پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 8

باھالاش ئۆمىكىنى قارشى ئېلىش نۇتقى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 17:40:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھالاش ئۆمىكىنى قارشى ئېلىش نۇتقى

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ كېلىڭ كۈندە ئىمكان بار،
سىزنى كۈندە كەلسە دەپ بىزدە ئارزۇ-ئارمان بار،
كېلىڭ، نەدە بىز ئۈچۈن سىزدەك ئەزىز مېھمان بار؟
قىزغىن قارشى ئالىمىز، چاۋاكمۇبار، دەرمان بار،
ئىش توختۇتۇپ كۈتىمىز، سىزدە ئالى پەرمان بار.

كۈن چۈش بولدى، باھالاش-تەكشۈرۈشتىن خەۋەر يوق،
توۋا، ئەجەپ كۈن بولدى، خۇشاللىقتىن ئەسەر يوق،
دوكلات قىلىش-تەكشۈرۈش-تەتقىقاتقا مۇنبەر يوق،
خىزمەتلەرگە يېتەكچى، سىزدەك قابىل رەھبەر يوق،
ئالدىڭىزغا بېرىشقا يوللار يىراق، داۋان بار.

يولىڭىزغا پايانداز سالدۇق تاۋار-ئەتلەستە،
ھەر تەرەپتىن ياڭرايدۇ ئالقىش سادا بەس-بەستە،
ياش-گۈدەكلەر سالامدا، تۇتۇپ چوغلۇق گۈلدەستە،
كۆرۈنمەيدۇ قارىڭىز بىراق، بىزنىڭ دىل خەستە،
كەلمەسمۇ دەپ ئاھ، سىزنى بۈگۈن شۈبھى-گۈمان بار.

كۆزلىرىمىز تۆت بولدى، قۇلقىمىز شەپىدە،
مىڭلاپ مېھمان ئەپ كېلىڭ ھېچ بولمىسا ھەپتىدە،
خىزمەتتە دەپ بىلىمىز، ئويناڭ تويدا-پەتىدە،
تەكشۈرۈشنىڭ داۋامى باردۇر تالاي ئەتىدە،
ئىشەنچىمىز كامىلدۇر، سىزدە يۈكسەك نىشان بار.

ئىشخانىدا ئولتۇرساق بۇيرۇق دېگەن ئاقمايدۇ،
سىزگە يەنە پايدا-نەپ، راھەت كۈلۈپ باقمايدۇ،
چۈشمىسىڭىز تۆۋەنگە ئىش چوڭلارغا ياقمايدۇ،
چۈشتىڭىزمۇ بولدى بەس، كىم سىزگە گۈل تاقمايدۇ؟
تاغنى تالقان قىلىسىز، چۆللەردە باغ-بوستان بار.

تەكشۈرۈشكە ئات قويۇپ بىلىپ كېلىڭ ئۆزىڭىز،
خىجىل بولماڭ ھەرگىزمۇ، قىزارمىسۇن يۈزىڭىز،
خىزمەت ئىشلەش نە ھاجەت گەركۆرمىسە كۆزىڭىز،
بىزنى ئالغا باشلايدۇ دانا باھا-سۆزىڭىز،
پەقەت سىزلا بولسىڭىز بىزگە پۈرسەت-دەۋران بار.

تەكشۈرىسىز مودىلنى بارماي يېزا، قىشلاققا،
سىزنى باشلاپ كۈتىمىز ئاۋات شەھەر-ئايماققا،
«تەكشۈرۈش»دەپ يازىمىز دوكلاتنىمۇ ئاتاققا،
شان-شەرەپنى ئالىمىز چىقىپ بىللە پەشتاققا،
ئاستىمىزدا يەر گۇۋاھ، ئۈستىمىزدەئاسمان بار...

راسا ئىچىپ مەي -شاراپ، كۆڭۈل ئېچىڭ ساز بىلەن،
شورپا سالدۇق پاقلاندا، كاۋاپ قىلدۇق غاز بىلەن،
قىز-چوكانلار كۈتىدۇ يالىڭاچ تەن-ناز بىلەن،
سىزنى يولغا سالىمىز تازنى يېپىپ ماز بىلەن،
خاتالىقتىن قورقمايمىز، شاھلاردىمۇ نۇقسان بار.

تەييارلىدۇق سىز ئۈچۈن شاختىن يىرىپ مىۋىنى،
يەشىكلەرگە قاچىلاپ تۇخۇم، گۆش ۋە پىۋىنى،
ئېپ كېتەرسىز قايتاردا چالا قويماي بېرىنى،
ئالۋاڭ-ياساق يېتەركەن تويغۇزۇشقا دىۋىنى،
كۆنۈپ كەتكەن بۇيرۇققا بىزنىڭ ئىشچى-دېھقان بار.

يەپ-ئىچكەنگە تۈگىمەس داشقازاننىڭ ئېشىنى،
بېلىق تۇتساق لېيىتىپ سۈزۈك سۇنىڭ بېشىنى-
تۇيدۇرمىساق بولدىغۇ، تۆكۈپ ئەلنىڭ يېشىنى،
شۇئار توۋلاپ پاكلىق دەپ، تۇتۇپ چوڭلار پېشىنى،
بولسا جۈرئەت سىز-بىزدە يەپ-ئىچىشكە مەيدان بار..

بىزگە نېمە كېرىكى قۇرۇق ئەمەل تۇتقاننىڭ؟
سوزالمىساق پۇت-قولنى يەنەكۆرپە-يوتقاننىڭ؟
مىڭ جاپادا كۆز بوياپ ئەل رايىنى ئۇتقاننىڭ؟
يەپ-ئىچەلمەي قانغۇدەك، ئاخىر ھەسرەت يۇتقاننىڭ؟
تەكشۈرسىڭىز سىزدە ھەم بىزدە شۇنداق مىزان بار.

مەيلى چىرىك ئەمەلدار دېسە بىزنى ئۇققانلار،
چىرىكلىشەر ئۆزىمۇ ئەمەل يۇقى يۇققانلار،
تۇتالامدۇ ئەمەلنى سۆز-چۆچەكتىن قورققانلار؟
يۆلەر بىزنى يۇقىرى-تۆۋەندىكى تۇققانلار،
جانغا خەۋپ يەتسىمۇ داۋالاشقا لوقمان بار.

دېمەڭ شەنبە-يەكشەنبە، ئوچۇق سىزگە يولىمىز،
ئۆيدە كىرنى يۇيۇشقا تەگمىسىمۇ چولىمىز،
دەم ئېلىشقا رۇخسەت يوق، سىزگە ھەمراھ بولىمىز،
چاترىقىڭىز بولسىلا، تەييار بىزنىڭ قولىمىز....
«ھە-ھۇ » ئۈچۈن يارالغان بىزدە تالاي ئىنسان بار.

كەلمىسىڭىز كۈندە بىر، بىزگە ئوبدان پۈرسەت يوق،
ئەلگە سەۋەپ كۆرسىتىپ يەپ-ئىچكۈدەك نېمەت يوق،
باش تارتالماي خىزمەتتىن ئويۇن، كۈلكە-راھەت يوق،
ئەتە-ئۆگۈن دەپ يۈرمەڭ، تەكشۈرۈشكە مۆھلەت يوق،
يولىڭىزغا تۈندىمۇ ياققان ئۇلۇغ گۈلخان بار!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 17:40  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:24:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت رەھمەت سىزگە،  ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:24:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت رەھمەت سىزگە،  ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 19:14:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىللىرىڭىز  ئۈزۈلمىگەي، قاپاقلىرىڭىز تۈرۈلمىگەي.      ئىجادىيتىڭىز مەڭگۈ نۇرلانسۇن...

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 21:30:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي بۇرادەر. ئۆتكۈر پىكىرلىك شائىركەنسىز، ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 07:35:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز كۆپ رەھمە ت سىزگە!تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 21:45:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ شىئېرلىرىڭىزنى ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كىلىدىكەن. مەنىسى چوڭقۇر ئەمەلىي خىزمەت ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىز دىيەلمىگەن كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى كۈچلۇك قەلەم قۇۋىتىڭىز ئارقىلىق ئىپادىلەپسىز. بولسا شىئېرلىڭىز ئۈزۈلمىگەي. كىينكى شىئېرىڭىزنى ئوقۇشقا تەقەززارمىز.
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:15:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىرىڭىز ئەھمەد شاھ قاراقاشىنىڭ «نەزەر مۇفتىمغا خەت» ناملىق ساتىراسىغا ئوخشاشلا پاساھەتلىك چىقىپتۇ.رەھمەت سىزگە.بايقاشتىكى شائىرلارغا ئۇستاز بولغۇدەكسىز. مۇشۇنداق شىئىرلىرىڭىزنى ئوقۇشقا ئىنتىزارمىز.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 00:03:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر شېئىرلارنى داۋاملىق يېزىشىڭنى ئۈمت قىلىمەن
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:30, Processed in 0.143962 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش