دوسىتلۇق توغرىسىدا
كەۋسەر دوسىتلۇق دېيىلسە كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدى باشقىچە بىر خىل ئىللىق ھېس-تۇيغۇغا چۆمۈلىدۇ ، دوسىتلۇق تىلغا ئېلىنسا كىشىدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خاتىرجەملىك تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ . دوسىتلۇق تەرىپلەنسە كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنىچ –ئىرادە تۇرغۇزۇلۇپ ، غەلىبە شاتلىقى پارتلاپ چىقىپ ، غەم-قايغۇ ، ئەندىشە ۋەھىمە يىراققا داجىيدۇ . دوسىتلۇق توغرىسىدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر تاجىك مۇتەپەككۇر شائىرى نۇرىددىن ئابدۇراخمان جامىي : « دوسىتلۇق ئۈچۈن بولمىسا دۇنيانىڭ يارىتىلىشىدىن باشقا قانداق مەقسەت بار » دېگەنىدى . دوسىتلۇق ھەققىدە خاتىرەمگە تۆۋەندىكىلەرنى كۆچۈرۈۋالغانمەن :
ئادەمگە دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك بەخىتنى سادىق دوسىت ئاتا قىلىدۇ سەمىمى دوسىتلىرى بولمىغان ئادەم ھەقىقىتەن يالغۇز قالغان ئادەم... كىسەلدىن ساقىيىشىڭنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدىغان دوسىتلۇرۇڭ بارلىقىنى بىلسەڭ ،كېسەل بولۇپ قالغىنىڭغا ئۆكۈنمەيسەن... ھەقىقى دوسىتلار دىدارىدىن ئارتۇق خۇشاللىق ، پىراقىدىن ئارتۇق غەم يوق ... ئادەملەر بىلەن شۇنداق ياشىغىنكى ، ھەتتا دۈشمەنلىرىڭمۇ دوسىتقا ئايلانسۇن... دوستىڭىز بايلىقى ياكى مەنسىپى ئۆسكەندىمۇ سىزنى تاشلىمىسا ، سىز ھەقىقى دوسىت تاپقان بولىسىز ... نوقسانسىز دوسىت ئىزدېگەن كىشى دوسىتسىز قالىدۇ ...دوسىتلۇق سۇسلۇشۇشقا باشلىسا ، ياسالما مۇئامىلە كۈچىيىدۇ ... ئۇرۇش باتۇرنى ،يوقسۇزلۇق ھەم كىسەل، دەرىت - ئەلەم دوسىتنى سىنايدۇ... بەخىتسىزلىكتە دوسىت سىنىلىپ ،دۈشمەن ئاشكارە بولىدۇ ساختا ئادەملەرنىڭ دۈشمەنلىكىدىن كۆرە ، دوسىتلۇقى خەۋىپلىكتۇر... دوسىتنى قارىشىپ ئولتۇرغىنىڭدا كايىپ ،كۆپچىلىك ئىچىدە ماختا جەمىيئەتتە بەزى كىشىلەرمۇ باركى –ئۇلارنىڭ يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان دوسىتلىرى يوق ، ھال-مۇڭ بولىدىغان كىشىلىرى يوق دىيەرلىك ، ھەممە ئىشلىرى ئۆزى بىلەن ، پىسخىكىسى مۇرەككەپ . ئۇنداقلار سالام-سائەتكىمۇ تۈزۈك ئېتىۋار بېرىپ كىتەلمەيدۇ . مەن ئويلايمەن ، كىشىنىڭ دوستى بولمىسا ئۇنىڭ قەدرى بولمايدۇ ، ئۇنىڭ تەرىپى –مەدىھىيىسى ئاز بولىدۇ .تۇرمۇشتا دىشۋارچىلىقلارغا يولۇققاندا ئىچىگە تىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئىچىدىن جۈدەپ ھاياتقا ئۈمىدسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ . ئەكسىچە دوسىتلىرى كۆپلەر تۇرمۇشتىكى قىيىن ئۆتكەللەردىن دوسىتلىرىنىڭ ھىمايىسى بىۋاستە ياردەملىرى بىلەن ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئۆزىمۇ باشقا دوسىتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يەڭگىللىتىشكە كۈچ كۆرسىتىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتىدۇ ، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ .
داۋامى مۇنبەردىكى دوسىتلارغا قالدى .
|