پسىخىكىڭىزنى سىناپ بىقىڭ (قىسقا سىناق)

تۆۋەندىكى سۇئاللاغا جاۋاب بېرىپ، «شۇنداق»بولسا 1 نۇمۇر، «ئۇنداق ئەمەس» بولسا 0 نۇمۇر بېرىڭ. 1.بېرەر ئىش قىلغاندا دائىم «باشقىلار نېمە دەپ قالار» دەپ ئۇلارنىڭ باھاسىغا ئېتىبار بېرەمسىز؟ 2.ئەگەر دۇكاننى ئايلىنىپ ھېچنېمە سېتىۋالالمىسىڭىز خىجىللىق ھېس قىلامسىز؟ 3.سىز دائىم ئامال بار باشقىلارنى ئەنسىرىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئويلامسىز؟ 4.ئەگەر بىرسى ئۇشتۇمتۇت سىزنىڭ يالىڭاچ تۇرقىڭىزنى كۇرۈپ قالسا،خىجىللىق ھېس قىلىپ جىددىيلىشىپ كېتەمسىز؟ 5.دەم ئېلىش كۈنى ئەتىگەندە ئۇزۇنراق ئۇخلاشنى خالىمايسىز ،شۇنداقمۇ؟ 6.سىز ئىچىڭىزدىكى باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرمايسىز،شۇنداقمۇ؟ 7.سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۇرمەيدىغان ئادەمگە ئۆزىڭىزنى زورلاپ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى بېرەمسىز؟ 8.باشقىلارنىڭ باھاسى بويىچە كىيىم سېتىۋالامسڭز؟ 9.ئەگەر سىز باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز،كۆڭلىڭىز بىئارام بولۇپ كېتەمدۇ؟ 10.سىز دائىم كۇپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىڭىز خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلامسىز؟ 11.ئەگەر سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەسلىكنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ ،يەنىلا باشقىلاردىن ئەپۇ سورامسىز؟ 12.ئاتا -ئانامنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالمىدىم دەپ ئويلامسىز؟ 13.ئەپۇ قىلغىلى ۋە تولۇقلىغىلى بولمايدىغان خاتالىق سادىر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ 14.سىز دائىم ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسى باشقىلارغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلامسىز؟ 15.سىز خاتالىق سادىر قىلغاندىن كېيىن ،ئۆزۇنغىچە ئۇنتىيالماي كېتەمسىز؟ 16. باشقىلار بىلەن تاكاللىشىپ قالغاندا دائىم ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەمسىز؟ 17.سىزنىڭ بىر ئۇمۈر پۇشايمان قىلىدىغان ئىشىڭىز بارمۇ؟ 18.ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ھەرقانداق جازاغا تارتىلىشقا رازىمۇ؟ 19.باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ھەسەت قىلامسىز؟ 20.بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىي ئېھتىياجىدىن زېرىكىپ كېتەمسىز؟ 21.شەھۋانىي ھېكايىلەرنى ئوقۇغاندا خىجىللىق ھېس قىلامسىز؟ 22.داۋاملىق خۇدايىمدىن بەخت ئاتا قىلىشنى تىلەمسىز؟ 23.سىزنىڭ مۇئەللىمىڭىز ياكى رەھبىرىڭىز ئۇگىنىش ياكى خىزمەت نەتىجىڭىزدىن ئۈمىدسىزلىنەمدۇ؟ 24.داۋاملىق ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەسلەپ ھەم ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ تۇرامسىز؟ 25.ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىڭىزنى ھېچقانداق رولى يوق ئادەمدەك ھېس قىلامسىز؟ 26.سىز بۇرۇن ۋىجدان ئازابى تارتىپ باققانمۇ؟ 27.ئۆزىڭىزنى مەغلۇپ بولۇش ئۈچۈن يارالغاندەك ،تەلەيسىزدەك ھېس قىلامسىز؟ 28.بۇرۇن ئۆزىڭىزنى كەچۈرمىگىدەك ناچار قىلمىشىڭىز بولغانمۇ؟ 29.دائىم ئۆزىڭىز ئېرىشكەن مۇھەببەت ۋە ھېسسىياتنى، ئەسلىدە ئېرىشمەكچى بولغان ھېسسىياتتىن تۆۋەندىكىدەك ھېس قىلامسىز؟ 30.دائىم ۋاقىت چىقىرىپ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەمسىز؟
ئۆزىڭىز ئېرىشكەن نۇمۇرنى ئىنكاس شەكلىدە يازسىڭىز، نەتىجىسىنى كۆرەلەيسىز!

سەيياھ، ئەگەر بۇ تىمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 00:11
|