ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى 6 مەشھۇر ئايال
1.ئاماننىساخان- (1533-1567) مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائىرە ، خانىش ئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا پادىشاھ ئابدۇرىشىتخاننىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىشى، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ،مۇقاملارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈردى. ئۇ ناھايىتى قىسقا ئۆمۇر كۆرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش ئۈچۈن قىلغان ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئېغىزىدا ۋە تارىخلاردا داستان بولۇپ داۋاملىق يادلانغۇسى. 2.ئىپارخان - (1733-1788) ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈلى بولغان ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، چيەنلۈڭ خان ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە بارغ، قەسىر، مەھەللە بىنا قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئىپارخان بۇنداق ئالىي ھىممەتلەرنى ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھاببەت ئالدىدا بىر تىيىنگە تەڭ قىلمىغان. ئۇ چيەن لۈڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.
3.ئايخان ئانا- ( 1888-1942) 1933-1934-يىللىرى ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ غۇلجا شەھرىدە مەخسۇس يېتىم بالىلار ئۈچۈن « غۇلجا خەيرىيە مەكتىپى »نى سالغان. كېيىنچە بۈ مەكتەپ « ئايخان مەكتىپى » دەپ ئاتالغان. بۇ مەكتەپنىڭ تەسىرى ئىلى تەۋەسىدە ناھايىتى چوڭ بولغان. بۈ مەكتەپ ئاتمىش يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ىۆزىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئايخان ئانىمۇ ئەۋلادلىرى قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا.
4. گۈلەندەم ئاۋۇستەي-(1889-1973) ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېڭى مائارىپىنىڭ ئايال مەنىۋى ئىنژېنېرى دەپ نام ئالغان گۈلەندەم ئاۋۇستەي ئىسمى-جىسىمىغا لايىق ھەقىقىي مەرىپەت باغۋىنى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلاپ، بۇ يولدا ئۆچمەس سەھىپە ياراتقان. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ « سۆيۈملۈك ئانىسى » دەپ تىلغا ئېلىنىشقا ئەرزىيدۇ ھەمدە خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنىڭ ئوبرازى مەڭگۈ پارلاق نۇر چاچىدۇ. 5.نىساخان-(1903-1987) ئون ياشقا كىرگەندە دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان نىساخان ئانىسىغا ئەگىشىپ سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئانىسى بىلەن دۇتتار، تەمبۇر چېلىپ « كاككۇك ناخشىسى » ، « يۈرىكىم چاك-چاك بولدى » دېگەن ناخشىلارنى خەلىق ئىچىگە تارقاتقان. ئۇ يەنە « جوزا ئۇسۇلى» بىلەن داڭ قازانغان. 200يىللىق ئەنئىەنىگە ئىگە بولغان « مەرەمخان » داستانى ئۇنىڭ دۇتارىدا تېخىمۇ كامالەتكە يەتكەن. تونۇلغان غەزەلخان ،خەلق سەنئىەتكارى نىساخان سەنئىەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېىنىنى سەرپ قىلغان.
6.رىزۋانگۈل- (1925-1945) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل قازاقسىتاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چېلەك رايونىدا تۇغۇلغان. 1932-يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلغار ئىدىيىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن كوماندىر-جەڭچىلەرنى قۇتقۇزغان. 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بولغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يامغۇردەك چۈشۈۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان
مەنبەسى: مائارىپ ژۇرنىلى

|