سۇ قەدرى ( شېئىر )
تامچە سۇغا تەلمۈرۈپ گىياھ ، قاغجىرىدى ، قۇرىدى -يۈتتى . تەشنا زېمىن يېرىلدى ئىڭراپ ، تاغلار ئاشقان كەلكۈننى كۈتتى .
دەل-دەرەخلەر سۈكۈتكە چۆمگەن ، ياپرىقىغا قونمىغان بىر قۇش . ئەسكى تامدا ، جىگدە شېخىدا ، ئەنسىز ئۈندە سايرايدۇ ھوقۇش .
غەرب تەرەپ قاراڭغۇ شۇنچە ، ھۇۋۇلدايدۇ ئالجىغان قۇيۇن . ئادەملەرنىڭ كۆڭلى پەرىشان ، قۇرۇغدىلىپ ھەشەمەت سورۇن .
سۇ ھاياتلىق مەنبەسى جاننىڭ ، ئوزۇقىدۇر يىلىك ۋە قاننىڭ . غاپىللىقتا ئۆتكەن ھاياتتا ، قەدرى بولماس ئاۋات كۈنلەرنىڭ .
نەزىرىنى تاشلاپ باياۋان ، چۆل-جەزىرە قىلماقچى يۇرتنى . يېشىللىققا پۈرگەنگەن دىيار ، باشلىماقچى قوينىغا ھۇتنى .
دۇنيا ئۇلۇغ ، ئىنسانلار ئۇلۇغ ، بار ئۈمىدتە كۆكلەر تەبىئەت . ئەلمساقتىن يۈكسېلىپ كەلگەن ، بەرپا بولۇپ ئىناق جەمىئەت .
ئاداشقاندۇر بەلكى بىر پىرقە ، ھەق يولىدىن ۋە دەستۇرىدىن . غەپلەت ئىچرە مۈگدەكلەر بېسىپ ، ئامەت قاچقان ئوڭ ۋە سولىدىن .
يىتەر بەزى يادىمغا توپان ، نوھ قەۋمىنى باسقان شۇ قىيان . ئۇندا دەھشەت بالايىئاپەت ، بەخش ئەتكەن بارچىغا ھىجران .
ئەركەكلىكتىن چەتنىگەنسېرى ، يوقىلىدۇ ئىنساپ دىيانەت . لۇت قەۋمىدەك بەچچىلەر ئېشىپ ، تاشلار سوقۇپ كېلىدۇ ئاپەت .
قايتىپ كەلگىن يىراق كەتمىگىن ، ئىلكىمىزگە ئەي قىممەت پۇرسەت . نېىسپ ئەيلە بۇلاق سۈيىدىن ، تاپاي مەنمۇ شېرىن بىر لەززەت .
بەلكى قايتىپ ئادىمىيلىككە ، يىڭىباشتىن چۈشەي تۇغۇلۇپ . تەشنا دىلغا بېرىپ تەسەللى ، دەريالاردا ئاقاي سۇ بۇلۇپ .
كەۋسەر يازمىسى |