- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-19
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 4922
- نادىر
- 4
- تېما
- 104
- يازما
- 186
  
- يوقلىما
- 70
قىزغىنلىق- 1297 سەر
تىللا- 285 دانە
تۆھپە- 858 سەر
شۆھرەت- 979 سەر
    
| بوۋام شۇنداق ئۈگەتكەن
 مەن بۈگۈندىن باشلاپ زامانىمىزدىكى تىلشۇناس، قەلەم ساھىبى،ئۇستاز يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ "قۇتادغۇبىلىك دەرىسخانىسى" ناملىق كىتابلار توپلىمىنىڭ "بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن" ناملىق بۆلىگىنى تورداشلارغا سۇنىمەن. ھەزىم قىلىش يۈزىسىدىن ئاستا-ئاستا يوللىماقچى، تۈگىگەندە ئېلىكترونلۇق كىتاب قىلىپ بىلىك سوفت تا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ يوللىغۇچى:ئەليار
يۈسۈپ بوۋامنىڭ ئۈمىدى
ئەي زېرەك، ئەقىللىق ئوغلۇم، ئىستىكىم ئەۋلادلىرىم ئۈچۈن تېگىشلىك سۆزلىرىمنى يادىكار قالدۇرۇش ئىدى. ئەقلىم قارشى قوپۇپ ئېيتتىكى: ئەي يۈسۈپ دىققەت قىلغىن، سۆزۈڭدە يېڭىلىشىپ قالما، يامان ئاتاققا قالىسەن! ئويلاپ كۆرۈپ ئۆز- ئۆزۈمگە شۇنداق ئېيتتىم: سۆزلەۋەرگىن، يېڭىلىشىش ئىنسسانلارغا خاس خۇسۇسيەتتۇر. شۇڭا ئۇ «يالڭۇق» ① دەپ ئاتالغان. بىلىملىك ئوغۇل ھەرگىز ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇمايدۇ. نادان كىشى ياخشى- يامان، توغرا- خاتانى پەرق ئەتمەيدۇ. سەن ئەقىللىق ئەۋلادلىرىڭنىڭ خىزمەتكارى بول! شۇنداق ئوغلۇم، سۆزلىگۈچى ئازىدۇ، يېڭىلىشىدۇ، ئەقىللىقلار كۆزىتىپ ئاڭلايدۇ. سۆز دېگەن چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن تۆگىگە ئوخشاش قاياققا يېتىلسە شۇ ياققا كېتىدۇ. شۇڭا، مەن ئۈچۈن سۆزلىرىمنى چۈشىنەلىگەن پەرزەنت ئەڭ قەدىرلىك، ئۇنى جايىدا ئىشلىتەلىگەن پەرزەنت جېنىمدىنمۇ ئەزىز، ئوغلۇم. ئۇقساڭ، دۇنيادىكى پۈتۈن خاسىيەتلىك ئىشلار بىلىمنىڭ ساخاۋىتىدىن، مىسال ئالساق، بىلىم بىلەن كۆككىمۇ يول ئېلىش مۇمكىن. شۇڭا، ھەرقانداق سۆزنى دېمەكچى بولساڭ بىلىم بىلەن سۆزلە، كىشىلەرنىمۇ بىلىمىگە قاراپ قەدىرلە. ئىنساننىڭ كۆڭلى تۈۋى يوق دېڭىزغا ئوخشايدۇ، ئۆگەنگەن بىلىملىرى خۇددى دېڭىزدىكى ئۈنچە- مەرۋايىتلارغا ئوخشايدۇ. ئۇنى قەلب دېڭىزىدىن ئەجىر قىلىپ سۈزۈپ چىقىرىپ ئۇرۇنلۇق جايغا ئىشلەتمىسەڭ، ئۇ سايدىكى تاشتىن پەرقسىز، قىممەتسىز بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭنى ۋەتەن- خەلقىڭ ئۈچۈن جايىدا ئىشلەتمىسەڭ، ئۇ بىلىمىڭ خەلققە پايدا يەتكۈزۈش تۈگۈل، ئۈزۈڭنىمۇ يۇرۇتالمايدۇ. بالىلىرىم، بىلىملىك، ئەقىللىق بۇلۇش نېمىدىگەن ياخشى ئىش! ئۇنىڭغا ئېرىشەلىسەڭ جايىدا ئىشلىتىپ، ئۆزۈڭنىڭ قەدىر- قىممىتىنى ئاشۇرغىن. جاھان سوراش ئۈچۈنمۇ، خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ، بەختلىك ياشاش ئۈچۈنمۇ ئەقىل ھەم جاسارەت كېرەك. ئادەم بۇ دۇنياغا تۆرەلگەندىن تارتىپ ئەقىللىقلار، بىلىملىكلەر، جاسارەتلىكلەر ياخشى قانۇن- قائىدىلەرنى يۈرگۈزۈپ، ئەلنى يېتەكلەپ كېلىشتى. بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ قەدىرلىك، ھۆرمەتلىك ئۇرۇن بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەرگە مەنسۇپ بۇلۇپ كەلدى. ئادەملەرنىڭ يامىنىمۇ ئەقىل تاپسا تۈزىلىدۇ، خەلق ئارىسىدىكى ناچار ئادەتلەرمۇ بىلىم بىلەن تۈزىلىدۇ. ئەي ئوغلۇم، بۇ دۇنيادا بەختلىك، قەدىر- قىممەتلىك بۇلۇپ ياشاي دېسەڭ، قولۇڭدىن كېلىشچە خەلقىڭگە ياخشىلىق قىلىشىڭ لازىمدۇر. بىلگىنكى، ئادەم دېگەن بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشىمايدۇ، پەقەت ياخشى ناملا مەڭگۈلۈك قالىدۇ. مەن ئەۋلادلىرىمغا قىلغان بىر ياخشىلىقىم بولۇپ قالسۇن، ئوقۇغۇچىلار بەھرە ئالسۇن، بەخت ئۈچۈن يول تاپسۇن دېگەن نىيەتتە بۇ كىتابىمنى يېزىپ سۆزلىرىمنى بايان قىلدىم. كىتابىمغا «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئات قويدۇم. ئۇ ساڭا قۇت كەلتۈرۈپ، سېنى قولۇڭدىن تۇتۇپ نىجاتلىق يولىغا يېتەكلىشىنى تىلەيمەن. ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى سەن ئۈچۈن سۆزلىدىم، نەسىھەتلىرىمنى سەن ئۈچۈن قىلدىم. ساڭا مەندىن ھەرقانچە مال- دۇنيا، ئالتۇن- كۆمۈش قالسىمۇ، ھەرگىز بۇ سۆزلىرىمگە تەڭ كۆرمە. پۇل، مال- دۇنيا دېگەن خەجلىسەڭ تۈگەپ كېتىدۇ، يوقىلىدۇ، سۆزلىرىمنى ئىشلەتسەڭ تۈگىمەس بايلىققا ئېرىشىسەن. كىشىدىن- كىشىگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ بۇلۇپ قالىدىغان قىممەتلىك مىراس ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان سۆزدۇر. ۋەسىيەت قىلىنغان سۆزلەرنى ئېسىڭدە تۇتساڭ پايدىسى تۈگىمەستۇر. ئەي ئوغلۇم، ھاياتىڭنى خۇشال- خوراملىقتا ئۆتسۇن دەيدىكەنسەن، سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتقىنقى، ئۆسمۈرلۈك ۋە يىگىتلىك چاغلىرىڭنى ھەرگىز زايە قىلما. ئۆسمۈرلۈك، يىگىتلىك چاغلىرىڭ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، كېيىن ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ، ئۇنى قەدىرلە. زېھنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان، خاتىرجەم چاغلىرىڭ بولغان ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق چاغلىرىڭدىن ياخشى پايدىلنىپ، تىرىشىپ قابىليىتىڭنى ئاشۇرساڭ ئۆمۈرلۈك بەخت ئۈچۈن ئاساس سالىسەن. مانا مەن يىگىتلىك چاغلىرىمنى تۈگىتىپ، قېرىلىققا يەتتىم. ئۆسمۈرلۈك، يىگىتلىك چاغلىرىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتكەنلىكىمدىن بەك ئۆكۈنىمەن. بىراق، ئۆكۈنۈش ھەسرەتتىن باشقا مېۋە بەرمەيدىغان قۇرۇق دەرەخ ئىكەن. مانا ماڭا 50 ياش قولىنى تەگكۈزدى، قۇزغۇندەك قارا چاچلىرىم ئاق قۇدەك ئاقاردى، ئەجەل يەتمىسە ئاتمىش- يەتمىشلەرگىمۇ بارارمەن. بىراق، ئادەمنىڭ ھاياتى 60 ھېسابىنى تۈگەتسە، ئۆمرىنىڭ يېزى تۈگەپ قىشقا كىرىدىكەن، ھاياتنىڭ زوقىمۇ تۈگەيدىكەن. ئاتا- ئاناڭغىمۇ قارا، ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن، ياشلىق گۈلىستانىدىن ھوزۇرلانغان، قېرىلىق كېلىپ ھەممىنى تارتىۋالدى. ئېسىڭدە بولسۇنكى، بۇ ھال ساڭىمۇ كېلىدۇ. ئۇنداق بولسا قانداق قىلىشىڭ كېرەك؟! ئوبدان ئويلانغىن، مەن ئەسلى سۆزۈمنى باشلاي. سەن ئەمدى ماڭا ئەگىشىپ ئادالەت دۆلىتىنى زىيارەت قىلغىن. قۇياش خىسلەتلىك شاھ كۈنتۇغدى ئىلىگ بىلەن ئۇچراشقىن، بەخت ئەلچىسى ئايتولدى بىلەن سىرداشقىن، ئەقىل- پاراسەت ئىگىسى ئۆگدۈلمىش بىلەن دوست بولغىن، ئودغۇرمىشنىڭ ئاچچىق ھەسرەتلىرىدىن ئىبرەت ئالغىن.
باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز يۇقارقى ئۇچۇرلار بىلەن قۇشۇپ، بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتكەيسىز.
1. قۇياش خىسلەتلىك شاھ- كۈنتۇغدى ئىلىگ
زامانىمىزدا ئەقىل- ئىدراكتا ئۈستۈن، بىلىم- پاراسەتتە باش بولغان دانا ۋە دانىشمەن بىر پادىشاھ بار ئىدى. ئۇ نام- شۆھرىتى دۇنياغا تارالغان كۈنتۇغدى ئاتلىق خان ئىدى. ئۇ قارنى- كۆكسى كەڭ، تەبىئىتى دۇرۇس، مىجەزى مۇلايىم، سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولغان خاقان ئىدى. ئۇ ئەقىللىق ۋە بىلىملىكلىكى بىلەن يامانلارغا ئوت، دۈشمەنلەرگە ئاپەت ئىدى. ئۇ ئادالەت بىلەن دۆلەت سوراپ پۈتۈن ئەلنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئىدى. كۈنتۇغدى ئىلىگ ئاشۇنداق پەرزەنتلىرى بىلەن كۈن بىلەن ئايدەك جاھاننى يورۇتقان ئىدى. دۆلىتىدە كىم ئەقىل كامىل بولسا ئۇنى يېنىغا تارتىپ ئورون بەردى، كىم بىلىملىك بولسا ئۇنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ئەزىز قىلدى. شۇنداق قىلىپ كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئوردىسىغا دۇنيادىكى ئەڭ بىلىملىك، ئەقىللىق، پاراسەتلىك كىشىلەر توپلانغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ دۆلەت ئىشلىرىدا يەنىلا يالغۇزلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى، دۆلەت ئىشلىرىنى يۈرەكلىك ئۈستىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ قابىل كىشىلەردىن بىرەرسىنىڭ بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. كۈنتۇغدى ئىلىگ بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتى، كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ، ئۆز- ئۆزىگە شۇنداق دەيتتى: شاھلىق ئىشى بۈيۈك ئىش، بىراق ئۇنىڭ ئىشىمۇ كۆپ، باش ئاغرىقىمۇ تولا. ئەمما، بۇ ئىشلارنى ماڭا ياردەملىشىپ كۆڭۈلدىكىدەك قىلالايدىغان ئادەملەرنى تاپماق تولىمۇ قىيىن ئىكەن. ئۆزۈم يالغۇز دۆلەتنىڭ شۇنچە نۇرغۇن ئىشلىرىنى قىلىپ ئايىغىغا چىقالمايمەن. ماڭا ئىشىنىڭ يولىنى بىلىدىغان، ئەقىل ۋە بىلىمدە باشقىلارغا باش بولالايدىغان ئادەمدىن بىرى بولسا بۇلاتتى. بېشىدىن كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزگەن ئەقىل ئىگىلىرى بىلىپ: ئەلنىڭ ئىشلىرىدا ياراملىق ياردەمچىڭ بولسا، جەبرىڭ ئازىيىپ قانۇن- تۈزۈم ئوبدان يۈرۈشىدۇ، دېگەنىكەن. كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ياردەمچىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزى يەڭ تۈرۈپ ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇ شۇنداق جاپالىق ئىشلىدىكى، ئەلنىڭ راھىتى ئۈچۈن ئېغىر مېھنەت چەكتى.
نەقىل: ئۇنداق ئوغلۇم، ھالاۋەت ئىزدىگەن ئادەم مېھنەت قىلىشى كېرەك. دائىم شادلىق بىلە قايغۇ- ئەلەم ھەمراھ بۇلۇپ يۈرۈيدۇ. ئورنۇڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەنسىرى، باش ئاغرىقىڭمۇ كۆپىيىدۇ. ياش چوڭايغانسىرى كېيىدىغان بۆكمۇ چوڭىيىدۇ ئەمەسمۇ؟! شۇنداق قىلىپ كۈنتۇغدى ئىلىگ ئەل ئارىسىغا خەلقنىڭ ھال- ئەھۋالىغا كۆز- قۇلاق بولىدىغان نازارەتچىلەرنى ئەۋەتتى، يارامسىز ئەسكىلەرنى ئەل ئىچىدىن تازىلىدى. ئۇنىڭ شۇنداق سەگەكلىك بىلەن باشقۇرۇشنىڭ خاسىيىتى بىلەن بەختى تېخىمۇ نۇرلىنىپ، نام- شۆھرىتى تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
نەقىل: ئوغلۇم، ئادەم ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ھۇشيار ياشاش ئىنتايىن مۇھىم، دۆلەت ئىشلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئەلنىڭ بەختى ۋە سەلتەنەتىنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئاشۇنداق ھۇشيارلىق كېرەك. بۇ ھەقتە بىر شائىر مۇنداق دېگەن: ئويغاقلىق ۋە ساقلىقنى ماختىدى ئەر، غاپىللىق بىلەن تەر تۈمەنلەپ كۈلەر. غاپىل بولما ساقلان، پۈتۈن ئىشتا سەن، تىلە ئىككى دۇنيا بۇ ساقلىق بىلەن. بىغەملىك ئادەمنى نابۇت قىلىدۇ، سەگەكلىك بىلەن ئادەم ئۇڭۇشسىزلىقلاردىن ساقلىنىدۇ. بىخۇتلۇق ئەلگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ، ھۇشيارلىق سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ. كۈنتۇغدى ئىلىگ شۇنداق ئويغاق ۋە سەگەك بۇلۇپ ئادالەت بىلەن ئەل سورىغانلىقى ئۈچۈن ئېلى بېيىدى، قوي بىلەن بۆرە بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى. ئۇنى دوستلىرى قوللىدى، دۈشمەنلىرى باش ئېگىشكە مەجبۇر بولدى. ھەرقايسى جايلاردىن ئادالەتنى ياقلايدىغان ئىقتىدارلىق، ئىستىداتلىق كىشىلەر كېلىپ ئەتراپىغا توپلىنىپ پەرمانبەردار بۇلۇپ تۇرۇشتى.
نەقىل: شۇنداق ئوغلۇم، ئەلدە ئادالەتلىك قانۇن يولغا قۇيۇلىدىغان بولسا، خەلقنىڭ ھال- كۈنلىرى تولىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھۆكۈمدارنىڭ مىجەز- خۇلقى ياخشى بولسا، ئۇ ئەلنىڭ بەختى.
باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز يۇقارقى ئۇچۇرلار بىلەن قۇشۇپ، بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتكەيسىز. 2.ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ خىزمىتىگە قۇبۇل قىلىنغانلىقى
ئاستانىدىن يىراق بىر يۇرتتا ئايتولدى ئاتلىق بىر كىشى ياشايتتى. ئۇ ئوغلان شۇنداق قامەتلىك، كېلىشكەن يىگىت ئىدىكى، ئەقىل- ئىدراكتا، ئەدەپ- ئەخلاقتا زامانىسىنىڭ يېگانىسى ئىدى، سۆزلىسە تىلىدىن ھەقىقەت تاماتتى، چىرايلىق ھۆسنىگە قارىغان كىشىنىڭ كۆزى قامىشاتتى. ئۇ كۈنلىرىنىڭ ئەجىر- تۆھپىسىز، مەنىسىز ئۆتۈۋاتقانلىقىغا ئىچى پۇشۇپ، بۇرۇقتۇما بۇلۇپ يۈرۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئۆز- ئۈزىگە شۇنداق دېدى: ئىلىم ۋە پەزىلەتتە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىمەنۇ، نىمىشقا كۈنلىرىمنى بۇ يەردە بىكاردىن- بىكار زايە قىلىپ ئۆتكۈزىمەن؟! كۈنتۇغدى ئىلىگنى ئىقتىدار ئىگىلىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئېغىر بېسىق، قابىليەتلىك دەپ ئاڭلىۋىدىم. ياخشىلارنىڭ قەدىر- قىممىتىنى ياخشىلار بىلىدۇ، بىلىملىكلەرنىڭ قەدرىگىمۇ يەنە شۇ بىلىملىكلەر يېتىدۇ. تەلۋە، نادان كىشىلەر بىلىمنىڭ قەدىر- قىممىتىنى نەدىن بىلسۇن؟! ئۇ يۇقۇرىقى خىياللىرىدىن كېيىن كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ھوزۇرىغا بېرىش قارارىغا كېلىپ، تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. «مەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ يات يۇرتقا كېتىپ بارىمەن،- دەيتتى ئۇ ئۆز ئۈزىگە،- مۇساپىرلىق، غېرىبلىق دېگەن ئادەم ئۈچۈن بەك ئېغىر ئىش. غېرىبلىق دېگەن نى- نى كىشىلەرنىڭ بېشىنى قايدۇرغان. يات يۇرتتا پۇل- پۈچەك تولىمۇ لازىم بولىدۇ، قولى قىسقا ئادەم سارغىيىپ قالىدۇ. شۇڭا، كۆپرەك ئاقچا ئېلىۋېلىشىم لازىم.» شۇنداق قىلىپ ئۇ پۇلنى يېتەرلىك ئېلىپ يولغا راۋان بولدى. ئايتولدى سەپەردە ناھايىتى كۆپ جەبىر- جاپالارنى تارتىپ، ئاخىرى كۈنتۇغدى ئىلىگ تۇرۇشلۇق پايتەختكە كېلىپ چۈشتى. بىراق، ئۇ بۇ شەھەرگە كېلىپ ياخشىراق بىر قونالغۇ تاپالماي، كەڭرى ئالەم ئۇنىڭ ئۈچۈن تار تۇيۇلدى.
نەقىل: تەنبىھ: مۇساپىرلارنى قەدىرلە شۇنداق ئوغلۇم، ئۆزى كېلىپ باقمىغان ئەلدە ئادەم تارتىنىپ يېڭى كېلىندەك تىلى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، تونۇش- بىلىشلىرى بولمىغاندىن كېيىن قارىغۇ كىشىگە ئوخشاش يولدىن ئازىدۇ. شۇڭا، يۇرتۇڭغا سىرتتىن كەلگەن كىشلەرنى ئەيىبكە بۇيرۇما، كەمسىتمە، بولسا ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئادىمىگەرچىلىكنى يەتكۈز. ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇپ، ئاش بېرىپ قورسىقىنى تويغۇز، سۇ بېرىپ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇر.
* * *
ئايتولدى خېلى بىر مەزگىل غېرىبلىق ئازابىنى تارتىپ كۈنلىرىنى بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى كىشىلەر بىلەن تۇنۇشۇشقا باشلىدى. ئۇ چوڭ- كىچىككە ئۇچۇق- يورۇق، سەمىمىي مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن تېزلا دوست- بۇرادەرلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
نەقىل: تەنبىھ: ئۆزۈڭ ياخشى بولساڭ ئالەم سېنىڭكى شۇنداق ئوغلۇم، ئادەم ياخشى بولسا ھەرقانداق جايغا بارسا ئۆزىگە يېقىن دوست تاپالايدۇ. ياخشىلار ياخشىلارنى قەدىرلەيدۇ. ئەسكىدىن ھەممە ئادەم بىزار بولىدۇ، «ياماندىن يا بويىغىچە قاچ» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىققان. شۇڭا، ھەرقانداق ئادەمگە سەمىمىي، دوستانە مۇئامىلىدە بولغان ياخشى. سەن باشقىلارنى قەدىرلىسەڭ، باشقىلارمۇ سېنى قەدىرلەيدۇ، باشقىلارنى پەس كۆرسەڭ، ئۇلارمۇ سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
* * *
ئايتولدى پايتەختكە كېلىپ تۇنۇشقان دوستلىرى ئارىسىدا كۈسەمىش دېگەن ياخشى بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئايتولدىنىڭ بۇ شەھەرگە كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈمىدى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئۇققانىدى. كۈسەمىش كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ بىر خاس ھاجىپىنى ياخشى تونۇيتتى، خاس ھاجىپ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى ئايتولدىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى. - ئاۋال مەن بىلەن بىر كۆرۈشسۇن، - دېدى ھاجىپ،- مەن ئۇنى كۆرەي، ئاندىن بۇ ئىشنى كۈنتۇغدى ئىلىگكە مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قاچان قۇبۇل قىلالايدىغانلىقىنى سوراي. كۈسەمىش خاس ھاجىپنىڭ خەۋىرىنى ئاي تولدىغا يەتكۈزدى: - ئەي ئايتولدى، ھاجىپ ئاۋۋال مەن بىلەن كۆرۈشسۇن دەيدۇ، بېرىپ ئۆز ئاغزىڭ بىلەن مەقسىتىڭنى بايان قىل. مېنىڭ دېگىنىم ئۆزۈڭنىڭ دېگىنىگە يەتمەيدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىشىنى يەنە بىر كىشى ھەرگىزمۇ ئۆزىدەك قىلالمايدۇ. بۇ دۇنيادا سەن ئۈچۈن ئەڭ كۈيۈملۈك كىشىمۇ ئۆزۈڭگە ئۈزۈڭدەك كۆيۈملۈك بولالمايدۇ،- دېدى. خاس ھاجىپ ئايتولدىنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئۆز ئارا سىردىشىپ تۇنۇشۇشتى. ئايتولدىمۇ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى يوشۇرماي خاس ھاجىپقا ئېيتتى: - ئەي دۆلەتمەن ھاجىپ، مەن كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئۇلۇغ نامىنى كۆپ ئاڭلىدىم. شۇڭا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن. ئەگەر ھاجىپ جانابلىرى مۇناسىپ كۆرسە، كۈنتۇغدى ئىلىگنى مېنىڭ بۇ تىلىكىمدىن ۋاقىپلاندۇرغاي، دېگەن ئۈمىدتىمەن. خاس ھاجىپمۇ ئايتولدىنىڭ تەقى- تۇرقى، مىجەز- خۇلقى ۋە پەزىلىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ، «ھەقىقەتەن ئىلىگ خىزمىتىگە مۇناسىپ ئىكەن» دەپ ئويلىدى. ئەي ئوغلۇم، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن كىشىلەر شۇنداق دەيدۇ: كىم باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشسە، ئۇنىڭ ئەيىبى بولسىمۇ پەزىلەت بۇلۇپ كۆرىنىدۇ، ياخشى كۆرمىگەن ئادەمگە پەزىلەتلىرىمۇ ئەيىب بۇلۇپ تۇيىلىدۇ. - ئالدىرماي مېنىڭ خەۋىرىمنى كۈتۈپ تۇرغىن،- دېدى خاس ھاجىپ،- خاتىرجەم بولغىن، مەن ئىلىگكە ياخشى تەرىپىڭنى قىلىپ، ئىشلىرىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كۈچ چىقىرىمەن. ھازىرچە قايتىپ تۇرغىن، ھەرقانداق ئىشقا ئالدىراپ قول تىقىپ قويسا ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. ئالدىراپ قىلغان ئىش ئاخىرى ئادەمنى پۇشايمانغا قويىدۇ. ھەرقانداق ئىشنىڭ پەيتىنى كۈتۈش لازىم، ھېچقانداق ئىش ئۆز قەرەلىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ئايتولدى خاس ھاجىپنىڭ قىممەتلىك شېرىن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، رەھمەت ئېيتىپ تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەتتى. بىر كۈنى خاس ھاجىپ ياخشى بىر پۇرسەتنى تېپىپ ئايتولدىنىڭ بارلىق ياخشى پەزىلەتلىرىنى ئىلىگكە سۆزلەپ بەردى. ئىلىگدە ئايتولدى بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، ھاجىپقا ئۇنى ھوزۇرىغا چاقىرتىشنى ئەمىر قىلدى. خاس ھاجىپ دەرھال بىر غۇلامنى ئەۋەتىپ ئايتولدىنى چاقىرىپ كېلىپ ئىلىگ بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئايتولدى خۇرسەنلىك بىلەن ئىلىگنىڭ ھوزۇرىغا كىردى ۋە ئەدەپ- قائىدە بىلەن سالام قىلدى ۋە ئىلىگكە چوڭقۇر مەدھىيلەرنى ئېيتتى. ئىلىگ ئايتولدىنىڭ قەددى- قامىتىنى كۆرۈپلا كۆڭلى يورۇپ كەتتى، ئايتولدىنىڭ سورىغان سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىدىن ئۇنى خېلى چۈشەندى ھەم ئۇنىڭدىن سۆيۈندى. ئارقىدىن ئايتولدىغا «مەقسىتىڭنى بايان قىل» دەپ ئىجازەت بەردى. - ئەي بەختلىك ئالىيلىرى،- دەپ ئەدەپ- قائىدە بىلەن سۆز باشلىدى ئايتولدى،- ئادەم دېگەن ئەلنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تاپالايدۇ. مەن ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. بۈگۈن دىدارىڭنى كۆرۈپ ئارزۇيۇم قاندى. ئالىيلىرىدىن ئۆتۈنۈشۈم شۇكى، تەلىپىمنى رەت قىلماي خىزمىتىڭگە سالساڭ، جان دىلىم بىلەن خىزمەت قىلىپ، ۋەتەن خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلىغان بولاتتىم. كۈنتۇغدى ئىلىگ «ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلغان ئادىمىمنى ئەمدى تېپىپتىمەن» دەپ ئويلاپ، ئايتولدىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى. - سەن ماڭا يارىدىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا يېقىن تۇرۇپ ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمىتىمنى قىل، تۆھپە كۆرسەتسەڭ مەندىنمۇ ئىھسانلارنى ئالىسەن، خىزمىتىڭ جايىدا بولسا، ئەجرىڭگە مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن،- دېدى كۈنتۇغدى ئىلىگ. ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگكە باش قۇيۇپ تەزىم قىلىپ، رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، خۇشال ھالدا ئوردىدىن چىقتى.
* * *
شۇنىڭدىن كېيىن ئايتولدى جان- دىلى بىلەن ئەلنىڭ خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ئىشلارنى سادىقلىق بىلەن ئادىل قىلاتتى. ئۇ خىزمەتتە كۈنمۇكۈن نەتىجە يارىتىۋاتاتتى. ئىلىگمۇ ئۇنىڭغا ياخشى كۆزدە قارىدى، غەمخورلۇق قىلىپ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ تۇردى. كۆپ جەھەتلەردىن سىناپ كۆرۈپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ياخشى خادىمدىن بىرگە ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى.
نەقىل: شۇنداق ئوغلۇم، ئادەم قانداق يەردە خىزمەت قىلسۇن، ياخشى خىزمەت قىلغان ئادەم قەدىرلەشكە ئېرىشىدۇ. ئۇتۇقلۇق خىزمەت بىلەن تۆۋەن ئۇرۇندىكى كىشىلەرمۇ ئۇلۇغ سانىلىدۇ. دۇنيادا ھېچكىم ئەمگەكسىز، مېھنەتسىز مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ. ئۇتۇقلۇق خىزمەت قىلغان كىشى تۆردىن ئۇرۇن ئالىدۇ، يارامسىز ئادەم ھەرقاچان پەگادا قالىدۇ.
3. بەخت خىسلەتلىك ئايتولدىنىڭ ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغانلىقى
بىر كۈنى كۈنتۇغدى ئىلىگ يالغۇز ئولتۇرۇپ ئايتولدى بىلەن سىردىشىشنى كۆڭلى خالاپ قالدى. ئۇنى چاقىرتقۇزۇۋېدى، ئايتولدى خۇشال ھالدا ئوردىغا كىرىپ كۈنتۇغدىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى. ئىلىگ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئۇرۇن كۆرسەتتى. ئاجايىپ ئىش، ئايتولدى ئىلىگ كۆرسەتكەن ئۇرۇندا ئولتۇرماستىن، يېنىدىن بىر توپنى چىقىرىپ تېگىگە قۇيۇپ ئولتۇردى، ئىلىگ بۇ ئىشتىن ھەيران قالدى. ئىلىگ گەپ قېلىۋېدى، ئايتولدى جاۋاپ بەرمەستىن كۆزىنى يۇمۇۋالدى، ئىلىگ يەنە گەپ ئاچتى، بۇ چاغدا ئايتولدى يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. ئايتولدىنىڭ بۇ بولمىغۇر قىلىقلىرى كۈنتۇغدى ئىلىگنى غەزەپلەندۈردى: - ئەي ئايتولدى، نىمە بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلىسەن، ئۆزۈڭنى نىمە چاغلاپ قالدىڭ، ئالدىراپ ساڭا قول بېرىپ قۇيۇپتىمەن- ھە! دانىشمەنلەر شۇڭا: ئالدىراپ قىلغان ئىش خام قالىدۇ، چالا پىشقان ئاش قورساقنى ئاغرىتىدۇ، دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن. ماڭا كۆرسەتكەن نېمە ئۇيۇنلىرىڭ بۇ؟ - ئەي ساخاۋەتلىك ئالىيلىرى،- دەپ ئۆزىنىڭ بۇ قىلىقلىرىنىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئايتولدى،- غەزەپ ئوتۇڭنى ئۇنچە لاۋۇلداتما، نىمە گۇناھىم ئۈچۈن بۇنچە چېچىلىسەن؟ كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىدىن ھېلى قىلغان ھۆرمەتسىز قىلىقلىرىنىڭ مەنىسىنى سورىدى ۋە كايىپ كەتتى. ئايتولدى كۈلۈپ كەتتى ۋە يۇقۇرىقى نۇرمالسىز ئىشلىرىنىڭ سىرىنى يېشىپ بەردى: - ئالىيلىرى، مەن يۇقۇرىقى قىلىقلارنى بىلىپ تۇرۇپ قىلدىم. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۆزۈمنىڭ (بەخت- سائادەتنىڭ) مىجەز- خۇلقىنى ئۇقتۇرۇش ئىدى. ئالىيلىرى كۆرسەتكەن ئۇرۇندا ئولتۇرماي، توپنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلىقىمنىڭ سەۋەبى، ئۆزۈمنىڭ توپقا ئوخشاش يۇمىلاق شەكىللىك، بىر ئۇرۇندا مۇقىم تۇرمايدىغان ئادىتىمنى ئۇقتۇرۇش ئىدى. ماڭا كۈلۈپ قارىغىنىڭدا كۆزۈمنى يۇمۇۋالغانلىقىم، بەخت دېگەن خۇددى قارىغۇغا ئوخشاش كىم قولىغا پۇتلاشسا شۇنىلا تۇتىدۇ، دېگەندىن بىشارەت ئىدى. قايتا سۆز ئاچقىنىڭدا يۈزۈمنى ئۆرۈۋالغىنىم ، ماڭا (بەختكە) كۆپ ئىشىنىپ كەتمە، ئۇ تۇراقسىز، تېزلا يۈز ئۆرۈيدۇ، دېگىنىم ئىدى. كۈنتۇغدى ئىلىگ بۇ چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: - توغرا سۆزلەپ گۇناھىڭنىڭ ئۆزرىسىنى ئېيتىپ ئۆزۈڭنى قۇتۇلدۇردۇڭ، ئەمدى ماڭا ئېيتقىن، بەخت قانداق پەزىلەتلەرگە ئىگە؟ ئۇنىڭ قانداق خۇسۇسيەتلىرى بار؟- دەپ سورىدى. - ئالىيلىرى، كىشىلەرنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمىنى بەختكە ئېرىشىش، شۇڭا ئىنسانلار شۇ بەختنى يارىتىش ۋە شۇ بەختنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. چۈنكى، بەختنىڭ مىجەزى مۇلايىم، سۆيۈملۈك. بەخت قەيەردە بولسا ھوزۇر- ھالاۋەت شۇ يەردە بولىدۇ، مېھنەت، مۇشەققەت بەخت بار يەردىن قاچىدۇ. كىم بەختكە ھۆرمەت قىلسا ئۈمىدىنى تاپىدۇ، ئەگەر بەخت بىلەن قارشىلىشىدىكەن ياكى بەختنىڭ ئادىتىگە خىلاپ يول تۇتىدىكەن ۋەيران بولىدۇ. - بەختنىڭ ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم، ئەمدى ئېيتىپ بەرگىنە، بەختنىڭ قانداق ئەيىب- نۇقسانلىرى بار؟- دەپ سورىدى كۈنتۇغدى ئىلىگ. - ئالىيلىرى، بەختتە ئەيىب يوق، - دەپ جاۋاب بەردى ئايتولدى،- لېكىن بەزى كىشىلەر ئەيىبى بار دەپ تۆھمەت قىلىدۇ. ئۇلار بەختنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن ئاغرىنىپ بەختتىن يامانلايدۇ. ئەسلىدىن ئالغاندا تۇراقسىزلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەيىب ئەمەس.چۈنكى، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن يېڭى نەرسە ئىزدەپ يۈرۈيدۇ ھەم يېڭىلىنىپ تۇرۇشنى خالايدۇ، پۈتۈن تەم- لەززەت، خۇشاللىق ۋە ھوزۇر يېڭىدا بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟! كونا، ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىلەردە نىمە لەززەت بولسۇن! كىشىلەرنىڭ ئىزدەيدىغىنىمۇ شۇ لەززەتقۇ؟! يېڭى نەرسىنىڭ ئالدىدا كونا نەرسىنىڭ نېمە كېرىكى بولسۇن، ياخشى نەرسىلەر تۇرغان يەردە يامان نەرسىنىڭ نېمە لازىمى!
نەقىل: تەنبىھ: يېڭى شەيئى يېڭىلمەستۇر ئەي پەرزەنت، يېڭىلىق ئىزدە ھەم ئۆزۈڭنى يېڭىلا، ئالەم پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كونا بىلەن يېڭىنىڭ ئالمىشىشى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. ئىنسانلار ئۆزلۈكسىز ئۆزىنى، تۇرمۇشنى، ئېڭىنى يېڭىلاپ تەرەققى قىلىپ كېلىشتى. ئىنسانىيەت تارىخى جەريانىدا كونا سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئورنىغا يېڭى سىياسىي تۈزۈم، كونا، قالاق قانۇننىڭ ئورنىغا يېڭى، ئىلغار قانۇن، كونا مەدەنيەت كۆز قارشىنىڭ ئورنىغا يېڭى مەدەنيەت كۆز قارشى، كونا ئاڭنىڭ ئورنىغا يېڭى ئاڭ، كونا شەيئىنىڭ ئورنىغا يېڭى شەيئى ئالمىشىپ تۇردى. بۇنداق ئالمىشىش ۋە يېڭىلىنىش ھازىرغىچە بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق. چۈنكى، بۇنداق بۇلۇشنى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى، ئىنتىلىشىدىكى، ئېھتىياجىدىكى يېڭىلنىشنىڭ، ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى جەھەتتىكى مۇئەييەن قانۇنيەت بەلگىلىگەن. كىشىلىك تۇرمۇشقا نەزەر سالغىن، جۇل- جۇل كىيىمنى دەستەك قىلىپ تىلەمچىلىك قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن دىۋانىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېڭى كىيىم كىيىپ ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشنى خالىمايدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ. يېڭى نەرسىلەر كىشىلەرگە يېڭى تۇيغۇ، يېڭى ھوزۇر ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنسانىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆزلىرىنى يېڭىلاپ تەرەققى قىلمىغاندا ئىدى، ھازىرمۇ تېخىچە تاش قورال دەۋرىدە تۇرغان بولاتتى. شۇڭا، تەرەققى قىلىش، ئۆزىنى يېڭىلاش كىشىلەرنىڭ تەبىئىي خۇسۇسيىتى. ئوغلۇم، شۇنى بىلگىنكى، بىر قەدەم بولسىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىگىن، ھەرگىز بىر ئىزدا توختاپ قالما. قەدىمىڭ يېڭىلانمىسا بىر مېتىرمۇ ئىلگىرىلىيەلمەيسەنغۇ، قۇياش كۈنىگە يېڭىلىنىپ تۇرمىسا ئىنسانىيەتكە ئاپەت بولىدىغۇ. تۈنۈگۈنكى كۈنىڭدىن بۈگۈنكى كۈنۈڭ ياخشى بولسا، بۈگۈنكى ئىشىڭدىن ئەتىكى ئىشىڭ قۇتلۇق بولسا، بىرىنچى قەدىمىڭدىن ئىككىنچى قەدىمىڭ ئۇتۇقلۇق بولسا ئاندىن روناق تاپىسەن.
* * *
- بەختنىڭ تۇراقسىز بۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۇقتۇم،- دېدى كۈنتۇغدى ئىلىگ،- بەخت قۇش بۇلۇپ بىراۋنىڭ بېشىغا قۇنۇپ بۇلۇپ، يەنە ئۇچۇپ كەتكەن بولسا، قايتا كېلىپ قونۇش ئىمكانىيىتىمۇ بارمۇ؟ - توغرىسىنى ئېيتقاندا، بەختنىڭ خۇيى كېيىككە ئوخشايدۇ، ئىزدىگەن تېز ئېرىشەلمەيدۇ، ئەگەر قېچىپ كەتسە ھەرگىز تېز تۇتۇۋالالمايدۇ. ئەگەر بەختكە ئېرىشكەن كىشىلەر ئۇنى مەھكەم تۇتۇشنى بىلسىلا، بەخت ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىنىڭ بېشىدىن ئۇچۇپ كەتمەيدۇ. - ئۇنداق بولسا، بەختنى قولدىن بەرمەي مەھكەم تۇتۇشنىڭ چارىسى نىمە؟- دەپ سورىدى ئىلىگ. - بەختنى مەھكەم تۇتالايدىغان، قاچۇرۇپ قويمايدىغان مۇنداق بىر قانچە ئىش بار ئالىيلىرى. بەختكە ئېرىشكۈچى ئادەمنىڭ مىجەزى مۇلايىم، كەمتەر، ئىللىق سۆزلۈك بۇلۇشى كېرەك، كىچىككىنە ھالاۋەتنى كۆرۈپلا ھەددىدىن ئاشماسلىقى، ئۆزىنى ئوبدان كۆزىتىپ يۈرۈشى، يامان ئىشلارغا يېقىن بارماسلىقى لازىم. يەنە بىرى، مال- دۇنيانى كەلسە- كەلمەس بۇزۇپ چاچماسلىقى، ئىسراپخورلۇق قىلماسلىقى كېرەك. چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى، كىچىكلەرنى ئىززەتلىشى كېرەك. تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقى، ئۆزىدىن كىچىكلەرنى بوزەك قىلماسلىقى، ھەددىدىن ئارتۇق ئويۇن- تاماشىغا بېرىلمەسلىكى شەرت. كىشى مانا شۇنداق قىلالىسا بەختنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ھەم ئۇنى قاچۇرۇپ قويمايدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى ئايتولدى.
نەقىل: تەنبىھ: بەخت ئايتولدىنىڭ جاۋابلىرى دۇرۇس ئوغلۇم، بەخت دېگەن ناھايىتى كۆپ بەدەل بېرىش، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى چېكىش، مېھنەت قىلىش، ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان قۇش. شۇڭا، بەخت ئىزدەش ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئىنتىلىشى ئىكەن، بەختنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ ئۆزىمۇ بەخت. بەخت ئۈچۈن كۈرەش قىلماسلىق بەختسىزلىك ۋە ئەقىلسىزلىق. شۇنچە تەستە قولغا كەلتۈرگەن بەخت قۇشىنى توغرا يولدا ماڭماي تېزلا قولدىن چىقىرىپ قۇيۇشمۇ ئوخشاشلا بەختسىزلىك ۋە ئەقىلسىزلىقتۇر. بەختنى قۇرۇق خىيال سارايلىرىڭدىن ئىزدەپ ئاۋارە بولماي، مېھنەت بېغىڭدىن ئۈزىدىغان شېرىن مېۋە دەپ بىلگىن، ئوغلۇم.
* * *
ئەمدى يەنە كۈنتۇغدى ئىلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆھبىتىگە قايتايلى: ئايتولدىنىڭ بەختنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلىغان ئىلىگ يەنە سوئالىنى داۋاملاشتۇردى: -دۇرۇس سۆزلىدىڭ ئايتولدى، ئەمدى مېنى خەۋەردار قىل، سېنىڭ نامىڭ نېمە ئۈچۈن ئايتولدى دەپ ئاتالغان؟ -ئەي پاراسەتلىك ئىلىگ ئالىيلىرى،- دەپ جاۋاب بەردى ئايتولدى،- مېنىڭ (بەختنىڭ) مىجەز- خۇلقۇم ئايغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، دانالار ئېتىمنى ئايتولدى دەپ قۇيۇشقان. ئاي دەسلەپ بەك كىچىك تۇغۇلىدۇ، كۈنسېرى چوڭىيىپ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ ھەم تۇلۇن بۇلۇپ جاھاننى يۇرۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كىچىكلەشكە مېڭىپ بارا- بارا يوقىلىپ كېتىدۇ. مەن تۇلۇن بولغاندا ھەرقانچە كۆرۈمسىز ئادەمنىڭ يۈزىگە باقساممۇ ئۇنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ كېتىدۇ، شۆھرىتى ئاشىدۇ. ئۇ كىشى بېيىپ مەقسەتكە يەتكەندە ئەگەر ھەددىدىن ئاشسا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىمەن-دە، ئۇنىڭ شان- شۆھرىتىنىڭمۇ قۇيرۇقىنى قۇم باسىدۇ، مال- دۇنياسىمۇ سورۇلۇپ، بۇرۇنقى گادايلىق ئەھۋالىغا يانىدۇ. مېنىڭ ئادىتىم شۇنداق بولغاچقا نامىمنى مەنىلىك قىلىپ ئايتولدى دەپ ئاتاشقان. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئايتولدىغا بولغان ئىشەنچى ئاشتى، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال- دۇنيا، ئالتۇن- كۈمۈش ئىنئام قىلدى. ئۇلار كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى يۇشۇرماي دېيىشىدىغان سىرداشلاردىن بۇلۇپ قېلىشتى.
4. كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ۋەھىمىلىك بېشارەتلەر بىلەن ئايتولدىنى ھەيران قالدۇرغانلىقى
قۇياش خىسلەتلىك كۈنتۇغدى ئىلىگ بىر كۈنى يەنە يالغۇز ئولتۇرۇپ زېرىكىش ھېس قىلدى. ئۇ ئايتولدىنى ھوزۇرىغا چاقىرتتى. ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ قول باغلاپ ئۆرە تۇردى. ئىلىگ بولسا زۇۋان سۈرمەي بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن، كۆز ئىشارىتى بىلەن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئايتولدى ئولتۇرۇپ بۇلۇپ، يەر تېگىدىن ئىلىگنى كۆزىتىۋېدى، ئاجايىپ سۈرلۈك ۋە دەھشەتلىك ئالامەتلەرنى كۆردى. كۈنتۇغدى ئۈچ پۇتى چېتىقسىز كۈمۈش تەختتە ئولتۇرغان بۇلۇپ، قولىدا يوغان بىر خەنجەر تۇتۇقلۇق ئىدى، ئۇنىڭ ئوڭ يېنىغا شېكەر، سول يېنىغا زەھەر تولدۇرۇلغان قاچا قۇيۇلغان ئىدى. ئۆزىنىڭ بولسا قاش- قاپاقلىرى تۈرۈلگەن ئىدى. ئايتولدىنىڭ بۇ ئالامەتلەرنى كۆرۈپ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، ۋۇجۇدىنى تىترەك باستى. - مېنىڭ يالغۇز ئولتۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە نېمىگە گەپ قىلماي ئولتۇرىسەن، قېنى گەپ قىلغىن،- دېدى كۈنتۇغدى ئىلىگ. - ئەي ساھىبقىران، مەندە ھازىر سۆزلىگۈدەك مادار نەدە بولسۇن،- دېدى ئايتولدى تەشۋىش ئىچىدە،- بۈگۈن ئالىيلىرى ئاجايىپ سىرلىق بىر ھالەتنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. بۇ ھال مېنى ئەيمىندۈرۈپ، تىلىمنى تارتىشقا مەجبۇر قىلدى. دانىشمەنلەرنىڭ: «بەگلەر غەزەپلىك ھالدا ئۇنىڭغا يېقىن بارما» دېگەن ساۋىقى يادىمدا. خوش، ئىجازەت بەردىم،- دېدى ئىلىگ كۈلۈپ كېتىپ، - گېپىڭنى ئېيت. -ئالىيلىرى،- دېدى سەل جانلانغان ئايتولدى،- مېنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغىنى، بۈگۈن ئۈچ پۇتى چېتىقسىز كۈمۈش كۇرستا ئولتۇرۇپسەن، بۇنداق تەختتە ئولتۇرۇش ئالىيلىرىغا مۇناسىپ كەلمەيتتى. يەنە قارىسام قولۇڭدا خەنجەر تۇرىدۇ، ئوڭ يېنىڭدا شىكەر، سول يېنىڭدا زەھەر تولدۇرغان قاچا قۇيۇۋاپسەن، بۇنىڭ سىرى نىمىكىن؟ يەنە بىرى ئىنتايىن غەزەپلىك ئولتۇرۇپسەن، شۇڭا گەپ قىلىشقا قانداق پېتىناي. - ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سال، بۇ ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرەي،- دېدى ئىلىگ،- بۇ ئىشلار ئۆزۈمنىڭ ئوخشىشىنى ساڭا ئۇقتۇرۇش ئىدى. مەن دېگەن ئادالەت ۋە قانۇن، ئادالەتلىك قانۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بۇ ئالامەتلەردىن كۆرىسەن. مەن ئولتۇرغان بۇ كۇرس ئۈچ پۇتلۇق. بىلگىنكى، ئۈچ پۇتلۇق نەرسىلەر قىڭغايمايدۇ، ئۈچ پۇتى تۈز ھەم مەھكەم تۇرىدۇ. ئەگەر ئۈچ پۇتىنىڭ بىرى قىڭغىيىپ كەتسە، قالغان ئىككى پۇتىمۇ قىڭغىيىپ كېتىدۇ- دە، ئولتۇرغان ئادەم يېقىلىدۇ. ھەرقانداق ئۈچ ئاياغلىق نەرسىلەر توغرا، تۈز بۇلىدۇ. تۈز نەرسىلەر ئۇز بۇلىدۇ، بارلىق تۈز نەرسىلەرنىڭمۇ ئۇز ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. مايماق نەرسىلەر سەت، كۆرۈمسىز بۇلىدۇ. قانۇننىڭ ئادىتىمۇ تۈز بۇلۇش، ئېگىلمەسلىك. قانۇن ئىشلارنى ئادالەت بىلەن بېجىرىدۇ، كىشىلەرنى يۇقۇرى تۈۋەن دەپ ھەرگىز ئايرىمايدۇ. قولۇمدىكى بۇ خەنجەر كېسىش قورالىدۇ، مەن ئالدىمغا ئادالەت تەلەپ قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى پىچاقتەك كېسىپ، كېسىم قىلىپ بېرىمەن، ئۇلارنى ھەرگىز ساقلىتىپ بىتاقەت قىلمايمەن. شېكەرنىڭ مەنىسى شۇكى، زۇلۇم تارتقان بىرى ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئالدىمغا كىرسە، مېنىڭ ئادالىتىمدىن چېھرى ئېچىلىپ خۇددى شېكەر يېگەندەك لەززەتلىنىپ قايتىدۇ. سول يېنىمدا تۇرغان زەھەرنىڭ مەنىسى شۇكى، ئادالەتنى قايرىپ قۇيۇپ، زوراۋانلىق قىلغانلار، خەلقنى قاقشاتقانلار ئالدىمغا كەلسە مېنىڭ رەھىمسىز ھۆكۈمىمدىن ئۇلار زەھەر يېگەندەك قايتىشىدۇ. بەشىرەمنىڭ تۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەنىسىمۇ قانۇنسىزلىق قىلغان زوراۋانغا بولغان يۈزسىزلىكىمنىڭ، رەھىمسىزلىكىمنىڭ نىشانىدۇر. مەن ھۆكۈم قىلغاندا ھەرگىزمۇ ئىككى خىيال بولمايمەن. چۈنكى، قانۇن ئالدىدا ئوغلۇم بولسۇن، يېقىن تۇغقانلىرىم بولسۇن، يولۇچى، مۇساپىرلار بولسۇن ھەممىسى باراۋەر.
نەقىل: تەنبىھ: ئادالەتنى، قانۇننى قوغدا ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار، كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ دېگەنلىرى ھەق، دۆلەتنىڭ ئاساسى- ئادالەت. دۆلەتتە ئادالەتلىك قانۇن يولغا قۇيۇلغاندىلا خەلق تىنچ، خاتىرجەم، باياشات ھايات كەچۈرەلەيدۇ. شۇڭا، توغرا، ئادىل بولغان قانۇننى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، توغرا، ئادىل قانۇننى جان تىكىپ قوغداش كېرەك. ئادالەتلىك قانۇن ياخشى كىشىلەرنى يۆلەيدۇ، يامان كىشىلەرنى رەھمىسىز جازالايدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئەل راۋاج تاپىدۇ.
* * *
ئايتولدى سۇئالنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى: -ئادالەتلىك ئالىيلىرى، ئىسمىڭنى نېمە ئۈچۈن «كۈنتۇغدى» دەپ قويغان؟ - ئالىملار مېنىڭ ئادەتلىرىمنى كۈنگە ئوخشىتىپ «كۈنتۇغدى» دەپ ئاتىغان. كۈن دېگەن ھەر دائىم تۇلۇپ تۇرىدۇ. ھەرگىز كىچىكلەپ كەتمەيدۇ، پۈتۈن جاھاننى يۇرۇتسىمۇ يورۇقى كەملەپ كەتمەيدۇ. قانۇنمۇ شۇنداق، قۇياشقا ئوخشاش پارلاپ ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، ئادالەت نۇرى ھەرگىزمۇ كەملەپ كەتمەيدۇ. يەنە بىرى، قۇياش كۆتۈرۈلگەندە ئېگىز تاغ، چوڭقۇر ئېدىرلىقلارنىمۇ ئوخشاش يۇرۇتىدۇ. بارچە چانلىقلار ئۇنىڭدىن نۇر ئالىدۇ. مېنىڭ قانۇنۇممۇ شۇنداق، بارچە خەلق ئۈچۈن ئادالەت نۇرۇمنى تەكشى چاچىمەن، لېكىن يۇقىلىپ كەتمەيمەن. ئۈچىنچى، كۈن چىقسا زېمىن ئىللىيدۇ، تۈمەن خىل گۈل- چېچەكلەر ئېچىلىپ، زېمىن يۈزىنى گۈلىستانغا ئايلاندۇرىدۇ. مېنىڭ قانۇنۇممۇ شۇنداق، قايسى ئەلگە يېتىپ بارسا، ئۇ ئەل ھەرقانچە قورام تاشلىق بولسىمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، مېنى «كۈنتۇغدى» دەپ ئاتىغان. -ئەي ئادالەتلىك قانۇن، ئۇنداق بولسا سېنىڭ تەبىئىتىڭگە سىغمايدىغان، سېنى ئۆزى بىلەن ئۆچەكەشتۈرۈپ قويىدىغان ئىشلار قايسى؟ ئېيتىپ بەرگەن بولساڭ،- دەپ سورىدى ئايتولدى. - ئەي مەرد ئوغۇل، ئەگەر مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن، مېنىڭ تەبىئىتىمگە مۇخالىپ ئىشلاردىن نېرى تۇرغايسەن. بىرىنچى، مەن يالغانچلىق، ئالدامچىلىقنى سىغدۇرالمايمەن. ئىككىنچى، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغاننى ئاجىزلارنى بوزەك قىلغاننى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. ئۈچىنچى، ئاچ كۆز، نەپسانىيەتچى، تەمەخور تويماسلارنى، ئالدىراڭغۇ، تەنتەك، ئاچچىقى يامانلارنى، ئوغرى، قاراقچى، پارىخورلارنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. تۆتىنچى، ھارامخور، زىناخور پاسىقلارنى تېخىمۇ يامان كۆرىمەن. يۇقۇرىقىلار مېنىڭ كۆزۈمگە ئىنتايىن سەت كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقلارغا ھەرگىزمۇ مېھىر- شەپقەت قىلمايمەن. ئەگەر ئۇلار ماڭا يارىماق بولىدىكەن، يۇقۇرىقىدەك ئىللەتلىرىدىن قول ئۈزمىكى لازىم. - ئۇنداق بولسا ئالىيلىرى، قانۇن ياخشى كۆرىدىغان، قانۇن قوغدايدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەل قايسى؟- دەپ سورىدى ئايتولدى يەنە. -ماڭا ياقىدىغان، مەن قوغدايدىغان ئىش شۇكى، ۋەتەن، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، زىيان سالماسلىق، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ياشاشنى ھاياتىنىڭ سەرمايسى قىلىش، خەلققە قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن بەدەل تەلەپ قىلماسلىق، ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتماسلىق، دۇرۇسلۇق بىلەن ياشاش،- دەپ جاۋاب بەردى ئىلىگ. ئايتولدى يەنە سورىدى: -ئەي ئادالەت ئىگىسى، سەن ئېيتقان دۇرۇسلۇق دېگەن زادى قانداق بولىدۇ؟ - دۇرۇسلۇق دېگەن شۇنداق نەرسىكى، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولسا، ئىچى تېشى بىلەن، تېشىمۇ ئىچى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ، ئەل- جامائەت ئالدىدا يۈرىكىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئۇياتماي يۈرەلىسە، مانا شۇنداق كىشىنى دۇرۇس كىشى دېسە بۇلىدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ قەلبى پاك، بىغۇبار بۇلىدۇكى، ھەرگىز مەككارلىق قىلمايدۇ، ئالدامچىلىق، بۇزۇقلۇق، خىيانەتنى خالىمايدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ يۈرىكى ئادالەت، ھەققانىيەت، ياخشى خىسلەتلەر ئۈچۈن سوقىدۇ. ۋۇجۇدى پاك بولغان ئادەمنىڭ يۈزى يۇرۇق بولىدۇ، يۈزى يۇرۇق ئادەم جامائەت ئالدىدا ئۇياتماي، دادىل قەدەم تاشلاپ ماڭالايدۇ. ئەكسىچە، كاللىسى قەبىھ خىياللار بىلەن تولغان ئادەم ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك- پوك دېگەندەك تەشۋىشتىن خالىي بۇلالمايدۇ.
نەقىل: تەنبىھ: ئۆزۈڭ ياخشى بول، ياخشىلارغا قېتىل ئوغلۇم، ئادالەت ۋە قانۇن ئىگىسى بولمىش شاھ كۈنتۇغدىنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلىدىڭ. شۇنداق، دۇرۇس ياشا، دۇرۇس ياشىساڭ بەختلىك ياشىيالايسەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلار بىلەن ئارىلاشقىن. ياخشىلار ماڭغان يولدا ماڭساڭ توغرا قىلغان بولىسەن، ئۆزۈڭنىمۇ بۇلغىمايسەن. ئەگەر يامانلارغا يېقىن بۇلۇپ قالساڭ ئۆزۈڭگە قارا يۇقتۇرىۋالىسەن. ياخشى ئادەملەر ھەر قاچان يامانلاردىن قاچىدۇ. ياخشىلارغا يامانلىق قىلما، ياخشىلارغا يامانلىق قىلىش يامانلارغا ياخشىلىق قىلغانلىق بولىدۇ، يامانلارغا مېھىر- شەپقەت قىلىش ياخشىلارغا يامانلىق كۆزلىگەنلىك بۇلىدۇ. ئوغلۇم، ياخشىلىق قىلىش يۇقۇرىغا ئۆرلىگەندەك ئېغىر، يامانلىق قىلىش پەسكە دومىلىغاندەك ئوڭاي بولىدۇ.
* * *
ئايتولدى ئىلىگكە يەنە سۇئال قويماقتا ئىدى: -ئەي ئادالەت ئىگىسى، بەزىلەر ياخشىلىقتىنمۇ قۇسۇر ئىزدەيدۇ، ياخشىلىقنىڭمۇ قۇسۇرى بولامدۇ؟ - ياخشىلىق بۇ دۇنيادا ھەر قاچان ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ. بىراق يامان ئادەملەر ياخشىلىقنى بىر قۇسۇر دەپ بىلىدۇ. چۈنكى، ياخشىلارنىڭ ئارىسىدا يامانلارغا كۈن يوق، ياخشىلار ھامان غالىب، يامانلار ھامان مەغلۇپ. شۇ سەۋەبتىن يامانلار ياخشىلارنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارغا قەست قىلىپ، ياخشىلارنىڭ چىرىغىنى ئۈچۈرمەك بولىدۇ. يامانلىق بولسا قاراڭغۇلۇق، جاھالەتنىڭ دوستى، ئۇ يۇرۇقلۇق بىلەن دوست بولالمايدۇ. شۇنى بىلگىنكى، بۇ دۇنيادا ياخشى بىلەن يامان ھەر قاچان مەۋجۇت. بىراق، يامانلىق قىلغۇچى نەگە بارسا زىيان تارتقۇچى، ياخشىلار نەگە بارسا پايدىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئەلگە ياخشىلىق قىلىش، تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا، ئۆزۈڭنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن يول ئاچقانلىقىڭ بۇلىدۇ. يامانلىق بۈگۈن ساڭا پايدىلىقتەك كۆرۈنسە ئالدىنىپ قالما، چۈنكى، ئەتە تارتىدىغان زىيىنىڭ بۈگۈن يامانلىق قىلىپ ئېرىشكەن پايداڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، ياخشىلىقنى ھاياتىڭنىڭ سەرمايىسى قىلغىن. ياخشىلىق بۇ دۇنيادا ساڭا ئەڭ ياخشى، كۆركەم لىباس بولالايدۇ. كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلىغان ئايتولدىنىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر نازۇك سوئال تۇغۇلدى: - ئەي ئىلىگ، ماڭا مۇنۇ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشىپ بەرگەن بولساڭ، ياخشى ئادەمنىڭ يامانغا ئۆزگىرىپ كېتىشى، يامانلارنىڭمۇ ياخشىلارنىڭ يولىدىن مېڭىشى مۇمكىنمۇ؟ كۈنتۇغدى ئىلىگ بۇ سوئالنىڭ سىرىنى مۇنداق يەشتى: - ياخشى ئادەم ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى، ئانىدىن تۇغۇلۇشى بىلەنلا تەبىئىتىدە ياخشىلىق ئالامەتلىرى پارلىغان بالا. ئۇنداق ئادەم ئۆمۈر بويى دۇرۇسلۇق يولىدا ماڭىدۇ. يەنە بىر خىل ياخشى كېشىلەر باركى، ئۇلار باشقىلارنى دوراش، ئۇلاردىن تەسىرلىنىش، ئۈلگە ئېلىش ئارقىلىق ياخشى ئادەتلەرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرىدۇ. ئۇنداق كىشىلەر يامانلارغا ئارىلىشىپ قالسا يامان يولغىمۇ كىرىپ قالىدۇ. يامان ئادەملەرمۇ ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئانىدىن تۇغۇلۇشى بىلەنلا تەبىئىتىدە يامانلىق بولغان كىشىلەر، ئۇنداق ئادەمنىڭ يامانلىق كىرىنى ئۆلمىگىچە تازىلاپ بولغىلى بولمايدۇ، تېزىنى ئېيتسا مېزى چىقىدۇ. بەزىلەر يامانلارنى دوراپ، يامانلار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىپ، يامانلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئەسكى يولغا كىرىپ قالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ياخشىلارغا قۇشۇلسا، ياخشىلار بىلەن دوستلۇق ئورناتسا ياخشى يولغا كىرىدۇ.
نەقىل: تەنبىھ: ياخشىلارنى قوللا ئەي ئەقىللىق بالىلىرىم، يۇقۇرىقى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىدىڭلار. توغرا، ياخشىدىن ئەلگە نۇسرەت، ياماندىن ئەلگە ئاپەت ياغىدۇ. كونىلار «قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دەپتىكەن، يۇقۇرىقىلاردىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەبمۇ بار. دۆلەتنىڭ قانۇن- تۈزۈمى، سىياسىتى ياخشى بولسا خەلقنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشلىرىمۇ ئۇز، قىلغان ئىشلىرىمۇ ئەدەپ- قائىدىلىك بولىدۇ. خەلققە باش بولغۇچى ئەمەلدارلار ياخشىلارنى قەدىرلىسە، ياخشىلارغا مۇۋاپىق ئۇرۇن بەرسە، يامانلارمۇ ئۆزىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ، ئەگەر ئەلنىڭ كاتتىلىرى يامانلارغا يېقىن بۇلۇپ، يامانلارنى قانات ئاستىغا ئالىدىكەن، يامان- ئەسكىلەرنىڭ كۈنى تۇغۇلىدۇ، يامانلار باش كۆتۈرگەن جايدا ياخشىلارغا كۈن يوق.
* * *
ئايتولدى يەنە سۇئال سوراشقا باشلىدى: - ئالىيلىرى، ياخشى كىشىلەرنى ھەممە ئادەم ياخشى دەپ ھۆرمەتلەيدىكەن ھەم ئۆزىمۇ ياخشى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بىراق ئۇنداق ياخشىلىققا قانداق قىلغاندا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ؟ - ئەي ئەقىل ئىگىسى، ياخشىلىق دېگەن ئەڭ ئېسىل پەزىلەتنىڭ ئېتى. ئۇنداق ياخشىلىق ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىك، ياراملىق ئادەملەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. چۈنكى، دۇنيادا نېمە ئەڭ ئېسىل بولسا، ئۇ ئەڭ قىممەتلىك بۇلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپ مۇشەققەت چەكمىگۈچە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. دۇنيادا ئەڭ قەدىرسىز نەرسە يامانلىق. شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنى خارلىق توپىسىدۇر.
نەقىل: تەنبىھ: سېنى ياخشى كۆرگەنلەرنى سەنمۇ ياخشى كۆرگىن ئوغلۇم، ياخشىلارنى قەدىرلەشنى، ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى بىل، سەن ئۈچۈن ياخشىلىق تىلىگەن، ساڭا بەخت كۆزلىگەن، سەن ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى سۆيگىن. سەن باشقىلارنى سۆيسەڭ، سەنمۇ باشقىلار تەرىپىدىن سۈيۈلىسەن. ئۆزۈڭمۇ باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشى، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنى پىدا قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشكە ئادەتلەنگىن. ياخشىلىق قىلغۇچىمۇ ئۆزىگە قىلىدۇ، يامانلىق قىلغۇچىمۇ ئۆزىگە قىلىدۇ. بۇنى ھەرگىز ئېسىڭدىن چىقارما.
* * *
ئايتولدى: - ئالىيلىرى، سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا خىزمەت قىلىش كىشى ئۈچۈن بەخت. شۇڭا، ئەقىللىقلارمۇ: خىزمەت قىلساڭ ئەجىر- ئەقىدەڭنىڭ قەدرىگە يېتەلەيدىغان كىشىنىڭ خىزمىتىنى قىل، دېگەن ئىكەن،- دەپ تەزىم قىلىپ كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ھوزۇرىدىن چىقىپ كەتتى. شۇ قېتىمقى ئەھمىيەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، ئايتولدى سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ ئەلنىڭ خىزمىتىنى شۇنداق كۆيۈنۈپ قىلىشقا باشلىدى. ئەلمۇ ئايتولدىنى ناھايتى ياخشى كۆرەتتى ۋە قەدىرلەيتتى. شۇ تەرىقىدە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.
5. ئايتولدى بىلەن كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ تىلىنىڭ پەزىلىتى بىلەن قۇسۇرى، پايدىسى بىلەن زىيىنى توغرىسىدا سىرداشقانلىقى
بىر كۈنى كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىنى چاقىرتىپ كەلدى. ئادىتى بويىچە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئايتولدى گەپ قىلماستىن يەرگە قاراپ ئولتۇردى. - ئايتولدى، قېنى گەپ قىلمامسەن،- دېدى كۈنتۇغدى ئارىلىقتىكى جىملىقنى بۇزۇپ،- نېمە بولدۇڭ، نىمىشقا شۈك ئولتۇرىسەن؟ - ئەي بەگلەرنىڭ بېگى، ئالىيلىرى ئىجازەت بەرمەي تۇرۇپ سۆزلەشكە نېمە ھەددىم. گەپ سورالماستىن ئاۋۋال قانداقمۇ سۆز ئاچاي. بىلىملىك كىشىلەر تەربىيە قىلىپ: سورالماستىن ئاۋۋال سۆزلىمە، كىم چاقىرغان بولسا، شۇ ئاۋۋال گەپ قىلسۇن، كىمدە كىم باشقىلار گەپ سورىماستىنلا سۆزلەپ كەتسە، ئۇ ھايۋاننىڭ ئىشى بۇلۇپ قالىدۇ، دېيىشكەنغۇ. - سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم،- دېدى ئىلىگ،- تىرىك ئادەم سۆزلىمەي مۇمكىنمۇ، پەقەت مۇنداق ئىككى ئادەملا سۆزلىمەيدۇ ھەم سۆزلىيەلمەيدۇ. بىرى گاچا، يەنە بىرى نادان، گاچىنىڭ تىلى يوق، نادان بولسا تىلىغا ھېزى بولمىسا بېشىغا چىقىدۇ. بىلىملىك ئادەمنىڭ سۆزى ئاقار بۇلاققا ئوخشاش كەملەپ كەتمەيدۇ. يەرنى سۇ سۇغارسا ھەرخىل نېمەتلەر ئۈنگەنگە ئوخشاش بىلىملىكلەرنىڭ سۆزى ھاياتقا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىمسىز، نادان ئادەمنىڭ كۆڭلى خۇددى قۇم باسقان دالىدەك دەريانى باشلىسىمۇ تولمايدۇ، گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ. شۇڭا، بىلىملىك ئادەم سۆزلەشكە توغرا كەلگەندە سۆزلىشى كېرەك، تىلىنى چايناپ تۇرسا بولمايدۇ. - ئالىيلىرى، توغرا ئېيتتىڭ، ئادەم تىرىكلا بولىدىكەن گەپ قىلماي بولمايدۇ. بىراق، گەپ دېگەن سورالغاندا ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرگەندە قىممەتلىك بولىدۇ، بولمىسا سۆزۈڭمۇ چاقىرىلمىغان مېھماندەك قەدىرسىز بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇرۇنلۇق، پايدىلىق جايدا سۆزنى ئايىماسلىق، زۆرۈرىيەت بولمىغان جايدا ئېغىز ئاچماسلىق كېرەك. - چۈشەندىم، سۆزلىرىڭ توغرا،- دېدى ئىلىگ،- ئېيتقىنا، ئۇنداق بولسا تىلنىڭ پايدىسى نىمە؟ - ئەگەر سۆزلىگۈچىنىڭ تىلى توغرا، ئۇرۇنلۇق، جايىدا سۆزلەنسە، تىلدا پايدا كۆپ. بىلگىنكى، تىل ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ تەرجىمانىدۇر. ئېنىق بايان قىلىنغان تىل كىشنىڭ نىيىتىنى، مەقسىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. تىل دېگەن ئىنساننىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى. ئىنسان تىلنىڭ خاسىيىتى بىلەن قەدىر- قىممەتكە ۋە ئادەملىك خۇسۇسيەتكە ئىگە بولالىغان. شۇڭا، خەلق تىلىنىڭ خاسىيىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئەقىلنىڭ گۈزەللىكى تىل بىلەن، تىلنىڭ گۈزەللىكى سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن، كىشىنىڭ گۈزەللىكى يۈزدىن، يۈزنىڭ گۈزەللىكى كۆزدىن.» ئادەممۇ ئىككى ئىشنىڭ خاسىيىتىدىن قېرىمايدۇ. بىرى ياخشى ئەمەل، يەنە بىرى ياخشى سۆز. كۆرمىدىڭمۇ، بۇ دۇنيادىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتۈشتى، پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ياخشى سۆزلىرىنى قالدۇرغان كىشىلەرلا مەڭگۈلۈك يادلىنىپ كېلىشتى. - تىلنىڭ پايدىسى شۇنداق كۆپ ئىكەن. ئۇنداق بولسا يامان سۆز دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق زېيىنى بار؟ بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولساڭ،- دەپ سورىدى ئىلىگ. - ئەڭ يامان سۆز بىلىمسىز، نادان ئادەملەرنىڭ قۇرۇق گېپىدۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قۇرۇق گېپى بەزى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. ئادەم تىلنىڭ كاساپىتىدىن خار- زارلىققىمۇ چۈشۈپ قالىدۇ. تىل دېگەن بۇسۇغىدا ياتقان شىرغا ئوخشايدۇ، تىلغا ھەزەر قىلمىسا باشنى يەيدۇ. شۇڭا، كونىلار يەكۈنلىگەن مۇنۇ ئىبرەتلىك سۆزنى ئەستە تۇتۇش لازىم: «تىلىم ماڭا شۇنداق كۈلپەتلەرنى سالدى، بېشىم كەتمەستە تىلىمنى كېسەي، چىشىم سۇنماستا تىلىمغا ھاكىم بولاي.» تەنبىھ: تىل بايلىقىڭدىن توغرا پايدىلان ئوغلۇم، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىممىتى بولىدۇ. تىلنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ مەنىسىدە. مەنىسىز سۆزنى بىر چاڭگال لاي بىل. بىراق، ھەرقانداق ئەزىز، قىممەتلىك نەرسىلەرمۇ ئۇرۇنسىز ئىشلىتىلسە ئەسلى قەدىر- قىممىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. تىل سېنى ئەرمۇ قىلىدۇ، يەرمۇ قىلىدۇ. سۆزلىمەكچى بولساڭ سورۇن تاللاپ، مۇۋاپىق جايدا ئېنىق، ئىخچام، مەزمۇنلۇق، توغرا سۆزلەشكە ئادەتلەنگىن. زۆرۈرىيەت تۇغۇلمىغان جايدا ئىمكان بار سۆزلىمە. ئۆزۈڭنىڭ قەدىر- قىممىتىنى ساقلاي دېسەڭ، ھەرگىز يالغان سۆزنى ئېغىزىڭدىن چىقارما. سۆزنىڭ ئەڭ ئەسكىسى يالغان سۆزدۇر. يالغان سۆز دېگەن ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سېنى ئىشەنچىسىز قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىرى سېنىڭ قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز ئىكەنلىكىڭنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. چۈنكى، يالغان سۆز كۆپ ھاللاردا قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز ئادەملەردىن چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا يالغان سۆزۈڭ ئۈزۈڭنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەشكە يارايدۇ. سۆزلەرنىڭ يەنە بىر ئەسكىسى پىتنە- پاسات تۇغدۇرىدىغان سۆزلەردۇر. ئۇنداق سۆزلەر ئۆزۈڭنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا يارايدۇ. قوپال، يىرىك سۆزمۇ سۆزنىڭ ئەڭ يامىنىغا كىرىدۇ. قوپال، يىرىك سۆز باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدۇ، ساڭا بولغان ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ. تىل دېگەن بىر دەريادۇركى، ئۇنى جايىدا ئىشلەتسە، گۈزەل بوستانلارنى سۇغارغان سۈزۈك سۇدەك كۆڭۈل بېغىغا راھەت بەخش ئېتىدۇ. سىلىق، يۇمشاق سۆزلەش مەدەنيەتنىڭ بەلگىسى بولسا، قوپال- يىرىك سۆزلەش ياۋايىلىقنىڭ بەلگىسى.
* * * كۈنتۇغدى ئىلىگ بىلەن ئايتولدى تىل توغرىسىدا يەنىلا سۆزلەشمەكتە ئىدى. - سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم، ئەي بىلىمدار،- دېدى كۈنتۇغدى ئىلىگ،- سۆزنىڭ، يەنى تىلنىڭ ئەسلى ئورنى نەدە، ئۇ قەيەردىن چىقىپ، نەگە بارىدۇ، بىلىملىك ئالىملار بۇ ھەقتە نېمە دېگەن؟ - ئالىيلىرى، سۆزنىڭ ئورنى تەپەككۇر ئورنى بولغان مېڭىدۇر،- دېدى ئايتولدى،- بىراق ئون سۆزنىڭ بىرى چىن، قالغان توققۇزى زورلانغان سۆز ھېسابلىنىدۇ. بۇ زورلانغان ئاش بەتتەم بولغانغا ئوخشاش ئىش. شۇڭا، سۆز ئون بولسا دىيىلىدىغىنى بىر بۇلۇش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى كۆپ سۆزلىمەسلىك، تۈمەن سۆزنىڭ تۈگۈنىنى بىر سۆز بىلەنلا يېشەلەيدىغان بۇلۇش كېرەك. تولا گەپ قىلغان ئادەم «مەمەدان» ئاتىلىدۇ، سۆزلىمەي بۇرۇقتۇرما بۇلۇپ، گۆشىيىپ تۇرساڭ گاچا، دۆت ئاتىلىسەن. شۇڭا، گەپ قىلماقچى بولغان كىشى مەنىلىك، ئۇرۇنلۇق قىلىشى، ئۇنىڭ سۆزى نادان، قارىغۇلارغا كۆز بۇلۇشى لازىم. - سۆزنى قانداق ئادەملەردىن ئاڭلاش، قانداق ئادەملەرگە ئېيتىش لازىم؟- دەپ سورىدى ئىلىگ. ئايتولدى جاۋاب بەردى: - سۆزنى بىلىملىك ئۇستازلاردىن ئاڭلاش لازىم، بىلىمسىزلەرگە دېيىش كېرەك. چوڭلاردىن لازىملىق، پايدىلىق سۆزلەرنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ، ئۆزىدىن بىلىمى تۈۋەنلەرگە ھەم ئۆزىدىن كىچىكلەرگە يەتكۈزۈش كېرەك. چۈنكى، ئادەم كۆپ سۆزلىۋېلىش بىلەن ئالىم بولالمايدۇ، بەلكى كۆپ ئاڭلاش ئارقىلىق ئىلىم تۆرىگە چىققىلى بۇلىدۇ. شۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگىنكى، ئادەم كېكەچ بولسىمۇ قۇلىقى ساق بولسا بىلىم ئالالايدۇ. ئەمما، پاڭ بولسا بىلىم ئالالمايدۇ ئەمەسمۇ. كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىدىن پاراسەت بىلەن يۇغۇرۇلغان يۇقۇرىقى دانا جاۋابلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللانىڭ ئۆزىگە شۇنداق ياخشى ياردەمچىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتتى. ئۇ شۇ ھاياجىنىدا خەزىنىنى ئېچىپ يوقسۇللارغا نۇرغۇن مال- دۇنيالىرىنى تارقاتتى. ئايتولدىغا تامغىنى تۇتقۇزۇپ ۋەزىرلىك خىزمىتىنى بەردى. يەنە ئۇنىڭغا تۇغ، ناغرا، ساۋۇتلارنى بېرىپ ئەلدە قولىنى ئۇزۇن قىلدى. ئايتولدىمۇ پۈتۈن ئىشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىدى. خەلق بېيىپ دۆلەت قۇدرەت تاپتى. قانۇن- تۈزۈم تېخىمۇ روناق تېپىپ، ئەل كۈندىن- كۈنگە گۈللەندى. تەنبىھ: ئانا تىلىڭدىن بەزمىگەيسەن ئەي ئوغۇل، تىل دېگەن سېنىڭ ئادەملىكىڭنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئانا تىل سېنىڭ قېنىڭ ۋە جېنىڭغا ئوخشاش، تەپەككۇرۇڭ ئانا تىلىڭ بىلەن يۇغۇرۇلغان. ئانا تىل ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ زېمىنغا تۆرەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئالاقە ئىشلىرىنى قامداپ كەلدى. ئانا تىلىڭ شۇنچىلىك باي، ئىپادىلەش كۈچى شۇنچىلىك زور مەدەنىي تىل. شۇ تىل بىلەن ئاجايىپ بۈيۈك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. ئانا تىلدىن ياتلىشىش
5. ئايتولدى بىلەن كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ تىلىنىڭ پەزىلىتى بىلەن قۇسۇرى، پايدىسى بىلەن زىيىنى توغرىسىدا سىرداشقانلىقى بىر كۈنى كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىنى چاقىرتىپ كەلدى. ئادىتى بويىچە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئايتولدى گەپ قىلماستىن يەرگە قاراپ ئولتۇردى. - ئايتولدى، قېنى گەپ قىلمامسەن،- دېدى كۈنتۇغدى ئارىلىقتىكى جىملىقنى بۇزۇپ،- نېمە بولدۇڭ، نىمىشقا شۈك ئولتۇرىسەن؟ - ئەي بەگلەرنىڭ بېگى، ئالىيلىرى ئىجازەت بەرمەي تۇرۇپ سۆزلەشكە نېمە ھەددىم. گەپ سورالماستىن ئاۋۋال قانداقمۇ سۆز ئاچاي. بىلىملىك كىشىلەر تەربىيە قىلىپ: سورالماستىن ئاۋۋال سۆزلىمە، كىم چاقىرغان بولسا، شۇ ئاۋۋال گەپ قىلسۇن، كىمدە كىم باشقىلار گەپ سورىماستىنلا سۆزلەپ كەتسە، ئۇ ھايۋاننىڭ ئىشى بۇلۇپ قالىدۇ، دېيىشكەنغۇ. - سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم،- دېدى ئىلىگ،- تىرىك ئادەم سۆزلىمەي مۇمكىنمۇ، پەقەت مۇنداق ئىككى ئادەملا سۆزلىمەيدۇ ھەم سۆزلىيەلمەيدۇ. بىرى گاچا، يەنە بىرى نادان، گاچىنىڭ تىلى يوق، نادان بولسا تىلىغا ھېزى بولمىسا بېشىغا چىقىدۇ. بىلىملىك ئادەمنىڭ سۆزى ئاقار بۇلاققا ئوخشاش كەملەپ كەتمەيدۇ. يەرنى سۇ سۇغارسا ھەرخىل نېمەتلەر ئۈنگەنگە ئوخشاش بىلىملىكلەرنىڭ سۆزى ھاياتقا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىمسىز، نادان ئادەمنىڭ كۆڭلى خۇددى قۇم باسقان دالىدەك دەريانى باشلىسىمۇ تولمايدۇ، گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ. شۇڭا، بىلىملىك ئادەم سۆزلەشكە توغرا كەلگەندە سۆزلىشى كېرەك، تىلىنى چايناپ تۇرسا بولمايدۇ. - ئالىيلىرى، توغرا ئېيتتىڭ، ئادەم تىرىكلا بولىدىكەن گەپ قىلماي بولمايدۇ. بىراق، گەپ دېگەن سورالغاندا ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرگەندە قىممەتلىك بولىدۇ، بولمىسا سۆزۈڭمۇ چاقىرىلمىغان مېھماندەك قەدىرسىز بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇرۇنلۇق، پايدىلىق جايدا سۆزنى ئايىماسلىق، زۆرۈرىيەت بولمىغان جايدا ئېغىز ئاچماسلىق كېرەك. - چۈشەندىم، سۆزلىرىڭ توغرا،- دېدى ئىلىگ،- ئېيتقىنا، ئۇنداق بولسا تىلنىڭ پايدىسى نىمە؟ - ئەگەر سۆزلىگۈچىنىڭ تىلى توغرا، ئۇرۇنلۇق، جايىدا سۆزلەنسە، تىلدا پايدا كۆپ. بىلگىنكى، تىل ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ تەرجىمانىدۇر. ئېنىق بايان قىلىنغان تىل كىشنىڭ نىيىتىنى، مەقسىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. تىل دېگەن ئىنساننىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى. ئىنسان تىلنىڭ خاسىيىتى بىلەن قەدىر- قىممەتكە ۋە ئادەملىك خۇسۇسيەتكە ئىگە بولالىغان. شۇڭا، خەلق تىلىنىڭ خاسىيىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئەقىلنىڭ گۈزەللىكى تىل بىلەن، تىلنىڭ گۈزەللىكى سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن، كىشىنىڭ گۈزەللىكى يۈزدىن، يۈزنىڭ گۈزەللىكى كۆزدىن.» ئادەممۇ ئىككى ئىشنىڭ خاسىيىتىدىن قېرىمايدۇ. بىرى ياخشى ئەمەل، يەنە بىرى ياخشى سۆز. كۆرمىدىڭمۇ، بۇ دۇنيادىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتۈشتى، پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ياخشى سۆزلىرىنى قالدۇرغان كىشىلەرلا مەڭگۈلۈك يادلىنىپ كېلىشتى. - تىلنىڭ پايدىسى شۇنداق كۆپ ئىكەن. ئۇنداق بولسا يامان سۆز دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق زېيىنى بار؟ بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولساڭ،- دەپ سورىدى ئىلىگ. - ئەڭ يامان سۆز بىلىمسىز، نادان ئادەملەرنىڭ قۇرۇق گېپىدۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قۇرۇق گېپى بەزى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. ئادەم تىلنىڭ كاساپىتىدىن خار- زارلىققىمۇ چۈشۈپ قالىدۇ. تىل دېگەن بۇسۇغىدا ياتقان شىرغا ئوخشايدۇ، تىلغا ھەزەر قىلمىسا باشنى يەيدۇ. شۇڭا، كونىلار يەكۈنلىگەن مۇنۇ ئىبرەتلىك سۆزنى ئەستە تۇتۇش لازىم: «تىلىم ماڭا شۇنداق كۈلپەتلەرنى سالدى، بېشىم كەتمەستە تىلىمنى كېسەي، چىشىم سۇنماستا تىلىمغا ھاكىم بولاي.»
نەقىل: تەنبىھ: تىل بايلىقىڭدىن توغرا پايدىلان
ئوغلۇم، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىممىتى بولىدۇ. تىلنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ مەنىسىدە. مەنىسىز سۆزنى بىر چاڭگال لاي بىل. بىراق، ھەرقانداق ئەزىز، قىممەتلىك نەرسىلەرمۇ ئۇرۇنسىز ئىشلىتىلسە ئەسلى قەدىر- قىممىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. تىل سېنى ئەرمۇ قىلىدۇ، يەرمۇ قىلىدۇ. سۆزلىمەكچى بولساڭ سورۇن تاللاپ، مۇۋاپىق جايدا ئېنىق، ئىخچام، مەزمۇنلۇق، توغرا سۆزلەشكە ئادەتلەنگىن. زۆرۈرىيەت تۇغۇلمىغان جايدا ئىمكان بار سۆزلىمە. ئۆزۈڭنىڭ قەدىر- قىممىتىنى ساقلاي دېسەڭ، ھەرگىز يالغان سۆزنى ئېغىزىڭدىن چىقارما. سۆزنىڭ ئەڭ ئەسكىسى يالغان سۆزدۇر. يالغان سۆز دېگەن ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سېنى ئىشەنچىسىز قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىرى سېنىڭ قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز ئىكەنلىكىڭنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. چۈنكى، يالغان سۆز كۆپ ھاللاردا قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز ئادەملەردىن چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا يالغان سۆزۈڭ ئۈزۈڭنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەشكە يارايدۇ. سۆزلەرنىڭ يەنە بىر ئەسكىسى پىتنە- پاسات تۇغدۇرىدىغان سۆزلەردۇر. ئۇنداق سۆزلەر ئۆزۈڭنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا يارايدۇ. قوپال، يىرىك سۆزمۇ سۆزنىڭ ئەڭ يامىنىغا كىرىدۇ. قوپال، يىرىك سۆز باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدۇ، ساڭا بولغان ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ. تىل دېگەن بىر دەريادۇركى، ئۇنى جايىدا ئىشلەتسە، گۈزەل بوستانلارنى سۇغارغان سۈزۈك سۇدەك كۆڭۈل بېغىغا راھەت بەخش ئېتىدۇ. سىلىق، يۇمشاق سۆزلەش مەدەنيەتنىڭ بەلگىسى بولسا، قوپال- يىرىك سۆزلەش ياۋايىلىقنىڭ بەلگىسى.
* * *
كۈنتۇغدى ئىلىگ بىلەن ئايتولدى تىل توغرىسىدا يەنىلا سۆزلەشمەكتە ئىدى. - سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇم، ئەي بىلىمدار،- دېدى كۈنتۇغدى ئىلىگ،- سۆزنىڭ، يەنى تىلنىڭ ئەسلى ئورنى نەدە، ئۇ قەيەردىن چىقىپ، نەگە بارىدۇ، بىلىملىك ئالىملار بۇ ھەقتە نېمە دېگەن؟ - ئالىيلىرى، سۆزنىڭ ئورنى تەپەككۇر ئورنى بولغان مېڭىدۇر،- دېدى ئايتولدى،- بىراق ئون سۆزنىڭ بىرى چىن، قالغان توققۇزى زورلانغان سۆز ھېسابلىنىدۇ. بۇ زورلانغان ئاش بەتتەم بولغانغا ئوخشاش ئىش. شۇڭا، سۆز ئون بولسا دىيىلىدىغىنى بىر بۇلۇش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى كۆپ سۆزلىمەسلىك، تۈمەن سۆزنىڭ تۈگۈنىنى بىر سۆز بىلەنلا يېشەلەيدىغان بۇلۇش كېرەك. تولا گەپ قىلغان ئادەم «مەمەدان» ئاتىلىدۇ، سۆزلىمەي بۇرۇقتۇرما بۇلۇپ، گۆشىيىپ تۇرساڭ گاچا، دۆت ئاتىلىسەن. شۇڭا، گەپ قىلماقچى بولغان كىشى مەنىلىك، ئۇرۇنلۇق قىلىشى، ئۇنىڭ سۆزى نادان، قارىغۇلارغا كۆز بۇلۇشى لازىم. - سۆزنى قانداق ئادەملەردىن ئاڭلاش، قانداق ئادەملەرگە ئېيتىش لازىم؟- دەپ سورىدى ئىلىگ. ئايتولدى جاۋاب بەردى: - سۆزنى بىلىملىك ئۇستازلاردىن ئاڭلاش لازىم، بىلىمسىزلەرگە دېيىش كېرەك. چوڭلاردىن لازىملىق، پايدىلىق سۆزلەرنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ، ئۆزىدىن بىلىمى تۈۋەنلەرگە ھەم ئۆزىدىن كىچىكلەرگە يەتكۈزۈش كېرەك. چۈنكى، ئادەم كۆپ سۆزلىۋېلىش بىلەن ئالىم بولالمايدۇ، بەلكى كۆپ ئاڭلاش ئارقىلىق ئىلىم تۆرىگە چىققىلى بۇلىدۇ. شۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگىنكى، ئادەم كېكەچ بولسىمۇ قۇلىقى ساق بولسا بىلىم ئالالايدۇ. ئەمما، پاڭ بولسا بىلىم ئالالمايدۇ ئەمەسمۇ. كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىدىن پاراسەت بىلەن يۇغۇرۇلغان يۇقۇرىقى دانا جاۋابلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللانىڭ ئۆزىگە شۇنداق ياخشى ياردەمچىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتتى. ئۇ شۇ ھاياجىنىدا خەزىنىنى ئېچىپ يوقسۇللارغا نۇرغۇن مال- دۇنيالىرىنى تارقاتتى. ئايتولدىغا تامغىنى تۇتقۇزۇپ ۋەزىرلىك خىزمىتىنى بەردى. يەنە ئۇنىڭغا تۇغ، ناغرا، ساۋۇتلارنى بېرىپ ئەلدە قولىنى ئۇزۇن قىلدى. ئايتولدىمۇ پۈتۈن ئىشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىدى. خەلق بېيىپ دۆلەت قۇدرەت تاپتى. قانۇن- تۈزۈم تېخىمۇ روناق تېپىپ، ئەل كۈندىن- كۈنگە گۈللەندى.
نەقىل: تەنبىھ: ئانا تىلىڭدىن بەزمىگەيسەن ئەي ئوغۇل، تىل دېگەن سېنىڭ ئادەملىكىڭنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئانا تىل سېنىڭ قېنىڭ ۋە جېنىڭغا ئوخشاش، تەپەككۇرۇڭ ئانا تىلىڭ بىلەن يۇغۇرۇلغان. ئانا تىل ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ زېمىنغا تۆرەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئالاقە ئىشلىرىنى قامداپ كەلدى. ئانا تىلىڭ شۇنچىلىك باي، ئىپادىلەش كۈچى شۇنچىلىك زور مەدەنىي تىل. شۇ تىل بىلەن ئاجايىپ بۈيۈك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. ئانا تىلدىن ياتلىشىش خىيانەت!
6. ئايتولدىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ، بەخت قۇشىنىڭمۇئۇچۇپ كەتكەنلىكى
ئايتولدىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇ- تىلەكلىرى تازا پەرۋاز قىلىشقا باشلىغاندا، «نېمەتلەر تۇلۇق بولغاندا ئۆمۈر تۈگەيدۇ» دېگەندەك، تۇلۇپ تۇلۇن بولغان بەخت ئېيتى قېرىپ كىچىكلىكىنى كۆردى، تەن ساقلىق تۈۋرۈكى يىقىلدى.
نەقىل: تەنبىھ: ساغلام چاغلىرىڭنى غەنىيمەت بىل
ئەي ئەقىللىق بالىلىرىم، يادىڭلاردا بولسۇنكى، ھاياتنىڭ قانۇنيىتى مەڭگۈ شۇنداقكى: ئۆرلىگەن يەنە يەرگە چۈشىدۇ، چۈشكەنلەر چىقىدۇ، يورۇغان نەرسىلەر ئۆچىدۇ، ماڭغانلار توختايدۇ. ھەرقانداق ئىش كامالەتكە يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، كامالەتكە يەتكەندە قايتىشقا يۈزلىنىدۇ. ئادەمنىڭ تىرىكلىكى غەنىيمەت، تەن ساقلىقى پۇرسەت. ئادەم قېرىغان چاغدا ئۆمۈر گۈلىستانى قىش- زېمىستانغا كىرىدۇ. پەقەت ئارمان بار، دەرمان يوق بۇلۇپ، كۈچ- قۇدرىتىدىن قالىدۇ، كېسەللىك چىرمىۋالىدۇ. كېسەل ئادەمگە دۇنيادىكى ھېچقانداق نەرسە تېتىمايدۇ. شۇڭا، ئادەم ئەڭ ساغلام، زېھنى ئۇچۇق، كۈچ- قۇدرەتلىك چاغلىرىنىڭ قەدىر- قىممىتىگە يېتىشى لازىمدۇر.
* * *
شۇنداق قىلىپ ئېغىر كېسەللىك ئايتولدىنى كۆتۈرۈپ باستى. داڭلىق تېۋىپلار تومۇرىنى تۇتۇپ ھەرخىل دىئاگنوزلارنى قۇيۇشتى. بىراق، كېسەللىك ئېغىرلىشىۋەردى. شۇنداق ئوغلۇم، ئەجەل توشقاندا ھەرقانداق خاسىيەتلىك دورىلارمۇ بۇ ئۆلۈمنى توسۇپ قالالمايدۇ. كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدىنى يوقلاپ كەلدى: - ئەھۋالىڭ قانداق، كۆڭلۈڭ خېلى ئۇچۇقمۇ، ئۇيقۇڭ ياخشىمۇ؟- دەپ سورىدى شاھ. -ئالىيلىرى، مېنى شۇنداق بىر كېسەل تۇتتىكى، ئۇنىڭ داۋاسى يوق،- دېدى ئايتولدى،- ئاي تۇلۇن بولغان ئىدى، يەنە كىچىكلىدى، تىرىكلىك شادلىقى مەندىن يىراقلاشقىلى تۇردى. مېنىڭ ئۆكۈنىدىغىنىم ئالىيلىرىدىن ئايرىلىپ كېتىدىغان بولدۇم. ئەجەب ئىشكى، يىگىتلىك كۈنلىرى قېرىلىققا ئالماشمايدىغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى- ھە! - ئەي كۆڭلى تۈز، ياخشى ھەمراھىم، ئۇنداق گەپلەرنى قىلما، ھەممە ئادەم كېسەللىك تارتىدۇ، يەنە ساقىيىدۇ، پەقەت كېسەللىكنى سەنلا تارتمىدىڭ. نېمىشقا بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلۈڭنى بۇزىسەن. مەن سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم توق يۈرۈۋاتاتتىم، بۇ سۆزلىرىڭ مېنى قايغۇغا سالدى، بۇنداق دەپ كۆڭلۈمگە ئوت تۇتاشتۇرمىغىن. ئاللا شىپالىق بېرەر،- دەپ تەسەللى بەردى كۈنتۇغدى ئىلىگ كۆڭلىنى بۇزۇپ. - ئەي بەخت ساھىبى، ئۆلۈمگە دۇنيادا ھېچكىم ئامال قىلالمىغان. تۇغۇلغان ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. مەن ئالىيلىرىغا خۇيۇم ئۆزگىرىشچان، تۇراقسىز دېمىگەنمىدىم. مانا ئەمدى كېتىدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن شۈبھىلەنمىگىن،- دېدى ئايتولدى كەسكىن قىلىپ. - ئەي ئايتولدى، سەۋر قىلغىن، كېسەل تارتقان ئادەمنىڭ گۇناھى يۇيۇلىدۇ. كېسەل بولغان ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولسا، دۇنيادا تىرىك ئادەم قالمىغان بولاتتى. كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ساقىيىپ كېتىسەن. كۈنتۇغدى قولىنى كۆتۈرۈپ ئايتولدىغا ئاللادىن شىپالىق تىلىدى ۋە غەمكىن ھالدا ئوردىغا قايتىپ كەتتى. ئايتولدىنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئۇ ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بىھۇدە زايە قىلىۋەتكەن ھاياتى ئۈچۈن قاتتىق ئۆكۈندى: «ئېسىت،- ھاياتىمنىڭ نۇرغۇن چاغلىرىنى بىكارغا زايە قىلىپتىمەن، ھەۋەس قوغلىشىپ، تەلۋىلەردەك چېپىپتىمەن. مانا ئەمدى ئۆلۈمگە تۇتۇلدۇم، ئۆلۈمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئەجەب ئويلىماپتىمەن.» ئايتولدى ئۆكۈنۈش بىلەن ھەر قانچە ياش تۆككەن بولسىمۇ كار قىلمىدى.نېمە ئامال، ئۆمۈر دېگەن ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىنسانلارغا شۇنداق خىتاب قىلدى: «ئەي ھوزۇر- ھالاۋەتكىلا گول بۇلۇپ ئۆتكۈچى بىغەم ئىنسان، سەگەك ياشا، بولمىسا ئۆلۈم تۇتقاندا پۇشايمان يەيسەن. لېكىن، ئۇ چاغدىكى پۇشايمىنىڭ ھەسرەتتىن باشقا ھېچنەرسە بېرەلمەيدۇ. توپلىغان مال- دۇنيايىڭمۇ ھېچنېمىگە دال بۇلالمايدۇ. ئەي، مەستتەك گاراڭ يۈرگۈچى ئىنسان، بۇ ھاياتنىڭ ھېسابى بار، تەييارلىق قىلىپ قوي. كۈلكەڭنىڭ ئاخىرىدا يىغىسىمۇ بار، ئويلاپ قويغىن.
نەقىل: تەنبىھ: ھايات قىممەتلىك
ئەي ئوغۇل، ئايتولدىنىڭ بۇ ھەسرەتلىرىمۇ ساڭا ئىبرەت بولسۇن. ئۆمرۈڭنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى ئورۇنلۇق، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىسەڭ كېيىن ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايسەن. دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق- ھاياتلىق، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قىممەتلىك، شېرىن نەرسە يوق. ھاياتلىق ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بۇلىدۇ. ئۇ ھاياتلىققا قايتا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ھايات بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىشنى بىل. ئۆلۈم ئانچە دەھشەتلىك ئەمەس. چۈنكى، بۇ بىر قانۇنيەت، ئەڭ دەھشەتلىك بولغىنى ھاياتلىقتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولالماسلىق، ھايات بېغىدا بىرەر شېرىن مېۋە پىشۇرالماسلىق. غايە دېگەن قولغا كەلمەيدىغان سايە ئەمەس ئوغلۇم، ئۇنى ئىرادىلىك ئادەملەرلا تىرىشچانلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ھاياتنىڭ مۇقەددەس گۈل- غۇنچىسى ياشلىق باھارىدا ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچىدۇ، بۇ ھايات گۈلۈڭ ئۆمرۈڭدە بىرەر قېتىم ئېچىلماي خازان بۇلۇپ كەتسە، بەك ئېچىنىشلىق بولمامدۇ؟! شۇنى بىلگىنكى، ئەزىز، قىممەتلىك نەرسىنى خار قىلىش، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز- ئۆزىنى زار قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھاياتىڭدا نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، قايسى قەدىمىڭنىڭ ساخاۋەتلىك، قايسى يولۇڭنىڭ پالاكەتلىك، قايسى مەنزىلنىڭ نۇرلۇق، قايسى مەنزىلنىڭ قاباھەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ ماڭغىن، بولمىسا پۇشايمان قىلىسەن. پۇشايمان- كۆزدىن يامغۇر ياغدۇردىغان بۇلۇتتۇر.
* * *
ئايتولدى ئويغا پېتىپ تۇرغاندا، ئوغلى ئۆگدۈلمىش كىرىپ كەلدى. ئوغلىنى كۆرگەن ئايتولدىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى دومىلاپ چۈشتى. ئۆگدۈلمىش ئايتولدىنىڭ يالغۇزلا ئوغلى ئىدى. ئۇ تېخى كىچىك بولسىمۇ بەك ئەقىللىق، ئەدەپ- ئەخلاقلىق، چىرايلىق بالا بولغان ئىدى. ئايتولدى ئوغلىنىڭ ئۆزىدىن كىچىك قالىدىغانلىقىغا، بالىنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيلىيەلمەي كېتىپ قالىدىغانلىقىغا بەك ئەپسۇسلىناتتى. شۇڭا، ئۇ ئوغلىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دەپ نەسىھەت قىلدى.
* * * * * * * * * * *
ئەي، مېھرىبان ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوماق پەرزەنتلىرى، ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلغان نەسىھەتى، ئاتا- ئاناڭلارنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھەتىگە ئوخشاش. چۈنكى، بارلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن كۈتىدىغان ئارزۇ- ئارمانلىرى ئوخشاش. شۇڭا، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقايسىلەر.
7. ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلغانلىقى
- ئوغلۇم، ئەمدى مەن ئاللانىڭ دەرگاھىغا كېتدىغان بولدۇم،- دەپ سۆز باشلىدى ئايتولدى ھەسرەت بىلەن،- سەن مېنىڭ كۆز نۇرۇم ئىدىڭ، سەندىن ئايرىلىپ كېتىدىغان بولدۇم، بىر تۈرك ۋەزىرى شۇنداق دېگەن: «ئوغۇل- قىزىڭنى كۆزۈڭنىڭ يورۇقى دەپ بىل. بىراق، ئوغۇل- قىزىڭنىڭ غېمى تۈۋى يوق دېڭىزغا ئوخشايدۇ، ئۇ مەڭزىڭنى سارغايتىدۇ. ئۇغۇل- قىزى ۋە خوتۇنى بار ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئۇيقۇسى ئۇيقا بولسۇن؟!» بىز ئاتا- ئانا بولغۇچىلار سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى يەيدىكەنمىز، بىراق، پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىسىنىڭ نامىنى ئاتاپمۇ قويمايدىكەن. ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلا. ھاياتىم ئۆلۈم تونىنى كىيگىلى تۇردى. ھاياتلىق بەك تاتلىق بولىدىكەن، ئۈلۈم دېگەن بەك ئاچچىق. بۇ دۇنياغا گول بۇلۇپ يۈرىۋېرىپتىمەن، ئۆزۈممۇ ھېس قىلماپتىمەن، قارىسام ئۆلۈم يېقىنلاپ كەپتۇ. بۇ دۇنيا سېنىمۇ غەپلەتتە قويمىسۇن. ئالدىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈمىدىن، مېنىڭ ئۆلۈمىمدىن ئىبرەت ئالغىن، ئۆتكەنكىلەر ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆكۈنۈپ مۇنداق زارلىغان: ئىست دەيمەن، چۈنكى، ھاياتىمنىڭ ئەڭ نەۋقىران چاغلىرىدا قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى تاشلاپ قۇيۇپ، ھەۋەسكە بېرىلىپ، مەنىسىز، ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇپتىمەن. ھايات دېگەن شامالدەك ئۆتۈپ كېتىدىكەن، لاي سۇدەك ئېقىپ تۈگەيدىكەن. قانداق قىلاي ئەمدى، ئۆلۈم يېقىنلاپ كەلدى، بۇنىڭغا ئامالىم يوق. دۇنيادىكى ھەرقانداق ئىشقا چارە- ئامال ئىزدىسەڭ تېپىلىدىكەن، بىراق ، ئۆلۈمگىلا ھېچكىمنىڭ ئامالى يوق ئىكەن. دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئۆگدۈلمىش مەيۈس ھالدا ئۇنىڭدىن سورىدى: -ئەي مېھرىبان دادا، سەندىن سورايدىغان بىر گېپىم بار ئىدى، جاۋاپ بەرگەن بولساڭ. سەن بىلىم ۋە ئەخلاق جەھەتتىن كۆپ تەربىيە كۆرگەنىدىڭ. باشقىلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى سوراپ ئۆگەندىڭ، ئاڭلىدىڭ، نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزدۈڭ. ئەمدى ماڭا ئېيتقىن، بۇ ئۆلۈمگە بىرەر چارە- ئامال قىلىپ توسۇپ قېلىش ئىمكانىيىتى يوقمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا ئىزدەپ كۆرەيلى. پۈتۈن مال- بىساتىمىز سەرپ بولسىمۇ مەيلى. مال- مۈلۈك دېگەن تېپىلىدۇ، جان ئېسەن بولسىلا بولدى، قۇشقىمۇ دان تېپىلىدىغۇ؟ - ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمنى ئاڭلا، بۇ ئىشتىن كۆڭلۈڭنى ئۈزگىن. ئۆلۈمگە ئالتۇن- كۆمۈش ئارا تۇرالمايدۇ، ئۇنى ئەقىل ۋە بىلىممۇ توسۇپ قالالمايدۇ. ئەگەر ئۆلۈمنى دۇنيانىڭ مال- دۇنياسى توسۇيالايدىغان بولسا، دۇنيادىن ئۆتكەن نى- نى بەگلەر مال- دۇنياسىغا ھاياتىنى سېتىۋالغان بولاتتى. ئەگەر تېۋىپلارنىڭ داۋاسى ئۆلۈمنى توسۇپ قالالايدىغان بولسا، شۇ تېۋىپلار ئۆلمىسە بولاتتى. تۇغۇلغان ئادەم ئۆلىدۇ، ھېچكىم مەڭگۈ تىرىك ياشىيالمايدۇ، - دېدى ئايتولدى. - ئەي سۈيۈملۈك دادا،- دېدى يەنە ئۆگدۈلمىش،- بۇ ئۆلۈمنىڭ مۇتلەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ھاياتىڭغا قىيماي بۇنچە ياش تۆكىسەن؟ ئەگەر ئادەم غەپلەت ئىچىدە ھاياتىنى زايە قىلىپ ياشىغان بولسا، ئۆكۈنۈش يوللۇق. ئەمدى ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە پۇشايماندىن نېمە پايدا؟! سەن كۈنتۇغدى ئىلىگ بىلەن بىرگە ھاياتىڭنى ئەلنىڭ ئىشلىرىغا ھاياتىڭنى ئاتا قىلىپ ئۆتتۈڭ، خەلققە كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدىڭ. بۇ ئىشلىرىڭدىن خەلقمۇ رازى، ئاللامۇ رازى. شۇڭا، بۇ توغرىدا بۇنچە كۆپ ھەسرەت چەكمە: - ئوغلۇم ئاڭلاپ تۇرغىن،- دېدى ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلىپ،- بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگىن، ھەرگىز غاپىل بولمىغىن، ئويغاق ياشا. ئادەم دېگەن ۋاقىتنىڭ تۇتقۇنى، ۋاقتى- سائىتى كەلگەندە بىر قەدەممۇ باسالمايسەن، بىر نەپەسنىمۇ ئوشۇق ئالالمايسەن. ۋاقىت- پەرياد قىلىپ يېلىنىشىڭ بىلەنمۇ كەينىگە يانمايدىغان رەھىمسىز دەريا. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلەرنى پەقەت ئاي ۋە يىللار دەپ قالما، ئۇ سېنىڭ ئۆمرۈڭنى خوراتقۇچى يالماۋۇز. ئاي ۋە يىللار داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۆمۈرنىڭ يېڭىلانغىنىنى كۆردۈڭمۇ؟ مېنىڭ باشقا غېمىم يوق. سەن مەندىن كىچىك قالىدىغان بولدۇڭ، مېنىڭ غېمىم شۇ. - ئەي دادا، سەندىن جۇدا بۇلۇش ئازابى مېنى ئۆرتىمەكتە. سېنىڭ كەينىڭدە قېلىپ ئۆلۈمىڭنى كۆرگۈچە، ئاۋۋال ئۆلۈم ماڭا كەلسە رازى ئىدىم. ئەگەر تەقدىر ئۇنداق بولماي، ئەجەل سېنىڭ بېشىڭغا كەلسە، پۈتۈلگىنى شۇنداق بولغان بۇلىدۇ. ئۇنداق ئىكەن نېمىشقا قايغۇرۇپ يىغلىغۇلۇق؟! بۇ مۇتلەق قانۇنيەتنى يىغلاش بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولامتى؟! ئەگەر توپلىغان بايلىقلىرىم قالىدىغان بولدى دەپ ئازابلىنىۋاتقان بولساڭ، ئۇ ئىشنىڭ ئازابلىنىشقا ئەرزىگۈچىلىكى يوق. پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولغانلارمۇ ئاخىرى دۇنيانى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانغۇ. ئەگەر ئادەم بىھۇدە زايە بۇلۇپ كەتكەن ئۆمرى ئۈچۈن يىغلىسا، قانچىلىك يىغلىسا بۇلىدۇ. قايغۇ- ھەسرىتىڭ مېنىڭ غېمىمدە بولسا، ھەرگىز، غەم قىلما. ساڭا ھاياتلىق يولى بەرگەن بۇ دۇنيا ماڭىمۇ يول بېرىدۇ. ئۆگدۈلمىش يۇقۇرىقى سۆزلىرى بىلەن دادىسىنىڭ كۆڭلىنى تىنچىتتى. - ئوغلۇم، ئەمدى كۆڭلۈم تىندى،- دېدى ھاياجىنىنى باسالماي ئايتولدى،- ئاللانىڭ مەدىتى بىلەن بەختلىك ياشىغىن. ئايتولدى ئارقىدىن ئوغلى ئۈچۈن دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئاللادىن ئوغلىغا بەخت- شاتلىق تىلىدى.
* * *
نەقىل: تەنبىھ: ئاتا- ئاناڭنى ھۆرمەتلە
ئەي ئوغلۇم، ئاتا- ئاناڭ سەندىن كۆپ نەرسىنى تەمە قىلمايدۇ. سەن ياراملىق، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ يېتىشىپ چىقساڭلا، بۇ ئاتا- ئاناڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت. ئاتا- ئاناڭنىڭ تىلىكى خەلقنىڭ سەندىن كۈتكەن ئۈمىدى بىلەن ئوخشاش. ئاتا- ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا توغرا، ھالال ياشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ نەتىجە ياراتقان بولساڭ، بېشى ئاسمانغا يېتىپ «شۈكۈر» دەيدۇ، ئۆز پەرزەنتىنىڭ يارامسىز، ئەقىلسىز، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، بىكار تەلەت، ئاق نانچى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ھەرقانداق ئاتا- ئانا بالىسىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ ئوڭ بۇلۇشىنى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ راۋاج تېپىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ دۇنيادا پەرزەنت ئۈچۈن ئاتا- ئانىدەك مېھرىبان ۋە كۆيۈملۈك يەنە بىرەرسىمۇ يوق. شۇڭا، ئاتا- ئاناڭدىن رەنجىمە، ئۇلارنى ھەرگىز قاقشاتما. ئاتا- ئاناڭنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشنى بىل. ئاتا- ئاناڭنىڭ نەسىھەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. ياخشى پەند- نەسىھەت ئېغىر كۈنلەرگە قالغىنىڭدا ئەسقاتىدۇ. ئاتا- ئاناڭنىڭ ئەجىر- مېھنىتىنى ئاقلايمەن دەيدىكەنسەن، ئۇلارنى رازى قىلغىن. ئاتا- ئانىسىنى قاقشاتقان، ئاتا- ئانىسىنى رازى قىلمىغان پەرزەنتتىن ھېچقانداق ئادەمگە ۋاپا كەلمەيدۇ.
* * *
ئايتولدى، ئوغلى ئۆگدۈلمىشنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى ۋە جۈرئىتىدىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، قەلبىدىكى سۆزلىرىنى تۆكۈپ نەسىھەت سۈپىتىدە مۇنداق سۆزلەرنى قىلدى: - ئوغلۇم، توغرا، ھەق مەيداندا تۇرغىن، كۆڭۈل ۋە تىلىڭنى دۇرۇس تۇت. كۆڭۈل ۋە تىلىڭنى كىچىك تۇت، بېشىڭ ھەرقانچە ئاسمانغا تاقاشسىمۇ چوڭ سۆزلىمە. دۇنيانى دەپ ئۆزۈڭنى ئوتقا ئۇرما. كىشىلەرنىڭ مېلىنى زورلۇق قىلىپ تارتىۋالما. ھالالدىن پۇل تاپ، ئۇنى جايىدا ئىشلەت، مال- دۇنيايىڭنى جايىدا، ئورۇنلۇق ئىشلىتىشنى بىلسەڭ، بۇ دۇنيادا خارلىق كۆرمەيسەن. ئىقتىسادىڭنى ياخشى باشقۇرماي بۇزۇپ چاچساڭ تاغمۇ توشۇمايدۇ، ئاخىرىدا خار بۇلۇپ قالىسەن. ئىش ھەركىتىڭ توغرا بولسۇن، بۇ دۇنيادا خوشال ياشىيالىشىڭ دۇرۇسلۇقىڭغا باغلىق. شۇڭا، بىر ئادەم شۇنداق نەسىھەت قىلغان: ئادەم ھاياتىم ھوزۇر- ھالاۋەتتە، خاتىرجەم ئۆتسۇن دەيدىكەن، توغرىلىق، دۇرۇسلۇقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلسۇن. باي بۇلۇش تىلىكىڭ بولسىمۇ يەنىلا دۇرۇس يول تۇتۇش ئارقىلىق ئۇ تىلىكىڭ ھاسىل بولىدۇ. دۇنيادا بۈيۈك، ئۇلۇغ ئادەم بولاي دېسەڭمۇ دۇرۇس يولدا مېڭىشىڭ لازىم. ئوغلۇم، باشقىلارغا يامانلىق كۆزلىمە، سىرىڭنىمۇ ئىككى يۈزلىمە ئادەملەرگە ھەرگىز دېمە. يېنىڭغا سۇخەنچى ئادەمنى يولاتما، ئۇنداق ئادەم سېنى ئالقىشلىمايدۇ. سىنالغان ئىشەنچىلىك دوستلىرىڭ بولسا ئۇلارنى چىڭ تۇت، ھەقىقىي دوست سېنىڭ پايداڭنى كۆزلەيدۇ. باشقىلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قوي، بىراق، ھەممىلا گەپكە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمە. باشقىلارغا ھەسەت قىلما، ھەسەتخورلۇق ساڭا خاتىرجەملىك بەرمەيدۇ.
* * *
نەقىل: تەنبىھ: ھەسەتخور بولما ئوغلۇم، ئايتولدىنىڭ نەسىھەتىگە قوشۇمچە قىلىپ ھەسەت توغرىسىدا ئازراق گەپ قىلىپ قوياي. سەن خاتىرجەملىكنى، تەن ساقلىقىڭنى ئارزۇ قىلىسەن. ئەمما، كۆرەلمەسلىك ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ساقايماس كېسەللىك بار، ئۇنىڭ ئېتى «ھەسەت» دېيىلىدۇ. دۇنيادا كېسەللىكمۇ كۆپ، ھەر بىر كېسەلنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق داۋاسى بار، ئەپسۇسكى، ھەسەتخورلۇق كېسىلىنىڭ داۋاسى يوق. ئۇ خۇددى زەھەرلىك قۇرتقا ئوخشاش ئىچىڭگە كىرىپ، قىم- قىملىق بالاسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ بالادىن ئۆلمىگۈچە قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يېيىش ئادەم بالىسىغا نېسىپ بولمىغان، بىراق، پىتنە- پاسات ۋە ھەسەت ئۆزۈڭنىڭ گۆشىنى ئۆزۈڭگە يىگۈزىدۇ. ھەسەت دېگەن بىر ئوتكى، ئۇ ئوتنىڭ تېشىدىكى ئۆزگىلەرنىمۇ، ئوتنىڭ ئىچىدىكى سېنىمۇ ھۆل- قۇرۇق دېمەي كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ. بىلسەڭ، ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگەندىن ئىچىدە كۆيگەن تېخىمۇ بەتتەررەك بولىدۇ. باشقىلارغا يامانلىق كۆزلىمە، ياخشىلىق قولۇڭدىن كەلمىسىمۇ يامانلىق قىلما. يامانلىق قىلمىغانلىقىڭنىڭ ئۆزى ياخشىلىق بۇلۇپ سانىلىدۇ. باشقىلارنىڭ خوشاللىقىدىن خوشال بول، قايغۇ- ئەلىمىنى كۆرسەڭ ياردەمدە بول. ھەر قانداق خوشاللىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بولغاندىلا ئۇنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ۋە لەززىتى بولىدۇ.
* * *
ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلىۋاتقان نەسىھەتنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. - ئوغلۇم، پۇل توپلاشتىن بۇرۇن خۇلقۇڭنى ياخشى قىل. خۇلقۇڭ ياخشى بولسا پۇل تېپىشتىنمۇ غەم قىلما. يامانلارغا بايلىق ياراشمايدۇ. ھەرقانداق ئىشنى ھودۇقماي، ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن قىل. باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئۇچۇق، شېرىن سۆزلۈك بول، تىلىڭنى ياخشى كۆزەت، ئۆزۈڭنى ئەسكى ئىشلارغا قاراتما، تائام يېگەندە ئاستا ھەم ئاز- ئاز يېيىشكە ئادەتلەنگىن. كۆپ تاماق يېيىش ۋاپا قىلمايدۇ، ئۇ مىجەزىڭنى بۇزۇپ كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. قۇرۇق ھاۋايى- ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمە، ھەرقانداق ئىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئوبدان ئويلان. ئوغلۇم، ئىككى ئىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما. بىرى، ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالما. يەنە بىرى، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالما. ئۆزىنى ئۇنتۇش، ئەسلىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ھەم ئۆلگەنگە باراۋەر. سېنىڭ ھاياتلىقىڭ پەقەت ئۆزۈڭ- ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغاندىلا قىممەتلىك بولىدۇ. ئۆزىدىن مەھرۇم بۇلۇپ قالغان، ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن ئادەمنى قانداقمۇ تىرىك ھېسابلىغىلى بولىدۇ؟! گەپ قىلغاندا ئەتراپىڭغا قاراپ ئېھتىيات بىلەن سۆزلە، چوڭ سۆزلىمە، ئۆزۈڭگە مۇناسىپ گەپ قىل. ھەرگىز يالغان سۆزنى ئېغىزىڭدىن چىقاما. يالغان سۆز سېنى خارلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇرۇق- تۇغقانلارغا، دوست- يارەنلىرىڭگە يېقىنلىق يەتكۈز. چوڭلارنى ھۆرمەتلە، كىچىكلەرنى ئىززەتلە. كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەڭ يوشۇر. ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچساڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭنىڭ ئەيىبىنى ئاچقان بولىسەن. بەختكە ئېرىشكەندە كىبىرلىك قىلما، كىبىر دېگەن ئادەمنى باشقىلارغا سەت كۆرسىتىدۇ. ھاياتىڭدا ھەرگىز ھاراققا يېقىن بولما. بۇزۇقلۇق يولىنى تۇتما. ھاراق دېگەن ساڭا خارلىق تونىنى كىيدۈرىدۇ، سېنى مىڭ خىل گۇناھقا پاتۇرىدۇ، يۈزۈڭنى تۆكىدۇ، بەختىڭنى قاچۇرىدۇ. ئەي ئوغلۇم، ساڭا دىيىشكە تېگىشلىك سۆزلىرىمنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى دېدىم. دېگەنلىرىم سەن ئۈچۈن پايدىلىق، سۆزلىرىمنى يادىڭدا تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭ ھەرگىز خار بولمايسەن. بۇ مېنىڭ ساڭا قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسىم بولسۇن.
نەقىل: تەنبىھ: ھاراقنىڭ زىيان- زەخمىتى
ئوغلۇم، مەن ھاراق ۋە ھاراقكەشلىك ھەققىدە كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى ساڭا ئازراق ئېيتىپ قوياي. بەزى كىشىلەر ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ، بۇنى سەۋەنلىك دەيمىز. ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ زەھەرلىك يىلاننى تۇتىدىكەن، ئۇنى بىغەرەزلىك دەيمىز. ھاراق- ھاياتنىڭ دۈشمىنى، ئەخلاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى، بىلىم ۋە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ كۈشەندىسى، ئىنسان ئار نۇمۇسنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان تۇزاق. ئادەم ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ ياۋۇز دۈشمەن بار: بىرىنچى، يالغانچىلىق. ئىككىنچى، ۋەدىدە تۇرماسلىق. ئۈچۈنچى، ھاراققا بېرىلىش. ئوغلۇم، سەن بىردەملىك كەيپىيات ھوزۇرى ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇلغىما. ئۆتۈپ كېتىدىغان بىردەملىك خوشاللىق ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغاش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس. ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاقىۋىتىنى ئويلاش زۆرۈر. كۆرمىدىڭمۇ، ھاراققا بېشىنى تىققان خېلى ئابرويلۇق كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى ئىشرەتگاھلاردا ئىت كەبى قۇسۇق يالاش بىلەن ئۆتۈۋاتقىنىنى. بۇ ئۇنىڭ خاھىشىدىكى ئىشمىدى؟ ياق، ئۇ ئەقلىنى ھاراققا ئوغرىلاتقان، ھوش- كاللىسىنى يوقاتقان. چۈنكى، ھاراققا سالام بەرگەن ئادەم ئەقلى بىلەن، ئار- نۇمۇسى بىلەن خوشلىشىشى كېرەك. ھاراق ئىچكەن، مەست بولغان كىشى ئۆز ئىختىيارىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئۆز ئىختىيارى ئۆزىدە بولمىغان كىشى نىمە ئىشلارنى قىلمايدۇ؟! ھاراق دېگەن سېنىڭ بەختىڭنى شامالغا سورۇيدىغان دۈشمەن. ئۇ سېنى ھاقارەتكە قويىدۇ، خارلىق پاتقىقىغا پاتۇرىدۇ، بۇ پاتقاقتىن خاراب بولمىغۇچە قۇتۇلالمايسەن. مەن ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ئەقىللىق دەپ ئۆز- ئۆزۈڭگە تەمەننا قويما. ھەرقانچە بىلىملىك، ئەقىللىق، پەزىلەتلىك بولساڭمۇ مەيگە يېقىن بارىدىغان بولساڭ، ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىسەن.ئوغلۇم ئويلاپ باققىن، دۇنيادا ئەقىل، پەزىلەت، ئۇياتتىن قىممەتلىك ۋە پاك نەرسە بولمايدۇ. شۇنچە قىممەتلىك نەرسەڭنى نىجىس ھاراق بىلەن بۇلغىساڭ سېنى ھەرگىزمۇ ئەقىللىق، پەزىلەتلىك دېگىلى بولمايدۇ. ئوغلۇم، ئىنساننىڭ مېڭىسى بەك ئۇلۇغ، ئىنسان مېڭىسىگە تايىنىپ ئىجاد قىلىدۇ، تەپەككۇرىغا تايىنىپ گۈزەل نەرسىلەرنى يارىتىدۇ، دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ ۋە تەرەققى قىلدۇرىدۇ، شۇڭا روھىي دۇنيايىڭنى بەك ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇشۇڭ كېرەك. ھاراقنىڭ نېرۋا سېستىماڭنى تۇرمۇزلاپ، تەپەككۇر ئىقتىدارىڭنى زەئىپلەشتۈرۈشىدىن ساقلان. ھاراقنىڭ ھەقىقىي ئېتى- جېدەل- غەۋغا. ھاراقكەشلىك- ئالىمنى زالىمغا، بىلىملىكنى نادانغا، ناداننى ساراڭغا ئوخشىتىپ قويىدۇ. ھاراقنى دوست تۇتساڭ بىلىم ۋە پەزىلەت سەن بىلەن خوشلىشىدۇ. شۇڭا، ھاراقكەشلەرگىمۇ ئارىلاشما. ھاراقكەش ئادەم ۋاپاسىز، ئۇياتسىز، پەس بولىدۇ. پەس تەبىئەتلىك كىشىلەردىن قانداقمۇ ۋاپا كۈتكىلى بولسۇن؟! ھاراقكەشلەرگە ئارىلاشساڭ ساڭا مۇنداق بەش زىيان بار. بىرىنچى، ھاراقكەشلەر ۋاپاسىزلىق بىلەن سېنى داغدا قويىدۇ. ئىككىنچى، سېنىمۇ كىشىلەر شۇ خىل كىشىلەر جۈملىسىدىن سانايدۇ. ئۈچۈنچى، ئەل ئىچىدە ئېتىباردىن چۈشۈپ قالىسەن. تۆتىنچى، ئۇلار بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن ئايرىلمىقىڭ تەس بولىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇق، مەنىسىز ھەرىكەتلىرى ۋە گەپ- سۆزلىرىگە گول بۇلۇپ ھاياتنىڭ كەلكۈن سۈيىدەك نىشانسىز، مەنىسىز، ئۆتۈپ كىتىدۇ. بەشىنچى، ھاراقكەشلەرگە قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭمۇ ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنالمايسەن. شۇنىڭ بىلەن ئەل مەنپەتىگە خىلاپ ئىش- ھەرىكەت ۋە گەپ- سۆزلەرنى قىلىپ قويۇپ بالاغا قالىسەن ياكى سىرىڭنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىسەن. ئوغلۇم ئەتراپىڭغا باق، ھاراققا بېرىلگەن ئادەملەرنىڭ خانىۋەيران بولمىغىنىنى، زەئىپلەشمىگىنىنى كۆرگىنىڭ بارمۇ؟ كۆپلىگەن باتۇر ئوغلانلارنى شۇ ھاراق يەر بىلەن تەڭ قىلدى. نۇرغۇن ئىرادىلىك يىگىتلەرنى ھاراق زەئىپلەشتۈرۈپ تۈگەشتۈردى. ھاراق دېگەن سېنى بولمىغۇر خىيالغا سالالايدۇ، دىلىڭ خالىمىغان ئىشقا، تەبىئىتىڭ ھار ئالىدىغان قىلىقلارغا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەل جامائەت ئارىسىدا تەلۋە، ئەخمەق ئاتىلىسەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ھاراقخورلۇق ئىقتىسادنىڭمۇ دۈشمىنى. ئۇ ساڭا موھتاجلىقنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئارتىپ، نامراتلىق كوچىسىدا سەرسان قىلىشقا، قولۇڭنى باشقىلارغا سوزدۇرۇشقىمۇ قابىل. ئەقلىڭ بولىدىغان بولسا بۇنداق ئاشكارا زىيانداشقا ئۆزۈڭنى ھەرگىز ئۇرۇپ قالمىغايسەن.
8. ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىگكە ۋەسىيەتنامە يېزىپ قالدۇرغانلىقى
ئايتولدى ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا ئەل- ۋەتەننىڭ غېمىنى يەپ، قەغەز- قەلەم ئېلىپ كۈنتۇغدى ئىلىگكە ۋەسىيەتنامە پۈتتى:
«ئەي بەختىيار خان، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەيسەن، كۆپ زامان سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغايسەن. مېنى كۆپ ياخشىلىقلار بىلەن ئەجىر قىلىپ كۈتكەن ئىدىڭ، ئەجرىڭنى قايتۇرۇپ بولالماي كېتىدىغان بولدۇم. شۇڭا چىن قەلبىمدىن بۇ نامنى يېزىپ قالدۇردۇم. كۆيۈمچان ئادەملەر شۇنداق دېگەن: كۆيۈمچان ئادەملەرنىڭ ساڭا قىلغان نەسىھەتلىرىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ساڭا پايدىلىق. چۈنكى، ساڭا ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان ئادەم سېنىڭ ھەقىقىي دوستۇڭ ھېسابلىنىدۇ. ئالىيلىرى، مەن ساڭا ئەڭ كۆيۈملۈك ئادەممەن، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلغايسەن. ئالىيلىرى، ئۆلۈم تۇتماستا ئويغان، بىلىم بىلەن ئىشلىرىڭنى تۈزەتكىن، زورلۇق- زومبۇرلۇق قىلىشتىن ساقلان. سۆز ۋە ھەركىتىڭ بىلەن خەلقىڭگە ياخشىلىق قىلىپ قوللاشنى قولغا كەلتۈر. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ دۆلەتنى روناق تاپتۇر. ھەرقانداق ئىشتا توغرا، ھەققانىي بول، ھاۋايى- ھەۋەسكە ئەسىر بولما. ياخشى، ياراملىق كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت. يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ھەزەر قىل، تەمەخور ئادەمگە ھەرگىز ئىش تاپشۇرما. ئەي بەختلىك خاقان، بۇ دۇنيا خۇددى بىر تېرىلغۇ يەرگە ئوخشايدۇ، يەرگە نېمە تېرىغان بولسا شۇ ئۈنىدۇ. نېمە ئۈنگەن بولسا شۇنىلا ئورۇيدىغان گەپ. تېرىق تېرىساڭ تېرىق ئورۇيسەن، بۇغداي تېرىغان بولساڭ بۇغداي ئورۇيسەن، تېرىق تېرىپ بۇغداي ئورۇيدىغان قانۇنيەت يوق. شۇڭا، بۇ دۇنياغا ياخشىلىق ئورۇقىنى چاچقان بولساڭ، ياخشىلىق مېۋىسىگە ئېرىشىسەن، يامانلىق ئۇرۇقىنى چاچساڭ، يامانلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشىسەن. ئۇرۇنسىز قان تۆكمە، كىشىلەرگە زورلۇق قىلما. سېخىي بول، بېخىل بولمىغىن، سېخىيلارنىڭ نامى مەڭگۈ قالىدۇ. ئەي ئەلنىڭ غەمگۇزارى، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ياخشى قىل، بېگى ياخشى بولسا خەلقىمۇ ياخشى بولىدۇ. خەلق قويغا ئوخشايدۇ، بەگ دېگەن چۇپان، چۇپان دېگەن قويغا مېھرىبان بولۇشى لازىم.»
ئايتولدى ۋەسىيەتنامىسىدە يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتكەن ئىدى:
«بۇ دۇنيادا ياراملىق بەگ بولاي دېسەڭ، مۇنۇ بەش ئىشقا يېقىن بارما. بىرىنچى، ھارامغا قوشۇلما. ئىككىنچى، ئۇرۇنسىز قان تۆكمە. ئۈچۈنچى، پاساتتىن يىراق تۇر. تۆتىنچى، ئاداۋەت ساقلىما. بەشىنچى، شارابقا بېرىلمە. بۇ بەش ئىش ھاكىميىتىڭنى خاراب قىلىدۇ. ئادىل بول، زۇلۇمنى ئېلىڭدىن تامامەن يوقاتقىن، نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرمە، ياخشى نام قالدۇرۇشقا تىرىشقىن. قانۇننى ياخشى تۈز، يامان قانۇن تۈزمە، ياخشىلارنى ئەزىزلە، يامانلارنى ئەلنىڭ ئىشىغا قويما. يامان قانۇن دېگەن ئەلنى خاراب قىلىدۇ.»
* * *
نەقىل: تەنبىھ: ھەرقاچان ئادالەت تەرەپتە تۇر ئوغلۇم، سەن ئەمەلدار بول ياكى پۇقرا بول، ھەرقاچان ئادالەتنى ياقلا، ئادالەت، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرغىن، ئادالەتنىڭ قانۇننىڭ ھىمايىچىسى بۇلۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بول. ھەق- ناھەق مەسلىسىدە ھەرگىز تېڭىرقاپ قالما، چوقۇم ھەققانىيەتنى ياقلا. ئەگەر ئادالەت، ھەققانىيەت دەپسەندە قىلىنسا، ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرما. كۆكرەك كېرىپ ئادالەتنىڭ، ھەققانىيەتنىڭ ئابرويىنى قوغدا. چۈنكى، ئادالەت، ھەققانىيەت دېگەن ياخشىلارنىڭ تۈۋرۈكى، جاھالەت يامانلارنىڭ كۈنى. ھەق- ناھەق مەسلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇۋالغان ئادەم ئەڭ رەزىل ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
* * *
نەقىل: ئايتولدىنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
«ئەي خاقانىم، مەن كېتىدىغان بولدۇم. بىر يۈرەك پارەم بار، ئۇ مەندىن كىچىك قالىدىغان بولدى. مەن ئوغلۇمنى ئالدى بىلەن ئاللاغا تاپشۇردۇم، ئۇندىن قالسا ساڭا تاپشۇردۇم. ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويغىن. ئۇنى كۆزۈڭدىن يىراق قىلما، ياۋا بۇلۇپ قالمىسۇن. ئەگەر مېنىڭ ئۆزۈڭدە مۇلازىملىق ھەققىم بار دەپ قارىساڭ، سەن ئۇنىڭ ياخشى ئادەم بۇلۇشىغا ياردەم قىلغىن. ئۇنى ئەدەپلىك، پەزىلەتلىك، ئەلگە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلىگىن. ئۇنى بوش قۇيۇپ بەرمە، قاتتىق تۇت، پەرزەنت چىڭ تۇتۇلسا كېيىن بەختىنى تاپالايدۇ.
* * *
ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگكە يازغان ۋەسىيەتنامىسىنى تۈگىتىپ بولۇپ باغلىدى. ئۇنى ئوغلىغا بېرىۋېتىپ: - بۇ نامىنى ئالغىن، يىتتۈرۈپ قويماي ئىلىگكە يەتكۈزۈپ بەر. توغرا يولدا ماڭغىن،- دەپ جېكىلەپ ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدى ۋە: - ئوغلۇم، مېنىڭ ئۆلۈمىم ساڭا ئىبرەت بولسۇن، دېگەن سۆزلىرىمنى ئۇنتۇپ قالما، ماڭا دۇئا قىلىپ تۇرغىن. ۋاقتى كېلىپ ئېلىگ سېنى ئىزدەپ قالسا، ئۇنى قەدىرلە، خىزمىتىنى ھاللىق بىلەن بىجىرگىن. لاغايلاپ كۈنلىرىڭنى بىكار ئۆتكۈزمە. ئاخشىمى كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرغىن. سەھەر تۇرغان ئادەمنىڭ بەختى ئېچىلىدۇ، ئوغلۇم. ئايتولدى، يىغلاپ تۇرۇپ سۆزىنى ئۈزدى.
* * *
ئايتولدى تەييارلىقنى تۈگەتتى. ئۆزىنى تۇتۇپ ئەقلىنى يىغىپ، مال- مۈلىكىنى يوقسۇللارغا تارقاتتى، يېقىنلىرى ۋە تۇغقانلىرىدىن رازىلىق ئالدى. ئۇنىڭ جېنى كۆككە يول ئېلىشقا ھازىرلاندى، ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ ئىمان ئېيتتى ۋە شاھادەت بىلەن نەپسى ئۈزۈلدى. يۇرۇق جان مانا قاراڭغۇلاشتى، جان چىقىپ كېتىپ قۇرۇق گەۋدىسىلا قالدى. ئۇ تۇغۇلمىغاندەكلا بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك يوقالدى.
نەقىل: تەنبىھ: ئۆلۈمنى ئۇنتۇما ئەي ئوغۇل، ئۆلۈم دېگەن مانا شۇنداق ئىش. تەن دېگەن سۈزۈك جاننىڭ ئۆيى. جان ئۇچۇپ چىقىپ كەتسە قۇرۇق تەنلا قالىدۇ. جاننىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئادەم دېگەن شۇنداق بىر مەزگىل ياشايدۇ- دە، بۇ ھاياتقا ھەرقانچە قىيمىسىمۇ، يەنە بىر مەزگىل ياشىغۇسى كەلسىمۇ ئامال يوق سۆزىمۇ، نەپسىمۇ كېسىلىدىكەن. قېنى يوغان سۆزلىگەنلەر، قېنى مەيدىسىنى كېرىپ خەلققە گەدەنكەشلىك قىلغانلار، قېنى خەلققە كۆرەڭلەپ ئۆزىنى يوغان تۇتقانلار، قېنى بۇ دۇنيانى تالىشىپ قان تۆككەنلەر، قېنى ئازغىنا مەنپەئەتنى دەپ دوستىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى ساتقانلار! مانا ئۇلار ئىككى بۆز بىلەنلا كەتتى، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى. بۇ ساۋاقنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئەي ئوغۇل، ئادەمگە ئىسىت دېمە، ئادىمىيلىكىنىڭ بولماسلىقىغا ئىسىت دە؛ ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئەپسۇسلانما، بۇ دۇنيادىن مېھنەتسىز، ئەمگەكسىز، ئەجىر- تۆھپىسىز ئۆتكەنگە ئىسىت دە!
9. ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ خىزمىتىگە كىرگەنلىكى
كۈنتۇغدى ئىلىگ ئايتولدى ئۈچۈن داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدىن كېيىن ئۆگدۈلمىشنى ھوزۇرىغا چاقىرتتى ۋە تەسەللى بەردى: - ئوغلۇم، كۆپ قايغۇرمىغىن، بۇ غەملەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بۇ جۇدالىق ساڭىلا كەلمىدى، مەن ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش بولدى. روھىڭنى چۈشۈرمە، ئۆزۈڭنى ئەركىن تۇت. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ساڭا دادا بولاي، سەن مېنىڭ ئوغلۇم بولغىن، يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىل، - دېدى. - ئەي ئىلىگ ئاتا، سەن ئۈچۈن جېنىم پىدا بولسۇن،- دېدى ئۆگدۈلمىش ئىلىگكە باش ئۇرۇپ،- دادام ئۆزىنى سېنىڭ خىزمىتىڭگە پىدا قىلغان ئىدى. ئۆگدۈلمىش دادىسى يېزىپ قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىنى ئىلىگكە ئىككى قوللاپ سۇندى. ئىلىگ نامىنى ئوقۇپ بولۇپ، سادىق سىردىشى ئايتولدى ئۈچۈن قايغۇردى. ئۇنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىمۇ ۋەتەننىڭ ئىشىنى يادىدىن چىقارمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ سۆيۈندى. ئۆگدۈلمىش قەلبىدىكى يارىسى يەڭگىللىگەندىن كېيىن، ياخشى كىشىلەرنى دوست تۇتتى. توغرا يولدا ماڭدى، بارا- بارا ئۇنىڭ بەختى ئېچىلدى.
* * *
كۈنتۇغدى ئىلىگ بىر كۈنى كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، كۆزىنى ئۇزاقلارغا تىكتى. بىراق كۆڭلىدە يىغىلىپ قالغان گەپلىرىنى دېيىشىدىغان ئادەم تاپالماي ئىچى پۇشتى. ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ بىرەر سىردىشى، قەلب سىرلىرىنى ئاچالايدىغان ئىشەنچىلىك كىشىسى بولمىسا بولمايدۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ خىيالىغا ئۆگدۈلمىش كەلدى ۋە چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى. ئۆگدۈلمىش ئىلىگنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئوردىغا كېلىپ كۈنتۇغدى ئىلىگكە كۆرۈنۈش قىلدى. ئىلىگ: - ئوغلۇم، داداڭدىن كېيىن بۇ زاماندىن نېمىگە ئېرىشتىڭ، كۈنلىرىڭ قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟- دەپ سورىدى ئۆگدۈلمىشتىن. - ئەي ئالىيلىرى، زامان يۈز ئۆرۈپ قاپاق تۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىدىن چەتتە قالدىم. شۇڭا، قايغۇ بىلەن يۈرگەنىدىم، بۈگۈن مانا بېلىمگە بەخت كەمىرىنى باغلىغاندەك بولدۇم، كۆزۈم يۇرۇپ كەتتى،- دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش. - داداڭنىڭ مەندە كۆپ ھەققى بار ئىدى، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالماي كەلدىم،- دېدى كۈنتۇغدى ئىلىگ،- ئۇچ ئوردا بېگى: بىر كىم سېنىڭ ئەمگىكىڭنى قىلغان بولسا ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۇنتۇپ قالما، ئادىمىگەرچىلىككە ئادىمىگەرچىلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرغىن، دېگەن. - ئەي ئېلىگ ئاتا، سېنىڭ نەزىرىڭگە ئىلىنىشىم مەن ئۈچۈن بەخت، مەن ئۆزۈمنى سەن ئۈچۈن ئاتا قىلغانمەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆگدۈلمىش خىزمەت كەمىرىنى چىڭ باغلاپ، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا دادىل كىرىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىخلاس بىلەن كۆيۈنۈپ قىلغان خىزمىتى ئىلىگكە ياراپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەردى.
* * *
كۈنتۇغدى تېخى ئۆگدۈلمىشنى ھەر جەھەتتىن سىناپ كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەڭداشسىز ئەقلىي قابىليەتتىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ بىر كۈنى خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ: «دۇنيادا ھەممە نەرسىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، بىراق ھەقىقىي ياراملىق ئادەمگە ئېرىشمەك تەس ئىكەن. ئايتولدىنى يوقىتىپ قۇيۇپ، تېخىچە بىرەر ياراملىق ئادەم تاپالمىدىم» دەپ ئويلىدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىدا «ئۇرۇقلۇق ئادەم ئۆلسە ئۇنىڭ ئۇرۇقى قالىدۇ» دېگەن پىكىر ئەكىس ئەتتى. ئۆگدۈلمىشنى يادىغا ئالدى ۋە «ئۇ خېلى ياراملىقتەك كۆرۈنىۋاتىدۇ، تەربىيلىسەم چوقۇم ياخشى ئادەم بۇلىدۇ. چۈنكى، ئۇمۇ دادىسىنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ، ياخشى ئادەمنىڭ پەرزەنتى ياخشى بولىدۇ» دېگەنلەرنى ئويلىدى. كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشنى چاقىرتىپ كېلىپ ئوردىدا بولىدىغان ياخشى- يامان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭغا خېلى يۇقۇرى ئۇرۇن بىرىپ سىناپ كۆرمەكچى بولدى. كۈنتۇغدى ئۆگدۈلمىشنى ھەرخىل ئىشلارغا سېلىپ كۆردى، ھەرخىل مۇشەققەتلەرنى ئاتىپمۇ باقتى، ئۇنىڭغا قاپاق تۈرۈپ ئاچچىقلاپمۇ باقتى. بىردە ئۇنى ئۆستۈرۈپ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن بولسا، بەزىدە قەستەن يامان كۆرۈپ ئورنىنى تۈۋەنلىتىپ باقتى. ئۆگدۈلمىش بولسا ھەرقانداق چاغدا خىزمەتنى ئاقساتماي، ئەل ئىشىنى بەجانىدىل ئىشلەپ نۇرغۇن ياخشى ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى، خەلقمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ئالقىشلىغىلى تۇردى. كۈنتۇغدى ئىلىگ:«ھەببەللى، ئەمدى ئىشلىرىم تىلىگىنىمدەك بولىدىغان بولدى. ئۆگدۈلمىشتە قابىليەت بارلىقىنى سەزگەنىدىم. مەرد ئوغلاننىڭ مەردلىكى كىچىكىدىن، دەرەخ مېۋىسى چېچىكىدىن ئەمەسمۇ» دەپ ئويلاپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى. بىراق، يەنىلا سىناپ كۆرمەك بۇلۇپ، ئۆگدۈلمىشنى يېنىغا چاقىرتىپ كىرىپ مۇنداق بىر قانچە سوئال سورىدى: - ئوغلۇم، ئادەم ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق نەرسە نىمە؟ ئەڭ زىيانلىق ئىش قايسى؟ ساناپ بەرگىن. - ئەي بىلىمنىڭ خەزىنىسى بېگىم،- دەپ جاۋاب بېرىشكە باشلىدى ئۆگدۈلمىش ئەدەپ بىلەن،- دۇنيادا مۇنۇ ئۈچ ئىش ئىنسانغا ئەڭ پايدىلىقتۇر. بىرىنچى، ياخشى ئىش، ياخشى ئەمەل. ئىككىنچى، ئۇيات، ھايا. ئۈچۈنچى، توغرىلىق. بۇ ئۈچ پەزىلەت بىلەن كىشىلەر بەختكە ئېرىشەلەيدۇ. ئىنسانغا زىيانلىق مۇنداق ئۈچ ئىش بار. بىرىنچى، جاھىللىق ۋە ياۋۇزلۇق. ئىككىنچى، يالغانچلىق. ئۈچۈنچى، ئاچ كۆزلۈك ۋە بېخىللىق. بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھەممىسى بىلىمسىزلىك، نادانلىق، نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئاچكۆزلۈكتىن كېلىدۇ.
نەقىل: تەنبىھ: ھايا ئوغلۇم، ئۆگدۈلمىشنىڭ يۇقۇرىقى جاۋابىنى قىسقىچە شەرھلەپ ئۆتەي. ياخشىلىق ھەققىدە يۇقۇرىدا دەپ ئۆتۈلدى، ئەمدى ھايا توغرىسىدا سۆزلەي. ئوغلۇم، ھايا ۋە نۇمۇس ئىنسان پەزىلەتلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ئەڭ چىرايلىق گۈلى. ئۇيات- سېنى يامان ئىشتىن توسقۇچى باغلاق، قەلبىڭنى پاك ساقلىغۇچى مۇقەددەس قورغان. ئۇ سېنى دائىم ياخشى ئىشقا ئۈندەيدۇ، ئەخلاقسزلىققا، ۋىجدانىڭغا خىلاپ ئىش قىلىپ قويۇشقا يول قويمايدۇ. ئەگەر سەندىن ھايا پەردىسى كۆتۈرىلىدىكەن، ئادەملىك ئالاھىدىلىكىڭنى يۇيۇپ، ھايۋانلىق مەقامىغا يېتىسەن.ئۇياتسىزلىق، ھاياسىزلىق دېگەن بەك يىرگىنچلىك كېسەلكى، ئۇنداق ئادەمدىن ھەرقانداق پەسكەشلىكلەرنى كۈتۈش مۇمكىن. ھاياسىز، نۇمۇسسىز ئادەم- ۋىجدانسىز، ۋاپاسىز ئادەم. ۋىجدانسىز، ۋاپاسىز ئادەم ھېچقانداق ياخشى ئىشقا يارىمايدۇ. شۇڭا، ھاياسىز ئادەمدىن پەرھىز قىل. ھايالىق بولساڭ ھەممە كىشى سېنى سۆيىدۇ، ھاياسىز بولساڭ ھەممە كىشى سەندىن بىزار بولىدۇ. ھايا دېگەن خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلەتلىرىدىن بىرى، بۇ ئەنئەنىنى ئۈزۈپ قويمىغايسەن.
نەقىل: تەنبىھ: ئاچ كۆزلۈك بىلەن بېخىللىق قوشكېزەك بېخىل ئادەم دۇنيادا بەخت يۈزىنى كۆرمەيدىغان ئادەمدۇر، ئۇ ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىرىشىپ- تىرمىشىپ مال- دۇنيا توپلايدۇ- يۇ، لېكىن ئۈزى يېمەيدۇ، باشقىلارغا بىرەر يارماق بېرىشنىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. ئۇ ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچىدۇر. ئۆزى يىمەستىن مال يىغىدۇ، ئۆزى ئۆلىدۇ، مال- دۇنياسىنى دۈشمەنلىرى يەيدۇ. بېخىل، ئاچ كۆز ئادەم ھەرگىز باي بۇلالمايدۇ. شۇڭا، ئادەم تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىن بۇرۇن كۆڭۈل ئايۋىنىنى بېيىتىشى لازىم. دۇنيادا ئەڭ شەۋكەتلىك بايلىق كۆڭۈل بايلىقى. كۆڭۈل بايلىقىدىن مەھرۇم بولساڭ، ھېرسلىق سۈپۈرگەڭ بىلەن دۇنيادىكى بارلىق بايلىقلارنى سۈپۈرۋالساڭمۇ يەنىلا بايلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشەلمەيسەن. ئاچ كۆزلۈك يامان كېسەل ئوغلۇم. جىسمانىي كېسەل قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرسا، ئاچ كۆزلۈك كېسىلى مەنىۋىيىتىڭنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئاچ كۆزلۈك كىمنى پېقىر قىلغان بولسا، ئۇنى جاھان توقلۇقىمۇ باي قىلالمايدۇ. كۆزى توق بۇلۇش ئۇلۇغلۇقنىڭ بىر بەلگىسى. كۆزى توقنىڭ قولى قۇرۇق بولسىمۇ، كۆڭلى باي بولغىنى ئۈچۈن تەمە ۋە ھەسرەتتىن ئازاد.
* * *
كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشتىن ئىككىنچى سوئالنى سورىدى: - ئوغلۇم، ئادەم ئانىدىن تۇغۇلۇشىدىنلا بىلىملىك بۇلۇپ تۇغۇلامدۇ ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆزى ئۈگىنىپ بىلىم تۆرىگە چىقامدۇ؟ - ئالىيلىرى، بىلىم بىلەن ئەقىل پەزىلەتنىڭ نامىدۇر،- دەپ جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش،- ئادەم بالىسى ئانىدىن بىلىمسىز، ئاق قەغەزدەك تۇغۇلىدۇ. ئۇ ياشاش جەريانىدا بارا- بارا ئۆگىنىپ، بۇ ئاق قەغەزگە بىلىمدىن ھەرخىل رەقەملەرنى چېكىدۇ. پەقەت ئەقىلنىلا ئۆگەنگىلى بولمايدۇ، ئەقىل دېگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە قوشۇلۇپ بىللە يارىتىلغان بولىدۇ، ئادەم ئەقىلدىن باشقا ئىشلارنى ۋە پەزىلەتلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كامالەتكە يېتىدۇ. «خۇداغا شۈكۈر، دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغانىدىم، مانا بۇ ئوغۇل دادىسىنىڭ ئىزىنى باسىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدى كۈنتۇغدى ئىلىگ. ئۆگدۈلمىشمۇ ھەقىقەتەن ئىلىگنىڭ قولىنى سوۋۇتقان ئىدى. ئۇ مال- دۇنياغا ئۆزىنى بۇزمايتتى، خەزىنىدە ئىشلەۋاتسىمۇ ئالتۇن- كۆمۈشكە كۆز قىرىنى سالمايتتى. ئۇ پاكلىقنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلەتتى، خىزمەتتە ھەرگىز نەپسىگە چوغ تارتمايتتى.
نەقىل: تەنبىھ: پۇل، مەنپەئەت توغرىسىدا ئەي سۆيۈملۈك بالام، يادىڭدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دېگەن ھەقىقەتەن تولىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك نەرسە، پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمان بۇلۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدىغان گەپ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن- كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى، پۇلغا ئەسىر بۇلۇپ ئۆزىنى بۇلغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىنىدىن ئامان ساقلىيالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر- قىممەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنداق چىن- دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتسىمۇ ئەرزىيدۇ. ئوغلۇم، پۇل تاپ، لېكىن پۇلنىڭ ئەسىرى بۇلۇپ قالما. پۇل دېگەن ئادەمنى ئەزىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننى بۇلغاپ ئىنسانىي پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دېگەن شۇ. ھالالدىن پۇل تېپىپ، بېيىپ ئۇنى ئۇرۇنلۇق ئىشلىتىش بەخت دېگەن شۇ. كىشىلىك ھاياتتا پۇل ۋاستە، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ مەقسەت ئەمەس. بۇ خۇددى ھاياتتا تاماق يىيىش مەقسەت ئەمەس، بەلكى مەقسەت ياشاش بولغانغا ئوخشاش. ئادەم تاماق يېيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- دە، ئەگەر ئىنسان تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىسا ھايۋاندىن نېمە پەرقى؟! شۇنىڭدەك پۇلنى ياشاش ئۈچۈن، بەختلىك ياشاش ئۈچۈن تاپىمىز. لېكىن، پۇلنىڭ ئۆزى بەخت ئەمەس ھەم مەقسەت ئەمەس. پۇل تېپىش ئىنساننىڭ بىردىنبىر مەقسىتى بۇلۇپ قالىدىغان بولسا، ئىنسانىيەت دۇنياسى تېزلا گۇمران بۇلىدۇ، كىشلەر پۇل ئۈچۈن بىر- بىرىنى يەيدۇ. شۇڭا تۇرمۇشتا سەن كۆرگەن بارلىق ئىپلاس ئىشلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى مەقسەت قىلغاندىن كېلىپ چىققان ئازغۇنلۇق. شۇنى چۈشەنگىنكى، بىر ئۆمۈر ئەجىر قىلىپ تىكلىگەن قەدىر- قىممەتنى ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن يەكسان قىلغان ئادەم ئەقىللىق ئەمەس، ئادەممۇ ئەمەس. شۇڭا، توغرا، دۇرۇس ياشا، ئۆزۈڭنى بۇلغىما. شۇندىلا ھەر ئىككىسىدىن- پۇلدىنمۇ، قەدىر- قىممەتتىنمۇ مەھرۇم بولمايسەن. ھەي پەرزەنت، دۇنيادا تەرەققىيات، گۈللىنىش ۋە قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىككى ئامىل بار. بىرى، ئىلىم- پەن، يەنە بىرى، ئىقتىساد. بۇ ئىككىسى قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا، ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىغا ئوخشاش بىر- بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىر- بىرىنى شەرت قىلىدۇ. ئالەم كېمىسى ياساش ئۈچۈن يۇقۇرى پەن- تېخنىكا كېرەك. بىراق، يۇقۇرى ئىقتىسادىي ئاساس بولمىسا بۇ مەقسەتمۇ رېئاللىققا ئايلانمايدۇ. پۇللا بۇلۇپ ئىلىم- پەن بولمىسا، بىر پۇتلۇق ئادەمدەك مەنزىلگە يېتىش تەس، قاناتسىز قۇشقا ئوخشاش ئۇچۇش مۇمكىن ئەمەس.
* * *
كۈنتۇغدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشتىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولدى. خەلقمۇ شۇنداق ياخشى غەمگۇزار يېتەكلىگۈچىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن مىڭ قەترە شۈكۈر قىلدى. خەلقنىڭ ياخشى بىر يولباشچىغا ئېرىشىشى نېمىدىگەن بەخت- ھە!
بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 http://www.bilik.cn/ TOP Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - بىلىك تور بېكىتى - Archiver - WAP كۆرۈنۈش ئۇسلۇبى ---------- Uyghur-Default English Chinese Uyghur-Sky2007 Uyghur - gulv بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ezizks-sc تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-16 15:55
|
|