پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 41|ئىنكاس: 0

خوتەن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 22:25:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادىل تۇنىياز

قېيىنئاتام ئاچتى ئىشىكنى
خوتەنگە ،
كىتابۇللا كىتاب يۇلتۇزى ،
يول-يوللاردا ئادەم ۋە توپا
ياڭاق شېخىدا ئاينىڭ كەچكۈزى .

تىرىك تىرىكنىڭ ئىزى ،
تىرەك تىرەكنىڭ ئىزى.
ساي-سايلاردا ، يېشىل جايلاردا
ئۇيغۇر يىلتىزى .

مەن دەريانىڭ كۈيئوغلى ،
كۈيۈپ كۈل بولغان توغراقلار بىلەن
خوتۇنۇم دەريانىڭ قىزى .

بىر خوتەنلىك
نەزىر قىلدى تۆگە بوغۇزلاپ ،
سۇدىن سۈزۈك شەھەردە .
بىر بىچارە ماڭدى ئوغرىلاپ
پۇچۇق يارماق تۇرمىدى يەردە .

مەن خوتەننى تاللايىتتىم
تۇغۇلسام قايتا ئەگەردە ،
نەدە بولسا ئۇل كەبە ، يارەب ،
خوتەنلىكلەر تېپىپ بارار دەپ
بولمىغانمۇ كەبە خوتەندە ؟

سارغۇچ كىتابتا سارغايغان تېرە
كىيىپ يۈردۈم كۇلاھۇ جەندە .
مەن شامەشرەپ ئەمەس خالايىق
تۇپراققا تالىق باشقا بىر بەندە .

-كولاپ چىققىنىڭلار كىمنىڭ بېشى ؟
-كاللا ئەمەس چوڭ بىر قاشتېشى .

كۆرۈنمەس قول ئاچتى كىتابنى ،
كېچە
ھەر بېتىدە تۈمەنمىڭ مىسرا ،
ئوقۇپ تۈگەت ئەڭ ئاخىرىغىچە .

2005-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى

مەنبە-« دېڭىزدىكى كوچا »

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:03, Processed in 0.147977 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش