- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| كۉرەش،كۇرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئىلىشپ تۇرساق، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. ***************************
جاھانگىرلار يەر يۉزىدىن تامام يوقالسا، مەزلۇم ئەللەر يىڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا، زادى تۉگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. *****************************
ئۆمەكلىشىپ مەزلۇملار بىلەن بىللە ئىشلىسەك، ھەقىقەتەن يىڭى يولعا راست كىرىشسەك، باراۋەرلىك ئۉللىرىنى مەھكەم قۇرساق، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. ******************************
يوقسۇل، مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت، ‹‹ئاھ... نەيلەي، قىسىلدىمعۇ›› دىمىسە پەقەت، ئازادلىقتىن شۇلارعا ياعسا مىھىر-شەپقەت، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. ****************************
ئىلىمىزدە ئىلىم -مەرىپەت تىشىپ تۇرسا، دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئىشىپ تۇرسا، حائىنلار يوللىرى كىسىلىپ تۇرسا، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. ****************************
ھەر بىر يەردە زاۋۇت-فابرىكا ۋارقىراپ تۇرسا، تۆمۉريولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا، ھاۋا قۇشلىرى ئۉستىمىزدە عارقىراپ تۇرسا، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. *********************************
قەھرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا، قەھرىمانلارچە ھەربىر ئىشتا ھۇشيار تۇرسا، قاراڭعۇ بۇلۇڭلارعىمۇ چىراعلار يىقىلسا، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. *******************************
ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا، ئىستىباتچى قارا كۉچلەر گۇمران بولسا، ئوقۇمىعان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. *****************************
گۇرۇھ-گۇرۇھ زىيالىيلار قىلسا حىزمەت، ھەر بىر ئىعىر ئىىشقا قىلسسا جۉرئەت، پۉكسە كۆڭلىگە دائىما توعرا نىيەت،
بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. ********************************
مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق، ھەقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كىرىپ تۇرساق، جۇڭگونىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. *********************************
ھەر بىر ئىشتا ئەل حىزمىتىگە ئاساسلانساق، قۇرۇپ تىحنىكا ، ئىعىر ئىشنى ئاسانلاتساق، تەرەققىيات يولىعا ئەزىز جاننى ئاتىساق، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. *******************************
مۇتەللىپ، سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە، عەيرەت بىلەن قۇزعۇنلار يوللىرىنى تورا، بۇ يولدا ۋارقىرىساڭ ھەيۋەت بىلەن ھۇررا، بۇ مىنىڭ ياش عۇنچە گۉلۉم ئىچىلاتتى. ***************************
ئاپتۇر: ل.مۇتەللىپ
1938-يىل 9-ئاپرىل، عۇلجا |
|