- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| خوتەن خەلق ناخشىلىرى» نىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا
:ۋاقىت:2012-06-21 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى
-------------------------------------------------------------------------------- سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق
2012 - يىلى كىرىشى بىلەن بىر ئېسىل مەنىۋى سوۋغا بىزگە سۇنۇلدى. بۇ سوۋغا يېقىندا نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان «خوتەن خەلق ناخشىلىرى» ناملىق ئىككى قىسىملىق ناخشا پىلاستىنكىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىلاستىنكا ۋىلايىتىمىز رەھبەرلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشى، سەنئەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى، ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ماھىر ئورۇنلىغۇچىلارنىڭ ئورۇنلىشى نەتىجىسىدە نەشىرگە تەييارلىنىپ، ۋىلايەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىلەن مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەشىر قىلىنىشى خوتەن خەلق ناخشىلىرىنىڭ پىلاستىنكىسى بولماسلىق بوشلۇقىنى تولدۇردى. بىز 2003 - يىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «خوتەن خەلق ناخشا - كۈيلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك توپلام بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، خوتەن خەلق ناخشا - كۈيلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشقان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ناخشا - ئۇسسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن پىلاستىنكا بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەي كەلگەن ئىدۇق. بۇ قېتىم بۇ پىلاستىنكىنى كۆرۈپ، خوتەن خەلق ناخشا - كۈيلىرىنىڭ مەزمۇنى، ئاھاڭ قۇرۇلمىسى، كۈي شەكلى، ئورۇندىلىش ئۇسلۇبى، سەنئەت قىممىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق. مەن بۇ ئىككى قىسىملىق پىلاستىنكىنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. كۆز ئالدىمدا بۇ ناخشىلار، كۈيلەر بارلىققا كەلگەن گۇما بوستانلىقىدىن تارتىپ تاكى نىيە يايلاقلىرىغىچە، ھەيۋەتلىك قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ باغرىدىن باشلاپ تەكلىماكان قۇملۇقلىرىنىڭ ئىچكىرىسىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاسمىنى، قوينى كەڭرى زېمىن ۋە مۇشۇ زېمىندا تۇرمۇشىنى خۇشال - خۇرام، بەختىيار ئۆتكۈزىۋاتقان كىشىلەر توپى جىلۋىلەندى. بۇ ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسى گەرچە بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ ئەجداتلارنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئېيتىپ كېلىۋاتقانلىقى مېنى خۇشاللاندۇردى. بولۇپمۇ خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بولغان بۇ ناخشىلارنىڭ بۇنىڭدىن نۇرغۇن ۋاقىتلار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەنلىكىگە قارىماي، بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋى چالغۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كۈي شەكلىدە ئورۇنلىنىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بىزنى سەنئەت بايلىقىمىزنىڭ سېھرىي كۈچى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ پىلاستىنكىنىڭ نەشىر قىلىنىپ يورۇقلۇققا چىققانلىقىنى مۇبارەكلەشنى لايىق كۆردۈم. بىزگە مەلۇمكى، دىيارىمىز خوتەن ئۇزاق تارىخقا، مول مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە ئېسىل يۇرت. خەلقىمىز ياراتقان مول مەدەنىيەت مىراسلىرى ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ناخشا - ئۇسۇللار ئەنە شۇ مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ ۋە گىلەم، يىپەك، ئەتلەس، قەغەز قاتارلىق ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن بىر قاتاردا خەلقىمىزنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسى سانىلىدۇ. پاراسەتلىك خەلقىمىز بۇ دىياردا ياشاش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى، دۇنيا قارىشىنى، پىسخىكىسىنى، مىجەز - خاراكتېرىنى، تەبىئەت قاراشلىرىنى سۆز سەنئىتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، مۇزىكا ۋە مېلودىيە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جۇلالاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىگە خاس ئاھاڭ بىلەن جاراڭلاتقان. بۇ ناخشىلار كېيىن خوتەن خەلق ناخشىلىرى دەپ ئاتالغان. ئۇلار ھېلىھەم شۇ نامدا ئاتىلىپ كېلىنمەكتە. بۇ قېتىم بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بۇ ناخشىلار مۇشۇ خوتەن خەلق ناخشىلىرى نامىدىكى ناخشىلار بولۇپ، بۇ ناخشىلار يىپەك دىيارىدىكى خەلقىمىزگىلا ئىستېتىك زوق بەخش ئېتىپ قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە باشقا جايلاردىكى كىشىلەرگىمۇ ئىستېتىك زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان ئىككى پىلاستىنكىغا 64 ئاھاڭ بىلەن ئورۇنلانغان 30 يۈرۈش ناخشا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ناخشىلار خوتەننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا پەيدا بولغانلىقى سەۋەبلىك تاغ ناخشىلىرى دەپ ئاتالغان. بۇ پىلاستىنكىدىكى ناخشىلارنىڭ بەزىلىرى يەككە ئورۇنلانغان، بەزىلىرى كوللېكتىپ تەرىپىدىن ئورۇنلانغان، بەزىلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئاساستا ئورۇنلانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خوتەن خەلق ناخشىلىرىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇل ۋە شەكلىدە ئورۇنلاشقا باب كېلىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان. بۇ ناخشىلار گەرچە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئورۇنلىنىپ لېنتىغا ئېلىنىشتا دىيارىمىز خوتەننىڭ نۆۋەتتە كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان قىياپىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولغاچقا، بىز بۇ پىلاستىنكىنى كۆرگىنىمىزدە خوتەن شەھىرىنى مەركەز قىلغان پۈتكۈل خوتەن دىيارىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە يېڭىلىنىۋاتقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان، گۈزەل تۈسكە كىرىۋاتقان قىياپىتىنى كۆرۈۋالالايمىز. خوتەننىڭ مول ساياھەت بايلىقى ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئەت بايلىقى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز. ھەر بىر نومۇرنى ئورۇنلىغان ئارتىسلار ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جۇشقۇن قىياپەتنى نامايان قىلغان بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن خوتەنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا، روھىي دۇنياسىدا زور يېڭىلىنىشلار ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ پىلاستىنكىدىكى نومۇرلاردا خەلقىمىزنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ گۈزەل، مۇنبەت زېمىنغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى، رەڭگا - رەڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىدىن ئالغان شېئىرىي تەسىراتى، ئىستېتىك قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن؛ كىشىلەرنىڭ ئەمگەكنى سۆيۈش، ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈش، گۈللەندۈرۈشكە بولغان ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. بۇ ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇھەببەت تېمىسىدىكى ناخشىلار بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ مۇھەببەتكە سادىق بولۇش، ۋاپادار بولۇش ئېسىل پەزىلىتى ۋە مەردانىلىكى نامايان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارمۇ مۇھەببەتكە سادىق، ۋاپادار بولۇشقا دالالەت قىلىنغان. ناخشا تېكىستلىرى بىمەنە، ھاياسىز سۆز - جۈملىلەردىن خالىي بولۇپ، ئۇنىڭدا خوتەنلىكلەرنىڭ شەرمى - ھايالىق گۈزەل ئەخلاقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ناخشا تېكىستلىرىنىڭ تىلىدا خوتەنلىكلەرنىڭ تىل پاساھىتى، ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ھەر بىر ناخشىنىڭ مەزمۇنى ئازادە، ئەركىن مىسرالار بىلەن ئىپادىلىنىپ، خوتەننىڭ يەرلىك تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ۋە خوتەنلىكلەرنىڭ ئۆزلۈككە تويۇنغان تۇرمۇش قارىشى نامايان قىلىنغان. بۇ ناخشىلارنىڭ تېكىست ۋە ئاھاڭ، ئېيتىلىشى ئۇسلۇب جەھەتتىن ئەسلى ھالەتنى ساقلاپ قالغان ئاساستا نەشىرگە تەييارلىنىشى، ئورۇنلىغۇچىلار تەرىپىدىن تەبىئىي، ساغلام، بېجىرىم ھالەتتە ئوقۇلۇشى بۇ پىلاستىنكىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەلۇمكى، خوتەن خەلق ناخشىلىرى مۇكەممەل سەنئەت بايلىقى، سەنئىتىمىزنىڭ خورىماس بۇلىقى، ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان كاتتا مىراس. خوتەن دىيارىنىڭ قويۇق مىللىي تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوچۇق مۇزېيخانىسى. خوتەننىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال. بىز بۇ بايلىق بىلەن ئىلگىرى بۇنداق ناخشا بىلەن ئۇسسۇل بىرىكتۈرۈلگەن ئاساستا يۈز كۆرۈشەلمىگەن ئىدۇق. خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇدار، رېتىملىرى ئەركىن، كۈي شەكىللىرى جۇشقۇن، مەردانە، مېلودىيەسى رەڭدار، ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان خوتەن خەلق ناخشىلىرى بۇ مۇنبەت تۇپراقتا جاراڭلىغۇسى
مەنبەسى : خۇتەن ئۇچۇر تورى
|
|