- تىزىملاتقان
- 2011-8-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-18
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 4517
- نادىر
- 4
- تېما
- 184
- يازما
- 427
  
- يوقلىما
- 137
قىزغىنلىق- 1071 سەر
تىللا- 389 دانە
تۆھپە- 701 سەر
شۆھرەت- 838 سەر
   
| بالىنى نابۇت قىلىدىغان 13خىل نوقسانلىق ئانا 1. بومبا خاراكتېرلىك ئانا
ئۇ خۇددى بىر قەرەللىك بومبىغا ئوخشاش، بالا خاپا قىلغاندا ياكى گېپىنى ئاڭلىمىغاندا، بومبىغا ئوخشاش پارتلايدۇ. مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن بىر مەيدان "دۇنيا ئۇرۇشى" نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. سېلىشتۇرۇشقا ئامراق ئانا
بۇ تۈردىكى ئانىلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، بۇ بالىلارغا ناھايىتى ئېغىر كېلىدۇ.
3. ھەپتە ئاخىرىدىكى ئانا
بۇ، باللىرى پەقەت ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىلا كۆرەلەيدىغان ئانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى كۈنلەردە ئانا بولغۇچى خىزمەت ئۈچۈن، بالىسىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە تاشلاپ قويىدۇ، ھەپتە ئاخىرى بولغاندىلا ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
4. ئايرىلماس ئانا
بالىنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتى ئانىغا بەش قولدەك ئېنىق بولۇپ، بالا نەدە بولسا ئانا شۇ يەردە تەييار بولىدۇ.
5. جىددىچان ئانا
بۇ تۈردىكى ئانىلارنىڭ نېرۋىسى سەزگۈر كېلىدۇ، پەقەت بالىدا ئانچە-مۇنچە ئىش كۆرۈلۈپ قالسىلا، جىددىيلىشىپ بولالماي قالىدۇ. بالا ئىمتىھان بەرسە، ئۇ بالىسىدىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كېتىدۇ.
6. مالىماتاڭ ئانا
بۇ خىلدىكى ئانىلار بازارغا نەرسە-كېرەك ئالغىلى چىقىپ قالسا، ئۆيىگە قايىتقاندىلا بالىسىنى بىللە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ.
7. ۋاتىلداق ئانا
بەزىدە ئانا بولغۇچى ۋالاقلىمىسا ئانىغا ئوخشىماي قالىدىغاندەك بولغاچقىمىكىن، "ۋاتىلداش" ئادەتتە ئانىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. لېكىن، ۋاتىلداش چەكتىن ئېشىپ كەتسە، بالا بېشىنى لىڭشىتىپ قويغان بىلەن، خىيالى باشقا ياققا كەتكەن بولىدۇ.
8. سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئېتۋار قىلمايدىغان ئانا
بۇ تۈردىكى ئانىلار، پەقەت قېلىپ گۈزەللىكىگىلا ئېتۋار قىلىپ، سىرتقى گۈزەللىككە سەل قارايدۇ. ھەر ۋاقىت، چوڭ-كىچىك سورۇن بولۇشىغا قارىماي بىر خىل كىيىنىش بىلەن يۈرۈيدۇ، نومۇسچان بالىلار بۇنداق ئانىلار بىلەن سىرتقا چىقىشتىن ئەيمىنىدۇ.
9. ماقۇلچان ئانا
بالا ئۆيگە قايتىپ تاماق ئېتىشنى تەلەپ قىلسا، بۇنداق ئانىلار سىرتتا بىر مىنۇتمۇ ھايال بولۇشقا جۈرەت قىلالمايدۇ. بالا بۇنى ئالىمەن دېسىمۇ، ئۇنى ئالىمەن دېسىمۇ، ماقۇل دەيدۇ. بۇنداق ئانىلارنىڭ لۇغىتىدە بالىسىغا نىسبەتەن "ماقۇل" لا بار.
10. بالىسىنىڭ داڭلىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئانا
بۇنداق ئانىلار، ھەپتىنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە، بالىدىن بىر نەرسە ئۈگىنىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ.
11. جۆرىسىز ئانا
12. خىزمەت مەستانىسى خاراكتېرىدىكى ئانا
13. "مەڭگۈ" لىك ئانا
بالىسىنى مەڭگۈ كىچىك بالىدەك قاراپ، ئۇنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇشى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلالمايدىغان ئانىلارنى كۆرسىتىدۇ.
|
|