خۇتەننىڭ مەمۇرى رايۇنلىرى 1913-يىلى خوتەن بىۋاستە ئايمىقى خوتەن ناھىيسى بولۇپ قۇرۇلغان،گۇۋاڭشۈنىڭ28-يىلى (1902-يىلى گۇما ناھىيسى تەسىس قىلىنغان)خوتەن ناھىيسىنىڭ شەرقى چىگرىسىدىكى 23كەنت بىلەن كېرىيە ناھىيسىنىڭ غەربى چىگرىسىدىكى 15كەنت ئايرىلىپ،لوپ ناھىيسى تەسىس قىلىندى.1915-يىلى خوتەن ناھىيسىدىن قاراقاش ناھىيسى ئايرىلىپ چىقتى.1929-يىلى چىرا ناھىيسى تەسىس قىلىندى،گۇاڭشۈنىڭ 9-يىلى (1883-يىلى)كېرىيە ناھىيسى تەسىس قىلىنىپ،ئورنى قاراقاشتا (ھازىرقى قاراقاش ناھىيە بازىرى)بولدى. كىيىن ھازىرقى ئورنىغا كۆچتى،1959-يىلى كىرىيە ناھىيسى دەپ ئۆزگەرتىلدى.1945-يىلى نىيا مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى.1947-يىلى نىيا ناھىيسىگە ئۆزگەرتىلدى.1983-يىلى 9-ئايدا گوۋۇيۇەننىڭ تەستىقى بىلەن خوتەن شەھىرى قۇرۇلدى.ئاپتۇنۇم رايۇن خوتەن ناھىيسىنىڭ خوتەن بازىرى شورباغ گوڭشىسى،لاسكۇي گۇڭشىسى،ئۇرۇغچىلىق مەيدانىنى خوتەن شەھىرىگە ئايرىپ بىرىشنى تەستىقلىدى،1950-يىلى ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى،خوتەن ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇلدى.1966-يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»باشلانغاندىن كىيىن،رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ ھوقۇقى تارتىۋىلىنىپ،ئاپپاراتلار پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.1969-يىلى خوتەن يەرلىك ئىنقىلابى كومىتېتى قۇرۇلدى،1971-يىلى 2-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنقىلابى كومىتېتكە ئۆزگەرتىلدى،شۇ يىلى 6-ئايدا ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قۇرۇلدى،1978-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنقىلابى كومىتېت ىوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكمىگە ئۆزگەرتىلدى. خوتەن ۋىلايىتىگە خوتەن شەھىرى،خوتەن ناھىيىسى،گۇما ناھىيىسى،قاراقاش ناھىيىسى،لوپ ناھىيىسى،چىرا ناھىيىسى،كېرىيە ناھىيىسى،نىيا ناھىيىسىدىن ئىبارەت 7 ناھىيە،1 شەھەر،89 يېزا-بازار،4 كۇچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى ،1383 مەمۇرىي كەنت،6232 كەنت مەھەللە گۇرۇپپىسى قارايدۇ.ۋىلايەت ئىچىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق نۇرى چارۋىچىلىق فىرمىسى،47-تۈەن مەيدانى،گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە 224-تۋەن مەيدان بار. تارىختىن بويان18 نەپەر ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېت شۇجىسى،13 نەپەر ۋالى ئۆتكەن،ھازىرقى ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى يەن فىنشىن،مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىسى جۈرئەت ئىمىن` . مەنبە سى : خۇتەن ئۇچۇر تورى |