پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 2

قەلب چىراغلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 20:54:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلب چىراغلىرى



*** ئانا ئارزۇسى ئامانلىق ، ئاتا ئارزۇسى ئادىللىق .
*** ئانىسىز ئائىلىدە ئاش ، ئاتىسىز ئائىلىدە ئات بولماس .
*** يىلتىزى كۆپ دەرەخنىڭ نوتىسى ، بىلىمى كۆپ ئادەمنىڭ نۇتۇقى ياخشى .
*** بالاڭنىڭ بوي-بەستىنى بوينىدىن ، ئەقىل-ھوشىنى ئويىدىن بىل .
*** ياخشى پەزىلەتلىك ئادەم بىرى كۈن پاتقاندىن كېيىن ، يەنە بىرى كۈن چىقماستىن بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئىشىكىنى قاقماس .
*** قايسى مەخلۇقنىڭ باش-ئايىقىغا چىۋىن كۆپ ئولىشىۋالغان بولسا ، شۇ مەخلۇقنىڭ رىزقى-نېسىۋىسىنىڭ تۈگەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر .
*** ئاتا-ئاناڭنىڭ بىلىم –سەۋىيىسىنى بىلمەكچى بولساڭ ئۆز ئىسمىڭنىڭ مەنىسىنى سوراپ باق .
*** يات جىنىسلىقلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىشى ئاشىقلىقنىڭ ( مۇھەببەتنىڭ ) ئىپادىسىدۇر .
*** ئالدىراڭغۇ ئادەمنىڭ يۈرىكى ، سۆرەلمە ئادەمنىڭ بۆرىكى ئىتتىك كاردىن چىقىدۇ .
*** چەۋەنداز مىنگەن ئاتنى مىنىمەن دېگەن ئادەم –بىر بولسا ئاتنى ، بىر بولسا ئۆزىنى كاردىن چىقىرىدۇ .
*** ناتونۇشتىن يول سورىما ، نامەردتىن پۇل .
*** شەھەر ئادەمنىڭ كۆزىنى ئېچىپ جىگىرىنى يىگىلىتەر ، سەھرا ئادەمنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ يۈرىكىنى يىگىلىتەر .
*** ئايالى ھۇرۇن ئەرنىڭ بېشى ، ئېرى ھۇرۇن ئايالنىڭ قورسىقى تولا ئاغرىيدۇ .
*** بەڭگىنىڭ كىيىمى ، دەڭچىنىڭ تېمى ساق تۇرماس .
*** بالىلىق خوتۇن كۈندۈزى ، بالىسىز خوتۇن كېچىسى غەمكىن ياشار .
*** بىر بالىنى باقماق بىر توپ پادىنى باقماقتىن قىيىن .
*** رەپىقىسى يوق ئەر ئەمەس ، رەقىبى يوق ئەر- ئەركەك .
*** لەقەمسىز يىگىت « يىگىت » ئەمەس ، لەقەملىك قىز « قىز » ئەمەس .
*** ھايۋاننىڭ قىلىقىنى قىلغان ئادەم ئەقىلسىز ، ئادەمنىڭ قىلىقىنى قىلغان ھايۋان ئەقىللىقتۇر .
*** ئانىسى پاكىزنىڭ قىلىقى تاتلىق ، ئاتىسى پاكىزنىڭ تىلى .
*** گەپنىڭ يامىنى غەيۋەت-شىكايەت قىلىش ، ئىشنىڭ يامىنى پىت-سىركە بېقىش .
*** بوۋاقنىڭ يىغلىشى ئاچلىقتىن ، بوۋاينىڭ يىغلىشى خارلىقتىن .
*** ئاتا-ئاناڭنىڭ پېشىنى سىلا ، بالىۋاقاڭنىڭ بېشىنى سىيلا .
*** بۇزۇقنىڭ كۇسىرى ، بۇدۇشقاقنىڭ كوزىرى تولا .
*** ئوغلۇڭنى ھېساب-كىتابچى ، قىزىڭنى ئىنساب-دىيانەتچى قىلىپ تەربىيلە .
*** ئىشنى چالا قىلىشقا كۆنۈك قىزنىڭ ئېشى كۆيۈك .
*** بىراۋنىڭ قەسىمىگە ئەمەس ، قەدىمىگە ئىشەن .
*** پۇتۇڭغا تىكەن كىرسە ئايغىڭدىن كۆرمەي ، كۆزۈڭدىن كۆر .
*** سېمىزنىڭ يۈرىكى ، ئورۇقنىڭ ئۆپكىسى تېز سېسىيدۇ .
*** ئىلگىرى ئازارلىشىپ قالغان ئادىمىڭ ئاش سۇنسا قوبۇل ئەتسەڭمۇ يېيىشكە ئالدىرىما ، چۈنكى ، ئۇ ئاشقا زەھەر ئارىلاشمىغان بولسىمۇ ، تۈكۈرۈك ئارىلاشقانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن .
          ئابدۇغېنى توغرۇلتېكىن

« شىنجاڭ مەدەنىيىتى » 2011-يىل 1-سانىدىن ئېلىندى .
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 21:08:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپ رەھمەت........................
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 22:21:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئېسىل دۇردانىلار ئىكەن، رەخمەت سىزگە!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:14, Processed in 0.135279 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش