پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 3

ياخشى ( شېئىر )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:10:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشى ( شېئىر )

ھالال رىسقىمنى مول قىلغان جاپاكەش جۈپ قولۇم ياخشى ،
ياشاشنىڭ تەدبىرى نۇرغۇن ، مېنىڭ تۇتقان يۇلۇم ياخشى .
دەسسىگەن تۇپرىقىم پۇختا، تېنىم مەزمۇت ، ھۇلۇم ياخشى ،
يىقلساق بىرسىمىز دەرھال ، يۈلەيمىز ئۇنى قولتۇقلاپ ،
خوشنىلار مېھرىبان شۇنچە مۇھىتىم ، ئوڭ-سولۇم ياخشى .

بىراۋنىڭ باغىدا گۈللەر ، چاقنىتار كۆزۈمنى ۋال-ۋۇل ،
بىراق ھويلامدا ئۆستۈرگەن بىر تەشتەك گۈلۈم ياخشى .
بېشىمغا قونمىسۇن ئەجرىم قوشۇلمىغان ئامەت قۇشى ،
ئۈزۈم ئىشلەپ ئېرىشكەن نەخ ، بەش-ئون كوي پۇلۇم ياخشى .

ھارام كاۋاپنى بىر چىشلەپ سۇنۇپ كەتتى چىشىم ئاخشام ،
ئوغرىلاپ بەتتە يىگەندىن قولۇم سۇنغان زۇلۇم ياخشى .
بەرگەن قول ھامان ئۈستۈن ، ئالغان قول تۇرار پەستە ،
تەمەگەرلىكتە كۈلگەندىن ئۇشتۇمتۇت ئۈلۈم ياخشى .

دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويغان مىننەتلىك كېمە –پاراخوتتىن ،
خەتەرلىك بولسىمۇ مىننەتسىز قولۋاق-تۇلۇم ياخشى .
« ئۈژمە پىش ، ئاغزىمغا چۈش » مېنىڭ روھىمغا دۈشمەندۇر ،
بېقىپ غاز ، توخۇ –ئۆردەكنى ئالسام جىق تۇخۇم ياخشى .

باشقىلار ئۇچسا ئاسماندا كۈزۈم قىزارمايدۇ مېنىڭ ،
يىقىلماي ئۆگزىگە چىقسام ئابرويۇم چوقۇم ياخشى .
قانىتىم يوق تۇرۇپمۇ ئالارمەن كۆپ ئۈنۈم ياخشى .
كىشىگە چاپلىسام بوھتان ، كىيىن كۈزۈمگە مىخ كىردى .
ئۇنىڭدىن بۆرە-قاۋانغا قوزغىسام جەڭ ھۇجۇم ياخشى .


مەمتىمىن قۇربان ( قاراقاش ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن )

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 12:30:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئەركەن
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 1

قىزغىنلىق
49 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
11 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 13:20:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   

         ياخشى تېما ئىكەن ....تېما ئىگىسىگە رەھمەت ...

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 14:26:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر ئەپەندىم بەك ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز . رەخمەت سىزگە .
ئۆز كۈچىمىز ئارقىلىق ياخشى ئىشلەپ ئۈزىمىزنىڭ ھالال ئەجىرى ئارقىلىق  تاپقان مال دۇنيانىڭ ياخشى بۇلىدۇ . رخمەت سىزگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 14:26  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:20, Processed in 0.126783 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش