پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 5

مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 14:36:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

پاڭ بولۇپ كەتتى قۇلاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ،
بۇرنىمىز بولدى بۇلاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ،
گەپنى سوزماڭ سىز ئۇزاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ،
بار قۇرۇق گەپتە چاتاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ،
دەرسكە چالدى قوڭغۇراق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

ئۇخلىماستىن كېچىلەردە ئۆيدە لاۋزا گەپ تىزىپ،
بىر سىزىقنى يولىمىزغا مىڭ سىزىپ، مىڭبىر سىزىپ،
ئەتىگەندە كەتتىڭىزغۇ ئەزمىڭىزنى بەك ئېزىپ،
ھاردى كاتىپ توختىماستىن ئالتە دەپتەرگە يېزىپ،
گېىپڭىز ئۇلاق-قۇراق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

كاسكىراپسىز ساق يېرىم كۈن، گېىپڭىزدە يوق مېغىز،
يەنە شۇ گەپ كۈندە مىڭ ۋاق دەيدىغان شۇ بىر ئېغىز:
بالىلارغا پايدىسىز شىمىشكا، كەمپۈت ۋە سېغىز،
شاخلىتىپ گەپنى تۈگەتمەس، سىزدىكى قانداق ئېغىز؟
«ۋە، لېكىن، ئەمما، بىراق...»، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

رايىمىز يوقتۇر يىغىنغا يەتتى چەككە سەۋرىمىز،
دەرسمۇ قالدى بىزنى ساقلاپ بالىمىز ھەم نەۋرىمىز،
بۇ يىغىننىڭ دەستىدىن ئاشتى جاپايۇ-جەۋرىمىز،
كۈندە شۇنداق مەنىسىز ئۆتكەيمۇ ئالتۇن دەۋرىمىز؟
سىزگىمۇ باردۇر سوراق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

چۈشمۇ بولدى، جۆرىڭىزمۇ ساقلىغاندۇ ھەقاچان،
يۇغۇرۇپ خېمىرنى، كۆكتات ئاقلىغاندۇ ھەقاچان،
بالا يىغلاپ ئۆزىنى شالتاقلىغاندۇ ھەقاچان،
بىرلىرى ئاپتاپقا ھۆلنى قاقلىغاندۇ ھەقاچان،
سىزنى ساقلايدۇ تاماق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

گېپىڭىزدىن باش قېيىپ، كەتتى كۆڭۈللەر ئېلىشىپ،
بالىلار قايتتى تالاي«دەرس قالدىغۇ»دەپ كېلىشىپ،
ئاخىرى مەكتەپنى باشقا كەيدى غەۋغا سېلىشىپ،
بىر-بىرىنىڭ بۇرنىدىن قان، كۆزىدىن ياش ئېلىشىپ،
قالمىدى ساق قاش-قاپاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

ئەمدى ئۆي-ئۆيلەرگە قاتراپ ھەپتە داۋا سورىمىز،
ئاتلىنىپ«ئالدىنقى سەپ»كە، سەپتە داۋا سورىمىز،
بىز مۇئەللىم خەق دېگەن شۇ گەپتە داۋا سورىمىز،
سىزگە لەنەتلەر ئوقۇپ مىڭ، «خەپ!»تە داۋا سورىمىز،
بىزگە كۆپ بەرمەڭ ساۋاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

مانا، ئىشتىن چۈشكىلى نىكەم، قاۋاشنى توختۇتۇڭ،
كىم گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ دەپ ماراشنى توختۇتۇڭ،
ئاغزىڭىز كەتتى قۇرۇپ، كالپۇك يالاشنى توختۇتۇڭ،
غودۇرۇساق شالنى چېچىپ، ئىتتەك تالاشنى توختۇتۇڭ،
كوكۇراپ كەتتى قوساق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

ئەمدى بىزدە يوق ئامال، ئۈزمەي تاھارەت قىستىدى،
چىڭقىلىپ دوۋساق، ئەجەپ جان يەرنى ھاجەت قىستىدى،
ئىككى قول قاماللىغانچە كەتتى تاقەت، قىستىدى،
گېپىڭىزنى ئاڭلىماسكەن بۇ ھاماقەت، قىسىتىدى،
توشتى بۇ كۈنلۈك قاماق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

قاقشىمايتتۇق ئاچسىڭىز كۈندە يىغىننى ئاز قىلىپ،
ئۆيدىكى گەپنى قويۇپ، خىزمەت گېپىنى ساز قىلىپ،
ئاچىسىز ئەمما يىغىننى بىزگە شۇنداق ماز قىلىپ،
گەپنى ئۆردەكتىن قىلىپ بىر باشقا چىقماي غاز قىلىپ،
سىزنى كۆپ قىلدۇق مازاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.

بىر كۈنى ئېغىزمۇ گەپتىن تالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،
گەپنى كۆپ قىلغان زۇۋاندىن قالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،
بۇ كېسەل مۇدىرنى ئوڭدا سالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،
كاسكىدىن ۋاقت ھېساپنى ئالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،
سىزگە تەنبىھ بۇ قوشاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ!
2011-يىلى، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، يېڭىسار.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!
火山 + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 10 تۆھپە + 10 شۆھرەت + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 14:45:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز !مەزمۇنىمۇ شۇنداق ياخشى چىقپتۇ !بۇ توختىماي يىىغن ئاچىدىغان ، يىغىىن ۋاقتىنى قالايمىقان سوزۋېتدىغان كىشىلەرگە ياخشى قامچا بولغۇدەك !

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 15:18:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىز مۇنبىرىمىزگە يىڭى ئەزا بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قۇرۇق كەلمەي  ياخشى تىما ئەپ كەپسىز . بەك ياخشى يېزىپسىز  . دىمىسىمۇ ھازىر ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى ئىچىدە قالايمىقان يېغىننى تۇلا ئېچىپ ئۇقۇتقۇچىلارنى زىرىكتۈرۈش ئەھۋاللىرى بەك ئېغىر بۇلىۋاتىدۇ. يېغىن ئېچىشنىڭ ئورنىغا ئۇقۇتۇشنى تۇتسا بولماسمۇ ھە . يېغىن ئېچىشتا مەلۇم مەخسەت يوق . پەقەتلا ئۈزىنى ئۇقۇتقۇچىلار ئالدىدا چوڭ كورسىتىش ھەم ھەيۋە كورسىتىش مەخسىدىدە  يېغىن ئاچىدىغانلار بەك كوپ. ياخشى تىما يوللاپسىز . شۇنداق يېغىننى كپ ئاچىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ياخشى قامچىلاپسىز . رەخمەت سىزگە. مۇشۇنداق تەربىيەۋىي ئەھمىيتى بار شىئېرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 15:20  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 15:36:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەتلا ئۈزىنى ئۇقۇتقۇچىلار ئالدىدا چوڭ كورسىتىش ھەم ھەيۋە كورسىتىش مەخسىدىدە  يېغىن ئاچىدىغانلار بەك كوپ. ياخشى تىما يوللاپسىز . شۇنداق يېغىننى كپ ئاچىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ياخشى قامچىلاپسىز...

شۇنداق ياخشى يېزىپسىز بۇرادەر، دىمىسىمۇ مەكتەپلىرىمىزدە سىز دەۋاتقاندەك مەجلىسۋاز مۇدىرلىرىمىز ئاز ئەمەس.
رەخمەت سىزگە، مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 19:51  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:09:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە مۇنبىرىمىزگە قۇرۇق قول كەلمەپسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت.
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 19:07:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىننى كۆپ ئاچىدىغان مۇدىرلىرىمىزغا  ياخشىى تەربىيە  بوپتۇ.  چۈنكى ۋاقىت ئلتۇندىن قىممەت، دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار ۋقىت بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ ئەمەسمۇ....
‹‹ۋاقتىڭ كەتتى ، بەختىڭ كەتتى. ››
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:21, Processed in 0.129596 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش