- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| مەمەت تېىخى بۇ يىل ئاران تۆت- بەش ياش. قوللىرى بۇدرۇق، تېنى قاتتىق تاش.
يۈزلىرى ئاپئاق ھەمدە قارا قاش. ئاسلان ۋە كۈچۈك ئۇنىڭغا يولداش.
ئەتىگەن قوپىدۇ يۇيىدۇ يۈزىنى. باسمايدۇ چاپاق ئۇنىڭ كۆزىنى.
ئىشتاننى كىيىپ، كۆڭلەكنى ساپماي. كۆڭلى تىنمايدۇ مۈشۈكنى تاپماي.
مۈشۈك مىياڭلاپ، سالام بىرىدۇ، بۇرۇتلىرى بىلەن سۆيۈپ قويىدۇ.
ئاڭغىچە يېتىپ كېلىدۇ كۈچۈك، كۆزلىرى قىسىق، ئەركىلەپ چۈچۈك.
ئاۋايلاپ پۇراپ، ئاڭا قارايدۇ. قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ پۇتىنى يالايدۇ.
چايناپ بېرىدۇ ناننى مۈشۈككە، تاشلاپ بىرىدۇ ئالا كۈچۈككە.
ھارۋىنى سۆرەپ چىقار كوچىغا كۈچۈكنى باغلاپ، يىپنىڭ ئۇچىغا.
ياساپ داۋانلار، توپا توشۇيدۇ . زەمبىرەك ياساپ، مۈشۈك قوشىدۇ.
پاقالچەكلىرى راسا تۈرۈلگەن قولىدا چىۋىق تالدىن ئۆرۈلگەن.
ئوينايدۇ راسا تەرلەپ ھەم پىشىپ، قىزىق ئويۇنغا تازا كىرىشىپ.
ماڭىدۇ يوللار كېچىدۇ سۇلار. ئارقىدا قالىدۇ دۈمبەش داۋانلار.
‹‹ھوت كۇش›› دەپ ئۇ بىرىدۇ كوماندا. توخۇ- ئۆردەككە ياسايدۇ ئاتاكا......
قاچىدۇ چۆجىلەر..... ئالدىدا قاقاخلاپ، قوغلايدۇ كۈچۈك ئۇنى پالاخلاپ.
مەمەتمۇ قالماي ئالغا چاپىدۇ. خىيالىدا ئۇ يىڭىش تاپىدۇ.
شۇنداق قىپ مەمەت ئوينايدۇ كۈندە. ھەتتا چۈشىگە كىرىدۇ تۈندە.
چۈشىدە يەنە ئۇ بىر قوماندان. ئالغا-ئالغا دەپ، يۈگرەيدۇ ھەر يان.
ئاز كۈندە مەمەت چوڭمۇ بولىدۇ. مەكتەپكە بالىلار لىققىدە توشىدۇ.
بەلكى ساۋاقنى ئوقۇيدۇ ئەلا، باشقىلاردىن قالمايدۇ ئەسلا.
ھەر بىر ئىشىدا ئۇ چىچەن، قارام. تۈگىتىپ ئىشىنى ئالىدۇ ئارام.
ھىچقانداق ئىشلار قۇتۇلۇپ قالمايدۇ، ئەمما مىلتىقنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
نىمدىگەن راھەت ئات بوپ ئوينىسا، نىمدىگەن راھەت مىلتىقلار ئاتسا.
ئاپتور: ل.مۇتەللىپ
1944-يىل ئاپرېل، ئاقسۇ
|
|