىلار ئىزچىل جاپالىق ئۆگۈنىش بىلەن شۇغۇللانسا، ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى ئاسانلا پەيدا بولۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەلەپ كېتىدۇ.
13.چوڭ ئۈمىد كۈتۈش. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈشى،شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۈمىدلەندۈرۈشى كېرەك.
14.كۆڭۈللۈك كەيپىيات يارتىش. ئوقۇتۇقۇچى سىھرىي كۈچكە ئىگە ئۆگۈنۈش موھىتىنى ئەمەس ،بەلكى كۆڭۈللۈك ئۆگۈنۈش موھىتىنى يارتىشى كېرەك.كۆڭۈللۈك ئۆگۈنۈش موھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆگۈنىشىىنىڭ يېقىلغۇسى.
15.ئېلاستىكىلىق ئوقۇتۇش. ئوقۇتۇش ئېلاستىكىلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.قاتمال ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە ئىش كۆرمەي، بەلكى كونكىرىت ئەھۋالغا ئاساسەن ئوقۇتۇشنى تەڭشىيەلەيدىغان بولۇشىڭىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلىپ، ئادەت ۋە قائىدىنى ئۆزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭىز كېرەك.


مەنبە: «شىنجاڭ مۇئارىپى» ژۇرنىلى


كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
556 دانە
تۆھپە
460 سەر
شۆھرەت
369 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 01:48:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىم دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆز بۇيامچىلىقى قىلماي ،ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ بىلىم ئۈگىتىش، ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش. قىسقىسى مائاشىمنى ھالال ،ئۈزۈمگە يۈز كىلەلەيدىغان ھالدا ئېلىش
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:44, Processed in 0.138452 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش