خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جانلىق بولۇشى كېرەك ھاۋاگۈل رازاق خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جانلىق بولۇشى كېرەك. ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئوقۇتۇشتا، ئوقۇغۇچى پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئەركىن – ئازادە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان مۇھىت ھازىرلانماي، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكىدەك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك:
ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتقاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى قوزغىلىپ، ئۆزلىرى ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تۈرلۈك شەكىل ئارقىلىق پىششىقلاپ ئۆگىنىپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى چەتكە قېقىلمايدۇ، بەلكى ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. چۈنكى، ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلار ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يول باشلىغۇچى، تەشكىللىگۈچىسى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش نىشانى تۈزگەندە چوقۇم ئوقۇغۇچىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى مۆلچەرلىگەن ئاساستا، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان مايىللىقىنى، ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش پىلانى قوللىنىپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
قىسقىسى، خەنزۇ تىلى دەرسىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇلارنى دەرس مەزمۇنىنى ئۆزلىرى قول سېلىپ تەييارلاشقا، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشكە، ئويلىغانلىرىنى، تەييارلىغانلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ئادەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىشلىتىشكە يېتەكلىشى كېرەك.
(ئاپتور: پىچان ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى |