مۇھەببەت ناخشىسى
بىر كۈلۈپ باقساڭ گۈزەلىم چېھرىمگە ، ئوت ئالىدۇ يۈرىكىم يانار گۈلخان . نۇرلۇق كۆزۈڭ چاچرىتىپ ئۇچقۇنلارنى ، قەلبىم تۆرىدە بوپسەن ئەزىز مېھمان .
ئىزھارىنى سۆيگۈنىڭ سۆزلەر ئۈنسىز ، قەلبىڭنىڭ تىۋىشى ئاياندۇر ماڭا ، ئىزدەيمەن ھىدلىرىڭنى گۈل بويۇڭدىن ، بۇ غېرىب مۇھەببەت يېتەرمۇ ساڭا .
بىر ئۆمۈر ۋاپادارىڭ بولغان ئۆزۈم ، پۇراپ قالماي زىنھار باشقا گۈللەرنى . پەقەت سېنى سۆيۈپ ئۆتكەن ھاياتتا ، بىر جۈپ قىلىپ تۈندە ھەم چۈشلىرىمنى .
كەچۈر مېنى ئەزىز ئەركەم ھاياتىم ، چۈشەنگىن مېنىڭ كۆڭلۈم ئۈمىدىمنى . باشقا بىرگە ئاشىق ھەرگىز بۇلالمايمەن ، تەقدىم قىلاي ساڭا سەۋدا يۈرىكىمنى .
ئېھتىمال سەنمۇ ماڭا ئاشنا نىگار ، ھايا بىلەن ئېيتالمايسەن ئىزھارىڭنى . ئۇچراشقاندا ئالما رەڭگى قىزىرىسەن ، يەرگە باقساڭ كۆرەلمەيمەن دىدارىڭنى .
بىزگە قاراپ خەقلەر بەزەن قىلار غەيۋەت ، سۆز-چۆچەكتە گەپلەر ئويناپ ، ئازار بېرىپ . پەرۋايىم يوق دۇنيا بىلەن بىلسەڭ جانان ، شۇ تاپ بېرىپ باغرىڭ تامان كەتسەم سىڭىپ .
بىر جۈپ قۇشتەك ئۇچسام دەيمەن كەڭ سامادا ، بوشلۇق ئارا ياڭرىتىپ سۆيگۈ ناخشىسى . گويا چولپان كەبى ئاسماندا نۇر چېچىپ ، بولۇپ يۇلتۇزلار ئالىمى ئەڭ ياخشىسى .
ھەسەت قىلغان دۈشمەنلەرگە نەشتەر ئۇرۇپ ، تامام قويماي يەر يۈزىدىن ھالاك قىلسام . بۇئالەمدە جەۋلان قىلسا ئېسىل خىسلەت ، مەرت-ساداقەت دەرياسىدا مەڭگۈ ئاقسام .
كەۋسەر يازمىسى |