پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 3

پۇل بولمىسا ...[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:06:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پۇل بولمىسا ...

روزى سايىت




پۇل ئەجەپ نەرسە ، چاتاق ، پۇل بولمىسا ،
يوق مەئىشەت ، نام-ئاتاق ، پۇل بولمىسا ،
كەڭ جاھانمۇ تار ، دوزاخ ، پۇل بولمىسا ،
تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق ، پۇل بولمىسا ،
كونا تاملىقتا قوناق (1) پۇل بولمىسا .

بولسا پۇل ، ھاجەتلىرىڭ مەقبۇل سېنىڭ ،
بولسا پۇل ، قالمايدۇ ئىگىنىڭ جۇل سېنىڭ ،
گۈل سېنىڭ ، بۇلبۇل سېنىڭ ، دۇلدۇل سېنىڭ ،
بەزمە-مەشرەپ ، توي سېنىڭ ، مەرغۇل سېنىڭ ،
يۈرگىنىڭ شۇ ئاچ قورساق پۇل بولمىسا .

پۇل بىلەن كۆكلەيدۇ ئالەم سەبزە رەڭ ،
پۇل بىلەن ئۇ مەيدە قاقسا ، بۇ كۆرەڭ ،
بولسا پۇل ، بار « قارىي قۇرئان » دا سۈرەڭ ،
كىمنى پۇل تۇرغۇزدى جىم ، كۆر ،شوخ ، تېرەڭ ،
كۆز چاپاق ، چېھرىڭ ئاۋاق ، پۇل بولمىسا .

« بولسا پۇل ، جاڭگالدا شورپا » بەزىدە ،
« پۇلغا رۇستەم قۇل » شۇ پۇلنىڭ قەرزىدە ،
بەزىلەرنىڭ باغرى خۇن پۇل دەزىدە ،
پۇل ساقايىتقاي بولسا دەرھال نە زېدە ،
كولىماي گۆر –تاقاق ، پۇل بولمىسا ..

« پۇل –پۈچەك –قەغەز » پەقەت رەڭدار نېمە ،
« ئىت يېمەيدۇ بەرسە شۇنداق » خفر نېمە ،
ھەجىمى ئالىقانچە ، كۈچى داڭدار نېمە ،
شۇڭا پۇل كىمدە ، قىلۇر ھالدار نېمە ،
ھەر قەدەمدە مىڭ توسۇق ، پۇل بولمىسا .

كۆرگىنە تاڭ سېڭغا پۇلسىز « نوم » قېنى (2) ؟
بەردىمۇ « نوم » ، قانچە قىلدى غوم ، قېنى ؟
نۇشىرۋانمۇ (3) بولسا يانچۇق توم ، قېنى ،
ۋارقىراپ باققانمۇ ئامغا بوم (4)  قېنى ؟
نەدە نەپ ، ھەرقانچە باق ، پۇل بولمىسا ؟

پۇل نەكويغا سالمىدى نۇرغۇنلىنى ،
ئەقلىدىن ئازدۇردىغۇ « تۇيغۇن » لىنى ،
دەل شۇ پۇل « مىزان » غا ماس –ئۇيغۇنلىنى ،
قىلدى رەت ، جىم قويمىدى « تۇرغۇن » لىنى ،
بولدى يوللۇقلار مازاق ، پۇل بولمىسا .

دوسىتنى دۈشمەن ، يارنى يات ئەتتى شۇ پۇل ،
بىرنى موھتاج ، بىرنى شاد ئەتتى شۇ پۇل ،
بىرنى قامچا بىرنى ئات ئەتتى شۇ پۇل ،
مۈشكۈلاتنى قاتمۇ-قات ئەتتى شۇ پۇل ،
سۆيگۈگە يەتتى سىناق ، پۇل بولمىسا .

پۇل تالاي پۇلپەزنى شۈك ئۇخلاتمىدى ،
پۇل چۈشەپ كۈندۈزمۇ جۆيلۈپ ياتمىدى ،
تاپتى پۇل ، ئىنساپنى بىللە تاپمىدى ،
بىرنى ئون قىلسام دېدى ، قۇت ئاتمىدى (5) ،
كەتتى پانىيدا ساياق ، پۇل بولمىسا .

پۇل تۈپەيلى قان چېچىشتى نەچچىلەر ،
پۇلنى دەپ جان بەردى كۆپ بايۋەتچىلەر ،
ساتتى پۇل كۆزلەپ ئىمان بۇ بەچچىلەر ،
« ئېسىت ! » دېيىشتى مويسىپىت ھېكمەتچىلەر :
ھەي بۇ پۇل...ھېچكىم ئاڭا قۇل بولمىسا !

پۇل تېپىپ ، پۇل تاپمىغانلار ، ‹تۈف › ساڭا !
پۇل تېپىپ ، پەر قاقمىغانلار ،‹تۈف › ساڭا !
پۇل يېقىپ ، ئەل ياقمىغانلار ،‹تۈف › ساڭا !
پۇل بېقىپ ، ئەل باقمىغانلار ،‹تۈف › ساڭا !
كۆرىمىز ئالەم ئۇزاق ،پۇل بولمىسا .

پۇلنى تاپ ، خەجلە كېرەمدەك كەڭرى سەن ،
يول ياسا ، مەكتەپ ياسا ، تۈر يەڭنى سەن !
گەر تاسادىپ پۇل تۈگەپ ، بىبەھرى سەن ،
ئەل پاناھىغا ئالار بىجەبرى سەن ،
ئەستە تۇرسۇن بۇ ساۋاق ، پۇل بولمىسا .

پۇلى بار ئۆكتەمنى گالدار ئاقلىغان ،
پۇلى بار بەتنامنى ھەم بار ياقلىغان ،
كىمكى پۇلدار مەيلىچە نايناقلىغان ،
بولما زىنھار پۇل بىلەن ئويناقلىغان ،
تاپ كامال ، چاچ خۇشپۇراق ، پۇل بولمىسا !

پۇل مۇھىم ، پۇلدىن مۇھىم دىل ئاقلىقى ،
ئاقمىغاي پۇلنىڭ بېشەم ،ھايتاقلىقى ،
كىم دۇرۇس يولدا بېيىپتۇ پاكلىقى ،
رىزقى پاكقا بار ئاۋام ئامراقلىقى ،
ساتما ۋىجدان ، سات قىياق ، پۇل بولمىسا !

‹ ئىشىكنى ئاچماق › تىن غەرەز ئالماشتۇرۇش ،
( ئالغۇ-بەرگۈ ) ...سودىنى قاملاشتۇرۇش ،
يول تېپىش ھەم پۇل تېپىشتا شاش تۇرۇش ،
يۇرتنى دۇنيا ۋەزنىگە يانداشتۇرۇش ،
ياندىشىش تەس ، ھەممە ۋاق پۇل بولمىسا !...»

بىر ھېسابتا پۇل دېگەن شۇنداق نېمە ،
ئەمما پۇلنى تەكتى ھەل قىلغۇچ دېمە ،
كىم زېرەك ، ئاقىل ، شۇنىڭ پۇل ، غەم يېمە ،
قويغۇسى پۇلسىز سېنى تەرسىز تەمە ،
تاپقۇسى كىم ئەقلى ساق ، پۇل بولمىسا .

نا ئۈمىد قويماس ھالال قىلغان كىرىم ،
يول راۋان بولسا ، نېنىڭ قالماس يېرىم ،
ئەتىنى كۆزلەپ بۈگۈن تىكتىڭ جىرىم ،
پۇل ئاشۇ ! كۆپ قالمىدى-قىلدىڭ كىرىم،
ئۆز كۈچۈڭدە ئىشىكنى قاق ، پۇل بولمىسا .

گەپمۇ بار « پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ » دېگەن ،
« يۈز » دېمەك –ئابرۇي ، ئىناۋەت ، بىل ، ئۆگەن ،
نەپسى شەيتان تۆكمىسۇن يۈز ، سال يۈگەن ،
ھەق-ھالاللىق بىرلە توشسۇن زەر لېگەن ،
باشقىنى قىل « ئۈچ تالاق ! » پۇل بولمىسا .

پۇل نىجىس ، پۇل كىر-ھارام ، ياق ، پۇل –ئىمان ،
پۇل مۇھەببەت ، پۇل ئوزۇق ، ياق ، پۇل سامان ،
پۇل دېگەن غەم ، پۇل تۇزاق ، ياق ، خانىمان ...
قانچە قىلغىن پۇل نەزەردە بار ھامان ،
« قاغىمۇ قىلمايدۇ ‹قاق... › ، پۇل بولمىسا » .

بولسا يول داغداملىقى ، ئادىل تۈزۈم ،
تۇرسا قاشتاش ھەم گىلەم ، مەشۇت ، ئۈزۈم ...
پۇل تېپىشچۈن يول تاپار ، بۇ ھەق سۆزۈم ،
راسىتنى يازدىم ئىلچىلىك بولغاچ ئۆزۈم ،
ئىشقا ئاشقاي بۇ بۇداق ، پۇل بولمىسا .

پۇل ، قېنى  ئېيىتقىنچۇ ،كار-بارىڭ نېمە ؟
شادلىقىڭ قانداق ، يەنە زارىڭ نېمە ؟
بىرلا گەپ قىل : بىزگە ئىزھارىڭ نېمە ؟
ھەمدىمىڭ ، يارىڭ ۋە ئىنكارىڭ نېمە ؟
تاپقۇلۇق ، بىل ، سەن سىياق پۇل بولمىسا !

مەنبە-روزى سايىتنىڭ « ئانا تىلىم-زەر تىلىم » ناملىق كىتابى

ئىزاھلار :
(1)    –قوناق-قونالغۇ ، ئۆتەڭ
(2)    « غەربكە ساياھەت »  ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا ئامىتا بۇددانىڭ ئالتۇن جامغا نوم دەستۇرلىرىنى ئالماشتۇرغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ .
(3)    ئېيتىلىشىچە ، نۇشىرۋان شاھنىڭ ئالدىغا سوۋغاتسىز كىرگەن ئام (پۇقرا ) چىرايلىق كۆرۈنمەيدىكەنمىش
(4)    ئام-پۇقرا
(5)    قۇت ئاتمىدى –بەخت يەتكۈزمىدى ، ئەسقاتمىدى
(6)    ھايتاق-كەپسىز ، باشباشتاق

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 12:33:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي پۇل،  پۇل دېگەن ئەجەپ نەرسە بۇ ھە...............
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 14:28:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل دىگەن جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالىدۇدە . پۇل دىگەن ئەجەپ بىر نەرسە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:10:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا، دەپتىكەن.ئاتاڭنى خوش قىلغانمۇ پۇل، ئاناڭنى خوش قىلغانمۇ پۇل.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:42, Processed in 0.133687 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش