ئىنكاسچىلار جەمىئيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا سۆزلەنگەن سۆز
فىليەتۇن [p=30, 2, left]ھەر دەرىجىلىك ئىنكاسچىلار، ۋەكىللەر، تورچىلار جەمىئيىتىنىڭ ئەزىز مىھمانلىرى، 169 كۈن داۋاملاشقان 0- قىتىملىق ئىنكاسچىلار جەمىيىتى قۇرۇلتىيى ئاخىرلىشى ئالدىدا تۇرغان مۇشۇ پەيىتتە، مەن ۋەكىللەر كىڭىشىگە ۋاكالىتەن ئىككى شىڭگىل ئىنكاسىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.( بۇ ئىنكاسقا قايتۇرما ئىنكاس يىزىش چەكلىنىدۇ) ئىنكاسچىلار جەمىيىتى ئىنتىرنىت دەۋرىنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن بىر تور ھادىسىسى بولۇپ، تور بىكەت، مۇنبەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور يازمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئىنكاسچىلارنى بارلىققا كەلتۈردى.( مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئوت يۈرەك ئىنكاسچىلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە قىزغىن ھال سورايمەن) شۇ تۈپەيلى بىز بۇ قىتىم بىر قىسىم تىپىك ئىنكاسلارنىڭ ئاپتورىنى تاللاپ، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئوقۇشلۇق ئاچتۇق. تۆۋەندە بۇ قىتىمقى ۋەكىللەر كىڭىشنىڭ بارلىق ئەزا ھەم ۋەكىللەردىن كۈتىدىغان بىر نەچچە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. 1- بۇنىڭدىن كىيىنكى 38 يىلدا، بارلىق ئەزالار بۇ قارارلىق ئىنكاس يىزىش نورمىسىنى ياخشى ئورۇندىشى كىرەك،( ھارماڭ، ياخشى يىزىپسىز، ئېسىلكەن...دىگندەك مىدالغا ئىرىشكەن ئىنكاسلارنى ھەرگىز توختىتىپ قويماسلىق كىرەك) 2- ئەزالار ئۆز ئارا ماسلىشىپ ئىنكاس يىزىشى كىرەك. ( بىرەر ئەزايىمىز زەربە يىگەن ھامان ھەممەيلەن توپلىشىپ زەربە بەرگۈچىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىپ، يىغلىتىپ، بولسا ئىنكاسقا يىقىن يولىمايدىغان قىلىش كىرەك) 3- ‹‹ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت›› دىگەن ئىنكاس يىزىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كىرەك. ( ۋاقىتنى تىجەش ئۈچۈن، ئوقۇماي يىزىشقا، باش- ئاخىرىنى ئوقۇپ يىزىشقا، تۇنجى ئىنكاسقا قاراپ يىزىشقا تامامەن يول قويۇلىدۇ) 4- ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا قىز-ئاياللارنىڭ تىمىسىغا ئالاھىدە ئىنكاس يىزىپ، خوشامەت قىلىدىغان، بىزەڭلىك قىلىدىغان ئەھۋاللار سىزىلدى، بۇنىڭغا تەۋسىيەمىز شۇكى: نورمال چەكتىن ئىشىپ كەتمىسىلا جەمىيىتىمىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويىدۇ ۋە يىشىل چىراغ يىقىپ بىرىدۇ.( بولۇپمۇ تورغا يېڭى كىرگەن ھەۋەسكارلار بولسا ئەڭ مۇۋاپىق) 5- ئىنكاسچىلار ھارماس روھقا ئىگە بولىشى كىرەك.( يازغان ئىنكاسىنىڭ سانى مەيلى قانداق بولسۇن 100000 غا يەتكەندە بارلىق تورغا چىققان چىقىملىرى تۆلەپ بىرىلىدۇ ھەمدە مىدال بىرىلىدۇ.) 6- ئىنكاسچىلار ئۆزىنى بىلىپ يۈرىشى كىرەك. ( سەۋىيەلىك كىشىلەر توپلاشقان، ئىنكاسلىرى قايىل قىلارلىق مۇنبەرلەرگە يىقىن يولىماسلىق، ئاۋال كۈزىتىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىشى، تور ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن ئۇقۇشماي ئېتىشىپ سىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كىرەك) 7- ئىنكاسچىلارنىڭ ئىچىدە تىما يازىدىغانلارمۇ كۆرۈلۈپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ تىمىسىنى كۆرگەن ھامان نىمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ماختاپ ئىنكاس يىزىش، تىللىغانلار بىلەن كەسكىن ھالدا ئېتىشىش كىرەك. 8- ئىنكاسچىلار چوقۇم مەخپىيەتلىك ساقلىشى كىرەك.( بىر نەچچە ئىسىمدا كىرگۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى ساقلىنىدۇ، كىمنىڭ نەچچە ئىسىمدا كىرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ)
مەنبە : ئۇيغۇر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوتلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 23:45
|