پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 6

بىزنىڭ پۇل[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 19:50:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزنىڭ پۇل
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

بىزنىڭ پۇل(1)

ھالاللىقتا باھاسى يوق بىزنىڭ پۇل،
مىننىتى يوق-تاماسى يوق بىزنىڭ پۇل.
مۇئەللىم خەق يۇۋاش شۇنداق ئەزەلدىن،
تۇتۇۋالسا داۋاسى يوق بىزنىڭ پۇل.

پۇلى يوقنى پۇللۇق قىلىپ تۇرىدۇ،
يولى يوقنى يوللۇق قىلىپ تۇرىدۇ،
قولى يوقنى قوللۇق قىلىپ تۇرىدۇ،
كىم خەجلىسە بالاسى يوق بىزنىڭ پۇل.

بىرلىرىنى باشلىق قىلىپ قويىدۇ،
توپىنىنى ئاشلىق قىلىپ قويىدۇ،
خېنىمىغا قاشلىق قىلىپ قويىدۇ،
بۇلىۋالسا خاتاسى يوق، بىزنىڭ پۇل.

تۈگىمەيدۇ «ئىئانە» دەپ تۇتقانغا،
ئاي توشقىچە كۈندە ئەلەم يۇتقانغا،
پۇت سۇنىمىز قاراپ يەنە يوتقانغا،
تۇرماس بىركۈن قازاسى يوق بىزنىڭ پۇل.

شەھەرنىمۇ بىزنىڭ پۇلغا قۇرىدۇ ،
قۇرىدۇ-يۇ دەرھال بۇزۇپ  تۇرىدۇ،
بۇنى دېسەك، ئويلاڭ كىممۇ سورىدۇ؟
قوغدايدىغان ھەقداسى يوق بىزنىڭ پۇل.

نامراتلارنى بىزنىڭ پۇلغا يۆلەيدۇ،
ئەللەي ئېتىپ ئۇخلىتىدۇ، بۆلەيدۇ،
بۇ بەدەلنى ئاھ، مۇئەللىم تۆلەيدۇ،
سېلىقلارغا ساداسى يوق بىزنىڭ پۇل.

باي قىلىمىز دېھقاننى دەپ باغ قىلىپ،
شۇ باغلاردا بۇلبۇل ئەمەس زاغ قىلىپ،
باغنى بۇزۇپ يۈرەكلەرنى داغ قىلىپ،
يۈتەر شۇنداق ئىزناسى يوق بىزنىڭ پۇل.

ئېلىپ قوغۇن-تاۋۇزنىمۇ باراڭغا،
مول ھوسۇلدىن چۈشەر تېخى پاراڭغا،
ھوقۇق بەرسە خەلق شۇنداق ساراڭغا،
نېمە قىلسا جازاسى يوق بىزنىڭ پۇل.

تېڭىپ ساتار بەزى چامغۇر، زەدەكنى،
ھەممە يەرنى قوناق تېرىپ مەدەكنى،
كىم تاپمايدۇ مۇئەللىمدەك «بەگەك»نى؟
كىرمەيدىغان كاماسى يوق بىزنىڭ پۇل.

ئايدىن-ئايغا بىرەر تىيىن قالمايدۇ،
سەۋەپ ئۇنى يالماۋۇزلار يالمايدۇ،
مۇئەللىم، ئۇ يەنە غەۋغا سالمايدۇ،
دەيدۇ تېخى جاپاسى يوق بىزنىڭ پۇل.

پۇل بولمىسا قورساققا نان بولمىسا،
نان بولمىسا پۇت–قولدا جان بولمىسا،
يا مۇئەللىم رەڭگىدە قان بولمىسا،
ئىشلىگەنگە ۋاپاسى يوق بىزنىڭ پۇل.

ئەللىك ياشتا ئۆي پۈتمىسە ئۆي تۇتسا،
(بىردان ئالسا باشقىلارغا چوقۇتسا)،
قان ساتامدۇ بالىلارنى ئوقۇتسا؟
قېنى دېسەڭ، گۇۋاسى يوق بىزنىڭ پۇل.

قالسا ئەگەر بىرەر تىيىن قېتىلىپ،
مىڭ قېتىمدا پۇرسەت ئاندا يېتىلىپ،
بۇلاڭچىلار كېلەر شۇئان ئېتىلىپ،
كەلمەيدىكەن غەۋغاسى يوق بىزنىڭ پۇل.

ئەۋەتسىمۇ ھۆججەت بىلەن مەركەزدىن،
ئۆسمەيدىكەن قۇتۇلالماي مەرەزدىن،
ھۆججەتلەرنى تېپىپ چىقساق ئەۋرەزدىن،
داۋرىڭى كۆپ، ئىجراسى يوق بىزنىڭ پۇل!

بىزنىڭ پۇل(2)

دەخلىسىزدى قانۇندا-سىياسەتتە بىزنىڭ پۇل،
ھالال ئىدى، ئۈستۈندى ئىناۋەتتە بىزنىڭ پۇل،
(بىزنىڭ بولغاچ قان-تەرھەم شىجائەتتە بىزنىڭ پۇل),
قالدى بۇلاڭ-تالاڭدا، نادامەتتە بىزنىڭ پۇل.

يوللىغاندا خامچوتنى مائاشنى ساق يوللايسەن،
بىرگە ئوننى قاتىسەن، ھۆكۈمەتنى گوللايسەن،
مۇئەللىمنى ئاغزىڭدا، قەغەزدىلا قوللايسەن،
چۆنتىكىڭنى توملايدۇ خىيانەتتە بىزنىڭ پۇل.

ئارقىسىغا سۆرەيسەن، «ئۆستۈر» دېسە پەرماندا،
چارە ئىزدەپ تاپقىچە بۆلۈشۈشكە پىنھاندا،
تولغۇشىسەن مۇئەللىم يالجىپ قالسا ئارماندا،
ئىگىسىنى تاپار مىڭ رىيازەتتە بىزنىڭ پۇل.

بىرگە مىڭنى تۇتىسەن يوچۇق تاپساڭ تۇتۇشقا،
پەرماندارنىڭ مەيلىنى بىزنىڭ پۇلدا ئۇتۇشقا،
قويماي ھەرگىز ئەتىگە، پۇرسەت ئىزدەپ يۇتۇشقا،
كەلگەن بىلەن بىزنىڭدەك قىياپەتتە بىزنىڭ پۇل.

ئاجىزلارغا-يوقسۇلغا مېھرىمىز لىق يۈرەك بار،
پۇل يەنە قان بېرىمىز، بىزدە شۇنداق تىلەك بار،
ئەپسۇس، تەگمەس، ئارىدا بىزگە«لازىم، كېرەك» بار،
ئالقىنىدا ھاتەمنىڭ ساخاۋەتتە بىزنىڭ پۇل.

بىر تىيىنغا تىك تۇرار دەيدۇ بىزنى ئۇقماسلار،
توڭگۇز بىلەن نەسىلداش، ئىلىم-ھېكمەت يۇقماسلار،
نېمە دېسە دېسۇن، ئۇ شۇم ئېغىزلار-ئىپلاسلار،
قويار بەزى بىزلەرنى ھاقارەتتە بىزنىڭ پۇل.

قازىنىدا خەخلەرنىڭ مۇئەللىمنىڭ ئېشى يوق،
ياڭاق ئالسا، چاققىلى سايدا پۇلسىز تېشى يوق،
كىيىم-كېچەك ئۆزىدىن، پوسمىلارغا بېشى يوق،
ئالتۇن ئۆزى پاكلىقتا-دىيانەتتە بىزنىڭ پۇل.

زۇكامدىسا دوختۇرغا پۇل تۆلەيدۇ ھەمياندىن،
خامان ئالماس سېنىڭدەك تۆت كۈن يېتىپ ئاسماندىن،
مۇئەللىمگە پۇل دەيدۇ يىڭنە چېغى ھەرياندىن،
بىرنى ئىككى قىلالماس تاپاۋەتتە بىزنىڭ پۇل.

دوغ پۇلىنى سېنىڭدەك تۆلەتمەيدۇ بىرىگە،
ھاراق ئىچىپ بىكارغا يۆلەتمەيدۇ بىرىگە،
بۆشۈكۈمنى تەۋرەت دەپ بۆلەتمەيدۇ بىرىگە،
بىزنىڭ ئەمەس سېنىڭدۇر، زىياپەتتە بىزنىڭ پۇل.

پۇل كېتىدۇ كېسەككە كوۋۇك قىلساق كەپتەرگە ،
بىزگە بىكار ئۆي نەدە ئىمزا قويساق دەپتەرگە؟
پۇلغا گاداي بولساقمۇ خوجايىن بىز دەرتلەرگە،
تۇرالمايدۇ بانكىدا-ئامانەتتە بىزنىڭ پۇل.

يۇقىرىغا ھال ئېيتساق، چوماقچىڭ بار، سوتلايدۇ،
قۇرۇپ قاخشال بولساقمۇ غولىمىزنى چوتلايدۇ،
شەربەت سېنىڭ، مۇئەللىم شۇڭا زەھەر ئوتلايدۇ،
بىزنىڭ بولار قاچان ھەق-ئادالەتتە بىزنىڭ پۇل؟

نېمە قىلساڭ ھەق دېدۇق، چۈنكى، ئەمەل-تەختىڭ بار،
تەختىڭ بولغاچ ئەشۇنداق نەخ ھارامدىن بەختىڭ بار،
نومۇسۇڭ يوق، ۋە لېكىن «خەلق» دېگەن ئەھدىڭ بار،
ئالار  ھامان گېلىڭدىن  قىيامەتتە  بىزنىڭ  پۇل!

مۇئەللىمنىڭ ھالىنى بايان قىلدىم، ئاڭلاپ قوي،
تېخى مىڭدىن بىرىنى ئايان قىلدىم ئاڭلاپ قوي،
ئۆزۈم بىلىپ تۇرىمەن، يامان قىلدىم، ئاڭلاپ قوي،
«سوۋغاتلىققا ئاز مەن» دەپ خىجالەتتە بىزنىڭ پۇل!...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 20:34  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 5 + 5 + 5 + 5ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپ.
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 10 تۆھپە + 10 شۆھرەت + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 20:22:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا دوستۇم، سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم. شېئىرلىرىڭىز تىلىنىڭ يۇمشاملىقى، پىكىرنىڭ ئۆتكۈر ۋە دەللىكى بىلەن مېنى بەك قايىل قىلدى. مۇشۇنداق نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
رەخمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 20:41:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مول مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ . قەلىمىڭىزگە داۋاملىق قۇۋۋەت يار بولغاي ~
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 20:55:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپ رەھمەت جىمۇ جاپا چىكىپسىز
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
556 دانە
تۆھپە
460 سەر
شۆھرەت
369 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 01:39:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئۆتكۈر يېزىلىپتۇ، رەھمەت سىزگە، قەلەم قۇۋىتىڭىز يۇقىرى ئىكەن
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 07:51:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ئۆتكۈر ،پېكرىڭىز ئۇچۇق ئېكەن  ھەقىقەتەن ساقلىنۋاتقان مەسىللەرنى يېزىپسىز !مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 13:31:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشۈنىشلىك ھەم ئۆتكۈر تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىپسىز. بۇ شېئىرنى ئوقىغانسىز ئوقۇغۇسى كىلىدىكەن. سىزگە بايقاش شائىرى قاتارلىق بىرقانچە ئوردىن ئىنئام قىلدۇق. قۇبۇل قىلغايسىز. تېخىمۇ نادىر شىئېرلارنى سۇنىشىڭىزغا تېلەكداشمەن.
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:35, Processed in 0.150570 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش