- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| خوتەننىڭ قىسقىچە ئەھۋالى خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ،جەنۇبتا قارا قۇرۇم تېغى ئارقىلىق شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ،شىمالدا تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئىچكىرسىگە كىرىشىپ كىتىپ،ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ،شەرىقتە بايۇنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەچەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ،غەربى-جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغىدىن ھالقىپ،ھىندىستان،پاكىستان ئەمەلىي تىزگىنلەيدىغان كەشمىر رايۇنى بىلەن تۇتاش بولۇپ،چىگرا لىنىيە ئۇزۇنلىقى 210كىلومېتىر،ئۇمۇمى كۆلۈمى 247 مىڭ 800 كىۋادىرات كىلومېتىر،بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق ٪33.3نى،قۇم-جەزىرلەر 63نى،بوستانلىق كۆلۈمى ئارانلا ٪3.7 نى ئىگىلەيدۇ،قۇملۇق ۋە جەزىرلەر خوتەن ۋىلايىتىنى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان 300 پارچىدىن ئارتۇق بۆلەككە بۆلىۋەتكەن بولۇپ،خوتەن شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھرى بىلەن بولغان ئارلىقى 1513كىلومېتىر.ۋىلايەت چىگرىسى ئىچىدە ئىككى قۇملۇق تاشيۇلى بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالار ۋە كورلا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يەر شەكلى يەلپۈگۈچسىمان بولۇپ،شەرقتىن غەربگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 670كىلومىتېر،جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600كىلومىتېر كىلىدۇ. خوتەننىڭ كىلىماتى قۇرغاق قۇملۇق ھاۋا كىلىماتى بولۇپ،يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل يېغىن مىقدارى پەقەت 35 مىللىمېتىر،يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2480 مىللىمىتېىر. تۆت پەسىلدە قۇم-بۇران كۆپ بولۇپ،ھەر يىللىق چاڭ-تۇزانلىق ھاۋا رايى 220 كۈندىن ئاشىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە قۇيۇق چاڭ-تۇزان( قۇم-بۇران)لىق ھاۋارايى 60 كۈن ئەتراپىدا. بىر ئايدا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر كىۋادىرات كىلومېتىرغا 117.6 توننا چاڭ-تۇزان ياغىدۇ.[/quote] خوتەن ۋىلايىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن بولۇپ،ۋىلايەت بۇيىچە 7ناھىيە،بىر شەھەر،86يېزا-بازار،4كۇچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى،1383 مەمۇري كەنت بار58 مەھەللە بارتەۋەلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۆەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك 14-دېۋىزىيسى جايلاشقان،ئۇمۇمى نۇپۇسى 2 مىلىيۇن 39مىڭ600،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ٪96.4نى،خەنزۇلار ٪3.4 نى،باشقا مىللەتلەر ٪0.2 نى ئىگىلەيدۇ،ئۇيغۇر،خەنزۇ،خۇيزۇ،تاجىك،قىرغىز قاتارلىق 22 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان.بىڭتۆەن يېزا ئىگىلىك 14-دېۋىزىيسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ،تەۋەلىكىدە 4تۈەن مەيدان بار.ئومۇمى نوپۇسى 36مىڭ 700. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بايلىقى مول. بىرىنچىدىن كۈن نۇرى ئىسسىقلىق بايلىقى مول. يىللىق كۈن نۇرىنىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى 2470سائەتتىن 3000 سائەتكىچە بولۇپ،10سىلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى يىغىندى تېمپېراتۇرىسى 4200سىلسىيە گرادۇس، ھازىرقى تېرىلغۇ يېرى 2مىليۇن 540مىڭ مو بولۇپ،كىشى بىشىغا 1.3مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كىلىدۇ.ئىككىنچىدىن،يەر ئاستى سۇ بايلىقى مول،يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇنۋىرسال ئوتترۇىچە تولۇقلىنىش مىقدارى 3مىليارت 238مىليۇن كۇپ مېتىر بولۇپ،بۇنىڭدىن پايدىلانغىلى بولىدىغان مىقدارى 2مىليارت 141مىليۇن كۇپ مېتىر،ۋىلايەت تەۋەلىكىدە چوڭ-كىچىك دەريا ئېقىندىن 36سى بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە قاراقاش دەرياسى ۋە يۈرۈڭقاش دەرياسى ئەڭ چوڭ ئىككى دەريا ھېساپلىنىدۇ.بۇلارنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 7مىليارت 300مىليۇن كۇپ مېتىردىن ئارتۇق،بىراق دەريانىڭ پەسىللەرنى ئايرىش پەرقى ئىنتايىن زور بولۇپ،يازدا زور كەلكۈن كىلىدۇ.كۈز ۋە قىشتا ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولىدۇ.ئەتىيازاد سۇ ئىنتايىن قىس بولىدۇ.تۆتىنچى،بەشىنچى ئايلاردىكى سۇ مىقدارى پۈتۈن يىللىق سۇ كىلىش مىقدارىنىڭ %7نى ئىگەللەيدۇ. ئۈچىنچىدىن،قېزىلما بايلىقلار مول،خوتەن ۋىلايىتىدە مول ئېنىرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلار ساقلانغان،بۇلارنىڭ تۈرى كۆپ،زاپىسى مول بولۇپ،ئېچىشتا زور يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە.نۆۋەتتە 61خىل قېزىلما بايلىق بايقالغان بولۇپ،پۈتۈن شىنجفڭدا بايقالغان قېزىلما بايلىق تۈرىنىڭ %42.2نى ئىگىلەيدۇ.زاپىسى تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغىنى21خىل بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي گاز بىر قەدەر زور زاپاس مىقدارغا ئىگە.نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەھەتتە 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو نېفىتى تەبىئىي گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى گۇما ناھىيسى تەۋەسىدىكى كېدۇڭ 1-نۇمۇرلۇق قۇدۇقتا سىناق قىلغاندا يۇقىرى ھوسۇللۇق سانائەت ماي گازىغا ئېرىشتى.بۇنىڭ كۈندىلىك نېفىت مەھسۇلاتى تەخمىنەن 60توننا،تەبىئىي گاز 100مىڭ كۇپ مىتېر بولۇپ،ئېچىشتا يۇشۇرۇن كۈچى بىر قەدەر زور.كۆمۈر،ئالماس،قاشتېشى،مىس،تۈمۈر ۋە تۈرلۈك رەڭلىك مىتاللارنىڭ ساقلىنىش مىقدارىمۇ بىر قەدەر زور.تۆتىنچىدىن،ساياھەت بايلىقى مول ۋە رەڭدار،خوتەن قەدىمدە ئۇدۇن دەپ ئاتالغان بولۇپ،يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم تۈگۈن ئىدى.شۇنداقلا ئۇ «يىپەك يولى»دىكى مۇھىم سودا شەھىرى بولغاچقا،قەدىمقى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قۇرۇقلۇق يولىدىكى ئۆتەڭ ئىدى.خوتەن مول ساياھەت بايلىقى ۋە نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمى مەدەنىيەتكە ئىگە.نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار مەدەنىيتىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەر،قەدىمى مەنزىرىلەر ۋە بۇددا دىنى مەدەنىيتى خارابىلىرى ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.خوتەن تەۋەلىكىدە قەدىمى مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھور بولغىنى نىيا ناھىيسىدىكى نىيا خارابىلىقى،يەنى غەربى رايۇندىكى 36دۆلەتنىڭ بىرى بولغان نىران خارابىلىقىدۇر.خوتەننىڭ تەبىئى مەنزىرىسى، قۇملۇق ۋە مۇزلۇقلىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە.مىللى پۇرىقى قويۇق،ساياھەتنى ئېچىشتىكى يۇشۇرۇن كۈچى زور،ئۆزگىچە تەبىئى مەنزىرىسى قويۇق مىللى ئالاھىدىلىكى،ھەيۋەتلىك سۈنئىي مەنزىرىلەر،شۇنداقلا مول ساياھەت ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بولۇپمۇ ئەتلەس،گىلەم ۋە خوتەن قاشتېشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق،يەنە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى،ئېجياۋ،توشقان زەدىكى،ياڭاق،ئانار،ئەندىر قوغۇنى،پىچەكگۈل،ئۈرۈك،چىلان ۋە قىزىلگۈلنىڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزگە داڭلىق. خوتەن ۋىلايىتى چەكسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە يۈزلىنىۋاتىدۇ: بىرىنچىدىن،مەركەز شىنجاڭ،بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىكى 3ۋىلايەت بىر ئوبلاستنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى؛ئىككىنچىدىن،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتى ۋىلايىتىمىزگە بولغان قوللاش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردى؛ئۈچىنچىدىن،غەربى رايۇنلارنى كەڭ ئېچىش سىتراتىگىيسى،گوۋۇيۈەننىڭ 32-نۇمۇرۇلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئەمىللەشتۈرۈش ۋە نوقتا بەلگىلەپ ياردەم بىرىشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ پۇرسەت»يەنىلا زور رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى «ئالاھىدە جاپاغا چىداش،ئالاھىدە تۆھپە قوشۇش»تىن ئىبارەت خوتەن روھىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ،ئۆزىنى ئونۇتقان ھالدا ئىشلەپ،بىر نىيەت بىر مەخسەتتە جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىپ،تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.2010-يىلى ۋىلايەت بۇيىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى(GDP)10مىليارت 59مىليۇن يۈەنگە يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %12.2ئاشتى.بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3مىليارت 376مىليۇن يۈەن بولۇپ،%4.9كۆپەيدى؛ئىككىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1مىليارت 920مىليۇن يۈەن بولۇپ،%17.2كۆپەيدى؛ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 4مىليارت 764مىليۇن يۈەن بولۇپ،%15.5كۆپەيدى.بىرىنچى،ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ۋىلايەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %33.6،%19.1،%47.3بولدى.نوپۇس تەۋەلىكىگە ئاساسەن ھېساپلىغاندا ۋىلايەتنىڭ كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 5035يۈەنگە يىتىپ،%9.9ئاشتى.ۋىلايەتنىڭ مالىيە كىرىمى تىز كۆپەيدى.پۈتۈن بىر يىلدا يەرلىك مالىيە كىرىمى 847مىليۇن يۈەنگە يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا(ئوخشاش ئۆلچەم)%59ئاشتى،بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 631مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %40.4ئاشتى،پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 2مىليۇن 396مىڭ 800مو بولۇپ،مەھسۇلات مىقدارى 1مىليۇن 74مىڭ 600توننىغا يىتىپ،%2.3كۆپەيدى.چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى پۇختا ئاشتى.چارۋىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى قوتان قالدۇقى 4مىليۇن 854مىڭ 500گە،كۆپەيتىلىپ ئەي بولغان ئۇششاق چارۋا 3مىليۇن 441مىڭ 600گە،قوتاندىن چىقىرىلغان چارۋا 3مىليۇن 882مىڭ 900گە يەتتى.پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 10مىليارت69مىليۇن يۈەنگە(يەرلىكنىڭ 7ملىيارت 901مىليۇن يۈەن،بىڭتۈەننىڭ 268مىليۇن يۈەن،تۈمۈر يول ۋە دۆلەت يولىغا 1مىليارت 900مىليۇن يۈەن)گە يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %31.3كۆپەيدى.بازاردىكى ئىستىمال بويۇملىرى مۇقىم كۆپەيدى،ۋىلايەت بۇيىچە ئىجتىمائى ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمى سوممىسى 2مىليارت 34مىليۇن يۈەنگە يەتتى.سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنى «بىرىنچى نۇمۇرلۇق قۇرۇلۇش»قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،«ئۈچتە ئەلا »تەلىپى بۇيىچە «ئۈچ تەدبىر»نى ئەمىللەشتۈرۈپ،يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.پۈتۈن يىلدا ۋىلايەت بۇيىچە سودىگەر چاقىرىش تۈرى 98گە يىتىپ،تۈرگە جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى 2مىليارت 495مىليۇن يۈەنگە يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %15.1ئاشتى،بۇنىڭدا ئەمەلىيىلەشكەن مەبلەغ 1مىليارت 263مىليۇن يۈەنگە يىتىپ،%20.1كۆپەيدى،بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىگەن تۈر 38گە،جەمئىي مەبلەغ 917مىليۇن يۈەنگە يەتتى.ئەمىللەشكەن مەبلىغى712مىليۇن يۈەنگە يەتتى.يېڭىدىن ئىشلەنگەن تۈر 60بولۇپ،ئومۇمى مەبلىغى1مىليارت 577مىليۇن يۈەن،بۇنىڭدىن ئەمىللەشكىنى 551مىليۇن يۈەن بولدى، تۈمۈر يول مىنىستىرلىكى ياردەم قىلىپ ئىشلىگەن خوتەن ناھىيسىدىكى 30مىڭ توننىلىق ياڭاقنى ئىنچىگە پىششىقلاپ ئىشلەشنى مۇھىم نوقتا قىلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى.گۇما ناھىيسىنىڭ سەنشىيا سانائەت باغچا رايۇنىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ،ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك سانائەت باغچا رايۇنى بولدى،گۇما ناھىيسىنىڭ كېدوڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق نېفىت گازلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈپ ئېچىش،قاراقاش ناھىيسىنىڭ يۈبى بىرىنچى نۇمۇرلۇق قۇدۇقىنى چارلاپ تەكشۈرۈشتە خۇشاللىنارلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.كۆمۈرنى ئېچىپ پايدىلىنىش قەدىمى تىزلىتىلدى.يىللىق ئەمەلىي قېزىش مىقدارى 1مىليۇن 100توننىغا يەتتى.كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 853مىليۇن يۈەن بولدى.ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر پەللىگە قەدەم قويدى.ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان گىلەم موزىيخانىسى ۋە ياڭاق موزىيخانىسى ئاساسىدا بۇ يىل يەنە خوتەن قاشتېشى مەدەنىيتى تېمى،قۇملۇق مەنزىرسى سۇپىسى،لوپ راۋاق بۇددا مۇنارى خارابىسى،قاراقاش شاخلىق قورۇقى،چىرا دامكۇ،بۇددا دىنىي خارابىلىقى،خوتەن ناھىيسى ئۈزۈم كارىدورى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نوقتىلىرى بەرپا قىلىندى،6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلىقئارا ساياھەت بايرىمى ۋە 7-نۆۋەتلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.پۈتۈن بىر يىلدا دۆلەت ئىچى سىرتىدىن كەلگەن 800مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتىۋىلىنىپ،ساياھەتتىن قىلىنغان كىرىم 90مىليۇن يۈەنگە يەتتى.
«12-بەش يىللىق»پىلان مەزگىلىدىكى ئومۇمى يىتەكچى ئىدىيە مۇنداق:جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىغىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىلىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيسىنى يىتەكى قىلىپ،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمىللەشتۈرۈپ،پارتىيە17-قۇرۇلتېيى،پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى3-،4-،5- ئومۇمى يىغىنى،مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم بىرىش خىزمىتى يىغىنى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم7-نۆۋەتلىك9-،10-قېتىملىق ئومۇمى ھەيئەتلەر (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمىللەشتۈرۈپ، ئىلمى تەرەققى قىلىشنى ئاساسى تىيما،ئىقتىسادى تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ،ئىلمى ھالقىش،تەرەققى قىلغانلارغا يىتىشىش ۋە ئېشىپ كىتىشتىن ئىبارەت جەسۇرانە ئىرادىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن -ئاخىرى ئىلمى تەرەققى قىلشنى بارلىق مەسىللەرنى ھەل قىلشنىڭ ئاساسى،ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنى تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ،خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە مەۋقەسى ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئەبەدى ئەمىنلىكنىڭ تۈپ كاپالىتى ،ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداشنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ،تەرەققىيات پىلانىنى ئىلمى تۈزۈپ،تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ،شەھەر يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ،سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ،خوتەننىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدى ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 2011-يىللىق نىشان ۋەزىپىلەر مۇنداق: ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنى 11مىليارت 300مىليۇن يۈەنگە يەتكۈزۈپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10تىن ئاشۇرۇش؛يەرلىك مالىيىنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمىنى 745مىليۇن يۈەنگە يەتكۈزۈپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %20ئاشۇرۇش؛پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 12ملىيارت 900مىليۇن يۈەنگە يەتكۈزۈپ(بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %28ئاشۇرۇش؛سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش بۇيىچە 1مىليارت 450مىليۇن يۈەن ئەمىللەشتۈرۈپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15ئاشۇرۇش؛سانائەت قۇشۇلما قىمىتىنى 690مىليۇن يۈەنگە يەتكۈزۈپ،ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %17ئاشۇرۇش؛ئىجتىمائى ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمى سوممىسىنى 2مىليارت 330مىليۇن يۈەنگە يەتكۈزۈپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %13ئاشۇرۇش؛دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىشى بىشى ساپ كىرىمىنى 3650يۈەنگە يەتكۈزۈپ،ئوتتۇرىچە 500يۈەندىن كۆپەيتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15.9ئاشۇرۇش؛شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆز ئىلكىدىكى كىرىمىنى 14650يۈەنگە يەتكۈزۈپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11ئاشۇرۇش؛20مىڭ ئادەمنى ئىشقا ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش،شەھەر بازرلاردىكى تىزىمغا ئىلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4ئىچىدە تىزگىنلەش؛نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى ‰16.5ئىچىدە تىزگىنلەش؛جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق،ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش،جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئىشلارنى ئومۇمىيۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش. يۇقارقى نىشان ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق تەدبىرلەر:بىرىنچىدىن،يېزا ئىگىلىكنىڭ ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،يېزا ئىگىلىكى،يېزا ۋە دېقانلار خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ،يېزا ئىگىلىكنىڭ ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىش،ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ،ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش،«ئىككىنى تىزلىتىپ،بىردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش»نى مۇھىم نوقتا قىلغان يەتتە تۈرلۈك كىرىم ئاشۇرۇش تەدبىرىنى ئەمىللەشتۈرۈپ،دېھقانلارنىڭ كىرىمنى سىجىل،بۆسۈش خارەكتىرلىك ئاشۇرۇش؛يېزىلاردىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى تىزلىتىپ،ئەمگەك ئىقتىسادىنى زورايتىش،ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ،ئەلا سۈپەتلىك باغۋەنچىلىك بازىسى قۇرۇش،ئۆزگىچە تېرىقچىلقىنى راۋاجلاندۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دېقھنلارنىڭ كىرىمنى كۆپەيتىش يولىنى كېڭەيتىش،«ئەسلىھە يېزا ئىگىلىكى ئۈنۈم يىلى»پائالىيتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ،مو بىشى ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈش،يۇلغۇنلۇق توشقان زەدىكى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قلىدۇرۇپ،تاغلىق يېزىلاردىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش قېيىن بولۇش مەسىلىسىگە داۋاملىق يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىش،پەن تېخنىكىغا تايىنىپ،يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش،نامراتلارنى يۈلەش خىزمەت سالىمقىنى ئاشۇرۇپ،ئۆزىنى بىيىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش،ئۇنۋىرسال تەدبىر قوللىنىپ،سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش،ئىككىنچىدىن ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش سىتراتىگىيسىنى يولغا قويۇپ،يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش،سودىگەر چاقىرىش سۇپىسىنى پائال قۇرۇپ،سودىگەر ۋاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش،«ئۈچتە ئەلا بولۇش»تەلىپىنى داۋاملىق ئەمىللەشتۈرۈپ،سېلىنما باشقۇرۇش مۇھىيتىنى ياخىشلاش،«ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر»نى داۋاملىق ئەمىللەشتۈرۈپ،2-،3-كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش،چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ،كىچىك غەلبە ئارقىلىق چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش،ھازىرقى تاشلىنىپ قالغان مۈلۈكلەرنى جانلاندۇرۇش،«5چوڭ كەسىپ» (يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت ئېنىرگىيە كان بايلىقىنى ئېچىش كەسپىي،ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك،مىللى ئەنئەنىۋىي پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى،زامانىۋىي مۇلازىمەتچىلىك)نى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ،ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش سىتراتىگىيسىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئومۇمى مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ،ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش،ئۈچىنچىدىن،پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش،تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ھەقىقى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قولغا كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش،سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشنى چىڭ تۇتۇپ،سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش،تۈمۈر يول،تاشيول ۋە ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش ۋە ئۇنۋىرسال تېرانسىپورت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش،شەھەر يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىپ،ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش زارائىتىنى ياخشىلاش،ئىكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىپ،ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش،تۆتىنچىدىن،ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نوقتا قىلغان ئىجتىمائي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش،2011-يىلى تىرىشىپ خەلققە 15ئەمەلي ئىشنى قىلىپ بىرىش.مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش سىتراتىگىيسىدە چىڭ تۇرۇپ،ئومۇمى خەلقنىڭ ئۇنۋىرسال مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمىللەشتۈرۈپ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كېڭەيتىش.داۋالاش سەھىيە ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ،،داۋالاش،ساقلىقنى ساقلاش مۇلاىزمەت سەۋىيسىنى ئ.ۆستۈرۈش،ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ئىجتىمائى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش،نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ،نوپۇس،بايلىق،مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،شەھەر يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ،ئاممىۋي مەدەنىيەت مۇلازىمەت سېستىما قۇرۇلۇشىنى زورايتىش،بەشىنچىدىن،ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ،ئىسلاھات تەرەققىياتتىكى ياخشى مۇھىتىنى بەرپا قىلىش،بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كەسكىن ۋەزىيتىنى چوڭقۇر تۇنۇپ،باشتىن ئاخىرى كاللىنى سەگەك تۇتۇش،يۇقىرى بىسىملىق قاتتىق زەربە بىرىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ،چىگرا ئىچى سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق،بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىش،ئىدولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ،مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئىدىيۋىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش،دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بۇيىچە كۈچەيتىپ،دىننى سوتىسيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا پائال يىتەكلەش،تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،«ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ ئىنتىرنت تورىدىن پايدىلىنىپ،ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋە سىڭدۈرمىچىلىك،بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنى ئىلىپ بىرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش،ئاساسى قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ،ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش،ئەرزىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى ھەقىقى قوغداش،ئالتىنچىدىن،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى پائالىيتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش،پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك،توغرا ئىجرا قىلىپ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ،ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققى قىلىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش،يەتتىنچىدىن،نوقتا بەلگىلەپ ياردەم بىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ،سىرتقا ئېچىۋىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش.سەككىزىنچىدىن،ئىسلاھات،يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ،خوتەننىڭ ئىسلاھات،تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنى كۈچلۈك سياسي كاپالەت بىلەن تەمىن ئىتىش،ئىددىيۋىي سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ،ھەردەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزە ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش،دىمۇكراتىك سىياسى قۇرۇلۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ،پارتىيە ئىچىدە دىمۇكراتىيىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش،ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش،كادىرلار ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ،پارتىيە بىلەن ئامما،كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش،پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ،چىرىكلىشىش ۋە ئايىنىپ كىتىشنىڭ ئالدېنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىش. خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادىسى،تېخىمۇ زور جاسارىتى ۋە غەيرىتى،تېخىمۇ قىزغىن روھى ھالىتى ۋە ئۆزىنى ئونۇتقان ھالدىكى خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،تەرەققىياتنى تىزلىتىپ،مۇقىملىقنى قوغداپ،ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،«خەلقنى بېيىتىپ،ۋىلايەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ،چىگرا رايۇننى مۇستەھكەملەش»سىتراتىگىيسىنىڭ يېڭى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىدۇ.
مەنبەسى : خۇتەن ئۇچۇر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 01:28
|
|