پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 5

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
74
قىزغىنلىق
908 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 19:20:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال


ئابدۇقادىر جالالىدىن




ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش ۋە قابىلىيەت يىتىلدۈرۈشتىن مەھرۇم بولغان ئايال بولماستىن بەلكى، مىللەت ۋە ئۈممەت تەقەززاسىغا لايىق ھالدا ھەقىقى ئانا بولۇش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆگىنىدىغان، باللىرىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال غورۇر ۋە ئىززەتنى ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىپ، باللىرىنى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختى ئۈچۈن يۇقىرى مەنىۋىي مەقام بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرىدىغان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن جەمئىيەتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتنىڭ ھۇجەيرىسى بولغان ئائىلىنى قولىغا ئېلىپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل جەمئىيەتنىڭ ئىنسانىي ئاساسنى قۇرۇۋاتقان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئائىلىدە تەييارنى يەپ ئولتۇرىدىغان ئايال بولماستىن، بەلكى بىلگۈچىلىكى بارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلسىنىڭ بەركىتى، ئەرنىڭ ئارقا تېرىكى، كەلگۈسىدىكى ئالىم ياكى ھاكىم ئەۋلادلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ تۆھپىسىز ئايال بولماستىن،مېھرى ئارقىلىق باللىرىغا مۇھەببەت ئۆگەتكەن،ئاياللىق كۈچى ئارقىلىق ئەرلىرىگە مەدەت بەرگەن،دىيانىتى ئارقىلىق ئاۋۋال ئائىلىگە،شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېتىقاد بېغىشلىغان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ماددىي باياشاتلىقنىڭ كۈشەندىسى بولماستىن، ئائىلىنى بازار ۋە ئىستىمالنىڭ تەلتۆكۈس قۇلى بولۇپ قىلىشتىن ساقلايدىغان، ئائىلىنى ھارام ۋە مەكرۇلاردىن خالى قىلىدىغان، ئائىلىنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيتىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ رومانتىك تۇرمۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال بولماستىن، بەلكى ئائىلە ئەزالىرىنى داستىخان ئەتراپىغا يېغىپ، ئائىلىنى جەلىپكار قىلىدىغان سۆيگۈ سەنئەتكارى ۋە ۋاپا قەھرىمانى.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال قانداقتۇر ئاددى بىر ئۆينىڭ ساھىپخانى بولماستىن، بەلكى بۇ دۇنيادىكى ھالاۋەتنىڭ بەرپاچىسى، ئۇ ئائىلىنى بىر كىچىك جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مەنىۋىي كۈچ، ئەقىدە ھاسىل قىلىپ ھەقىقى جەننەتكە كۆۋرۈك ياسايدۇ.


مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى 2012-يىللىق 1-سان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 00:33  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 19:43:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يازمىلىرى ھەقىقەتەن ئېسىل جۇمۇ؟!  ئۇنىڭ ھەربىر يازمىلىرىدىن ھاياتقا بولغان قايناق مېھرى-مۇھەببەت، تۇرمۇشقا بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، ئۇيغۇر مىللىتىمىزگە بولغان ئوتتەك سۆيگۈ-ۋاپا نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. جەمىيىتىمىزدە ئائىلە ئاياللىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمىيەتتىكى ئورنىغا توغرا باھا بېرەلمەيدىغان بىر تەرەپلىمىلىك خائىشلار بىر قەدەر ئېغىر. شۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلاردا بولغۇچىلار بۇ يازمىنى بىر كۆرۈپ قويسا بولغىدەك. رەخمەت ساڭا دوستۇم، تېمىلىرىڭ بارغانسرى كۆڭۈلگە يېقىشلىق، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك تېمىلار بۇلۇۋاتىدۇ. قولۇڭغا دەرت كەلمىگەي!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 19:53:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن رەھمەت سىزگە .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 19:58:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېما ئېكەن، رەھمەت سىزگە،  بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ ياخشى تېمىلار بىلەن تەمىن ئىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 21:04:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئابدىقادىر جالالدىننىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1522 سەر
تىللا
10208 دانە
تۆھپە
1061 سەر
شۆھرەت
1065 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 13:25:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن. ئۇقۇپ روھىم كۈتۈرلۈپ كەتتى. رەھمەت سىزگە بەك ياخشى تىما يوللاپسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:06, Processed in 0.139564 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش