پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 171|ئىنكاس: 10

بىزنىڭ باشلىق يىمەيدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 17:17:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزنىڭ باشلىق يېمەيدۇ

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

بىزنىڭ باشلىق پاكلىقتا قاردەك ئاپئاق، يېمەيدۇ،
يېمەيدۇ ئۇ، ئىستىلدا دۇرۇس، ساپ-ساق، يېمەيدۇ،
پارا بەرسەك ئۆزىنى قىلىپ شالتاق، يېمەيدۇ،
«يەيدۇغۇ» دەپ ئۇنىڭغا قىلماڭ چاخچاق، يېمەيدۇ،
يېڭى تېخى بۇ يەرگە، يېسە چاتاق، يېمەيدۇ.

كۆرمىگەن بىز ئەزەلدىن يېمەيدىغان باشلىقنى،
ئارقىسىغا«شەيتان»نىڭ كىرمەيدىغان باشلىقنى،
باشلىقلىقنىڭ پەيزىنى سۈرمەيدىغان باشلىقنى،
يەپ تۇرۇپمۇ«يېمىدىم» دېمەيدىغان باشلىقنى،
لېكىن، بىزنىڭ بۇ باشلىق يېمەيدۇ، ياق، يېمەيدۇ.

پۇچەك ئەمەس ئۇ ھەرگىز، شىمىشكاڭنى چاقمايدۇ،
دىرىلداققا مەيلى يوق، ئۇسسۇزلۇققا باقمايدۇ،
سۇيۇق ئېشىڭ، يوبدىنىڭ مېجەزىگە ياقمايدۇ،
ھاجەت بولسا ئاشتۇزغا ئىشىكىڭنى قاقمايدۇ،
ئىچمەيدۇ ئۇ سۈتۈڭنى، تۇتساڭ قايماق يېمەيدۇ.

ئىشەنمىسەڭ يېرىم ئاش ئېلىپ بەرگىن، يەمدىكىن،
قاچىسىغا توغرامچە سېلىپ بەرگىن، يەمدىكىن،
ئۆيگە چىللاپ يا ھالۋا چېلىپ بەرگىن، يەمدىكىن،
«قوغۇن-تاۋۇز ۋاشاڭ» دەپ تىلىپ بەرگىن، يەمدىكىن،
ئۆز ئۆيىدە يەمدىكىن، سىرتتا تاماق يېمەيدۇ.

«نەدىن كەلدى يېمىسە بايلىقى» دەپ سورىما،
«يوق ئىدىغۇ ئۆي-زېمىن، جايلىقى» دەپ سورىما،
«مىراس قالغان كىمدىن بۇ يايلىقى» دەپ سورىما،
«بارغۇ پەقەت ئۇنىڭمۇ ئايلىقى» دەپ سورىما،
باشلىق دېگەن بايلىققا يېقىن شۇنداق، يېمەيدۇ.

باي بولۇشنىڭ بايرىقى بىزنىڭ باشلىق دەرۋەقە،
ئامەت بولدى ئۇنىڭغا گۈزەل ياشلىق دەرۋەقە،
قىزىقتۇرۇپ چوڭلارنى گىرىم-قاشلىق دەرۋەقە،
تاپىنىدا زەر بولدى ھەتتا تاشلىق دەرۋەقە،
يوللىرىدا مۈشكۈلدىن يوقتۇر توساق، يېمەيدۇ.

باي بولامدۇ بۇنچىلىك مۇئەللىمنىڭ ئېشىغا؟
قوشۇقتىكى ئاش بۇنداق تېپەلەمدۇ تېشىغا؟
يېتىشەمدۇ ئايلىقىڭ بۈدرە قىلغان بېشىغا؟
ھەسەت قىلما چەكتۈرگەن، ئوسما قويغان قېشىغا،
ئايال تۇرۇپ ئۇ پەقەت ئەمەس نايناق، يېمەيدۇ.

يېسىمۇ ئۇ يېگەندۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى،
مىڭ جاپادا تاپقاندۇ باي بولۇشنىڭ يولىنى،
نەگە سوزسا سوزمامدۇ بىزگە سوزماي قولىنى،
يەپ كەتمىسە بىزلەرنى كولىمايلى ھۇلىنى،
يېمەيدىغان قەۋمگە ئۇ بىر بايراق، يېمەيدۇ.

ئۇ يىقىلسا كېلىدۇ يەيدىغاننىڭ چوڭىدىن-
بىر يالاڭتۆش ئىشتانسىز شۆھرەت تېپىپ قوڭىدىن،
نەدە بىزگە باشلىقنىڭ يېمەيدىغان-ئوڭىدىن؟
ئەۋرىتىڭنى مەھكەم تۇت، يەيدىغان بار يۇڭىدىن،
بىزنىڭ باشلىق ۋە لېكىن، ئەمەس ئۇنداق، يېمەيدۇ!
       

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 20:58  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 2 تىللا + 2 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 17:30:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ماتېريالنىڭ تېمىسىغا ئېسمىڭىزنى يازمىسڭىز ياخشىمىكىن دەپ ئويلىدىم !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 17:33:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ماتېريالنىڭ تېمىسىغا ئېسمىڭىزنى يازمىسڭىز ياخشىمىكىن دەپ ئويلىدىم !
مەن ئۇنداق توخۇ يۈرەكلەردىن ئەمەس!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 17:57:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ،  لىكىن تېمىغا ئىسمىڭىزنى يازماڭ.
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:06:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە رەھمەت،‹‹ يىمەيدۇ ››، ئۇ ‹‹يىمەيدۇ ››.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:17:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 17:33
مېنىڭچە ماتېريالنىڭ تېمىسىغا ئېسمىڭىزنى يازمىسڭىز يا ...

بىز دىمەكچى بولغان گەپ ئەڭ ئۈستىگە يازماڭ تېما ئېستونىغا دىمەكچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:56:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ناھايتى ياخشى تىما ئىكەن . مېنىڭچە ،تورداشلارنىڭ ھودۇقۇپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن.چۇنكى بۇ بىر ئەدىبى ئەسەر....تورداشلار بۇنى بىلسە كەرەك..
ھۆرمەتلىك ئالاھىدىن ئەپەندىم،  ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى يەنە يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.....
ئىجادىيتىڭىز روناق تاپسۇن....

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 20:56:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي، مۇشۇنداق ئېسىل شېئىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 07:41:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saba007 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 18:56
بۇ تىما ناھايتى ياخشى تىما ئىكەن . مېنىڭچە ،تورداشلارن ...

بىزنىڭ بۇيەردە دىگەن گېپىمىز ھۇدۇقۇپ كېتىشتىن دىيىلگەن گەپ ئەمەس بۇرادەر !
بەلىكى بۇنىڭ تېمىسىغا ‹‹ئالاھىدىن ئابدىرىشىت .بىزنىڭ باشلىق يىمەيدۇ ››دەپ ماۋۇ قۇيۇلغانلىقىدا
ئەمدى چۈشەنگەنسىز!
بۇيەردە بىزنىڭ دېمەكچى بولغانلىقىمىز تېمىسغا ئالاھىدىن ئابدىرىشىت دىگگننى يازماڭ دىمەكچى !
يەنى ‹‹بىزنىڭ باشلىق يىمەيدۇ ،،دەپلا ماۋزۇ قۇيۇڭ دىمەكچى ئىدۇق!
ئەگەر بىز قۇرقىدىغان ،ھۇدىقىدىغان تېمىلار بولسا  سىلەر كۈرۈشكە نېسىپ بولالمايتتىڭلار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:37:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  باشقىچە ئويلاپ كېتىپتىمەن 火山 ئپەندىم  مەن ئويلىسام سىزنىڭ ئەسكەرتكىنىڭىز  ئورۇنلۇق ئىكەن......
بايقاشنى ھەقىقەتەنمۇ  ئويلايدىكەنسسىز...
ئەيىپكە بۇيرىماڭ..........
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:02, Processed in 0.139296 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش