پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 3

ماغدۇر كەتكەندە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 16:16:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماغدۇر كەتكەندە

زۇنۇن قادىر


(1)


        ئۇ بېشىنى تۆۋەن ساڭگىىلاتقان ھالدا ئارىنىڭ ئۇچى بىلەن چۆيۈندەك قاتقان يەرنى سىجاپ ئولتۇراتتى،كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن تارتىپ نامازدىگەرگىچە بىر دائىرىنى ئايلىنىۋېرىشى ۋە تۇلۇقنىڭ بىرخىل گۈپۈلدىگەن ئاۋازى مېنى زېرىكتۈرىۋەتتى،توغرىسىنى ئېيىتقاندا،ئۇستىخانلىرىم ئاجراپ كەتكەندەك بولۇپ،پۈتۈۈن ئەزايىم سېرقىراپ،ھاردۇق يېتىپ قالغانىدى.   
         
     ئۈجمە تايىقى بىلەن ئاتنىڭ ساغرسىغا كۈچۈمنىڭ بارىچە بىر نەچچە قېتىم  ئۇرىمەن،دېۋىتىپ تېزگىننى سېرىيمەن،ئات يەنە قاتىراپ كېتىدۇ،بەش ئالتە چۆرگىلەپ قويۇپ ئېغىر يۈك تارتقاندەك يەنە ئاستا مېڭىشقاچۈشىدۇ،مەنمۇ ئارام ئالغاندەك بولۇپ،دىمىغىمدا ناخشا ئېيتىپ خىيال سۈرۈپ كېتىمەن:«دۇكاندارلارنى قارا،ئۇلار ئاپتاپتا كۆيمەيدۇ،تەرلىمەيدۇ.سۇ سېپىپ قويۇپ،سايىدا جىم ئولتۇرىشىدۇ،قانداق راھەت».«خامان ئالماق-شەھەر ئالماق»دەپ راسىت ئېيىتقانىكەن.تېخى مۇشۇ دۆۋىلەگلىك باغنى يۇمشىتىۋېتىش كېرەك،ئۇنى ساماندىن ،توپىدىن ئاجرىتىپ ئالغۇچە جېنىدىن تويۇشماسمۇ.بۇغداينى قىپقىزىل چەش قىلىدۇ،قەلەندەرلەر يۈگۈرۈشۈپ كېلىدۇ،ئۇلارغا بىر-ئىككى گۈرجەكتەن كەپسەن بېرىىلىدۇ،ئۇ كۈنى خامانغا مانتا قويغانلارغا ئىككى پۇت بۇغداي بېرىمىز دەيدۇ،ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ئالىدۇ،ئاندىن چەشنىڭ ئالدىدىكى دانىلىق يەردىن خاماندىلا ئۈگۈت ئېتىپ،دداننى قاچىلاپ قويۇشىدۇ،ھەم دان ھەم ئۆشرە ئالسا دېھقانلارغا ئېغىر بولمامدۇ؟...بىرنى ئالسىمۇ بولىدىغۇ؟تېخى لىكوغا بارىدىغان مەدىكارلارغابۇغداي بېرىدىغانغا جازانىغا پۇل ئېلىپ بەرگەن، ئۇنى سىلەر تارتىسىلەر دېگەنىدى،ئۇنىڭغا قانچە خو بۇغداي كېتەر،ئارپا-بۇغداي سېلىقى بار،ئۇنىڭغىمۇ بۇغداي سېتىپ بېرىش كېرەكمۇ يەنە؟ھارۋا سەيسسىسى،كۆمۈر سېلىقى...يەنە مەن بىلمەيدىغان يەنە قانداق بالا-قازالار بارئىكىن؟بۇغدىيىمىزنىڭ ئۇرۇقى تۆت خو،ئەگەر ياخشى بولغان بولسا قىرىق خو بولار،ئۇنىڭدىن يىگىرمە خوسى بىزگە تېگىپ،ئون نەچچە خوسى دەنگە كەتسە،شۇنىڭ بىلەنلا كېلەر يىللىق ئۇرۇقلۇققا ۋە ئاش-ئوزۇققا بىرنەرسە ئاشامدۇ؟ياق،ئاشمايدۇ!ئەگەر دەنگە پۇل ئالسا،باشقا نەرسىلەرنى سېتىپ تۈگىتىپ،ئون نەچچە خوچە بۇغداينى ساقلاپ قويۇش كېرەك، تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك قاراڭغۇ جايلىرىغا چۈشۈپ قالماي،قاەنداق قىلىپ ياخشىراق كۈن كەچۈرۈش ئارزۇلىرى مېنى ئەتراپىمىنى ئورىۋالغان ھادىسىلەردىن ئاجرىتىپ،ئاللىقانداق تېگى يوق دېڭىز ئىچىگە ئاتقان ئىدى،ئاتنىڭ تۇيۇقسىزلا پۇرقىش بىلەن خاماندا تۇلۇق ھەيدەۋاتقانلىقىم ئېسىمگە چۈشتى،ئات بولسا توختاپ قېلىپ،بۇغداي يەۋېتىپتۇ،خامان تېپىدىغان كشى ئارىغا ئېسىلىپ ئۇخلاۋېتىپتۇ،ئۇنىڭ چىرايى خۇددى ئالدىدىكى ساماننىڭ رەڭگىدەك،قاپاقلىرى ئىششىق،گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرى ئۈستىدە تۈكۈرۈك كۆپۈكلىرى گىژىلداپ ،چۈشىنىپ بولمايدىغان ئاۋازلار كېلىپ تۇراتتى،كۆڭلەكسىز تېنىگە كېيىۋالغان چىرىپ كەتكەن پەشمىتى ۋە مايلاشقان شاپاق بۆكى ئۇنىڭ چىرايىنى تېخىمۇ سەتلەشتۈرۈپ كۆرسىتىدۇ،ئۇنىڭ كۆڭۈلگە غەشلىك سالىدىغان چىرايىغا قاراپ مېنىڭ ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ.  
«بۇ بولۇمسىز ھورۇن ئادەم›،دەيمەن ئىچىمدە،يەنە ئويلاپ يەنە ئۇنىڭغا ئېچىنىمەن،«بۇ گاڭگىراپ كەتكەن ئادەم»،مەنمۇ چوڭ بولغاندا يولۇمنى تاپالمىسام،ئەنە شۇنداق تەمتىرەپ قالىمەن.      
       نېمىشقا نۇرغۇن ئادەملەر مۇشۇنداق يامان كۈنلەرگە قالىدۇ؟مەن بۇ سوئالنىڭ تېگىگە ئويلاپ يېتەلمەيتتىم،يەنە خىيالىم چېگىش كىرىپ كەتكەن لەگلەكنىڭ تانىسىدەك بولۇپ كېتەتتى،چەكسز كەتكەن ئېتىز باغرىغا نەزەر تاشلىدىم.   
        
     بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئېڭىزلار ئاپتاپتا ساپسېرىق ئالتۇندەك تاۋلىناتتى،ئېرىقنىڭ قىرىدىكى چۆپلەر ۋە دەل-دەرەخلەر يېشىل بولۇپ كۆرۈنەتتى،ئۇياق-بۇياقلاردىكى خمانلاردىن فونتان بولۇپ ئاسمانغا ئېتىلىۋاتقان توپانلار ۋە بۇغدايلىقلاردا مۈكچىيىپ بەس-بەس بىلەن ئۆمىلەر كېتىپ بارغان ئادەملەرنىڭ ھەرىكەتلىرىتوپىغا چېچىلىپ كەتكەن داننى يىغىۋېلىش ئۈچۈن باشلانغان كۆرەشنىڭ نەقەدەر جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى،يراق جايلاردىن ئورما ناخشىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى:   

ئومىنى تولا ئورۇپ،   
بىلىكىڭ تالدىمۇ يايرىم؟   
ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق،   
يۈرىكىڭ قاندىمۇ يايرىم؟   
«ئالتۇنۇم،ئامرىقىم،ئومىقىم...»   

        
     ئوھو!نېمىدىگەن چىرايلىق ناخشا ئېيتىدىغان ئادەملەر بۇ ھە؟ئارزۇ-ئارمانلىرىغا قانمىغان يۈرەكلەردىن موشۇنداق  پارقىراپ تۇرىدىغان ئۈنچىدەك سۆزلەر تۆكۈلۈپ چىقىدىكەن-ھە!         
     خامانغا بىزنىڭ ئوتاقچى كەلدى،ئۇ سۇ يېغىدا ياغلىشىپ،قارا مومدا مايلىغاندەك پارقىراپ تۇرىدىغان ئەسكى بىرخۇرجۇن بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئىككى نان،بىرقاپاق ئەتكەن چاينى مۆرىسىدە كۆتەرگەن پېتى ئۇخلاۋاتقان ئادەمگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.   
        
-ھوي باقىكا!-دېدى ئوتاقچى غەزەپ بىلەن ،بەللى،موشۇمۇ ئىش بولدىمۇ؟  
باقى تەمتىرەپ قوپۇپ:   
        
-يۇمشاپ كېتىپتىغۇ؟مېنى نېمىشقا ئويغاتمايسەن؟-دەپ ماڭا قارىدى.مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگۈچە ئوتاقچى جۇدۇن بىلەن خۇرجۇننى يەرگە ئىرغىتىپ:   
        
-سىزنى خامانغا كېلىپ ئۇخلاپ بېرىڭ دەپ چاقىرمىدىم-دە،يېرىم پۇت بۇغداينى ھالاللاپ ئالسىڭىز بولمامدۇ؟-دېدى .   
        
-مېجەزىم يوق...-دېدى باقى ئارتۇق سۆز قىلماي،مەھبۇس قىياپىتىدە يەرگە قاراپ قالدى.   
        
-ئەكىلىڭ ئارىنى!مېجەزى يوق ئىمىش؛مېجەزى يوق ئادەم ئىشلىمەيمەن دېيىش كېرەك!نەچچە ئوتاق ئاشلىقتىن كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ بىزگە ئاشىدىغىنىمۇ چاغلىق،خەقنىڭ دەردىنى تارتقۇچىلىكىمىز يوق،ئۆزىمىزنىڭمۇ يېتىپ ئاشىدۇ...مېجەزىڭىز بولمىسا بېرىڭ،ئۆيىڭىزدە يېتىڭ !     
        
ئوتاقچىنىڭ زەردە بىلەن قىلغان ئاچچىق سۆزلىرىنى ئىچىگە يۇتىۋەتكەن باقى گەز باغلاپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى يالاپ،ئۇلۇغ-كىچىك تىندى-دە،ماتەمدار كىشىدەك بېشىنى تۆۋەنسالغان ھالدا مەھەللە تەرەپكە بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ يۈرۈپ كەتتى.   

(2)


     
     باھارخان كىچىككىنە قىزىنىڭ ۋاي سالغىنىغا قارىماي،ئۇنىڭ يېرىلغان پۇتلىرىنى چىراق يېغى بىلەن داغلاۋاتقان ئىدى.-ئەزبىرايى خۇدا،تويدۇم موشۇ كۈندى،-دېدى باقى قولىدىكى بەتىنكىنى يەرگە ئېتىپ،بېگىز سانجىلغان قولىنى سىلكىدى،-بۇنىڭ جايى قىغ،ئالۋاستىنىڭ...ئوچاققا تاشلاپ كۆيدۈرىمەن!   
        
     -ئەۋەي،تۆمۈر بولسىمۇ ئۇپىرايدۇ،بۇ يىل قىش چىقسا شۇ بەتىنكىگە بەش يىل بولىدۇ،ھېلىمۇ ياز بويى ئۇنى ئاياپ يالاڭئاياق يۈرىمەن.   
        
     باقى خوتۇنىنىنڭ بەتىنكىسىنى يەنە ياماشقا كىرىشتى.ياماپقۇ ئۇنىڭغا ياماق سېلىۋاتقىنى يوق،كەندىر چېگە بىلەن ئۇياق-بۇياققا تارتىپ يۈرۈپ پۈرۈشتۈرەتتى،چىرىپ كەتكەن قىرىم چاك تۇتالماس ئىدى،باقى بەتىنكىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ تىكىشكە كىرىشتى،يېڭنە ئۆتكەن جايغا تۈكۈرۈكىنى پۈركۈپ چېگىنى ئېھتيات بىلەن تارتاتتى .   
        
     ئادەم بويىدىن ئىككى غېرىچلا ئېگىزلىكتىكى ئۆي ،بۇنى ئۆزي دەپ ئېيىتقىلىمۇ بولمايدۇمومايلارنىڭ ئالۋاستى كەپىسى دېگىنىگە ئوخشاشلا بىرنەرسە،ئۇياقتا ئورۇن كۆرپە نامى بىلەن بىرقۇچاق ئەسكى-تۈسكە نەرسىلەر تىزىپ قويۇلغان ،يەردە ئىككى غۇلاچچە تىتىلىپ كەتكەن كېگىز،چېلەك،چۆگۈن،چۆمۈچ،تۆمۈردى ياسالغان نەرسىلەر ئەمەس دېھقانلار ئۆزى تېرىپ ئالغان قاپاقلار ناھايىتى بۇ ئۆيدە پۇلغا ئەرزىيدىغان بىرلا نەرسە كىچىككىنە بىر قازان.بىراق بۇقۇممۇ ،چۆيۈنمۇ بايقىۋالالمىدىم،ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بۇلۇڭدا توشقاندەك تۈگۈلۈپ ئۈچ-تۆت بالا ئولتۇرىدۇ،ئانا-بالىلارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرق قىلمايدىغان توپىرەڭ چىرايىدىن ئادەمگە يارىشىدىغان ئىسسىقىلىق،خۇشاللىقلار پەقەت تېپىلمايدۇ.ھەممىنىڭ قاپىقى تۈرۈك،جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، «بالىلىق ئۆي –بازار،بالىسىز ئۆي مازار »دېگەن سۆزلەر بۇ ئۆيدە قېنى؟   
        
«ئېھ،ئېھ»لىغان ئۈنلەر،قايسى بىرىنىڭ قاتتىقراق ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلانغان ئىدى،دادىسى قارغاشقا باشلىدى.   
        
-سەپرايىمنى ئۆرلەتمە!ھازىر ئوجۇقتۇرىۋېتىمەن!يا ئۆلمىدى بۇ ئىنجىمارۇق جخن تەگكەنلەر...   
        
-ئىت...         
-موخو!         
-نېمانچە سەپرالىق بۇ؟جان ئاغرىغاندىكىن كېيىن  دادلىمامدۇ؟ئۆزىمۇ تاڭ ئاتقۇچە غىڭىشىپ يۆتىلىپ ياتالمايدىغۇ،-دېدى باھارخان.  
يەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپ كەتتى،چىراغدىن بىر غېرىچ ئۆرلەپ تارقىلىۋاتقان ئىس تام-تورۇسلارنى قارا رەڭدە بويماقتا،ئۆينىڭ ئىچى بارغانسېرى گۇگۇملىشىپ،ئىچىدىكى ئادەملەرنى خىيالى بىرگەۋدىلەرگە ئايلاندۇرماقتا ئىدى،مەن ئاچچىق زەردە گەپلەر بولۇپ تۇرىدىغان بۇ ئۆيگە كىرىشتىن ۋاز كەچتىم،بىچارە ئادەملەرگە ئۆزرە ئېيتىپ كېلەي دېگەن خىيالىم سۇغا چۈشكەن قاردەك ئېرىپ كەتكەن ئىدى،پەنجىرە تۈۋىدىن ئاستا-ئاستا بېسىپ ئارقىغا يېنىپ كەتتىم،ئۆيگە بېرىپ ياتقاندا تىنىچ ئۇخلىيالمىدىم،ئۇنىڭ باللىرى شۇنچە مۇلايىم،ئۇلار باشقا كىشىلەرنىڭ باللىرىدەك كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا قىقاس-چۇقان سېلىپ يۈگۈرۈشمەيدۇ،تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ كوچىنى چاڭ كەلتۈرۈشنىمۇ بىلمەيدۇ،بوسوغىدا،ئۆينىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا دەرمانسىز شۈمشىيىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان،ھەممىسى ئاغرىق،يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركۈنى بىرنەچچە قېتىم تەڭرىدىن ئۆلۈم تىلەش،ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئاغرىپ ،ئوقەت قىلىدىغان كىشى يوق،پەقەت ئۇلار قارغىش،رەنجىش،كۆڭۈل ئاغرىقىنى كەسىپ قىلىۋالغاندەكلا كۆرۈنىدۇ،بۇ نەقاتارلىق ئوسال كۈن كەچۈرۈش ھە!   
        
     باقى ھەركۈنى مەسچىت ئالددا يانپاشلاپ ياتىدۇ،باھارخان مەھەللە بېشىدىن  ياكى ئايىغىدىن كۈلۈمسېرەپ بولمىسا،سۇلتىيىپ كېلىدۇ،ئۇنىڭ پاخپايغان چاچلىرى،چاپاق بېسىپ قىزارغان كۆزلىرى،جۇل-جۇل بولۇپ كۆڭلەكتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان كۈلرەڭ تېنى،كۈلسىمۇ،يىغلىسىمۇ باقىنىڭ «ئالۋاستى»دەپ تىللايدىغان قىياپىتىنى ئەسلىتىدۇ،لېكىن دۇنيادا باقىغا بۇنىڭدىن مېھرىبان باشقا ھېچ نەرسە پۈتۈلمىگەن،مۇھەببەت ئۇلۇغ نەرسە دېسە مانا شۇنىڭغا ئىشەنسە بولىدۇ،بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن گەپلەشكۈسى كەلمىگەن بىلەن ،دۇنيادا باقىغا ئۇنىڭدىن چىرايلىق كۆرۈنىدىغان ئىككىنچى بىرئادەم بولمايدۇ،ئۇرىشىش،تىللاش،رەنجىش بۇ ئائىلىگە ئەسلى خاس ئەمەس،ئۇلار بىر-بىرىگە نېمە يامانلىق قىلىشقان گۇناھى ئۈچۈن زەردە قىلىشىدۇ؟ئۇرۇشقىدەك ئىش بارمۇ؟يوق.پەقەت تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق زەھىرى مەسىت قىلغان چاغدىلا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ.باھارخان نان ياققان جايدىن بىر-ئىككى نان،گاھى چاغدا كوزىدا ياكى ھېجىردا تاماق كۆتۈرۈپ كېلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆي تەرەپكە قايرىلدىمۇ،باقى ئارقىسىدىن ھېچ تەرەپكە قارىماي دوڭۇلداپ كىرىپ كېتىدۇ،باھارخان نېمىكى تاپسا ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئۆزى بىرچەتتە قاراپ تۇراتتى. چوڭ ئادەم نەپسىنى يىغىۋېلىشى مۇمكىن ، لېكىن چالا  تاماق يەپ قالغان كىچىك بالىلارنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزىگە تىكىپ قاراش ناھايىتى تەس.   
      
     كۆڭۈلنىڭ نازۇك يەرلىرىگە بولغان  بۇنىڭ تەسىرىنى قورسىقى توق كىشىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈپ بېرىشىمۇ تەس،بۇ ئائىلىدە كۆپ ۋاقىتتا شۇنداق يېرىم تويۇنۇش ھۆكۈم سۈرەتتى،بالىلار تامىقىنى بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ چاينىماي يۇتىدۇ،قاچىدا ھېچ  نەرسە قالمىغاندىن كېيىن،تاماقنىڭ تاتلىقى  قالغان قوللىرىنى يالاپ،شۇمەپ ئانىسىغا «يەنىچۇ» دېگەن مەنىدە بوينىنى سىڭايان قىلىپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى،مەن بالىلارنى بۇ قىياپىتىدە كۆرگەندە،چىداپ تۇرالماي يەرگە قارىۋالاتتىم.  


(3)

      
     -بىز شەيتاننىڭ ئەۋلادى ئەمەسقۇ؟توۋا قىلىدىم..-دېدى  باقى ياقىسىنى تۇتۇپ،-ھېچكىم بىزنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىچىلىك كۆرمەيدۇ،خۇددى بىر سۈپۈرۈندە ئەخلەت،بىزمۇ جاھان تۇتۇپ كۆرگەنغۇ،ئەلنىڭ گۈلىگە گۈل،خالىغا خال قويغان،مۇنداقلا ئەمەس ئىدۇق .  
        
     ئۇ بىرنەرسە تىڭشاۋاتقاندەك بوينىنى ئېگىپ جىم بولۇپ قالدى،مەن تونۇردىن پۇتۇمنى تارتۋېلىپ،ئاسمانغا قارىدىم.يېقىنلا بىرجايدىكى قارىياغاچ شاخلىرى ئارىسىدىن تولۇن ئاي ماراپ تۇراتتى،يۇمشاق شامالدا تىتىرىگەن يوپۇرماقلار تونۇر بېشىدىكى ئالا كۆلەڭگۈنى نازغىتىپ تۇراتتى،كېچە بەك چىرايلىق ئىدى،ئۇزاق يەرلەردىن ئېتىزدىن قايىتقان كىشىلەرنىڭ ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ،مەن يەنە پۇتۇمنى ساڭگىلىتىپ:     
        
-جىمىپ كەتتىڭىزغۇ باقىكا؟جاھاننىڭ كارى تۈگەيدۇ،قېنى ناخشا ئېيتىڭا!-دېدىم.  
        
ئۇ خىرىلدىغان ئاۋازى بىلەن ئۇزۇن بىر ئېھ تارتىپ،چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسەتتى.  
        
     -بىز ناخشا ئېيىتقان»كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بار چاغدا،قانداق يىگىت ئىدۇق بىلەمسەن؟بىزنىڭ پىشانىمىزگىمۇ يەر پۈتكەن،-15خو يىرىم بار ئىدى،مېنىڭ بىر ئات،بىر ھارۋا،بىر سېغىپ ئىچىدىغان سېيىرىم بولغان،ئۆزئالدىمغا بىر  جۈپ ئۆكۈزنى قوشقا قاتاتتىم،تورغاي چىللىغاندا قوپۇپ،تا ئەل ياتقۇچە ئېتىزدا قوش ھەيدىگەن،كەتمەن چاپقان،ئورما ئورغان ئەزىمەت ئىدۇق،بىز ئېچىق ئېتىش ئۈچۈن قومۇرغان چىمنى ئىككى-ئۈچ ئادەم ئاران كۆتۈرەلەيىتتى،ناخشىنى دېگەن مانا شۇنداق چاغلاردا ئېيتىپ ئادىشىپ كەتكەن دېگىنە بىز،ھەي...ئەمدى كۈچ يوق،يۈرەك يوق.  
ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ،ياش يىگىتلىك چاغلىرىدىكى شېرىن ئەسلىمىلىرىنى زوق-شوق بىلەن ئېيتىشقا چۈشۈپ كەتتى.   

        
-مېنىڭ ناخشا ئېيتالايدىغانلىقىمنى ئاڭلاپتىكەنسەن ھە!راستىنى ئېيىتقاندا مەھەللىدە مېنىڭچىلىك ناخشا ئېيتالايدىغان كىشى يوق ئىدى،مەن بولغان توي-تۆكۈن مەشرەپلەر ئالاھىدە قىزىپ كېتەتتى،ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ سەرخىل گۈلىنىڭ بىرى ئىدىم؛ھەممە مېنى«باقەم،باقەم»دېيىشىپ ئېغىزىدىن چۈشۈرۈشمەيىتتى،بولۇپمۇ مە ن ناخشىنى قاچان تولا ئېيىتتىم،مانا بۇنى ساڭا سۆزلەپ بېرىمەن،ھەي...ئېسىت ياشلىق چاغ!قانچىلىك شوخلۇقلارنى قىلغان بىز .   
        
     باقى ناھايىتى 45ياشلاردىكى كىشى بولسىمۇ،ئۆزىنى سەكسەن-توقسان ياشلاردىكى بوۋاي چاغلايىتتى،چۈنكى تۇرمۇشنىڭ قاتتىق قولى ئۇنىڭ ياقىسىنى دەم ئالدۇرماي سىققان،سۈلۈكلەر ئۇنىڭ قېنىنى شوراپ،ئۇنى قۇرۇق قاقشال قىلىپ،ماغدۇرسىز ئاپئاق ساقال ئادەم قىلىپ قويغانىدى.     
ئۇ قۇرۇپ كەتكەن تامىقىنى ھۆللەپ،تۈكۈرۈكىنى يۇتۇپ،سۆزىنى داۋام قىلدى:   
        
-ئۈرۈكلەر راسا مەي باغلاپ پىشقانىدى.ھاۋا تىنجىق،ماداخان قىلىنغان ئالدى ئوچۇق كۆڭلىكىمنىڭ ھەممە ئىزمىلىرىنى يېشىۋەتتىم،بېشىمدا قىرلانغان ئاق مالىخاي،پۇتۇمدا پەس پاشىنا مەسكاپ ئۆتۈك .   
        
     تام شورىلىرىدىن ئاتلاپ چۈشۈپ باغلاردىن ئۈرۈك تاللاپ يەپ يۈرگەنىدىم،قويۇق ئۈرۈك دەرەخلىرى ئارىسىدىن ئۈچ-تۆت بالىنى ئەگەشتۈرۈپ،بىر قىز چىقىپ كېلىۋاتاتتى،مەن ئۇنى تونۇدۇم،ئۇ ئۇششاق ئۆرۈلگەن قويۇق قارا چاچلىق،پىستە كۆزلۈك،لەۋلىرى جىنەستىدەك قىزارغان،سۇمباتلىق باھار ئىدى .   
        
بىز ئۇچىرىشىپ قالغان چاغلاردا ئوچۇق چىراي بىلەن كۈلۈمسېرىىشىپ ئۆتۈپ كېتەتتۇق.باھار كۈلگەن چاغدا ئىككى  قوۋزىقىدىكى زىنىقى ماڭا ئۇنىڭ چىرايىنى ناھايىتى يېقىملىق قىلىپ كۆرسىتەتتى.  
ئەنە ئۇلار توپتوغىرا مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتىدۇ،يۈرىكىم دۈپۈلسەپ كەتتى،ئا؛دىمدىكى ئېگىز ئۆسكەن باراقسان شاخلىق ئۈرۈك ئۈستىگە چىقىۋالدىم.   
        
باھار شۇ ئۈرۈك تۈۋىگە كېلىپ:         
-تېرىڭلار ئۇكىلىرىم،موشۇ ياخشى ئۆرۈك،-دېدى-دە،قولىدىكى سېۋەتنى يەرگە قويۇپ،ئۆرۈك تېرىشكە باشلىدى.مەن كەپتەرنى ماراپ  ياتقان مۆشۈكتەك يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ئۇنىڭغا قاراپ،ھەرىكىتىىنى تاماشا قىلىۋاتىمەن.ئۇنىڭ ئىككى مەڭىزى گىردە ناندەك قىزارغان،بۇرنىنىڭ تۆپىسىدە گۈل ئۈستىدىكى ئۇششاق شەبنەم دانلىرىدەك تەر تامچىلىرى تىزىلىپ تۇراتتى.ئېڭىشكەندە ئىككى مۆرىسىدىن ئالدىغا چۈشكەن چاچلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن سىلكىتىپ ئارقىسىغا ئېتىپ قويىدۇ،ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن ئۆرۈكلەرنى ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ.  
ئالا بولغان ئۆرۈكتىن ئۈچ-تۆت تال ئۈزۈپ ئالدىم-دە،غولىنى چەنلەپ تۇرۇپ بىرنى ئاتقانىدىم،ئالدىغا چۈشتى،ئۇ ئۇياق-بۇياققا قاراپ قويۇپ،يەنە ئۆرۈك تېرىشكە تۇتۇندى،ئىككىنچى قېتىم ئاتقانىدىم،بېشىغا قاتتىق تەگىدى ئەتىمالىم،قوشۇمىسىنى تۈرگەن پېتى ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ:     
-ئو...ھوي،قايسىڭوي؟نېمانداق قىلىسەن؟-دەپ ئارقىسىدا ئۆرۈك تېرىۋاتقان بالىغا گۆلەيدى.   
        
ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلىۋەتكەندىم.   
        
-ۋىييەي...ساراڭ-دېدى-دە،چالۋاقاپ،سېۋەتكىمۇ قارىماي دومسايغان بويى باغدىن چىقىپ كەتتى.   
        
ھەي،مانا ئامدى قالدىم بالاغا، ئۇ تاۋى نازۇك ئىكەندە، نېمىشقا ئويناشتىم-ھە... ئەمدى بۇ گۇناھنى قانداق يۇيۇش كېرەك؟ بالىلار بىلەن سېۋەتنى ئۆرۈككە لىق تولدۇرۇپ، باھارنىڭ ئۆيىگە كېتىپ بارىمەن، ئۇ ئانىسىغا يىشغىلاپ بارغان بولسا، «ھوي جۇۋاينىمەك كەتكۈر،قىزىمغا نېمىشقا تېگىشتىڭ؟...» دەپ جاۋىلداپ كەتسە،نېمە دەيمەن؟سېۋەتنى ئىشىكىگە قويۇپ قېچىش كېرەك.         
ئىش مەن ئويلىغاندەك بولۇپ چىقمىدى،پۈتۈنلەي باشقا،باھارنىڭ ئانىسى ھويلىدىن پايپاسلاپ چىقىۋاتاتتى،گەپ  قىلماستىن سېۋەتنى ئىشىك ئالدىغا قويغانىدىم.         
-رەھمەت بالام،خۇدا ئۆمرىڭىزنى بەرسۇن.باھار ئۆزى قەيەردە قالدى؟-دېدى.   
        
مېنىڭ گۇناھىم تېخى بۇيەرگە يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى ھېس  قىلىپ:   
        
-كېلىۋاتىدۇ-ھازىرىچە مەندىن خش بولغان بىلەن كېيىن تىللايسىەنغۇ؟-دېدىم مەن ئىچىمدە.ئارتۇق سۆز قىلماستىن ئارقىمغا ياندىم.         
-ھېم،تازا ئىشلتىۋالدىمغۇ تازا،-غورىنىڭ يېنىدىكى چولاق تام كەينىدىن تۇيۇقسىز چىققان بۇگەپ مېنى چۆچۈتىۋەتتى. ئىتتىك ئارقىغا قارىسام،باھار كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپتۇ .   
        
-ۋاي تاۋى نازۇك،شۇنىڭغىمۇ يامانلاپ كەتتىڭىزمۇ؟-دېدىم .  
        
ئۇ ئۈنچىقماي چېچىنىڭ ئۇچىنى ئويناپ يەرگە قاراپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭ كۈلۈمسېرەپ خۇمارلاشقان كۆزىدىن رەنجىگەنلىك سېزىلمەيتتى،«تاۋى نازۇك»دەپ قىلغان تەنەمگە جاۋاب قىلماستىن شۇنداق يېقىملىق ،مۇلايىم قاراپ تۇرۇشى،«مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن»دەۋاتقاندەك،خۇددى شۇ ۋاقىتتا ئۇ«قاھ» دېسەم،قولۇمغا كېلىپ  قونىدىغان قۇرغۇي بولۇپ كۆرۈندى .   
        
تەلپۈنۈپ تۇرغان ياشلىق كۆڭلۈمدە ئۇ بىرىنچى قېتىم ھېچنېمە تەڭلەشتۈرۈپ بولمايدىغان ئىسسىق بىر تۇيغۇ قوزغاتتى،خىجالات بولۇشقا باشلىدىم،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تەمتىرەپ كېتىپ:   
        
-بۈگۈنكى ئىسسىقتا ئۆرۈك تازا پىشىپتۇ-دېدىم .   
        
-بىراق كۈننىڭ موشۇنداق ئىسسىق تەپتىدە سىز تېخىچىلا غورا ئىكەنسىز،-دېدى باھار كۈلۈپ .   
        
«ھېم،مانا ئوخشاتتى سېنى ،ئەمدى نېمە دەيسەن»-دېدىم ئىچىمدە .  
        
شۇ پەيىتتە ئۇقىزغا گەپ تېپىپ بېرەلەيدىغاندەك ئەمەس ئىدىم،ياخشى ئۇنى ئاپىسى چاقىرىپ قالدى-دە،سۆزىمىز شۇ يەردىلا ئۈزۈلۈپ قالدى .  
شۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلۈمدە«باھار»دېگەن چىرايلىق بىر ئىسىم داۋاملىق زىكىر قىلىنىدىغان بولدى،بىراق باشقىلارغا ئوخشاش«ئىشىق ئوتىغا گىرىپتار بولدۇم،مېنىڭ دەردىم بار...»دەپ لاقىلداپ يۈرگىنىم يوق،زوق بىلەن ئىشلەپ،ئېتىزلارنىڭ باغرىنى گۈل قىلىۋەتتىم.يەلپۈنۈپ تۇرغان كۆپكۈك بۇغدايلار،قوغۇن-قاپاقلار باراڭ ئەتراپىدا ئېچىلغان گۈل-زاراڭزىلار ھەركىمنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى،مانا شۇچاغدا قىن-قىنىمغا سىغماي ناخشا ئېيتاتتىم،كىم ئىكەن ئۇ مېنى ماختىمايدىغان؟ھەممىسى ئۆپچۆرەمدىن ئايلىنىپ كېتەلمەيىتتى،ئەنە ئېتىزىم بوستان!مەن بۇلبۇل بولغان شۇنداق چىرايلىق چاغلاردا باھار بىلەن بىللە بولۇشقانىدۇق...ئۇھەركۈنى بىزنىڭ باراڭغا قوغۇن-تاۋۇزغا كېلەتتى.   
        
موشۇ قوغۇنلۇق ساڭا قارايدۇ،ئۆزۈڭ تاللاپ ئۈزۈۋال باھار،-دەيىتتىم .        
باھارمۇ كۆپ چاغلاردا ئېتىزغا قۇرۇق كەلمەيدۇ،ئۇ ئانىسىدىن يوشۇرۇپ يۈرۈپ،يىپەكتىن گۈل چەككەن قولياغلىق ۋە تاماكا خالتىسىنى ماڭا يالداما قىلىدۇ،پىياز شاكىلى بىلەن قىزارتىپ پىشۇرغان تۇخۇملارنى ئەكىلىپ بېرىدۇ،كۈنلەر شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ تۇرىدۇ،بۇنىڭدىنمۇ تاتلىق ئارزۇلار ئالدىمىزدا...باقى كۆكرىكىنى كۆتۈرۈپ  قانغۇچە دەم ئالدى-دە،يەنە جىم بولۇپ قالدى .   
        
     مەن كۆسەي بىلەن تونۇردىكى نۇرسىزلانغان ئوتنى چۇقچىلىدىم،ئېچىلغان قوقاسنىڭ يورۇقىدا باقىنىڭ يۈزىگە سەپسالغانىدىم،ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاۋاتقان گۈل،بوستان،بۇلبۇ؛،باھار دېگەن تاتلىق سۆزلەر خىيالىمدىن ئۇچتى،چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى سوغۇق شامالدا تىتىرەپ ئالدىمىزغا چۈشۈۋاتقان كەچ كۈزنىڭ ئۈششۈك يوپۇرماقلىرىغا ئوخشايىتتى،بۇ كۆڭۈلسىز جىمجىتلىققا تۆزمىدىم،ئۇنىڭ ھازىرقى چىرايىنى ئەمەس بۇلبۇل بولۇپ سايراپ يۈرگەن چاغلىرىنى كۆرگۈم كەلدى.         
-باقىكا،شۇ چاغدىكى ناخشىلاردىن بىرەرنى ئېيتىپ باقمامسىز؟-دېدىم مەن .   
        
-ناخشا-ناخشا...ھە،ناخشا ئېيىتقۇچىلىكىمىز قالدىمۇ؟سەن تېخى ئۇقمايسەن...   
        
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ھىكايىسىگە چۈشۈپ كەتتى.         
-بىزنىڭ مەھەللىدە باھارلارنىڭ تېرىلغۇ يېرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن،ئاتا-ئانىسى تىرىكچىلىك ئىزدەپ سۇلتانۋەيىسكە كەتتى،شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ باھارىممۇ سۇلتانۋەيىستە بولۇپ قالدى .   
        
باھار كەتكەندىن كېيىن مېنىڭ قاپىقىم ئانچە ئېچىلماس بولۇپ قالدى،ئۆيدىكىلەر بىلەن ئەرزىمەيدىغان ئىشلارغىمۇ ئۇرۇشۇپ قالىمەن،دادام:   
        
-ھە،بۇ ساراڭنىڭ يەنە بۇرنى كۆپتى،-دەپ قوياتتى.   
        
مەن ئات بېقىشنى باھانە قىلىپ،كۆپ ۋاقىتتا كېچىلەرنى ئېتىزدا ئۆتكۈزىۋېتەتتىم.ئېتىزنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى قانداق چىرايلىق.بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئاشلىقلار،ياپيېشىل يەلپۈنگەن بېدىلىكلەردە مەسىت بولۇپ سايرىغان بۆدۈنىلەرنىڭ ئاۋازى كۆڭۈللەرنى ئاللىقاياقلارغىدۇ ئېلىپ قاچىدۇ،غۇرۇلداپ ئۇچۇۋاتقان شامالدا يىراقتىن كېلىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش قانداق ياخشى،كۆز يەتمەس يەردە ئاۋرال تېغى چوقچېيىپ تۇرىدۇ،ئەنە،شۇ ئاۋرال تاغ باغرىدا باھار ئۇيقۇغا كەتكەندۇ،مەن شۇ تەرەپكە قاراپ تاڭ ئاتقۇچە ناخشا ئېيتىپ چىقىمەن،ئوھۇ!...بۇ قانداق ناخشىلار...يۈرەكتىن يېرىپ چىقىدۇ.مەن ئۆمرۈمدە سېغىنىشنىڭ مۇنداق لەززەتلىك خۇمارىنى سەزمىگەنىدىم .     
  -بىز مۇرادىمىزغا يەتكەن ئىدۇق،باھار بىلەن ئۆي تۇتتۇق،كېچە-كۈندۈز بىللە ئشلەپ،راھتنىمۇ،جاپانىمۇ تەڭ كۆردۇق،قولىمزدا ئارتۇق نەرسە بولمىسىمۇ،بىلەكنىڭ كۈچىگە تايىنىپ،ۋاقتىمىزنى چاغ ئۆتكۈزەتتۇق، ئەتىياز ئايلىرى،قىزىق قوش ھەيدەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام ئۇزاق تارتقان سېل كېسىلى بىلەن يېرىم كېچە مەھەلدە جان ئۈزدى،دادام ئاز-تولا كىتاب ئوقۇشنى  بىلىدىغان ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن مەھەللە جامائىتى ئىچىدە خېلى ئابرويى بار ئىدى،شۇنىڭ بىلەن مەھەللە چوڭلىرى تېزلا يېتىپ كېلىشتى.ھە،راستلا بىر گەپنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،مەن ھازىر شۇنچە خار بولساممۇ ،ئەل نېمىشقا مېنى «سەن»دېمەي«سىز»دەيدۇ،چۈنكى مەن دادامنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ،ئانچە- مۇنچە قارا خەت تونۇپ قالغان ئىدىم،يۇرت چوڭلىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئون خوچە بۇغداينى ھارۋىغا بېسىپ،توخۇ ئىككى قىچقارغان چاغدىلا شەھەرگە كىرىپ كەتتىم.بازارىدن كېپەنلىكلەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن،شەھەر ئىچىگە(سېپىل ئىچىگە)كىرىپ تۇغقىنىمىزنى نامازغا ئېيتىپ قايىتقان ئىدىم،دەڭ دەرۋازىسىدىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ قالدىم،ھەي...شەيتانلارنىڭ ئىشى دېگىنە!ھەممە پېشكەلچىلىكنىڭ ئاۋۋىلى موشۇ يەردىن باشلاندى .  
      
     شۇ  ۋاقىتتا ئالدىراپ،ئىچىمنىڭ تىت-تىت بولۇۋاتقانلىقىمنى قايسى تىل بىلەن ئاڭلىتاي،ئاش ۋاقتى بىلەن كەلگەن ئادەم تاكى چىڭقى  چۈشكىچە ساقلاپ تۇردۇم.دەرۋازىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدا ماڭا ئوخشاش يول تالىشىپ تۇرغان ئات ھارۋا،ئۆكۈز ھارۋا،ئاتلىق،ئېشەكلىك،پىيادە كىشىلەرنىڭ سانى يوق،دەڭ دەرۋازا ئىچى خۇددى بىر پاتقاق دېڭىزى،ئۇنىڭدا ئاتلار ئۈزىدۇ،چىلىشىپ كېتىپ بارغان ھارۋىلار ئادەمگە قېيىقنى ئەسلىتىدۇ .پىيادە ئادەملەر بۇنداق «قېيىق»لارغا ئىككى گۇۋازا،بەك ئالدىراپ  كەتكەنلىرى بىر تەڭگە كىرا بېرىپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ،يول تالىشىپ ئاتلارنىڭ،ئادەملەرنىڭ باش-كۆزلىرىگە قامچىلار تېگىپ تۇرىدۇ،تېيىلىپ يىقىلغان ئادەملەرنىڭ تەلەتىگە قاراپ كۈلگۈڭ كېلىدۇ.بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ رەسۋا بولغان ھالىتىگە قاراپ ئىچىڭ ئاغرىيدۇ ياكى يىغلىغۇڭ كېلىدۇ .ئاتلار مۆدۈرۈپ كەتسە ياكى پۇتىنى سەللا ئېگىزرەك كۆتۈرسە،پۈتۈن تەرەپكە پاتقاق مۆلدۈردەك ياغىدۇ،مۇنداق ۋاقىتتا ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرۇپ ناھايىتى كۈلكىلىك قىياپەتلەرگە كىرىۋالىدۇ،زارلىنىدۇ،لەنەت ئوقۇيدۇ،تىزىغىچە پاتقاق كېچىپ يۈرۈپ مۇشىتلىشىۋاتقان ئادەملەرنىڭ رەڭگى –رۇخسارىغا قاراپ،تېخىمۇ قاتتىىق كۈلگۈڭ كېلىدۇ،لېكىن بۇ يەردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار ،يۈرەكنى تىلغاپ تاشلىغۇدەك ئاچچىق تىللار كۈلكىلەرنى باسىدۇ،بولۇپمۇ شۇ كۈنى ئادەملەرنىڭ ئۆتۈشەلمەي كۆپرەك تۇرۇپ قېلىشىغا بىر دېھقان سەۋەبچى بولدى،بىراق شۇ سەۋەب بولدى دەپ ئۇنى تىللاي دېسەڭ،ئۇنىڭ ھالى ھەممىسىنىڭكىدىن يامان بولغان ئىدى.دېھقاننىڭ جىنازىغا ئوخشايدىغان ئېتى پاتقاقتىن ھارۋىسىنى تارتىپ چىقىرالماي تازا چۇڭقۇر يەرگە يىقىلدى.ئۇنى سەۋەبچى بولدى دېگەن ئادەملەرمۇ ئىنساب قىلىشى كېرەققۇ،ئەلىۋەتتە،پاتقاق دەرياسىغا چۆكۈپ كەتكەن ئېتىنى چىقىرىمەن دەپ ئۇنىڭ تارتقان كۈنى ئازمۇ؟ئاخىرى ئېتى ئۆلۈپ قۇتۇلدىغۇ،بىچارە دېھقاننىڭ جۇمبۇ-جەۋەننى مۆرىسىگە سېلىپ،سۈزمە خالتىسىدەك بولۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى،ئۇنىڭ پاتقاق مىلىنپ كەتكەن يۈزىدىن ئېقىۋاتقان تارام-تارام يېشىنى كۆرگەن ئادەملەر يەنە ئۇنى سەۋەب بولدۇڭ دەپ قانداق تىللىماقچى ئىدى.ئەسلىدە نېمە سەۋەب بولغان ؟شۇ قارا دەرۋازىدا ئادەملەرنىڭ يولىنى توراپ قويغان دەرۋازا ئىگىسى«ئۇلۇغلار»دە،مىڭ بالالىقتا ماڭا ئەمدى ئۆتۈش نۆۋىتى كەلگەن ئىدى،قايسى كۆزۈم بىلەن كۆرەي،تەلەتى سۆرۈن بىر يايى كېلىپ،ئېتىمنىڭ تۇمشۇقىغا بىر قامچا ئۇردى-دە:  
      
     -ھارۋاڭنى ئارقىغا قايتۇر!-دېدى.  
      
     -ئاكا مېنىڭ ئىشىم ئالدىراش...تېخى سۆزۈمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىن باش-كۆزۈمگە قامچا ياغدى، يەنە بىر يايى كېلىپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتتى-دە،ھارۋامنى ئارقىغا ئايلاندۇرىۋەتتى،«ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ» دېيىشىكنى قېنى؟ مەن شۇ كۈنى دۇنيادىكى بار ياخشى سۆزنى قىلدىم،يالۋۇردۇم،ئۇلارغا ئىتقا ئوخشاش كۈچۈكلىنىپ يىغلىدىم، دادامنىڭ ئۆلۈكىنى ۋە پۈتۈن ئەۋلىيالارنىڭ ئەرۋاھىنى شىپە كەلتۈردۈم،مېنى ئەسلا قويۇپ بەرمىدى،ئۇلارنىڭ باغىرى تاشتىنمۇ قاتتىق،پۈتۈن تېنى مۇزدىن يارىتىلغان ئادەملەر ئىدى،ئادەملەر دۇنياغا  بىر-بىرىنى بوزەك قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغانمۇ؟دەردىڭنى ئاڭلايدىغان ئادەملەر زادى قەيەردە؟...ماڭا ئوخشاش 30ھارۋىكەش ساڭدىن بۇغداي قاچىلاپ سار بۇلاققا ماڭدى...(بۇ ۋاقىتتا ساربۇلاقتىكى تۈگمەنلەر چېرىكلەر ئۈچۈن ئۇن تارتاتتى) يالۋۇرۇش تۈگىمىگەن ئىكەن تېخى،تۆت كۈن ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپ،بۇغداينى تۈگىمەنگە ئۆتكۈزدۇق،ئات ھارۋاڭ  بىلەن نەچچە كۈن بىكار ئىشلىسەڭ رەھىمەت-تەزىم قېنى؟«زىۋازا،بۇغداي كەم»دەپ يۈزلىرىمگە تۈكۈرۈپ،يەتتە كىشىنى كۈرەدە ئۈچ كۈن سولاپ قويدى...  
      
     مانا پالاشلارنىڭ كاشىلىسى،مەن سولاقتىن چىقسام«ئېتىڭ ئۆلۈپ قالدى چەنتۇ» دېدى-دە،ئالدىمغا ئاتنىڭ تۆت تۇيىقىنى تاشلاپ قويدى،راسىت شۇ مېنىڭ ئېتىمنىڭ تۇيىقىمۇ،ئۇنى ئاجرىتىش تەس،بۇ ئەھۋالدىن  بىر يەرگە دادلاشمۇ تەس،كىمگە ئەرز قىلساڭ بولىدۇ؟«دادام ئۆلۈپ قالدى جېنىم ئاكا...»دېگىنىڭگە قارىماي قامچىلاپ سېنى غۇلجىدىن كۈرەگە ھەيدەپ كەلگەن ئادەملەرگىمۇ ياكى «زىۋازا»دەپ يۈزۈڭگە تۈكۈرگەن چايان سۈرەتلىك چىرىكنىڭ چوڭى جىڭشۇسىغىمۇ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ باش قويۇشتىن يەنە نېمە پايدا چىقار...  
ئاتىدىنمۇ –ئاتتىمۇ ئايرىلدىم،جۇمبۇ-جەۋەننى ئۆشىنەمگە ئارتىپ غۇلجىغا قايتىپ چىقتىم،خەيىر،ئۇلارمۇ كەتتى...ئۇ ئادەتتىكى سۆزىنى ئۆزگەرتىپ،تۇيۇقسىزلا قايناپ-شۇمۇ ئادەمىگەرچىلىكمۇ،بۇ نە قاتارلىق ئۇياتسىزلىق ئىش-ھە...قارا!-دەپ خىرقىراپ توختاپ قالدى،مەن ئۆچۈپ تۈگەي دەپ قالغان سامان ئوتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قاتلاملىرىنى چۇخچىلىغانىدىم،ئۇنىڭ قاشلىرى چىمىرلاپ،كۆزىدە غەزەپ ئۇچقۇنى چاقنىغاندەك كۆرۈندى،ئاي بىز  بىلەن ئاللىقاچان خوشلاشقان؛جاھان بارغانسېرى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە پاتماقتا،يېقىن بىر جايدىكى ئىتنىڭ ھۇۋلىغان زاۋاللىق ئاۋازى كۆڭۈلگە قورقۇنچ سېلىپ ئۆتەتتى.  
      
     باقى سۆزىنى داۋام قىلدى:  
      
     -بىزنىڭ ئۆيدە ئۆلۈم...دادام ئۆلدى،ئۇنى قانداق ئۇزاتقاندۇ؛مەن ھازىدار،بېلىمگە ئاق باغلاپ،كۆك تاياققا تايىنىپ،جىنازا ئالدىدا يىغلاپ چىقىشىم  كېرەك ئىدىغۇ،مېنى دادام قانداق ئېغىرچىلىق بىلەن باقتى،مەندىن نېمە كۆردى؟مەندىن نېمىلەرنى كۈتكەنىدى؟قېنى ئۇ،قېنى مېنىڭ ئەسقاتقىنىم،ئىسىت-ئىسىت،بەخىتسىزلىك...يۇرت ئالدىدا نېمە دەپ،قايسى يۈزۈم بىلەن چىقىمەن...شۇنداق تۈگىمەس-پۈتمەس خىياللار  بىلەن كېچە پىيادە يۈرۈپ چاي مەلىدە دوتەي يامۇلى ئالدىغا يېتىپ كەلگەنىدىم.  
      
     -ھەي جۇمبۇ كۆتۈرگەن توختا!-دېدى بېلىدە سىم ئورىغان قامچىسى بار بىر ئادەم.  
      
     -ياق ساتمايمەن،-دەپ يولۇمغا كېتىۋەرگەنىدىم،ھېلىقى ئادەم يۈگۈرۈپ كېلىپ:  
-كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن ئەدەپسىز سۆز! بۇياققا ماڭ سەيسە قىلىسەن،-دېدى-دە،ئارقامغا ئىتتىرىۋەتتى.  
      
     -يەنە نېمە سەيسە؟مەن ھازىر سەيسىدىن كەلدىمغۇ!  
      
     -ساختىپەزلىك قىلماي،ياخشىلىقچە ماڭ،ئىت!  
      
     -ئەزبىرايى خۇدا،مەن سەيسىدىن  كەلدىم!  
      
     -ماڭامسەن-يوقمۇ؟  
      
     -ماڭمايمەن،نېمە قىلىسەن؟-دېدىم .  
      
     ئۇ قامچىسى بىلەن مېنى بىرنەچچىنى ئۇرغانىدى،قولىنى قايرىپ  ئارقىسىغا چىڭ تۇتۇۋالدىم،بۇنىڭغا بوي بەرمىگەنلىكىمنى كۆرۈپ قەيەردىندۇر يەنە ئىككى چېرىك يۈگۈرۈشۈپ كەلدى،ئۈچى بىر بولۇپ مېنى دوتەي يامۇلىغا ئېلىپ كەلدى،ئاۋۋال ھارغۇچە ئۇرۇپ دۇمبالىدى،كېيىن بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويدى،ھارغىنلىق،قورساقنىڭ ئاچلىقىدا ئەسنەپ –ئەسنەپ كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى،كىمدۇ بىرى:  
      
     -چىلەي،چەنتۇ؛چىلەي!-دەپ بېشىمغا تېپىپ ئويغىتىۋەتتى.  
      
     -نېمە دەيسىز جاڭگۇيدە؟-دېدىم .  
      
     -زو،زو،-دېدى ئۇ .  
      
     مەن قولۇمنى سەھرا تەرەپكە شىلتىپ:  
      
     -چىقىپ كېتەيمۇ،مېنى قويۇۋەتسىڭىزچۇ لويا،مەن خۇرجا،داداڭزا ئۆلدى...  
      
     -شىما،زو-زو،-دېدى ئۇ تالانى كۆرسىتىپ.  
      
     بۇ بەغەرەزگىمۇ ھېچ تىلىمنى ئۇقتۇرالمىدىم،ئۇ مايلىنپ كەتكەن سولتەك چاپان كەيگەن،غورا قاپاق،خام سېمىز بىر ئاددەم بولۇپ،دوتەينىڭ مەپىكىشى ئىكەن،مەپىكەش ماڭا ئوخشاش پايتىمىسىنى تەتۈر ئورىغان سەيسىكەش بىر ئادەم بىلەن ئىككىمىزنى چۈشكىچە بېدە توغراتتى،ئۇنىڭدىن كېيىن قىغ توشۇتۇپ قويۇپ بەردى،ئۆز ئاتىسىنىڭ ئۆلۈكىنى تاشلاپ كېتىدىغان ئادەملەرمىدۇق بىز،مۇنداق ئوساللىقنى مەن ئۆزئىخىتىيارىم بىلەن قىلدىممۇ؟ياق،ئىش شۇنداق بولسىمۇ،يۇرت ئىچىدە مەن ئەڭ باغرى تاش،يامان ئادەم،ھەتتا ئادەم ئەمەس،خۇددى كالا ياكى ئىت-تە،توغرا،ئۇلار شۇنداق قاتتىق رەنجىشىگە ھەققى بار،بىراق كاساپەتكە ئۆزۈم يولۇقاي دەپ ئاتايىن بارمىدىم-دە،ئۇرۇق-تۇغقانلار ماڭا ئوچۇق چىراي ئاچمايدۇ.  
      
     -داداڭ ئۆزى تاپقان بىر جۈپ ئۆكۈزنى سېتىپ،بىر كۈنلۈك مەرىكىسىنى ئۇزاتتۇق،سەنمۇ ئوغۇل بالىمەن دەپ بېلىڭنى باغلاپ يۈرىسەن،قېنى نەزىرىنى قانداق قىلىسەن؟ياكى داداڭنىڭ يەتتىسىنىمۇ بەرمەمسەن؟-دېگەندەك گەپلەر جېنىمدىن ئۆتۈپ يۈرەككە نەشتەردەك سانجىلىپ تۇراتتى،ئۇرۇق-تيۇغقانلارنىڭ تەنىسىنى بېسىش ئۈچۈن،دادامنىڭ يەتتىسىنى ناھايىتى چوڭ ئۆتكۈزدۈم.  
      
     شۇ يىلدىن باشلاپ ئۆزئالدىمغا قوش ھەيدىيەلمىدىم،قوش،ئات-ھارۋا،ئۇرۇقلۇققا بىر خو بۇغداي ئۈچۈن باشقىلارغا سارغىيىدىغان بولۇپ  قالدىم،ئەمدى كېچە كۈندۈز جان كۆتدۈرۈپ ئىشلىسەكمۇ،چاپىنىمىز تىزىمىزدىن ئاشمايدىغان بولۇپ قالدى،ئۈچ-تۆت يىلغا بارماي دەن ۋە باشقا ئاشلىقلارنى بېرەلمەي،يەرنى سېتىپ،ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلدۇق...شۇنىڭدىن بېرى تالادا  قېلىپ،ھەركىمنىڭ ئىشىكىدە تەمتىرەپ يۈرىمىز،مانا ھازىر كۆرۈپ تۇرىسەن،بىزدىن ئەمدى ماغدۇر كەتكەن،تىرىكچىلىك بولسا،موشۇ...قېنى ياشلىق!قېنى كۆڭۈلدە يالقۇنجاپ تۇرىدىغان زوقلار؟ئەمدى كۆڭۈلگە ئارام بەرگۈدەك چىرايلىق ناخشا ئېيتىش مۇمكىنمۇ-يوق،ئۇنىڭغا زوق كېرەك،ماغدۇر كېرەك.  
      
     باقى كۆڭلىدىكى ھەسرىتىنى قاپلىشىپ چىققان تۈتۈندەك بىر تىنىپ چىقاردى-دە،توختاپ قالدى،يەرنى قۇچاقلىۋالغان كېچىنىڭ ئېغىر  قارا بېسىمىنى بۇزۇپ،ھەرتەرەپتە خورازلار قىچقاردى،ئۇ ئاۋازلار شەرقنى قاپلاپ ياتقان قېلىن قاراڭغۇلۇقنى نېپىزلىتىشىكە باشلىدى،بىز تونۇرغا ئېڭىشكەنىدۇق،كاۋىنىڭ كۆيۈپ پىشقان پۇرىقى دىماغقا كېلىپ تەگدى،ئۇنى تونۇردىن ئاۋايلاپ ئالدۇق-تە،باقنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتۇق .  
      
     باھارخان ئۆلگەندىن كېيىن،باقىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم،بىر كۈنى ئۇنى يوقلىماقچى بولۇپ،سەھراغا چىقتىم،سىلەرگە تونۇش  بولغان ھېلىقى «ئالۋاستى كەپىسى» بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە سەتلىشىپ كېتىپتۇ،ھەممىگە نۇر بېرىشكە سېخىي بولغان كۈنمۇ بۇ بىرئېغىز ئۆي ئىچىگە ئۆزىنىڭ ئاق نۇرىنى چېچىپ ئۆتەلمەيدۇ.بىرنەچچە كۈندىن بېرى باھارخاننىڭ شىۋاق سۈپۈرگىسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئەخلەت چىرىندىلەر ۋە كېسەلنىڭ غەلدە-غەشلىرى ئىنتايىن يامان پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ،مۇنداق ئۆيلەردە كىمنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ،ئازادە تۇرالايدۇ؟توغرىسىنى ئېيىتقاندا،ھايۋانلارمۇ شۇنداق جايلاردا ئۇزۇن چىداپ ياتالماس ئىدى،لېكىن باقى ئائلىسىگە ئوخشاش مىليۇنلىغان ئادەملەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «ئالۋاستى كەپىسى»لىرىدە كۈن كەچۈرۈپ،دۇنيا  بىلەن خوشلىشاتتى،ئۆيىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى،يېڭى تىرىلىپ،باقىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىنلارنىڭ گىژىلدىشى ۋە ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۇخلاۋاتقان پۇشقاق مۆشۈكنىڭ يۇمشاق خىرىلدىشى جىمجىتلىققا سىرلىق مۇڭ بېرىپ تۇراتتى.بۇ مۇڭلۇق جىمجىتلىق ئىچىدە باقىنىڭ تۆت بالىسى دان توشۇپ تۇرغۇچى ئانىسىدىن ئايرىلغان كەپتەر باللىرىدەك يېرىم ئاچ ھالەتتە شۈمشىيىپ يېتىشىدۇ.  
      
     مەن باقىنىڭ يەتتە ياشلىق بالىسى توختىدىن:  
      
     -داداڭ كىشى تونۇمدۇ؟-دەپ سورىدىم.  
      
     -ئۈچ كۈن بولدى گەپ قىلمىغان،كۆزىنى ئاچمىغان،-دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا .  
      
     -يۈزىنى يېپىپ قويۇپسەنغۇ؟-دېدىم .  
      
     -بايا دادام ئى،ئى...قىلىپ كۈلگەنىدى،ئاغزىغا چىۋىن ئولىشىپ كەتتى،يېپىپ قويدۇم،-دېدى ئۇ كۈلۈمسېرەپ،ئۇنىڭ ئۆڭگەن يۈزىدە خىرە يانغان خۇشاللىق نۇرى دادىسىنىڭ مانا ئەمدى ياخشى بولغانلىقىنى ئىپادە قىماقچى ئىدى...باقىنىڭ يۈزىنى ئاستا ئېچىپ باققانىدىم،ئۇنىڭ چىرايى تام رەڭگىدەك بولۇپ،ئېڭىكى تۆۋەن چۈشكەن ھالدا كۆردۈم،تېنىم جۇغۇلداپ كەتتى،قورقۇنچ باستى،باللىرىغا تۇيدۇرماي تالاغا  چىقتىم...  
      
     ئەتىسى ئەتىگەندە مەھەللىدىكى بىرقانچە كۆيۈمچان ئادەملەر يىغىلىپ،سۆگەت شاخلىرى بىلەن جىنازا توقۇدى،ئۇنى غېرىپ يوپۇقى بىلەن ياپتى-دە،ئاش ۋاقتى بىلەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ،مەھەللىدىن يىراقتىكى قەبرىستانلىققا ئېلىپ  مېڭشتى،ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقارلىق ھازىدار يوق ئىدى،جىنازا مەھەللىدىن ھەشەمەتسىز،يېنىك ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇزىتىلدى،ناھايىتى جىنازا ئالدىدا باقىنىڭ يەتتە ياشلىق ئوغلى يېغلامسېراپ،بۇرنىنى تارتىپ ئۆزگەۋدىسىنى جۇڭقۇرالماي،مۆدۈرۈپ-مۆدۈرۈپ كېتىپ باراتتى،ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بەش ياشلىق سىڭلىسى پىلدىرلاپ ئەگىشىپ بارىدۇ،بۇ كىچىككىنە قىزنىڭ يۇمشاق چاچلىرى ئايلاپ تاغاق كۆرمەي پاخماق بولۇپ قالغان،ئۇنىڭ پۇتى يالاڭئاياق بولۇپ،نايىتى ئۇچىسىدا ھەرخىل رەڭلىك لاتا بىلەن يامالغان،كىر،يىرتىق كۆڭلىكى بار ئىدى،ئۇ كىچىككىنە قارا كۆزلىرىنى كۈچ بىلەن ئېچىپ بىرئارقىسىغا،بىر ئالدىغا مۆلدۈرلەپ قارايدۇ،بىر يۈگۈرەيدۇ،بىر توختاپ ئاكىسىنىڭ  قولىنى تۇتۇۋالىدۇ،ئۇنىڭ مۇنچاقتەك پارقىرىغان كۆزلىرىدىن:«ئاپام قېنى؟ئەمدى دادامنى نەگە ئېلىپ بارىسىلەر،بىز قانداق قىلىمىز؟...»-دېگەندەك مەنىلەر ئىپادىلنىىپ تۇراتتى،خۇددى شۇ ۋاقىتتا باقىنىڭ تۇمانلىق ۋە قاراڭغۇ ھاياتى جىنازا ئۈستىدىن ئۆتەتتى.مەن تەسىر دەرياسىغا چۈمگەن ھالدا بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ كېتىپ بارىمەن،مېنىڭمۇ بەش ياشلىق چاغلىق چاغدىكى تەجىرىبىسىز يۈرىكىمدە موشۇنداق كۈنلەرنىڭ ئاچچىق دېغى قالغانىدى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۈرەكنى ئەزگۈچى مۇنداق ئېچنىشلىق كۆرۈنۈشلەر ماڭا چۇڭقۇر تەسىر بەخىش ئەتتى.  
      
     مانا قەبرىستانلىققا يېتىپ كەلدۇق،بۇيەردە بەخىتسىز ھاياتتىن خوشلاشقان مىڭلىغان ئادەملەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان كونا تۇپراقلار دۈمچەك-دۈمچەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ،ھەممە قەبرىلەر بىر خىل كۆرۈنۈشتە ئەمەس ئىدى،ھىمايىچىلىرىدىن ئايرىلغانلىرى ئويۇلغان ياكى ئىزنىسى تۈگەپ كىچىككىنە دۈمچەك  بولۇپ قالغان،بەزىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاش،ياغاچ،قوشقار مۈڭگۈزى قويۇلغان،ئاندا-ساندا سالاسۇن بىلەن ئورالغان ۋە گۈمبەز قىلىپ قاتۇرۇلغان مۆتىۋەر قەبرىلەر ئۈستىگە يوپۇرماقلىق شاخلار قادالغان ياكى ئۈستىگە گۈللەر تېرىلىپ ،سۇ قۇيۇلۇپ قويۇلغانىدى،مانا شۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى توپا دۆۋىلەنگەن باقىنىڭ ئاددى قەبرىسى ئورۇن ئالدى،كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان قەبرىلەرگە يەنە  بىر قەبرە قوشۇلدى.  
      
     باقىنىڭ قەبرىسىگە مۈڭگۈز قويۇلمىدى ياكى گۈل تېرىلمىدى،ئۇنىڭ قەبرىسى تېخى ئەتىيازنىڭ يۇمشاق كوكاتلىرى بىلەن قاپلانمىغان يالىڭاچ،مۇڭلۇق قەبرە بولۇپ قالدى .  
           1946-يىلى شەھىرى غۇلجا
" زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى " دىن ئېلىندى
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 16:48:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ھېكاينىڭ ئاخرى چىقپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئېدىم يەنى ماغدۇرغا كەلگەندە دەپ ئۇقۇغانلار بارمۇ !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 19:16:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ گەپنى يېڭىلا ئاڭلاۋاتىمەن ...
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 07:56:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 19:16
مەن بۇ گەپنى يېڭىلا ئاڭلاۋاتىمەن ...

ئشقىلىپ ئىسمى ماغدۇرغا كەلگەندە  دىگەندەك قىلغان  بۇنىڭدا تەسۋېرلىنىدىغان كىشىلەرمۇ  باقى بىلەن باھار ئېكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:50, Processed in 0.152690 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش