ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى تەييارلىقى
سىنىپ مۇدىرى:ئىزىزجان ھۆسەيىن
مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن ئائىلە تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ 2009- يىلدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا پەرزەنتلىرىمىزنى يۇقۇرى نەتىجىگە ئىرىشتۈرەيلى يىغىننىڭ تەرتىپى 1. مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇش 2.يىغىننىڭ مەقسىدىنى ئوتتۇرغا قويۇش. 3.مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش. 4.مەكتەپ مەشقۇلىيىتىنى چۈشەندۈرۈش. 5.خىزمەت دوكىلاتىنى ئوتتۇرغا قويۇش. 6.ئوقۇغۇچىلاردىن يىغىلغان ھەر خىل راسخوتلارنىڭ ھىساۋىنى ئوتتۇرغا قويۇش. 7.ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش. 8.ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنىڭ سۆزى 9.بۇنىڭدىن كىيىن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر. 10.ئاتا-ئانىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر. 12.ئاتا-ئانىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلاش. 1.مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى:① مەكتەپ مۇدىرى--ساۋۇت داۋۇت② مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى-- ئادىل سىدىق ③ سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى -سەمەت ئەيسا④ سىياسىي بۆلۈم مۇئاۋىن مۇدىرى – رەيھانگۈل ئەمەت ⑤ ئىتتىپاق كومىتىت شۇجىسى – جۈرئەت ھوشۇر. ⑥ ئابلىمىت ئابدۇراخمان⑦ ئارزىگۈل بارات⑧سەيدىن ئىسمايىل ⑨مۇختار مامۇت⑩ ئابلەت مەمەت ئېنگىز تىلى مىھرىگۈل ئوسمان 2.يىغىننىڭ مەقسىدى: بۇ يىغىننى چاقىرىشىمىزدىكى مەقسەت: تۆۋەندە ئولتۇرغان ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئۆز-ئارا ئۇچىرشىپ،ئۇلارغا مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش، مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىشلەنگەن سىياسى-ئېدىيە ئەخلاقىي، ئەقلى، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك تەربىيسى ھەققىدىكى خىزمەتلەر ۋە بۇ جەھەتتە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ھەم ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش،بۇ قېتىم ئېلىنغان ماۋسۇملۇق ئىمتىھاندىن خۇلاسە چىقىرىش ، مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا قويىدىغان تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەكتەپكە بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاش ۋە سىنىپىمىزنىڭ 2008-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەكرارىنى ياخشى ئىلىپ بىرىپ ئەڭ يۇقۇرى نەتىجە يارىتىشتىن ئىبارەت. 3.مەكتىپىمىز ۋە سىنىپىمىزنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى: مەكتىۋىمىز 1953-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان مەكتەپ بولۇپ،ھازىر 74 سىنىپ، 267نەپەر ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچى، 3700نەپەرگە يېقىن ئوقۇغۇچى بار،بۇ ئوقۇغۇچىلردىن 1400نەپەردىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدۇ .مەكتىۋىمىزدە 200دىن ئارتۇق كومپىيوتور، بىر كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى،يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى،مۇكەممەل بولغان فىزىكا ،خىمىيە ۋە بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا 4 قەۋەتلىك ياتاق بىناسى،ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى،قاتتىقلشتۇرۇلغان ۋالىبول ۋە ۋاسكىتبول مەيدانلىرى بار. ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى ھەم ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىچىدە مۇكەممەل بولغان مەكتەپ ھىساپلىنىدۇ. مەكتىۋىمىزدە 10نەپەردىن ئارتۇق ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماھىرلىرى بار. مەكتىۋىمىزنىڭ مۇدىرى ___ ساۋۇت داۋۇت،پارتىكوم شۇجىسى ___جاڭ چىڭ پىڭ. سىنىپىمىزنىڭ نامى تولۇق 3-يىللىق2-سىنىپ بولۇپ،سىنىپىمىزدا41نەپەر ئوقۇغۇچى بار،بۇنىڭ ئىچىدە 20 نەپىرى ئوغۇل، 21 نەپىرى قىز،بۇ ئوقۇغۇچىلار ناھىيە بازىرى ئىچىدىن ۋە ھەرقايسعي يئزا - بازارلاردىن كىلىدۇ1نەپەر ئوقۇغۇچى ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدۇ.سىنىپىمىزنىڭ سىنىپ باشلىغى___ مۇختەرجان سەيپىدىن ،ئىتتىپاق شۇجىسى __دىلنۇرقىز ئابلىمىت ،ئۈگۈنۈش باشلىغى__ئىپپارقىز يۈسۈپ ،تۇرمۇش ھەيئىتى__ ئازاتگۈل مەمەت، مۇتەللىپجان مەمەت،ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما ئەزاسى—ئابدۈشۈكۈر ئابلىز،تەنتەربىيە ھەيئىتى—مۇراتجان مامۇت،پەن ۋەكىللىرى—نۇرنىجات ساۋۇت،ئالىمجان ئابدۇرىيىم،ئابدۇقاھار ئابدۇرازىق،بۇزورا ئابلىز، 3-يىللىقتىكى قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ مەۋسۇم ئەدەبىيات،ماتىماتىكا، خەنزۇ تىلى،فىزىكا،خىمىيە،بىئولوگىيە،تەنتەربىيە،ئېنگىلىز تىلى قاتارلىق8خىل پەن ئوقۇيدۇ. 4.مەكتىۋىمىزنىڭ قائىدە تۈزۈملىرى: (1)مەكتەپنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلىيىتى:دۈشەنبىدىن باشلاپ ئەتتىگەن سائەت 7:30دىن كەچ سائەت 5:30گىچە بولۇپ ،چۈشتە 1:30سائەت دەم ئالىدۇ.ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلار كەچ سائەت 7:00دىن00 : 9غىچە 2سائەت مۇزاكىرە قىلىدۇ.مۇزاكىرگە ھەر كۈنى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەت بىلەن كىلىپ تولۇق2سائەت يىتەكچىلىك قىلىدۇ.كەچ سائەت 9:00دىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىغا چىقىشى،سىرتتىكىلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشى بىردەك چەكلىنىدۇ.بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىگىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. سىنىپىمىزغا نىسبەتەن ئەتىگەنلىك كىلىش ۋاقتى 7:20ئۆتكەندە،قايتىش ۋاقتى مەكتەپ مەشغۇلىيىتى بىلەن ئوخشاش. 5.ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ۋە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر (1) سىياسى - ئىدىيە جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ماركىسىزىملىق بەش قاراش تەربىسى،ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەربىسى، سوتسىيالىستىك سەككىز شەرەپ-نۇمۇس قارىشى تەربىيىسى،ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق تەربىسى،ئۇستازلارنى،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش تەربىيىسى، ئاتئىزىم تەربىيىسى قاتارلىق تەربىيىلەر دائىملىق تەربىيە قاتارىدا ئىلىپ بېرىلدى. قاتناش بىخەتەرلىك تەربىسى،ئوت،توك،سۇ بىخەتەرلىك تەربىيىسى ،قانۇن -تۈزۈم تەربىسى،جەمىيەت ئەخلاقى،ئائىلە ئەخلاقى تەربىيىسى، غايە-ئىستىقبال تەربىيىسى قاتارلىق تەربىلەرچىڭ تۇتۇپ ئىلىپ بېرىلدى. تازىلىقنى سۆيۈش،تازىلىقنى ئاسراس،ئومۇمنىڭ مۈلكىنى ئاسراش،جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ مال مۈلكىنى قوغداش تەربىيىسى ئىلىپ بىرىلىدى. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، دۆلەت بايرىمى،يىڭى يىل بايرىمى ۋە ئادەتتىكى دەم ئىلىشقا ۋە چاغان،روزا ھىيىت،قۇربان ھىيىتلارغا قويۇپ بىرىشنىڭ ئالدىدا تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەربىيىلىرى ياخشى ئىشلەندى.دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خۇراپاتلىققا،بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش توغىرسىدا تەربىيە چىڭ تۇتۇلدى، دىنىي پائالىيەتلەر شۇغۇللانماسلىق توغىرسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھۆددە توختام نامە تۈزۈلدى. ⑥ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى پائالىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەندى. (2)ئۆگىنىش جەھەتتە: ھەر كۈنى كەچتە كۈندىلىك ئۆگىنىش ئەھۋالىدىن خۇلاسە چىقىرلىپ تەجرىبە ساۋاقلار يەكۈنلەندى. بۇ جەھەتتە سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ تەشكىللىشى ،يىتەكچىلىك قىلىشى ياخشى بولدى.بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى خىلىلا ياخشىلاندى. ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساداسى،پىكىر تەلەپلىرى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا يەتكۈزۈلدى، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆپلەپ سۆھبەتلىشىش،دەرسىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىشىغا ،ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈنۈشكە ئەھمىيەت بەردۇق. كۈندىلىك سىناق،باپلىق ئىمتىھان،چارەكلىك ئىمتىھان ۋە ماۋسۇملۇق ئىمتىھانلارغا ياخشى سەپەرۋەر قىلدۇق ۋە نىسبەتەن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. بۇ قىتمقى ماۋسۇملۇق ئىمتىھاندىن بۇرۇن بارلىق ساۋاقداشلاربىلەن ماۋسۇملۇق ئىمتىھان ھۆددە توختامنامسىى ئىمزالاشتۇرق . كۈندىلىك خۇلاسە چىڭ تۇتۇلۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدىن ئەتىراپلىق خۇلاسە چىقىرىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى دەرسىلەردىكى ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تاقابىل تۇرۇش سەۋىيىسىنى ھازىردىن باشلاپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىر نەچچە قىتىم قىيىنراق سۇئال چىقىرىپ ئىمتىھان ئالدۇق. ھەر ھەپتدە ھەر بىر پەندىن بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىشنى ئشىقا ئاشۇردۇق . بۇ جەھەتتە ئىزىز مۇئەللىم، ئالىمجان مۇئەللىم، ئەنۋەر مۇئەللىملەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ مەشىقلەندۈرۈش ۋە دەرستىن سىرىت تەكرار قىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ يۈقۇرى كۆتۈرلىشىگە ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. ⑥ دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا سىياسى ئىددىۋى تەربىيە ئىلىپ بىرىپ، ئۇلارنى ئەخلاقى ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەڭ تەربىلەشكە ئەھمىيەت بەردى. ⑦ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىش ئۈچۈن ساۋاقداشلارغا بولغان تەلەپ باشقا سىنىپلارغا سېلىشتۇرغاندا سەل قاتتىقراق بولدى. ⑧ يۇقۇردىكى خىزمەتلەر نەتىجىسىدە سىنىپىمىزنىڭ بۇ ماۋسۇمدىكى دەرس ئۆزلەشتۈرىشى(سىنىپ كۆچۈشى)% 100 ،ھەممە پەندىن ئۆتۈشى%77.7،سۈپەت% 55.8 .ئوقۇغۇچىلاردىن 1. ئىسكەندەر ئىسمايل 2. جۇرئەت تۇرسۇن 3. ئايتۇرسۇن توختى 4. تاجىگۈل قەييۇ 5. ئايشەمگۈل مۇتەللىپ 6. ئابدۇراخمان ئابدۇقادىر 6نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى ۋە ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان . (3)ساقلانغان مەسىلىلەر يۇقۇرقىدەك خىزمەتلەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ لىكىن 6نەپەر ئوقۇغۇچى بىر پەندىن 2پەنگىچە لاياقەتسىز بولۇپ قالدى. بۇنڭدا ئاساسلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ تازا يىتەرلىك ئەمەسلىكىدە . ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ئائىلىسىگە ۋقتىدا بارماي ئاتا-ئانىلارنى ئەنسىرتىدىغان ئەھۋاللار ساقلاندى.بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىسى ئالاھىتەن ئۆزى ئېلىپ كىتىدۇ. قىسمەن ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش ئىددىيسى تۇراقلاشماسلىق،تۈزۈمگە چىدىمايدىغان ، دەرس ئىنتىزامى ئىزچىل ياخشى بولمايدىغان ئەھۋال تا بۇگۇنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلدى. ④ سىنىپىمىز قوشتىل سىنىپى بولسىمۇ يەنە كىلىپ 2009-يىلى ئالي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تەبىئي پەنلەرنى خەنزۇتىلىدا بىردىغانلىقى ئىنىق تۇرسىمۇ تەبئىي پەنلەرنى ۋە خەنزۇتىلىنى كۇچەپ ئۇگەنمەيدىغان، نەتىجسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلىكىنى دائىم ساقلاپ كىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھىلىھەم مەۋجۇت . 6.ئوقۇغۇچىلاردىن يىغىلغان راسخوتلرنىڭ ھىساۋاتى: بۇ ئوقۇش ماۋسۇندا ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن380يۈەن(قايتا ئوقۇغانلاردىن800،1000،1200 يۈەن)، ياتاقتا ياتىدىغانلاردىن ياتاق راسخوتى ئۈچۈن120يۈەن،كىتاپ پۇلى ئۈچۈن 51يۈەن،يانداش مەشىق پۇلى ئۈچۈن يۈەن قاتارلىق پۇللار يىغىلدى. 7.ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش: 1. ئىسكەندەر ئىسمايل 2. جۇرئەت تۇرسۇن 3. ئايتۇرسۇن توختى 4. تاجىگۈل قەييۇ 5. ئايشەمگۈل مۇتەللىپ 6. ئابدۇراخمان ئابدۇقادىر 6نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى ۋە ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان .
ئايتۇرسۇن توختى، تاجىگۇل قەييۇم، ئەزىمەتجان سەمەت، شىرنىياز تۇرسۇن، ئايشەمگۇل مۇتەللىپ، زۇلخۇمار ئىسھاق، نۇرئامىنەم ھەسەن، جۇرئەت تۇرسۇن، پاتىگۇل ئۆمەر، قەلبىنۇر سەمەت قاتارلق ئوقۇغۇچىلار ئالىدنقى 10پەر ئوقوغۇچىنىڭ ئىچىگە كىرگەن . ساپ نەتىجىدە ئايتۇرسۇن توختى تاجىگۇل قەييۇم شىرنىياز تۇرسۇن ئەزىمەتجان سەمەت ئايشەمگۇل مۇتەللىپ زۇلخۇمار ئىسھاق جۇرئەت تۇرسۇن نۇرئامىنەم ھەسەن پاتىگۇل ئۆمەر ئابدۇقەييۇم ئابدۇللا ئالدىنقى 10نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان 8.ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئايتۇرسۇن توختىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمىز. 9.بۇنىڭدىن كىين ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر (1)2009- يىل 6-ئايدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەكرارى بۇ يىل9-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمى باشلانغان بولۇپ ،پۈتۈن تەكرار تۆت باسقۇچ بويىچە ئىلىپ بېرىلىدۇ ۋە ھەر باسقۇچتا بىر قىتىم مانۋېر ئىمتىھانى ئېلىنىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ. (2) ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاقى تەربىيىنى،سىياسىي- ئىددىيىۋى تەربيىنى،غايە-ئىستىقبال تەربىيسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىلەپ چىقىمىز. (3)ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،تەربىيە بىلەن تەدبىرنى بىرلەشتۈرۈپ ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.ئەگەر مەسىلە سادىر قىلغۇچىلار كۆرۈلسە ئائىلىدە ئۆگىنىشكە قايتۇرىمىز. (4) ئوقۇغۇچىلار قوشتىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تەبىئي پەن ۋە خەنزۇتىلى ئۆگىنىشىنى ئاتا- ئانىلار بىلەن ماسلىشىپ چىڭ تۇتىمىز. (5) ئاتا-ئانا ۋە مەكتەپ بىرلىشىپ كۈچ چىقىرىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنى مەكتەپ بەلگىلىگەن %100گە يەتكۈزىمىز. 10. ئاتا-ئانىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى نەتىجىگە ئىرىششىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى جەھەتلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك. 1. ئالدى بىلەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش لازىم. ئىشەنچ بولمىسا ئالغا بىسش روھى بولمايدۇ. روھ بولمىسا نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆزگە ئىشنىش لازىم.بولۇپمۇ دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلار قىين مەسللەرگە ئىسلىۋىلىپ ۋاقتىنى ئسىراپ قىلىۋەتمەي ، ئاساسى بىلىملەرنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم. 2. ۋاقتىنى قەدىرلەش، ۋاقتىنى ياخشى پىلانلاش لازىم. مەيلى ئۆيدە ياتىدىغان ئوقۇغۇچى ياكى ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچى ئەتتىگەنلىك مەشغۇلىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن 1.5سائەتتىن 2سائەتكىچە ، كەچتە 3سائەتتىن ئارتۇق ئۇگىنىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۇچۇن كۇندە 24سائەتلىك مەشغۇلىيەت سەتكسى تۇزۇش ، چوقۇم شۇ سەتكىدە ئورۇنلاشقان بويىچە ئۇگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇنۇمىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بۇ قىينچىلىقنى يەڭمەي تۇرۇپ، ئالي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجىگە ئىرىششى مۇمكىن ئەمەس. 3. تەشكىل تۇزۇمگە رىئايە قىلىش ، ئىدىيە – ئەخلاقتا پاك بولۇشى لازىم. ئازساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىدا مەسلە بار . بۇنى سىنىپ مۇدىرى ئاتا- ئانىلارمۇ بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس . بۇ يەردە كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. ئالي مەكتەپ ئىمتھانى سىلەرنىڭ كىينكى ئستىقبال ۋە تەقدىرڭلارنى بەلگۇلەيدۇ.مۇشۇ قىسقىغىنا بىر قانچە ئاي ۋاقتتىكى تىرشچانلىقىڭلار ياكى تىرشماي ۋاقتىنى بىكارغا ئۆتكۇزۇشىڭلار ئەخلاق ، تۇزۇمگە رىئايە قىلىشڭلار ياكى مەسىلە سادىر قىلىشڭلار چوقوم سىلەرنىڭ ئستىقبالىڭلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك .شۇڭا بۇجەھەتتە ئۇزۇڭلارنى داۋاملىق قاتتىق تەلەپ قويۇشىڭلار، كەمتەر ئىھتىياتچان بولۇشىڭلار لازىم. ④ ئۇزۇقلىنىش ۋە سالامەتلىككە دىققەت قىلىش لازىم. IV ئاتا- ئانىلارمۇ تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى ۋە بىرقانچە تەلەپلەرنى ئورۇنلىشى لازىم. 1. پەرزەنتلىرىگە كۆڭۇل بۆلۇشى بىلەن بىرگە ئۇلارغا مەسئۇل بولۇش لازىم. كۆپ سانلىق ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۇگىنىش ئەھۋالىنى ئوقۇشۇپ ئۇلارنىڭ كەيپىياتى، بىرش – كىلىش، باشقىلار بىلەن ئالاقىلشىش، ۋاقتىت ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىزچىل كۆڭۇل بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلىش كىرەك. لىكىن قىسمەن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز ، مەكتەپكىلا تاشلاپ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇگىنىش ، كىينىش سىرىتقى ئالاقسى قاتارلىقلارغا كۆڭۇل بولمەيدۇ.ئاتا- ئانىنىڭ بالىغا نسبەتەن تەنبىھ رولى ئىنتايىن چوڭ. ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت سەۋيسى تۆۋەن بولغان ئائىلەردىمۇ ناھايىتى ياخشى بالا چىقىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلىرىغا ئەخلاق، تەشكىلى تۇزۇمگە رىئايە قىلىش جەھەتتە كۆڭۇل بولىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. 2. ئاتا- ئانىلار ۋاقىت چىقىرىپ سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن ۋاقتى- ۋاقتىدا كۆرۇشۇپ باللىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرشى ، بالىلرىغا ياخشى مەسئۇل بولۇشى لازىم. ياخشى ئۇگىنىش ئۈچۈن ۋاقىتقا كاپالەتلىك قىلش ، مەسئۇل بولۇشى لازىم. 3. پەرزەنتلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۇل بولۇشى لازىم. ئالدىن ئۇلارنى دوختۇرلۇقتا تەكشۇرتۇپ، سالامەتلىكتە مەسىلە كورۇلسە ئالدىن دۋالىتىپ ، ئالي مەكتەپ ئمتىھانىدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۇرتۇشتە مەسلە چىقماسلىقغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. 12. ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ ،سىنىپ مۇدىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا تەلەپ پىكىرى:
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ ماتىرىيال بايقاش مائارىپ تورىغا مەنسۈپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ يوللىماڭ! |