ئۇيغۇر جەمىيتىدە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئورنى
ئاپتۇرى : پەرھات مۇھەممەتئىمىن
سەۋەبلەردىن شەكىللەنگەن نەتىجە- قىممەت بىلەن جەرياندىن ئىبارەت ، ئەقىلغا يانداشقان نەزىريىۋى ئىنىقلىمىنىڭ ،ماتىماتىكىلىق ئىپادىسنى تۇلۇق ئىسپاتلاشقا كەملىك قىلسىمۇ ، ئىجتىمائى رىئاللىقنىڭ فونكىسيىسى سۈپىتىدە ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل تامچىسى بۇلۇپ .قاغىجىرىغان تەپەككۇر مۇھىتىنىڭ ،كۈرۈنمەس يۇچۇنلىرىدىن- شەخىسنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كىرىپ ، كىچىككىنە پىكىرىيەت ئېقىمىنىڭ ئېچىقىنى بويلاپ ،ھەرىكەت قىلسا ،مۇشۇ تامچە ،بەلكىم ،دولقۇنلاپ ئېقىپ ھەيرەت پەيدا قىلغان، ئۈنۈمسىز ،كاتتا ئاتالمىشتىكى دەريالار ئۇرۇنلىيالمىغان ، ۋەزىپىنى ئۇرۇنلىغان بۇلاتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، مەن يىقىندىلا كۈرۈپ تاماملىغان ئامىرىكا 18 قىسىملىق تېلىۋىزىيە تېياتېرىى (دىنوزاۋۇرلار ئىمپىريىسىدىن قىچىش ) فىلىمىدىكى ، مارىيەنىڭ <بىر تامچە ،دېڭزنى ئۆزگەرتىشكە يىتىدۇ> دىگەن ، بىرىنجى دەرىسلىك قانۇنىنى چۈشىنىشكە ،ئازىراق ئىمكان پەيدا قىلاتتى.
مىنىڭ بىلىشىمچە ئادەملەرنى -شۇنچىلىك چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقىنى، ئادەملەردىن ھالقىغان باشقا جانلىق تۈركۈمى بولماستىن ، يەنىلا شۇ ئادەملەر تۈركۈمى ھىسابلىنىدۇ، بۇ ئېيتىمنى مەنتىقىنىڭ چەكلىمىسىدىن چەتنەپ تەھلىل قىلساق :بەلكىم ھايۋاناتلارمۇ ئۈزى چۈشەنگەن يۇلىدا ئادەملەرنى ھىس قىلىشىدىغاندۇ. نىھايەتكى بۇنداق چەتنەش يۈ بەرگەندە ، ماھىيەتلىك تەپەككۇر قانۇنيىتىنىڭ شەكلىگە، ئۆلچىمىگە، قائىدىسىگە بىھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان بۇلىدۇ. ئۈشبۈ سەۋەبتىن پېقىر مۇنداق جىنايەتكە ھەسسىلەپ پېتىپ قىلىشنى تۇلىمۇ خالىمايدىغانلاردىن. ئەمما خالىمىدىم دەپلا، بۇ تەرەپنى تۇلۇق تەرىك ئىتىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس.
ئىنسانىيەت ئەقلى كۈزى بىلەن مۆجىزىۋى سۈپەتتىكى نۇرغۇنلىغان تېلسىملارغا شاھىت بولدى. تىلسىملار ئىچىدە نۇرغۇنلىغان سۇئاللار شەكىللىنىپ ، جاۋاب ئىزدىگەندە، تەسەۋۇر قىيىن بولغان ھەق ئۆلچەم ،قايتىدىن تىكلەندىكى، ھەرگىزمۇ ئىنسان سۇبىكتىنىڭ نىشانىنى ،تېلسىم مەنبەسى قىلمىدى. شۇنداقكەن مەيلى نىمە دىمەيلى -بىز تەس ئىتىراپ قىلىدىغان بىردىنبىر ھەقىقەت - ئەمىليەت مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇپ ،29 يىللىق تارىخى جەرياننى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كىيىن ، 1978-يىلى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى 11-نۆۋۋەتلىك 3-ئۇمۇمى يېغىندىن ئىبارەت ، ئەڭ ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك كاتتا يېغىلىشتا ،يىڭىچە سىياسى نىشان بەلگىلەندى . بۇ نىشان كەڭ زىمىن ، كۆپ مىللەت ، 5000مىڭ يىللىق مەدىنيەت شاھىتى بولمىش جۇڭگۇنىڭ ، پاتقاققا پېتىپ قالغان ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت چوڭ ھارۋىسىنى ھەرىكەت بىلەن تەمىن ئىتىدىغان ئىنىرگىيە مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يەردە بەس مۇنازىرى قوزغىغان ، مەسىلە شۇ بولدۇكى ، پەقەت ئىككى سۇئال ئەڭ گەۋدىلىك مۇلاھىزە كەيپىياتىنى ياراتتى.
يەنى - ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ نامىراتلىق سوتسىيالىزىممۇ؟
بۇنداق يىڭىچە تەپەككۇر ئىنقىلابى پەقەت مۇشۇ قىتىمدىلا بولغان ئەمەس. ئۇ تارىختا نۇرغۇن قېتىم ئوخشاش بولمىغان قوۋىملاردا ،ھەرخىل تۈستە پەيدا بۇلۇپ ئۆز ئەكسىنى تاپقان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر تەپەككۇر ئىنقىلابى -مەخسۇسلاشقان ، مۇنتىزىملاشقان ، قىسمەن قوۋىملارغا خاس ،قاراتمىلىق تار مەنىدىكى ئەقلى ھادىسە بولماستىن ،بەلكى ، ئىنتايىن ئەركىن ھالەتتىكى ،ئۈزىگە ئىگە بۇلۇشنى خالىغان ھەر قانداق بىر قوۋىمدا شەكىللەنسە بۇلىدىغان ،جانلىق ھادىسىدىن ئىبارەت.
ھايات ۋە ھاياتچىلىق ، ئالەم ۋە ئادەم، ئادەم ۋە تەبىئەت، ھەرىكەت ۋە بەرىكەت، مىللەت ۋە مەدىنيەت، ئىتىقاد ۋە سىياسى ، ئاۋام ۋە ھۈكۈمەت ، پەن ۋە تۇرمۇش، ئىستىتىكا ۋە سەنئەت ، يازغۇچى ۋە ئۇقۇرمەن، جەمىئەت ۋە مەكتەپ، ... ۋەھاكازا . بىر قاتار سۆزلەرنى تىزسام بەلكىم ،بۇنى كۆرگەنلەر تازا قايىل بولماسلىقى ئىنىق. بۇ قانداق تىپ ؟ يەنى قوشما سۆزمۇ ياكى قارىمۇ-قارىشى ؟- قارايدىغان بولساق بەزى سۆزلەر قوشما ، بەزى سۆزلەر ئويدۇرما . ئەمما قارىمۇ-قارشى مەنىلىك ئىختىرا يوق . لىكىن بىزنى شۇنچىلىك قىزىقتۇرۋاتقان ھەرخىل ئېيتىملاردا ،ئىنتايىن رۇشەن بىرخىل مەنە شەكىللەندى. يەنى شەخىىس ئۈزىنى سۈيۈشنى چۈشەندىيۇ، ئۈزىنى ھەقىقى سۈيۈپ باقمىدى. بەزىلەردە شەكىللەنگەن -مۇھەببەتتە؛ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان يەنە بىرخىل مۇدىھىشلىق -سىڭدۈرمىچىلىك بىخىلىنىپ چىقتى . يەنە بەزىلەر بىلىمگە خىيانەت قىلىشنىڭ ،ئەڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى ، قاراپ تۇرۇپ تاماششا قىلىپ ، بەھۇزۇر ياشارۋىرىدىغان ياشاش مۇھىتى كەشىپ قىلىپ ،مەۋھۇم بەخىتنى ، ئويغاق تۇرۇپ چۈشەپ -ھاياجان مەھەللىسىىگە تۇپى بىلەن يول ئالدى. بۇلاردا قەدىرسىز قالغىنى شۇ بولدىكى -دەل ئۈزىنىڭ ئادىمى قەدىر قىممىتى بولغان ، ئەقىل تاجىسى بىلەن تەپەككۇر زۇننارى بولدى.
بۇنداق بىر پۈتۈن ھەممە ھادىسىگە مەندەك بىر ھىرىسمەننىڭ ، چەكلىك سەۋىيىسى مۇئامىلە قىلىش - ئاغىزىنى ئازىراق تاتلىق قىلىش باراۋىرى بۇلۇپ ، قۇرساق تويمايدۇ. ئەمما شۇنداق بۇلىدۇ دەپلا مەن ھەممىنى تۇيغۇزۇش مەسئۇلىيتىنى باشقىلارغا ئىتىىرىپ قۇيۇپ، بىزىرىپ ئولتۇرۋەرسەم ياكى قالايمىقان سۆزلەرۋەرسەم ، ئۇرۇنىشلىرىمنىڭ نىمە ئەھمىيتى بولسۇن. مەن بەلكى شۇ تات باسقان ئاغىزىنى نەملەيدىغان ، ئاچقان قۇرسىقىنى تۇيغۇزۇش ئىمكانىيتىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدۇرىدىغان بىر ھىسىسى خىيال بۇلالىسام خېلى تەسكىن تاپقان بۇلىمەن.ئىلىملىك كىشىلەر ئادەتتە تىمىغا كىرگەندە ناھايتى تەبىئى، يىقىشلىق كىرەلەيدۇ. بىراق مەندەك ھىرىسمەنلەر بولسا بۇنىڭدىن مۇستەسنا ، ئىككىلىنىش، تەمتىرەش، سەۋىيەسىزلىكنىڭ بۇلىشى تەبىئى . مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئۈزۈمگە تەسەللى بىرىپ، يۈرۈرۋەرسەم ئەڭ ئېچىنىشلىق خىيانەتكارلىق مىنىڭ بۇلىدىكەن، <تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر ، تاپمىغىنى بىر پىياز> دىگەن تەۋەرۈك بۇيىنچە ئۇرىنىپ كۈرەي، بۇ ئۇرىنىشلىرىم مۇنبەردىكى بىلىملىك ئەزىزلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە ئورنىنى تاپار ياكى توزغاقتەك تۇزار.
ئۇقۇمنىڭ شەكىللىنىشى
يېزىق تەسۋېىرى بىلەن ئەقلى پىكىرىيەت بىردەكلەشكەندە ، قەغەز، قەلەم يوق ئىدى. ئەڭ ئاۋۋال ئادەم ئېڭى ، ئەقلى شەكىللەنگەن بولسا ، ئۇنىڭدىن كىيىن خېلى زامانلاردىن كىيىن ئىپادىۋى تۈس شەكىللەنگەن. بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ ، تاش ،تارشا، تىرە، تاخىتىلارغا ،ھەرخىل ئىپادىلەردە خاتىرلەنگەندىن كىيىن ، بۇلار توپلىشىپ كىيىنكى ئىختىرا قەغەز ،قەلەم دىگەن سىپتا كەشپىياتلارنى يارىتىشقا سەۋەب بولغان. دۇنيادا بىرىنجى بۇلۇپ تۇنجى ھەرىپنى تاش ياكى لايغا ئويغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى مەن بىلمەيمەن. مىنڭ نەزىرىمدە دەل شۇ كىشى دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى يازغۇچى بۇلۇپ، سۆز مەنىسىدىن يازغۇچى مەنىسىنى خاتىرلىگۈچى دىگەن ئۇقۇمغا يىقىنلاشتۇرغاندەك مەنە بىرىمىز. لىكىن بۇنداق چۈشىنىلسە سەل مۇۋاپىق بولمايدۇ. يازغۇچى تۇنجى قېتىم مۇشۇ خاتىرلەش دىگەن ، مەنىدىن شەكىللىنىپ ھازىرقى زاماندىكى يازغۇچى، خەلق يازغۇچىسى ، دۇنياۋى يازغۇچى، ئىستىداتلىق يازغۇچى ، ئەدىب، مۇتەپەككۇر ،تەتىقاتچى ، ئالىم دىگەن مەشھۇر ناملارنىڭ شەكىلىنىشىگە سەۋەب بولغان . ئەلۋەتتە بۇ چۈشەنچىنىڭ ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى سىزىپ تۇرۇپتىمەن. ھەقىقەت ئىزدەش مەسىلىسىنى مەن يەنىلا مۇھاكىمىنىڭ سىرىتىدا قالدۇرماقچىمەن. تۇنجى ساۋادىم چىقىپ ( ئېلىپبە ) ھەرىپىنى ئۇقۇغان ۋاقتىمدا ،ھازىرقىدەك بىر نىمىلەرنى جىجىلاشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغانئىدىم . مەنلا ئەمەس ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۆزگە كۈرۈنگەن ھەممە مەشھۇر ،داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ كۈپىنچىسىمۇ شۇنداق ئويدا بۇلىشى تەبىئى . ئىنساننىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۈگنىدىغىنى مىنىڭچە يەنىلا يېزىش ، ئۇقۇش ئەمەستۇر ، پەقەت يىيىش ،سۆزلەش ۋە ھەرىكەتلىنىش بۇ دۇنيادىكى ھەممە قوۋىم ۋە پۈتۈن ئىنساننىڭ تۇنجى ئۈگنىشى . يازغۇچىلىقمۇ بەلكىم تۇنجى ئۈگىنىش بولغان يېزىق ساۋادى بىلەنلا ئەمەس بەلكى بىلىش ساۋادىمۇ بىلەن باشلىنىدۇ . بىلىشكە ئەھمىيەت بەرگەندە -بىلىۋىلىشنى ، بىلدۈرۋىلىشنى ئۈگىنىش مۇمكىن. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مەن شاھىت بولغان يىقىنى بىر قانچە ئون يىلدا دەل مۇشۇ خىل بىلىۋىلىشنى ئىزدەپ ، بىلدۈرىۋاتقان ، ئاققا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان قەلەم ساھىبلىرىمىز(يازغۇچىلار) نى كۆپلەپ ئۇچىراتتىم . مانا مەن بۇ ساۋاتلىق بۇلۇشۇمدا كۆرگەن ئەڭ چوڭ پايدا. ئۈزۈم قىزىققان ، ياقتۇرىدىغان ھەم قىزىقمايدىغان ،ياقتۇرمايدىغان ، شەيئى ھادىسە ، ئېيتىم، ئۇقۇم، چۈشەنچە، قاراش، پىكىرىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلگۈم كىلىدىغان كۆنگەن كونا كىسلىم يەنە قوزغىلىپ ، يازغۇچىنىڭ نىمە مەنا بىردىغىنىنى ، نىمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى، قانداق ئۇرۇندا ئىكەنلىكىنى ، ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ئۈزۈم چۈشەنگەن دائىرىسىدىن كۈزىتىپ چىقماقچى.
يازغۇچىنىڭ مەنىسى نىمە ؟
يازغۇچىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مەن كۆپ كۈچىدىم ، لىكىن مەن ئىرىشكەن جاۋاب كۈچەشتە ئەمەس، بىلىش تەسەۋۇرىنىڭ مول بۇلىشىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . يازغۇچى ئاددى مەنىدە بىر ئىنسان، ئۇنىڭ پەرىقى شۇ يەردىكى ئۇ ئۈزىنىڭ ئىنسانى سۈپىتىنى ئاددى بولغان ئۇقۇم مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى تەپەككۇر قىممىتىدىكى ئىزدىنىشىدە ئىپادىلەيدىغان ئەمگەك ئەھلى بولغانلىقى بىلەن ئورنىنى تاپقان.
سۇئال شەكىلدە باشلىغان ئويلىنىشىمىزدا شۇنچىلىك غۇبارسىز بىر نىيەتنى قەلبىمىزگە پۈككىنىمىز بىلەن ئېرىىشىدىغىنىمىز ئويلىمىغان نەتىجە ئىدى. يازغۇچى سۈزى ئۇمۇمى مەنىدىكى سۆز بۇلۇپ -ئۇنىڭ ئىچىدە ،ئالىم، ئۆلىما ، پەيلاسوپ ،ئەدىب، شائىر ، تەتىقاتچى، تارىخشۇناس، ماتىماتىك، فىزىك، خېمىك، جەمىئەتشۇناس، ئىقتىسادشۇناس، مائارىپشۇناس، تەنقىدچى، ئوبىزورچى، مۇخبىر، قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تۈرلەر بۇلۇپ، بۇ قەلەم تەۋرەتكەن -قەلەم ساھىبىنىڭ ئەمىليىتى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئەقەللى ئۇقۇم مەسىلىسى ئىدى. بۇنى چۈشەنگۈچىلەر ئايرىيدىغان مەسىلە بولماستىن بەلكى ئىجادى ئەمگەكنىڭ خارەكتىرى بەلگىلەيدىغان قىممەتنىڭ مىۋىسى بەلگىلەيدىغان ئەقلى ھۇسۇل ئىكەنلىكى ئىنىق. ھەر قانداق مىللەتنىڭ ، قوۋىمنىڭ ، سىياسى گەۋدىنىڭ ، ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان دۇنياۋى ئېقىمنىڭ ئېھىتىياجىدا چۇقۇم يۇقارقى شەرىتلەرنى قانائەتلەندۈرىدىغان خۇرۇچلار بار. بۇ خۇرۇچلارنى يەنىلا شۇ تىنىمىسىز ئەمگەككە يۈزلەنگەن،ئىستىمال مەنىمىزدىكى (يازغۇچى ) ئەمىلى پاكىت بىلەن روياپقا چىقىرىدۇ. مىنى ھەيرەتتە قالدۇردىغىنى دەل خەلىقىمىزنىڭ مۇشۇ خىل ئاددى بولغان ئەقەللى ئۇقۇم مەسىلىنىسىمۇ توغرا ئاڭقىرالمايدىغان قىسمەن ئاڭقاۋلىقى بۇلۇپ، بۇنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە ، ئۈن-تىنسىز ئەقلى دارامەتنى يىغىش ئۈچۈن ھەقىقى تىرىشىۋاتقان مۇبارەك نامدىكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مىھنەتسىزلىكى بىلەن خەلقىمنىڭ بۇ مىھنەتتىن ئېچىنىشلىق ھالەتتىكى يالتىيىشىدىن ئىبارەت ،تەتۈر نىسبىيلىكى قاچانغىچە داۋاملىشار دىگەن ؟، باشقىچە سۇئالدىكى تەپەككۇر ئازابىنىڭ قىينىشى باشقدىن ئۈرتىنەتتى. بىز يەنە كۈنۈپ كەتكەن مۇنداق بىر ئەقلى ھۆكۈمىمىز بۇلۇپ، كىتاب بىلىم بۇلىقى ، ئۇنداقتا كىتاب قانداق پەيدا بولغان؟ بۇلاق مەنبەسى كىم ؟ سۇئالارنى تالاي سۇراپ قاقشىغىنىم ۋە ماختىغىنىم يەنىلا تەسىر ئۇقۇمىنى تاپالىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مەزكۇر تىمىدىكى يازغۇچىنىڭ مەنىسى نىمە ؟ دىگەن سۇئالىمغا ئاددىيلا جاۋاب بىرىىش بىلەن توختىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. يازغۇچى دىمەك-ئىنساننىڭ بىلىش ساۋاتسىزلىقىنى ،يېزىش ساۋادى بىلەن ئەقىل تەلىمىدە چىقىرىدىغان ئۇستاز دىمەكتۇر. ئۇنداقتا بۇ ئۇستازنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئورنىنى مىنىڭ كۈزىتىشىمدە چۈشىنىپ باقايلى .
ئۇيغۇر جەمىيتىدە يازغۇچىلارنىڭ ئورنى
ھەر قانداق ئىنسان ، ئۈزى ياشاۋاتقان جەمىيەتتە -مۇئەييەن ئۇرۇنغا مۇناسىپ بۇلىدۇ، بۇ ئۇرۇننىڭ قىممىتىنى بىكىتىپ مۇئامىلە قىلىش ، شۇ جەمىئەتتىكى پۈتۈن خەلقنىڭ بىلىش سەۋىيەسى بىلەن تەقسىملىنىدۇ. بۇنى قانداقتۇر بىرەر يەككە شەخىس چىقىپلا ئۆزگەرتىپ يوق قىلىپ تازلىيالمايدۇ . ئەكسىنچە ئۆز ئالدىغا بار قىلالمايدۇ. ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان، سىياسى مۇناسىۋەت، ئىقتىسادى مۇناسىۋەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت ، كوللىكتىپ مۇناسىۋەت ،جۈملىدىن ئىجتىمائى مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت ،ياشاش مۇناسىۋىتىدىكى زەنجىر مەۋجۇد. مۇشۇ زەنجىردە ھەممە ئىنسان ئۆزىنىڭ ياشاشتىن ئىبارەت ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئورنىنى تېپىپ مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇرۇن شۇنداق بىرخىل ئۇرۇنكى بىر پۈتۈن توپتىكى ئۇمۇمى كەيپىيات ئۇرۇننىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن بۇ توپتا كوللىكتىپ ئىچىدىكى مۇدىھىشلىق ، ياخشىلىق، ئىززەت ، خورلۇق ، مۇشاققەت، بەخىت ، قىممەت، قاتارلىق مۇھىم بۈلۈنمىلەر تەقسىملىنىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇر جەمىيتى بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزغا قانداق ئۇرۇننى بۈلۈپ بەردى.
مەن ئۇيغۇر ئەقىل ئەمگەكچىلىرىدىن ،يىقىنقى دەۋىرىدىكى 100يىل مابەينىدىكى - ئابدۇقادىر دامۇللا ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، خوجا نەزەر ئابدۇسەمەتوف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،سەيپىدىن ئەزىزى،زۇنۇن قادىر،تىيىپجان ئېلىيىۋ، ھاجى ئىمىن تۇرسۇن،مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجى ، ئىسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى،رۇزى سايىت، ئابدۇقادېر جالالىدىن، ئىمىن ئەخمىدى، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس، زوردۇن سابىر، جالالىدىن بەھرام، پەرھات جىلان، ئازات سۇلتان، نۇرمۇھەممەت توختى ،ئابدۇكېرىم راخمان، ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانى ،مۇھەممەت پۇلات، مەمتىمىن ھۇشۇر، ھاجى نۇر ھاجى ، خېۋىر تۈمۈر،مۇھەممەت باغراش، ئەختەم ئۈمەر،پەرھات ئېلياس، يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق، يالقۇن رۇزى،ئابدۇرېشىت جىلىل قارلۇق،ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئان، غەيرەت ئوسمان بىلىكيار،غۇجى مۇھەممەت، تاھېر ھامۇت، ئادىل تۇنىياز، يالقۇن رۇزى، ئەزىز ئاتاللا سارتىكىن، ئاتاقلىق ژورنالىسىتلىرىمىزدىن قۇربان مامۇت، رىسالەت مۇھەممەت، ئەبەيدۇللا ئېبىراھىم، تۇرغۇن يىلتىز، يىتىلىۋاتقان ياشلىرىمىزدىن ، ئابدۇۋاھىت مەتنىياز ئەمىن،زۇلپىقار بارات ئۆز باش، ئابدۇرېھىم دۆلەت، ئابدۇقادىر ئابدۇللا، نۇرمۇھەممەت ئۈمەر ئۇچقۇن ،ئايال يازغۇچىلىرىمىزدىن خالىدە ئىسرائىل، ئايتۈرىك ۋە شۇنىڭغا يانداشقان ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن ئالىم سۈپەت ئەسەر يېزىپ ئىلان قىلىشى ئاز بولسىمۇ مەخسۇس پەن-تەتىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەركىن سېدىق، ئابباس بورھان ، مەدىنە ئابلىز ،ھۇشۇر ئىسلام، قاتارلىق قەدىرلىك كىشىلىرىمىزنى تۇنۇيمەن. ئەمدى بۇلار نىمىشقا مەندەك بىر ئاددى ھىرىسمەن تىلىدا ئېيتىلىدۇيۇ ، لىكىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ئەزىز كىشىلەرگە ئايرىپ بەرگەن مەنىۋى نۇپۇزى ئاتاقتا دەبدەبىدەك بولسىمۇ ، ئەمىلى بولغان بىر پۈتۈن ئاڭلىق ھالەتتىكى قەدىر قىممىتىنى قىلىدىغان ھەقىقى نۇپۇزىنى ئويلاشمايدۇ.
بۇنىڭ ئىپادىلىرى
1- بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن يۇقارقىدەك ھۆرمەت ساھىبلىرى پەقەت مۇشۇنى چۈشەنگەن بىر پۈتۈن جەمىئەتتىكى 20 پىرسەنىت زىيالىيلىرىمىز قەلبىدە مەۋجۇد بۇلۇپ، ئاددىيسى ساۋاتلىق قارىلىۋاتقان كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ناتۇنۇش ، ئاددىيسى بۇ قەلەم ساھىبلىرىمىزنى ، ھازىر يىتىلىۋاتقان ياشلىرىمىز چەتئەلدىن پەيدا بولغان ئاتالمىش باجالار گوروھىىدەپ ئاتالغان گۇرۇپىدىكى ئوڭ تەتۈر ناخشا ئىيتىدىغان جاھانگىرىنى تۇنۇغانچىلىك تۇنۇمايدۇ ، ئىرەن قىلمايدۇ، بىلمەيدۇ. مىنى تېخىمۇ ئويلىنىشقا سالىدىغىنى ھىندىستاننىڭ ناخشلىرىنى ساراڭدەك توۋلاپ بەرسە ھەدەپ بازارغا سېلىپ پۇل تىپىشقا كۆز تىكىۋاتقان مەدىنيەت بازىرىدىكى قوڭالتاق ئۈن-سىن سودىگەرلىرى يۇقارقىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى مۇۋاپىق تەشۋىق قىلىشنى ئويلاشمايدۇ.
2- بىزنىڭ جەمىيتىمىزدە خەت ساۋاتسىزلىقىدىن ، بىلىش ساۋاتسىزلىقى، ۋىجدان ساۋاتسىزلىقى، تەپەككۇر ساۋاتسىزلىقى ئىنتايىن ئېغىر . ھازىر مەكتەپلىرىمىز 9 يىل مەجبۇرى ئۇقۇتۇپ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە خەت ساۋادىنى چىقارغىنى بىلەن تەپەككۇر ساۋادىنىڭ كۆپلىگەن ھەرىپلىرىنى پەقەت ئۆتمەيدۇ، نەتىجىدە بۇ ياشلىرىمىز قانداق جەمىئەت ئادەملىرىنى شەكىللەندۈردى ؟ دىيىلسە كۈزى ئۇچۇق قارىغۇ پىكىرىيەتلىك ئەۋلاتلرىمىزنى يىتىشتۈردى، دەل مۇشۇنداقلار ئىلىم ئەھلىنىڭ نۇپۇزىغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىپ، بىر پۈتۈن جەمىئەتنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلماسلىققا ئاساس بۇلۇپ بەردى.
3- كىتابقا تۇتۇلغان ناباب پۇزىتسىيە ، ئوتقا ياغ چاچقاندەك يامىراپ ، ماشىنا ،تېلىفۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەڭ قىزىقارلىق تىمىغا، جان جەھلى بىلەن كۈرەش قىلىدىغان نىشانغا ئايلاندى، بۇلۇپمۇ بىر ھەيدەيدىغان ماشىنىسى بولسا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئادەمگە ئايلىنىدىغان ساماۋى چۈش ئەزۋەيلەپ كەتكەن ، پەرزەنىتلىرىمىزدە ، كاللا ئاچىدىغان ماشىنا كىتاب ۋە ئالىملار سۈزى ئەھمىيەتسىز سانىلىپ ، سېسىق پەللەك بىلەن، بەدەن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان تۈمۈر ماشىنىنىڭ غىمى ئەڭ يىتۈك غايىگە ئايلاندى. بۇنداق غايە يامىراپ ئەڭ ئاخىرىدا ئەقلى ئەمگەك كۇرىسىنى بىر تىيىنچىلىك قىممەتسىز ئۇرۇنغا ئىتتىرۋاتىدۇ. مەن شۇنداق كەسكىن ئېيتىپ قۇيايكى نادانلارنىڭ قەلبىدە ھامان ، ئەخلەت ،تەستەك، بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئېرىشدىغىنىمۇ يەنىلا ئەخلەت ۋە تەستەك بۇلىدۇ.بۇنداق ئادەملەر قانداقمۇ ئەقىل ساھابىنىڭ نۇپۇزىنى كۈرەلىسۇن.
4- تۇرمۇش غىمى ، ھاياتلىق غېمى كاللىنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرۈپ ، ئىلىمغا يىقىنلىشىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تاينىدىغان قىلىپ يىتىشتۈرسە بۇلاتتى، تۇلىمۇ ئەپسۇس بىزنىڭ جەمىيتىمىز بۇ ئىشتا تەتۈر تاناسىبلىق خۇسۇسيەتنى ئىپادە قىلدى. بۇ خىل ماددىۋى جاپا بىزنىڭ ئەقىل مىڭىمىزنى قۇرىت يىگەندەك يەپ بىكار قىلىپ تاشلىدى. بۇ يەردە بىز ئىلىم قەھەتچىلىكىگە يۈز تۇتتۇق. ئىلىم ئەھلى بىردەك قارشى ئېلىنمايدىغان ، بىكار گەپ قىلىدىغان ئادەملەر بۇلۇپ تەشۋىق قىلىنىپ زاڭلىق ئىتىلىدىغان ناچار ئىقـىمائى ھادىسە ھەم مەۋجۇد.
5- ئىقتىساد مۇھىم . بىراق ئۇنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۈپەيتىسىز؟ مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەسىلە ئۈزۈم سېتىۋالغان 100يۈئەن قىممىتىدىكى تۆت كىتابنى كۆرگەن خىزمەتدىشىمنىڭ مىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىشى بۇلۇپ، كىتابنىمۇ ئاتايىن پۇلغا سېتۋىلىپ كۈرەمدۇ ؟ مۇئاش ئاز تۇرسا ، تازا ئەخمىقانە ئىش قىلىپسىلەر . دەپ خىېخىراپ كۈلۈشى بۇلۇپ ، ھېچقاچان كەلمىگەن غەزىپىم قايناپ زەردە بىلەن قايتۇرغان ئاھانىتىم تا ھازىرغىچە كۆڭلۈمدىن چىقمايدۇ. توۋۋا بىر مائارىپ خىزمەتچىسى كىتابقا مۇنداق مۇئامىلە تۇتسا بۇ ئادەملىرىمىز قانداق تۇنۇلىدۇ. ئۇ تەربىليىلىگەن ئۇقۇغۇچى قانداق يىتىلىدۇ. سىزنىڭچە ئالىملار يازغۇچىلار كىتاب يېىزىپ ئۈزى كۆرسە بۇلىدىكەندە، ئۇلار بىكارچىكەندە ،پەقەت سىزنىڭ بىر قانچە يۈئەن پۇلىڭىزلا راسىتكەندە. ئىسىت شۇ چوڭ بىلگەن پۇلىڭىز. ئىلىم ئالدىدا نىمانچە بىچارە.
6-زىيالىيلار مۇنازىرىسى، ئىلمى دىئالۇگى ، ھەمكارلىشىشى ، ئىزدىنىشى، تەپەككۇر قىلىشى، پىكىرىيەت ئۆلچىمى سەكىراتقا چۈشتى. نەتىجە رەھىمسىز . ئادەم ئويلىمىغان نەتىجىنىڭ يۈز بىرىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا ھەرىكەتلەنمەكتە. مەن ھىسياتلىنىپ كەتمىدىم . ئەنسىرمەڭكى سىز ئۆلمىدىڭىز، سىزساق ئوينىيالايسىز، نان يىيەلەيسىز ، ئەمما سىز ھاياتىڭىزدا نىمىگە ئىرىشمەكچى؟ دەل مۇشۇ ھەقىقەت نۇرغۇن ئەقلى تەپەككۇرنى ئاچىدىغان تەپەككۇر ھاياتلىقىنى نادانلارچە ، بىكار تەلەتلىكتىن قىرغىن قىلىشىغا ئۇچىرىشىنى بەلگىلەيدۇ. مەن سىزگە ئېيتىپ قۇيايكى- ئەقلى ئۆلگەن ئادەممۇ ناھايتى نۇرمال ياشارۋىرىدۇ ، ئەمىليەتتە ئەتىراپىڭىزغا نەزەر سالسىڭىز ئۇلار ئەقلىنىڭ جىنازىسىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ ماڭغان ھازىدارلار بۇلۇپ، كۈلۈپ، ماشىنا مىنىپ، تەلۋىلەرچە سەكرەپ ئوينىغىنى ھەقىقى مەنىدىكى ئۈزى ئەمەس. مۇشۇنداق شارائىتمۇ بىزنىڭ ئەقلىنىڭ ھاياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، ئەقلى -پىكىرى تىرەن ھاياتى كۈچكە ئىگە ئەقىل ساھابى، قەلەم ساھابىنى چەتكە قاقماقتا.
7- ئىلىمگە بۇيۇنتاۋلىق قىلىش جەمىيتىمىزدىكى يەنە بىر ئېغىر كىسەل بۇلۇپ، بىر تەلۋە رەھبەر ئۆمىرىدە بىر پارچە كىتاب ئۇقۇپ بىقىش تارىخى بولمىغان ھالەتتە ،ناھايتى كۈرەڭ ھالەتتە ئىلىم بابىدىن سۆزلەپ كىتىدۇ. توۋۋا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ بىرىلگەن ھۇقۇق ئەمدى ساپ ئەقىل سەھنىسىنىمۇ بۇلغاشقا يىتىدىغان شارائىت شەكىللىنىپتۇ. بۇنداق شارائىتتا كىتابخۇمار ھەقىقى ئىلىم سەركىلىرىمىز يەنە قانداقمۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئورنىنى توغرا تاپسۇن.
خاتىمە
قىسقىسى - جەمىيتىمىزنىڭ ئىلىمگە ، ئىلىم ئەھلىگە ، (يازغۇچى، زىيالى ، بىلگىن) تۇتقان پۇزىتسىيىسى تۇلىمۇ سۇغۇق. بۇ رۇشەن يۇقىتىش مەسىلىسى، نادانلىق يۇلى. مەن سىزگە ئالەمچە سۆزلەرنى دەپ بىرەر ئېغىر ئاپەتتىن بىشارەت بەرمىدىم. پەقەت ھازىرقى ئەمىليەتتە شەكىللىنىدىغان ئىلىم كورلۇقىمىزنىڭ ، ھىس قىلغان بىر قانچە تەرەپلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، قەلەمدار ئەزىزلىرىمىزنىڭ جەمىيەتتىكى بىر قەدەر تۈۋەن ئورنىنى كۆرسەتتىم. بۇنداق دىيىشىم ئۇلارغا ئىچ ئاغىرىتقىنىم ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار قاتتىق خاپىلىق تارتىپ ئەسەر يېزىپ پۇل تېپىشنى كۆزلىگەنلەرمۇ ئەمەس. ھەممە ئادەمنىڭ رىزىق زۇلۋۇسىنى ياراتقۇچى ئۈزى بىرىدۇ، مىنىڭ كۆزدە تۇقۇنۇم ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن ئۇنداق ياتسىراتمايلى. قابىليىتىدىن پايدىلىنىپ بىلىم ئەھلىگە ئىللىق بولغان مەنىۋى مۇھىت يارىتىشقا تىرشايلى. بۇ ئارقىلىق ھازىرقى بىر قەدەر تۈۋەن تۇرمۇش ھالتىمىزنى ئۇمۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىشكە تىرىشالىساق، ئۇلارمۇ ئاز-تۇلا بىزدىن مەمنۇنلۇق ھىس قىلىدۇ، بىلىۋالايلىكى يازغۇچى ھەرگىزمۇ بىكار قۇرۇق گەپ قىلىدىغانلاردىن ئەمەس. پەقەت ئەقىل كۈزىنى ئورتاق ئېچىشقا جارچىلىق قىلىشنى ئويلايدىغانلاردىن، ئەلۋەتتە ئەمىليىتى بۇنىڭ سىرىتىدا بولغانلىرىنى ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن قەلەم ساھىبلىرىمىزغا ھۆرمەت بىلەن سالام يوللاش بىرگە ، قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن، ۋە پۈتۈن ئويلىنىش تۇرىۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىلىم بابىغا دادىل يۈزلىنىپ، مۇۋەپىقىيەت تۇلپارىنى جەسۈرلاچە مىنىشىگە تىلەكداشمەن. |