بالا دەردى
بالادەردى بەك يامان ئىكەن ، مىڭ جاپادا باققىنىڭ بىلەن . چوڭايسىمۇ گەر يەنە بالاڭ، ئوت سۈيىدە ئاققىنىڭ بىلەن .
توۋا دەيمەن بۇ بالىلارنىڭ ، ئادەم بولماي يۈرۈپ كەتكىنىنى . خاتىرجەملىك بەرمەي بىر ئۆمۈر ، يۈرەك باغرىم خۇن ئەتكىنىنى .
نەچچە سۆزلەپ تەربىيە بەرسەم ، « ماقۇل » دەپلا تۇرغىنى تۇرغان . چاغلاپ ئۆزى دائىم ئاشۇنداق ، كۆڭلۈمگە « مۇش » ئۇرغىنى ئۇرغان .
«-ۋاي ئاتا ، مەن تۈرمىگە چۈشتۈم ، خەجلەپ كۆپ پۇل قۇتقۇزۇڭ مېنى. يورۇق دۇنيا ئەسلى ياخشىكەن، بالىڭىزنىڭ قىينالدى جېنى ».
مۇشۇ سۆزنى دىگەن نەچچە رەت ، توۋا قىلغان ئىچكەن ۋە قەسەم . تەكرارلىنىپ كەتتى جىنايەت ، ناپاكلىقتىن يانمىدى قەدەم .
بالا دەردى قېرىتىپ مېنى ، يۈرىكىمگە دەرت ئەلەم سالدى . سايە تاشلار ئەزرائىل بەزى ، كۆزلىرىممۇ كۈرۈشتىن قالدى .
ئەي -،جان بالام ئىچىڭ ئاغرىسۇن ، مەندەك ئاجىز قېرى داداڭغا . تەن ۋۇجۇدۇم يىگىلەپ كەتتى ، تەشنا بولدۇم سېنىڭ قاراڭغا .
كۆڭلۈمنى قىل تىنىچ خاتىرجەم ، ياشانغاندا يېمەي مەنمۇ غەم . قاقشىتىپلا ئۆتسەڭ مېنى سەن ، يانار كېيىن ساڭا بىر مەرتەم .
نەسىھەتكە سالمىساڭ قۇلاق، ئۆلتۈرۈپلا تۈگەتكىن مېنى . كەلسە قانداق خىيالىڭغا ئىش ، قىل ھېچكىممۇ توسمايدۇ سېنى .
كەۋسەر يازمىسى |