پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 42|ئىنكاس: 2

جان ئانا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 21:29:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جان ئانا

قەدىردانىم جان ئانا ،
تۇغدۇڭ مېنى مېھرىڭدىن ،
پانىي تامان چۈشتۈممەن ،
ئاجرىغانچە تېنىڭدىن .

باقتىڭ مېنى پەپىلەپ ،
ئەجرىڭ بىلەن جاپادا .
ئۆتۈپ شۇنچە ئاي-يىللار ،
قوشۇلدۇم ھەم قاتارغا .

خورىدى سەندىن مادار ،
ئەقىل-زېھنىڭ ئاجىزلاپ .
قىلچە ۋايساش بولمىدى ،
چەكسەڭمۇ گەر ئىزتىراپ .

ياشلىق جىسمىڭ سولاشتى ،
تەنگە تىترەك ئولاشتى .
مەشئۇملۇق خىياللىرىڭ ،
ساڭا « گۆرلۈك » كولاشتى .

ئويلاپ باقسام جان ئانا ،
قەرزنى قايتۇرماپتىمەن .
نە قايناق سورۇن بولسا ،
پەقەت قالدۇرماپتىمەن .




كۆڭلۈم خالىغان يەردە ،
يۈردۈم كۆڭۈل خوش ئېتىپ .
تىلەك تىلەپ يىغلىساڭ ،
قارىماي قالدىم كېتىپ .

ئويلىرىمنىڭ سىرتىدا ،
تىنەپ ھامان يۈردۈڭسەن .
مەن بىئەقىل ۋە غاپىل ،
ئىشرەتكە يۈگۈردۈممەن .

ئۆتۈپ كەتتى شۇ سەۋەب ،
قانچە-قانچە ئاي-يىللار .
بولۇپ مەنمۇ ناتىۋان ،
بوغۇق ئۈندە قىچقىرار .

ئۆتتى كۈزۈم ئالدىدىن ،
ئۆتمۈشۈمنىڭ ئەينىكى .
روھىم تېپىپ ھىدايەت ،
ئەمدى راستىن دەيمىكى :

بىلسەم ئۆزۈڭ جان ئانا ،
تەربىيىچىم ، ئۇستازىم .
بارلىقىم مەنسۇپ ساڭا ،
قىلسام ھەقتۇر مىڭ تازىم .

مۇشتۇمچە يىرىڭ گۆشنى ،
پەرۋىش قىلدىڭ ، ئۆستۈرۈپ .
يۈرىكىڭ ، مېھنىتىڭدىن ،
يېڭى ھايات ئۈندۈرۈپ .

ئەللەيلىدىڭ كۈنى-تۈن ،
كېچىپ تاتلىق ئۇيقۇڭدىن .
بارغانسېرى خوشلاشتىڭ ،
شۇنچە گۈزەل تۇرقۇڭدىن .

ئاق-قارىنى ئۆگەتتىڭ ،
دىلغا ھېكمەت تولدۇرۇپ.
ئىنسانىي كۆيۈم بەردىڭ ،
قۇچىقىڭدا قوندۇرۇپ .

بارىڭنى قىلىپ قۇربان ،
ماڭا ئاچتىڭ ئىستىقبال .
ئېچىلىپ ھايات يولۇم ،
پەن بىلەن تاپتىم كامال .

« سۇ ئىچكەندە ئۇنتۇلماس :
شۇ قۇدۇقنى قازغۇچى .
ئۇنۇتۇپ بۇ ھېكمەتنى ،
ئۆزۈم بولدۇم ئازغۇچى » .

بەللىرىڭمۇ مۈكچىيىپ ،
قورۇق چۈشتى يۈزۈڭگە .
قەدرىڭ ئەجەپ بىلمىدىم ،
لەنەت دەيمەن ئۆزۈمگە .

ئەمدى بىلىپ غەنىمەت ،
بار ۋاقتىڭنى جان ئانا .
ئادا قىلىپ پەرزىمنى ،
بېرەي ساڭا « قان » ئانا .

كۆز ياشلىرىڭ ئورنىغا ،
بەخش ئېتەي شوخ كۈلكە .
ۋاپادارلىق بابىدا ،
يارىتىپ يېڭى ئۈلگە .

نىمە پايدا ئۆلگەندە ،
قان-ياش يىغلاپ يۈرگەندىن .
ھاياتلىقتا بىر تال دان ،
ئەكەلگۈلۈك تۈگمەندىن .

دىدارىڭغا قېنىۋالاي ،
ھىدىڭنى ھەم پۇرىۋالاي .
ئۆز ئەركىمگە قويۇپ بەر ،
سېنىڭ بىلەن تۇرىۋالاي .

دۇئا بەرگىن قۇۋۋەتلىك ،
بەركەتلىك ھەم مۇرۇۋەتلىك .
ئۇلۇغ تەڭرى دەرگاھىغا ،
باراي شۇندا يۈرەكلىك .


كەۋسەر يازمىسى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 23:56:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا دوستۇم، ئادەمگە يرقىشلىق، سەرخىل شېئىرلىرىڭىز بىلەن مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىسىز، رەخمەت سىزگە. دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مەدھىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئانىغا مۇناسىپ. ئانىلارنى ھەرقانچە تەرىپلىسەكمۇ ئۇلارنىڭ بىزگە، پەرزەنتلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە جاۋاپ بېرەلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا شۇنچە كەڭ قوساق ۋە مېھرىبان.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 12:22:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارنىڭ جاپاسىنى ئاتا-ئانا بولغانلار ئوبدان بىلىدۇ . داۋاملىق تىرىشىڭ !
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:45, Processed in 0.132262 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش