پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 51|ئىنكاس: 1

بالىلىق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 20:59:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادىل تۇنىياز


ئاق قوزىدەك شوخ ، تىنىمسىز
بالىلىقىم ، بالىلىق ..
ئاش يېيىشتە قالتىس باتۇر ،
قىلغان ئىشتا چالىلىق .

سۈڭگۈچ ماراپ ، چۆنەك ئاتلاپ
قۇشتەك پەرۋاز ئەيلىگەن .
بۇلدۇق-بۇلدۇق ئېقىنلاردا
بىر چۆكۈپ بىر لەيلىگەن .

غورا غاجاپ ، چىشلار قاماپ
شاختىن-شاخقا ئاتلىغان .
ئاخشاملىرى قورساق مۇجۇپ
ۋاي-ۋايلىغان داتلىغان .

ئانام قاپاق تۈرسە سۆيگەن
گىرە سېلىپ بوينىغا .
قەن دادام دەپ ھەر كەچلىكى
كىرىۋالغان قوينىغا .

دوسىتلار بىلەن توشقان قوغلاپ
كەچ بوپ كەتتى دېمىگەن .
ئانا ئېشىڭ مۇزدەككەن دەپ
يامانلىغان يېمىگەن .

ئاي تۈڭلۈكتىن مارىلىسا
ئاكام بىلەن تالاشقان .
يۇلتۇزلارنى ساناپ يېتىپ
كۆزگە ئۇيقۇ ياماشقان .

ئوتتەك ئىدى ، چوغدەك ئىدى
بىرىنچىگە كۆچكەن چاغ .
يازالماي دەپتەر بوياپ
لەۋدىن كۈلكە ئۆچكەن چاغ .

ئۇخلا ، دېسە كېچە-كېچە
تاپشۇرۇقلار ئىشلىگەن .
بىرنى يېزىپ ، ئوننى جىجىپ ،
يۈزلەپ بارماق چىشلىگەن .

دالىلاردا قالدى ناخشام ،
دالىلاردا قالدى ئۈن .
قانات ياساپ ئۇچۇپ كەتتى
ئەشۇ ئوتلۇق ، ئويناق كۈن .

مەن كۆزۈمنى ئاچقۇچە ، ئاھ ،
بالىلىقىم خوشلاشتى .
مەن سىلەردەك ئويناي دېسەم
ساقال-بۇرۇت پۇتلاشتى .

بالىلار مەن سىزگە بەردىم
بالىلىقنى سورىماڭ .
ماڭا قاراپ كۈلۈڭ مەيلى
لېكىن مېنى دورىماڭ .

1987-يىل  ، قاغىلىق

دېڭىزدىكى كوچا  دىن ئېلىندى .

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 21:03:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىق ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل، مەن بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم،

تېمىڭىزغا رەھمەت.
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:28, Processed in 0.158558 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش