پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 2

ئۇچۇر-تېخنىكا دەرس پىروگراممىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
228
قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 22:49:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇچۇر-تېخنىكا دەرس پىروگراممىسى



ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى:


ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىغا بولغان قىزىقىشى ۋە تونۇشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر- تېخنىكا ئاساسىي بىلىمى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلىشىنى، شۇنداقلا ئۇچۇر- تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشچانلىقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە پەن- تېخنىكىسىغا بولغان چوڭقۇر تەسىرىنى چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇچۇر- تېخنىكا دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش، يەتكۈزۈش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئالاقىدار مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە جەمئىيەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى توغرا تونۇش ۋە چۈشىنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى بولغان ئۇچۇر ساپاسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشنى قوللاشتىكى ۋاستە قىلىپ، ئۇچۇر جەمئىيىتىگە ماسلىشىشتىكى ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش زۆرۈر ئاساس سېلىش لازىم.
ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى بىلىم تەجىربىسى، ھىسيات ئېھتىياجىنى ئويلىشىش لازىم. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھەر قايسىسىغا ئېنىق نىشان بېكىتىپ ھەر قايسى باسقۇچتىكى مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر- تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دەرسلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پائال پايدىلىنىپ، ھەر خىل پەنلەر ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.


ھەر قايسى ئوقۇتۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش نىشانى:


باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچى:

1. ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىش مۇھىتى ۋە ئۇچۇرنىڭ بەزى ئىپادىلىنىش شەكلىنى تونۇتۇش.
2. كومپيوتېرغا بولغان تونۇشىنى ۋە قىزىقىشىنى تۇرغۇزۇش، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قوللىنىشچانلىقىنى تونۇتۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپيوتېر ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشتىكى قىزىقىشى ۋە تونۇشىنى يېتىلدۈرۈش.
3. ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللانغاندا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش، ياش تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان كۆپ ۋاستىلىق بايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش.
4. باشقىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئالاقىدىن پايدىلىنىپ، يىراقتىن ئۇچۇر قوبۇللاش، باشقىلار بىلەن ئالاقە باغلاش، بىۋاستە ۋە مۇستەققىل ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، شەخسلەرنىڭ قىزىقىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.
5. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسى سېستىمىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشنى بىلىش، كومپيوتېر ئىشلىتىشتىكى ياخشى ئادەت ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش.


تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى:

1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت، جەمئىيەتكە بولغان تەسىرىنى چۈشىنىش.
2. كومپيوتېرنىڭ ئاساسىي خىزمەت پرىنسىپىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىپ، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان قورال يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش.
3. كۆپ ۋاستىلىك قورال، ئالاقىدار ئەسلىھە ۋە تېخنىكا بايلىقىنى قوللىنىپ، باشقا دەرسلەرنى ئۆگىنىشنى قوللىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇستەققىل ھالدا دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى تاماملاش.
4. باشقىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىكترونلۇق ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبىئىنىڭ ھەقىقىيلىگى، توغرىلىقى، باغلىنىشچانلىقىنى باھالاش ۋە پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش.
5. توغرا بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇن ۋە ئەخلاق ھەركىتىگە رىئايە قىلىپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش.


تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى: (قىسقارتىلدى)

ئوقۇتۇشنى باھالاش
ئوقۇتۇشنى باھالاشتا چوقۇم ئوقۇتۇش نىشانىنى ئاساس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋە ئىجاتكارلىق روھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئوقۇتۇشنى باھالاشتا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىدىن ئۆز ۋاقتىدا پىكىر قايتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باھالاش شەكلىنى جانلىق، كۆپ خىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشخۇلاتىنى سىناپ تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاش شەكلى ئاساس قىلىنىدۇ.
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇچۇر تېخنىكىسى دەرسىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى پەن تۈرىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئىمتىھان دەرىجىگە ئايرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. شارائىتى يار بەرگەن جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئۇچۇر تېخنىكا دەرىجە ئىمتىھانى سىناق خىزمىتىنى تەشكىللىسە بولىدۇ. شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان پەن تۈرىگە كىرگۈزۈشنى ئۇيلاشسا بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 22:51  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
556 دانە
تۆھپە
460 سەر
شۆھرەت
369 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 01:06:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئارقىلىق ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ھەرقايسى باسقۇچلاردا ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزىدىغان ئاساسى بىلىملەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى باسقۇچلاردىكى ئاساسى تەلەپنى ئۇرۇنلىيالايدىغان بوپتۇ. رەھمەت سىزگە!!!
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 21:39:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇر-تېخنىكا دەرس پىروگراممىسىنى ئۇزۇندىن بىرى ئىزدەۋاتقان بولساممۇ ھەممىسى خەنزۇچە بولغاچقا ئۈنۈملۈك پايدىلنالمىغان ئىدىم. بۇ ماتىرىيالنى يوللاپ بەك ياخشى قىلىپسىز. قالغان دەرسلەرنىڭ بولسا داۋاملىق مۇنبەر ئەھلىگە سۇنغايسىز. بۇنداق ماتىرىياللارغا ھەمىمىز ئىھتىياجىلىق.

مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:46, Processed in 0.140743 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش