- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۈرىنى يېيىلدۈرۈش بىلەن بىللە، نۇتۇق ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك. 1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغاش- ھازىرقى زامان مائارىپىدا ئومۇمى يۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق دەرسخانە كەيپىياتىنى جانلاندۇرغىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئاچقىلى، ئوقۇتۇش سۈپۈتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا دەرس ئۆتكەندە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى كەيپىياتى يۇقۇرى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئازراق، ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك پىكىر قاتناشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى يۆنىلىشنى بەلگىلەپ بېرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى دەرس مەزمۇنىغا بولغان تەپەككۈرى تولۇق قوزغىلىپ، دەرسنىڭ ئۆزلىشىش نىسبىتى يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ.
2. ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە يىتەكلەش كىرەك. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىپىششىق ئۆگىنىپ كېلىشنىلا ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئوقۇغۇچىلار كاللىسىدا ئۆزلەشتۈرىۋالغان، ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرگەن مەزمۇن ئاساسىدا تولۇق نومۇرغا ئېرىشىشىمۇ مۈمكىن. بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىۋەرسە، ئوقۇغۇچىلار تەييارتاپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزەلمەيدىغان، تاپشۇرغان ئىشنىلا قىلىپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۈر يۈرگۈزۈش، ئەقىل ئىشلىتىشكە يىتەكلىسە ، ئۆتمەكچى بولغان دەرسلەرنى ئالدىن ئۆگىنىشكە، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئاغزاكى بايان قىلىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرەلەيدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كىرەك. ياخشى ئوقۇلغان ياكى دېكلاماتسىيە قىلىنغان بىر ئەدەبىي ئەسەر ياكى ماقالە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا، ھاياقانغا سالىدۇ، تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە مۇئەييەن بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ دىكلاماتسىيە قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى دېكلاماتسىيە قىلدۇرغاندا ، پېرسۇناژ تىلىنى شۇ پېرسۇناژنىڭ خاراكتىرىگە، سۆزلەۋاتقاندىكى ھالىتىگە، يېشى، جىنسى ۋە ئالاھىدىلىگىگە ماس كېلىدىغان ئاۋازدا ئوقۇشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، ئاپتور تىلىنى پېرسۇناژ تىلىدىن ئايرىپ، ھېسسىياتلىق، تەسىرلىك، پەرىقلىق ئوقۇشقا، شاد-خوراملىق، مۇلايىملىق، مېھىر-مۇھەببەت، قايغۇ-ماتەم، خاپىلىق، غەزەپ-نەپرەت ئىپادىلەنگەن تەپسىلاتلارنى ئوقۇغاندا ياكى دېكلاماتسىيە قىلغاندا، ئاھاڭ، قىياپەت، چىراي ئىپادىسىنى ئەينەن ئىپادىلەشكە، شېئىر، نەسىر، ماقالە ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا ياكى دېكلاماتسىيە قىلغاندا، شۇ ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن كۈچلۈك، مول ھېسسىياتنى ئىنتوناتسىيە، چىراي ئىپادىسى، شەكىل-ھەرىكەت ئىپادىسى، ئوقۇش، سۆزلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.
ئاپتور: باھارگۈل ھېكىم
مەنبە: ئىلى گېزىتى |
|