پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 29|ئىنكاس: 1

شېئىر ، شۆھرەت ۋە مەن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:05:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھەممەتجان راشىدىن


قەلەمنى ئالغىنىم يوق شۆھرەت ئۈچۈن ،
يۈكسەكلىك تالاشمايمەن ھېچكىمدىنمۇ .
مۇرادىم-ئەلنىڭ مەندىن مەمنۇنلۇقى ،
ئەپسۇسلار ئاڭلىغىم يوق ھېچ دىلدىنمۇ .

قولۇمدا شائىر لوتۇن تۇتقان قەلەم ،
ئىزىدىن ماڭدىم مەنمۇ نەۋائىينىڭ .
مەنزىلىم-شۆھرەت دېسەم قالمامدىمەن
مەن ئوخشاپ دەل ئۆزىگە سەۋدايىنىڭ .

شەيتاندۇر دوستى شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ،
ئۈندىمەس كۆڭلۈم مېنى شۇ ئىللەتكە .
ئەقلىنى نام-ئاتاققا بەرگەنلەرنىڭ ،
قەلبىنى ئوخشىتىمەن بىر زۇلمەتكە .

سايەمگە قاراپ ماڭسام كوچىلاردا ،
كۈلىدۇ بىلمىگەنلەر سەۋەبىنى .
غادىيىپ قالدىممۇ ، دەپ ئەنسىرەيمەن ،
شۇ تەشۋىش ئەگىپ يۈرەر ھەردەم مېنى .

ياراشماس تاغلارغىمۇ تەكەببۇرلۇق ،
ئاسمان بار ئۇنىڭدىنمۇ چۈنكى ئېگىز .
قانچىكى پەستە بولسا شائىر كۆڭلى ،
ئەل ئۇنى كۆرىدىكەن شۇنچە ئەزىز .

ئېسىلسۇن ئېسىلغانلار ئېگىز شاخقا ،
زەررىچە تارلىقىم يوق ئەزبىرايى .
ۋە لېكىن مەن يادىڭغا سېلىپ قوياي ،
پەستىدۇر يۈكسەكلىكنىڭ ئەسلى جايى .

مەيدەڭنى كېرىۋالما ، مىسرالىرىم ،
بىر قۇلنىڭ ئاۋازى سەن خەلق ئۈچۈن .
ئەگىپ ئۆت يولدا شۆھرەتپەرەسلەردىن ،
دوسىت بولما ھەمدە شۇنداق قەلب ئۈچۈن .

ئاڭلارمەن ماختاشلارنى مەنمۇ ، ئەمما
كىيمەيمەن زەر تونىنى ماختىنىشنىڭ .
پاك يولى-قەلەمدىنمۇ پەسرەك يۈرۈش
مەن ئۈچۈن رەزىللىكتىن ساقلىنىشنىڭ .

ئاشقىنىم راستتۇر ، بەلكى بىرەر قىردىن ،
تاغ ئاشتىم دېسەم ، ئۆلەي كۇپۇرلۇقتىن .
چىن شائىر چىقار ئىكەن شۆھرەت ئەمەس ،
ئەل بەرگەن رىزقى ئۈچۈن شۈكۈرلۈكتىن .

ھەسەتنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالىغان ،
ياراشماس ماڭا ئۇنداق قىتىغىرلىق .
ئۆرلىسۇن ، كامال تاپسۇن ھەركىم دەيمەن ،
تۇتمايمەن شۇ قەلبىمنى قىلچە سىرلىق .

نەپ بىلەن ئۆلچىمەيمەن ئادەملەرنى ،
ئۆلچەيمەن پەزىلەتنىڭ قېلىپىدا .
ياخشىلار بىزار بولغان مەلئۇنلارنىڭ ،
ئەجىلى شېئىرىمنىڭ قىلىچىدا .

مىنمەيمەن ماختىنىشنىڭ تۇلپارىغا ،
قۇرلارغا قىستۇرمايمەن مەنمەنلىكنى .
كۈيلىرىم ئادەت قىلۇر ئابرۇي ئەمەس ،
خەلقىمنىڭ يۈرىكىگە ھەمدەملىكنى .

قەلەمنى ئالغىنىم يوق شۆھرەت ئۈچۈن ،
يۈكسەكلىك تالاشمايمەن ھېچكىمدىنمۇ .
مۇرادىم-ئەلنىڭ مەندىن مەمنۇنلۇقى ،
ئەپسۇسلار ئاڭلىغىم يوق ھېچكىمدىنمۇ .


ئانا تاغلار دىن ئېلىندى .

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 14:30:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت جان راشىدىنننىڭ شىئېرلىرىنىمۇ ناخشىچىلار ناخشا تىكىس قىلىپ ئۇقۇۋاتىدىغۇ دەيمەن . قەلىمى بەك وتكۈردە ئۇ شائىرنىڭ .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:59, Processed in 0.130866 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش