- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| (مەشھۇر ناخشا ئىجادىيەتچىسى، زىكرى ئەپەندىگە بىغىشلانغان)
چال سازىڭنى زوق بىلەن، تىنماي چال،سازەندىم، ھەركىتىڭ تېتىك، قوللۇرۇڭ مەجنۇنتال، سازەندىم، ناخشاڭ شېرىن، تاتلىق سېنىڭ، گوياكى بال، سازەندىم، ياشلىقنىڭ زىلۋا چېغىدا، ئىجاد قىلىپ قال، سازەندىم، بۇ مۇخەممەس شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا ئىرسال، سازەندىم. ************
ئىجاد قىل ۋۇجۇدۇڭدا بار ئوبدان غەزەلنى، كۈرەشچان سەنئەت مەيدانىدا باغلىغىن بەلنى، سازلىرىڭ روھى بىلەن راست سۇغارغىن ئەلنى، سەنئەتتىن مەۋجۇت قىل دولقۇنلۇق سەلنى، شادىمان ھاياتىڭ قوينىدا ئوبدان ئەھۋال، سازەندىم. ************
بۇ ۋەتەندە جاراڭلىسۇن نەغمەڭ ساداسى، ھاۋالارغا ئۆرلەپ كەتسۇن مۇڭلۇق ناۋاسى، تەسەددۇق، خويمۇ كەڭ گۈزەللىك دۇنياسى، كونا مۇقاملار لەززەتنىڭ ئەڭ چوڭ باباسى، ئۆسۈش، ئىجاد، يۈكسىلىشكە ئەپلىك ئامال، سازەندىم. **************
بىھۇدە يات كىرلەرنى تازىلىغاي ئېسىل سەنئەت، ئىنكاسىدۇر ھاياتنىڭ، جان ئۈچۈن لەززەت، ئىلھام بېرىپ ۋىجدانغا، تەۋرەتسۇن خىسلەت، سازەندىنىڭ قولىغا بەرمىسۇن ھىچ دەرد، كۆڭۈل مەيلىنى سازىڭ ئىشقى قىلسۇن ئىشغال،سازەندىم. ***********
مۇقام-سەنەم، سەن بول بىر ئاشىق غېرىپ، ئۇچرىشىشقا ئالدىرا ۋۇجۇدۇڭ بېرىپ، مۇھەببەتنىڭ مەنزىلىدە يۈر كۆكرەك كېرىپ، ھەر قەدەمگە ئۈنچە-مارجان، ياقۇتلار تېرىپ، شانۇشەۋكەت زېمىنىدا ئۆستۈر نىھال، سازەندىم. ************
ۋەتەن، خەلق ئۈچۈندۇر دائىم بىزنىڭ ئىشىمىز، ئازاد تۇرمۇش ئاشنىسى بولدى ھەربىر كىشىمىز، زور مەقسەتلەر يولىدا بىزنىڭ ئوي ۋە پىكرىمىز، ئىجاد ئېتىشتۇر ھارماي يېپيېڭىنى زىكرىمىز، قوبۇل ئەيلەڭ شېئىرىمنى، سىز بىمالال، سازەندىم.
1944-يىل، ئاقسۇ
ئاپتور: ل. مۇتەللىپ
|
|